قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3003|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نۇري تىيىپ: كەپتەرلەر-(11)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 03:59:36 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


كەپتەرلەر

نۇري تىيىپ


      ياپونىيە.

    ئالدىراش ھاياتقا ئاساسەن كۆنۈپمۇ بولدۇم. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى "بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، ئىشتىن رۇخسەت سورايمەن" دەيدىغان گەپلەرنى، "ئاخشام قاتتىق ئولتۇرۇپ قويغان، بۈگۈن تازا مىجەزىم يوق، چىشلىۋاپتۇ …" دەپ ئىشقا يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدىغان ئادەتلەرنى تەلتۆكۈس تۈگەتتىم. خىزمەتتە خېلىلا ئەستايىدىل بولۇپ، ئاشپەزلىك ھۈنىرىدىمۇ ئاشخانىدا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتۈم.
     قورۇما، كاۋاپ، مايدا پىشۇرۇلىدىغان ھەر خىل تاماقلار، ئاساسەن ئىگىلىنىپ بولدى. تاماق ئېتىش، سۈرئىتىمۇ لەپپىدە كۆتۈرۈلدى. بېلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش تاكتىكىسى، ئۆلۈك بېلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن، خېرىدارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، پىلتىڭلاپ تۇرغان تىرىك بېلىقلارنىمۇ "شارت - شۇرت"لا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتىپ باردى. ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كاللامدىن ئورۇن ئالدى. لېكىن بەزىدە، ئۇ جانىۋارلارنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان، بىزچە ئېيتقاندا، قوينى كالا دەپ قويىدىغان، ئۆچكىنى ئات دەپ قويىدىغان، كۈلكىلىك ئىشلارنىمۇ قىلىپ تۇردۇم.
    ھەي، مۇشۇ جانىۋارنى مۇشۇنداقلا ئۆلتۈرۈپ، خېرىدارغا سېتىپلاۋېتەرمەنمۇ؟ دېگەن ئىچ ئاغىرتىشلار تۈگىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چاقماق تېزلىكىدە قاسساپقا ئايلاندىم.
   ياپونىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە، 11- ئاينىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، باشلىنىپ كېتىدىغان ئولتۇرۇشلار ... پاھ پاھ پاھ ... پۈتۈن ئاشخانىلار لىق - لىق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئادەملەر بىلەن، قايناق بازارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئىدارە، شىركەت، مەكتەپ، مەھەلىدىكى قولۇم - قوشنا .... ۋاي - ۋۇي ھەممىلا ئادەم، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 -6 لەردە ئاشخانىلارغا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان، بۇ ئولتۇرۇش كونا يىلنى ئۇزىتىپ، ئاۋۇ كۈتۈۋالماقچى بولغان يېڭى يىل كىرىپ، بىرەر ئاي ئۆتكىچە داۋاملىشىدۇ.
     بۇنىڭدا يەنىلا، ئەڭ ئاكتىپلىرى ياشلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. ئاز- ئازدىن پۇل چىقىرىشىپ، ئاددىي بولسىمۇ، ئولتۇرۇشلىرىنى قىلىشىپ، يېڭى يىلغا گالدۇ - گۇلدۇڭلا كىرىشىپ كېتىشىدۇ.
     ياپونىيىلىكلەر ئادەتتە، بىر ئاشخانىغا كىرىۋالسا، "ۋاي بولدى، دۇكاننى تاقايتتۇق، ئەمدى خاپا بولمىساڭلار .... " دېگۈچە ھەرگىز ئولتۇرىۋالمايدۇ. كۆپ بولسا ئىككى سائەت، بولمىسا بىر يېرىم سائەتلەردىلا، ئولتۇرۇشلىرى قانچە قىزىپ، پەللىگە يېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزلىرىنى سورۇشۇپ، ئىككىنچى بىر يەرگە يۆتكىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ شۇنچىلىك ۋاقىت ئولتۇرۇشۇپ، قايتىدىغانلىرى قايتىشسا، تازا بىر يەرلىرى كەم قالغانلىرى ۋە ياكى بەك ئېچىلىپ كەتكەنلىرى يەنە "جور، جور، جۈرە ۋاي" دېيىشىپ، ئۈچىنچى بىر يەرلەرگە كېتىپمۇ قالىدۇ. ئۇ يەردە تازا ئىچىشىپ، ناخشىلىرىنى ئاغىل - تاغىل راسا توۋلىشىۋېتىپ، ئاندىن ئولتۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدىكى، ھېلىقى پېچەت تاقىۋالغان گالىستۇكلىرى مايماق ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. خىزمەتچىلەر بولسا ئىشلىگەندە تازا ئىشلەپ، ھاردۇقلىرىنى مانا مۇشۇ ئولتۇرۇشلار بىلەن چىقىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇلاردا، ساكە (ھاراق)نى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆز تۇرمۇشلىرىنى، ئارزۇ - ئارمان ۋە نالىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ناخشىلار بەكلا كۆپ. ئۇلار شۇ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، مۇڭ بولۇپ، قۇلاقلىرى "مىدىرغىچە" ئىچىپ، ئەتىسى يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك پېچەت ياسىنىپ، گالىستۇكلىرىنى راۋۇرۇس قاتۇرۇپ تاقاپ، چاچلىرىنى مايلاپ، ئۆز خىزمەتلىرىگە باشچىلاپ كىرىشىپلا كېتىشىدۇ.
    مانا مۇشۇ پەسىلدە، بىزدەك ئاشپەزلەرگە بىر ئاي ياكى ئىككى ئاي ئاساسەن دەم ئېلىش يوق. بىراقلا ئىشلەپ كېتىدىغان گەپ. خىزمەت تۈزۈمىگە كۆنگەنچە "ياق" دېيىشتىنمۇ ئادەم خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ ...
    بىر كۈنى ئاشخانا ياشلار بىلەن لىق تولدى. چىر- چار ۋاقىرىشىشلار، قاقاقلاپ كۈلۈشىشلەر... " ھوي ھوي ھوي ھوي " دېيىشىپ، پىۋا ئىچىشتىكى بەسلىشىشلەر، بىر ئىككىنى كەينى - كەينىدىن كۆتۈرىۋەتكەنلەرگە، چېلىنىۋاتقان چاۋاكلار ... "يارايسەن، يارايسەن" دېيىشىپ لىقلىنىۋاتقان رومكىلار، ئارىلاپ – ئارىلاپ "جاراڭ- جۇرۇڭ" ئاۋاز چىقىرىپ سۇنۇپ، خەقنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋاتقان چىنە - قاچا - تەخسىلەرنىڭ ئاۋازلىرى، تامنىڭ بۇلۇڭىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىرلىرى بىلەن تېلېفوندا مۇڭدىشىۋاتقانلار، "ھۆ" دېيىشىپ،
   ھاجەتخانا تەرەپكە، ئېغىزىنى تۇتۇپ يۈگۈرۈۋاتقان كۆپ ئىستېمال قىلىپ قويغانلار، تالاغا چىقىپ، بىر "قەپەس" ئېلىشىۋېتىپ"، ئۇتقانلىرى گۈس- گۈس قەدەم بىلەن، مەغرۇر قايتىپ كىرىپ، كىمنىڭ پىۋىسى، كىمنىڭ رومكىسى سوراپمۇ قويماي، ئېگىز كۆتۈرۈپ، "گۈپ، گۈپ، گۈپ" قويىۋاتقانلار، "ھەي كۈتكۈچى.... پىۋىدىن يەنە بەشنى ... ياق ياق ئالتىنى" دېيىشىپ ۋاقىراۋاتقانلار. بولدى ئىچمەيمەن ئەمدى. كېتىمەن ئاناڭنى كېتىمەن ....دېيىشىپ، يە بىراقلا كەتمەي، يە ئورنىدا ئولتۇرالماي، قالايمىقان دەلدەڭ - دۈلدۈڭ مېڭىشىپ يۈرگەنلەر ...
      ئۆزىگە ئازراق "توك قاچىلىۋالغان " قىزلارنىڭ، بىكاردىن - بىكار، تۇيۇقسىزلا:
– ھا ھا ھا ھا ...دەپ، باشلىرىنى ئاسمانغا قىلىپ كۈلۈشلىرى. بەزىبىر دەرتمەنلەرنىڭ، باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ، ئالدىغا كەلگەن رومكىنى "پوش" دېمەي، "گۈپ گۈپ" قىلىپ كۆتۈرۈۋېتىپ، "ئۇھ" تارتىپ، باشلىرىنى "ھەي ھەي" دېگەچ يېنىك سىلكىپ ئولتۇرۇشلىرى ... سىزنى “ھەي سېنىڭ بىر دەردىڭ بارغۇ" ... دېگۈزىۋېتىدۇ.
      دېمەك ئاشخانا ئىچى، قايناق بازار، بىزنىڭ ئېتىدىغان تاماقلىرىمىزمۇ ئاخىرلىشىپ، ئانچە - مۇنچە يىغىشتۇرىدىغاننى يىغىشتۇرۇپ، چوڭ بىر چاتاقنىىڭ چىقماسلىقىنى تىلەپ، قايتقانلارغا "خوش، ئاستا مېڭىڭ، بىر يەرلەرگە ئۈسىۋالمىغايسىز، پەلەن - پەشمەت رەخمەت تەزىم" دېيىشىپ تۇرۇشتۇق.
يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرسام، كىچىككىنە ھاجەتخانىغا سەل قىزىپ قالغان، شىر كەيىپ ياشلاردىن بىر نەچچىسى، كەينى - كەينىدىن كىرىشىپ كېتىشتى. ئەمما خېلى ئۇزۇنغىچە چىقىشمايدۇ ....
    پىۋىنى ھەرقانچە كۆپ ئىچىۋېلىپ، دوۋساقلىرى پارتىلاپ كېتەي دېگەن بولسىمۇ، قىلىدىغىنىنى قىلىپ چىقىدىغان ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، جىملا ...
– ھەي ... بىر ئىش بار جۇمۇ مۇشۇلاردا، دەپ ئويلىدىم. پەرتۇقلىرىمنى ئېلىۋېتىپ، خىزمەت فورمامنىمۇ سېلىۋېتىپ، ئوبۇرنى تەرەپكە ماڭدىم. ئاشخانىمىزنىڭ تۈزۈمىدە، ئاشپەزلىك كىيىمى ۋە پەرتۇقلار بىلەن، خېرىدارلار ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانا ئىشلىتىش چەكلىنەتتى. خىزمەتچىلەر ئىشلىتىدىغان ئوبۇرنى ئەلۋەتتە ئايرىم بولۇپ، ئۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئىدى.
    شۇنداق ئىشىكنى ئاچسام، ئالە شەرىڭنى .... ئاۋۇ ... قىزىپ قالغان ئۈچ ياش، قايناپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ ...
    تەرلەپ - پىششىپ، چاقە - چاق ... كىنولاردىكى چامباشچىلارنى دوراپ، تامغا مۇشت ئېتىپ، تېپىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋېتىپتۇ. تاملار ھۆتم - تۆشۈك، (تاملار ئاساسەن بىر خىل ھاكمۇ، قۇممۇ ئىش قىلىپ بىر خىل ماتېرىياللار قېتىشمىسىدىن پۈتكەن نېپىز تاملار) ئايرىم - ئايرىم بولۇپ قالغان. ھاجەتخانا توساقلىرى، ئاللىقاچان ئېلىنىپ تاشلىنىپتۇ. ئېلىنمىغانلىرىنى تەپكەنمۇ ياكى مۇشت بىلەن ئۇرغانمۇ، ئىش قىلىپ زەمبىرەكنىڭ ئوقى تەككەندەك، تېشىلىپلا كېتىپتۇ. چاقچۇق ئوبۇرنىلارنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ بوپتۇ. تامدىكى چىرايلىق كۆرۈنۈشلەر، ئېسىقلىق ئەينەكلەر يىرتىلىپ، چېقىلىپمۇ بوپتۇ.
ئۇلار :
– يەي.....، دېيىشىپ بىر - بىرىنىڭ ئالىقانلىرىغا ئۇرۇشۇپ، سەكرەپ چىقىپ بىر - بىرى بىلەن مۈرىلىرىنى يېنىك سوقۇشتۇرۇشۇپ "غەلىبە"سىنى تەبرىكلەپ تۇرۇشۇپتۇ.
    ئاچچىقىم نەدىن كەلدى ... ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدىم-دە، ھېلىقى ئۈچىگە قارشى، چاپاننى ئۇيغۇرچە سېلىپلا تاشلىدىم.
  ئۇ ۋاقىتلاردا، تولا جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ، بەللىرىمىز چىڭ. ۋەتەندە بولساق، بىرەر مىشكاپ نەرسىنى غىڭ - پىڭ قىلمايلا كۆتۈرۈۋېتىدىغان چاغلار. كېچىچە يۈك چۈشۈرۈپ، بىلەك مۇسكۇللىرىمىز كۆپۈپ، زەيتۇن توپتەك بولۇپ كەتكەن. كاللىدا بىرەر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان ھۈجەيرىلەر تېخى يېتىلمىگەن "ۋاي نېمە دەيسەۋا گۇي" دەپلا چىقىدىغان ۋاقىتلار...
   ئۇلاردىن بىر يۈرەكلىكرەكى ئالدىمغا ئېتىلىپ كەلدى.
   ئۇ ئىككى قولىنى سەل ئارقىغا تاشلاپ، ئېغىزىنى مېنىڭ يۈزۈمنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ:
– ھە، نېمە دەيسەن؟ نوچى ئوخشىمامسەن ؟ قىلە گېپىڭنى .... دەپ ۋارقىراپ، مەن بىلەن تىللاشماقچىمۇ ياكى پوپوزا قىلىپلا قورقۇتماقچىمۇ، ئىش قىلىپ گېپى بەكلا يوغان.
     قالغان ئىككىسىنىڭ چىرايىدا سەل ئەنسىزچىلىك ۋە قورقۇش بار. ئۇلار سەل ھودۇققاندەك، ئەگەر ماۋۇ ئالدىمغا كەلگىنىنى يىقىتسام، ئاۋۇ ئىككىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چوڭ چاتاق يوقتەك.
   مەن تولا گەپ قىلىشنى خالىمىدىم. ھەم گەپ قىلىشىپ ئولتۇرىدىغان يېرىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئارقامغا كىچىك بىر قەدەم ئالدىم-دە، بېشىمنى ئارقىغا تارتىپ تۇرۇپ، قوچقار ئۈسۈشكەندەك، ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا كەلتۈرۈپ، راسا بىرنى ئۈستۈم. ئۇ ھە دېگەندە، ئۇيغۇرنىڭ 、ئۇستامنىڭ كاللىسىدىن بىرىنىڭ ئۆزىگە تېگىشىنى ئويلىمىغان ئىدى.
     ئۇ ئارقىغا سەنتۈرۈلۈپ تاس قالدى يىقىلغىلى. ئىككىسى ئۇنى يۆلىۋالدى. ئەمما ئۇ يامان نېمىكەن ... ئىككى دوستىنى ئىتتىرىۋېتىپ ماڭا قايتا كەلدى.
       تاس -تۇس، شالاق - شۇلۇق ئىككى - ئۈچ ئۇدۇل مۇشت بىلەن، ئۇ يىقىلدى. ئۇلارمۇ مەرتمۇ بىلمىدىم، دەسلەپكى ئېلىشىش، بىر قاققا بىر قاق بولدى. ھېلىمۇ ئۈچى تەڭلا چىقمىدى دەڭە .... ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا، ئۇلار مېنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتكەن بولاتتىغۇ ... ئىچىدە قېلىپ ھاجەتخانىنى مەن بۇزغانمۇ بولۇپ قالاتتىم.
    ئەمما ئاۋۇ نوچىراقىنىڭ، ماڭا ئاتقان بىر ئۇدۇل مۇشى مېنىڭ ئاتقان ئۇدۇل مۇشۇم بىلەن تەڭ ۋاقىتتا چىقىپ قېلىپ، مۇشقا مۇشت تەگدىكى ... ۋاي ۋاي ۋاي ئۇنى يىقىتقىنىم بىلەن، مېنىڭ مۇشۇممۇ ئۆزۈمگە تەككەندەك قايتتى. (ئوڭ قول چىمەلتەك بارمىقىمنىڭ بېغىشىدىكى بىر يەر قاتتىق بولۇپ قالغان، ھېلىھەممۇ شۇنداق.)
     قان قىزىپ بولغان ئىدى. "تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول" ... ئاۋۇ ئىككىسىنىمۇ قارشىلىقسىز ئۇرۇپ - چەيلەپ ياتقۇزۇپلا قويدۇم. بىرسى ئەقىللىقكەن، يېنىك تەككەن بىر مۇشتىلا "پوككىدە" چۈشكەن بولۇپ، "ئاق بايراق" چىقاردى. دەسلەپكىسى بولسا، ئورنىدىن تۇرالمىغىنى بىلەن، ئۇ يەنىلا ماڭا خىرىس قىلىپ، يەردىن بىرەر ئەينەك پارچىسى ۋە چاقچۇق پارچىلىرىنى ئىزلىمەكتە. يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر نەچچىنى دەسسەپلاۋەتتىم. جىملا بولدى.
ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ چىقىشىمغا، بىر پۇزۇر كىيىنىۋالغان، چاچلىرى تولىمۇ قىسقا، ئامما ئۇششاق بۈدرە قىلىنغان، چىرايىدىن بىر خىل نوچىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، كۆكرەكلىرى كەڭ، ئوتتۇرا بوي ئادەم ئوبۇرنى تەرەپكە كېلىۋېتىپتۇ.
    ئۇ ئادەمنى كۆرۈپ، يۈرىكىم "جىغلا" قىلدى. ئۇ ئادەمنى مەن سىرتتىن تونۇيتتىم. ۋە تارىخىنىمۇ چالا - پۇلا ئاڭلىغان ئىدىم.
   ئۇ ئادەم، مۇشۇ مەھەلىنىڭ، ياق مۇشۇ شەھەرنىڭ، بارماق بىلەن سانىلىدىغان نوچىلىرى، بايلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئوچۇق تىجارىتى ئۆي، يەر - زېمىن سېتىش دېگەندەك ئىشلار. ئەمما مۇشۇ رايوندىكى بارلىق چوڭ سودىلار، مۇشۇ ئادەمنىڭ تەستىقى بىلەن، بېشىنى لىڭشىتىش - لىڭشىتماسلىقى بىلەن بېكىتىلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئادەم 17 يېشىدا، چەت بىر يېزىدىن مۇشۇ مەھەلىگە، پەقەت ئىككى مۇشتىنى كۆتۈرۈپلا كەلگەن ئىكەن. ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ، قىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىنى قىلىپ، ئاخىرى ھازىرقى ئورنىغا كەلگەن ئىكەن. مەن بۇ ئادەمنىڭ قىسقىچە ئۆتمۈشىنى ئاڭلاپ، بۇ ئادەمگە ھەۋەسمۇ قىلىپ قالغان ئىدىم. مانا ھازىر مەن، بۇ ئادەم بىلەن يۈزمۇ - يۈز تۇرۇشۇپ قېلىۋاتىمەن.
    قانداق قىلغۇلۇق؟
   ئوبۇرنى ... ئوبۇرنى بۇزۇلۇپ قالغانتى ... ئۈستۈنكى قەۋەتتە يەنە بىر ئەرلەر ھاجەتخانىسى بار.
  مەن دۇدۇقلاپ ئارانلا شۇنى دېيەلىدىم. ئۇنىڭغىچە ئۇ ئادەم، ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بولدى.
ئاپلا ... تۈگۈدۈم - دە دېدىم ئىچىمدە.
– ۋوي نېمە ئىش بۇ؟ كىم ئۇردى ماۋۇ گۇيلارنى؟ دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
   بولغۇلۇق بوپ بولدى. نېمىدىن قورقاي:
– ھە، مەن ئۇردۇم. ھاجەتخانىنى بۇزۇۋېتىپتىكەن، ئىچىگە كىرسەم مۇشت ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن ...
   ئۇ ئادەم  ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، ئاستا يېنىمغا كەلدى. ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ:
– راست سەن ئۇردۇڭمۇ؟ يالغۇز؟ دەپ ئىشەنمىگەندەك، يەنە بىر قېتىم ئوبۇرنى تەرەپكە ئاستا يېرىم بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى.
– ھە، راست مەن. ئۆزۈم يالغۇز ئۇردۇم، دەپ جاۋاب بەردىم. بۇ ۋاقىتتا مەندە قورقۇش، ئەنسىرەشلەر قالمىغان ئىدى.
   ئۇ ئادەم :
– كېيىنچە بېشىڭغا كۈن چۈشۈپ قالسا، مانا ماۋۇ تېلېفون نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، مېنى ئىزدە … دەپ ئىسىم كارتىسىنى ماڭا تۇتقۇزۇپلا، دوستلىرى ئولتۇرغان ئۈستەل تەرەپكە كېتىپ قالدى. مەن بىردە ئىسىم كارتىغا بىردە ئۇ ئادەمنىڭ مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېتىپ بارغان بەستىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.
مەن بۇ ئادەم ھەققىدە، بۇ ئادەمنى، بەكلا كەم سۆز ئادەم، ھەم كۈلگىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئەمما بەكلا كەسكىنكەن. دېگىنىنى قىلارمىش. بۇ رايوندا ھېچقانداق شىركەت ۋە شەخس، بۇ ئادەمنىڭ گېپىنى يىرالماسمىش. ھەتتا رايوننىڭ، شەھەرنىڭ سايلام ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشالايدىكەن. شۇنچە باي تۇرۇپ، بالىلىرىغا بىر تىيىن بەرمەسمىش. دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ گەپلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن. بىز ئاۋۋال، ئاۋۇ ھاجەتخانىنى بۇزغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى.
    دۇكان باشلىقىمىز، ساقچى چاقىرتىپ بايىقى ئوبۇرنى بۇزغۇچىلارنى، "ئۇ قىلىمىز، بۇ قىلىمىز" دەپ خېلى قاقشىدى. لېكىن ئۇ ياشلارمۇ، مەندىن يېگەن تاياقلىرىغا رازى بولۇشۇپ، پات ئارىدا پۈتۈن زىياننى تۆلەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىش ساقچىغا يېتىپ بارسا، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئىشلىرىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن تەلەپ، ۋەدە، ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، كەچۈرۈم سوراپ يۈرۈپ، بىزنى يەنى دۇكان تەرەپنى ماقۇل كەلتۈردى. ئۇنىڭغىچە ئۇلار سەگىپ، پېچەت بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ ياپونىيىلىكلەرنىڭ كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئولتۇرۇشلىرى ئاخىرلىشىپ، نورمال تۇرمۇش رىتىمىغا كىرىشىپ كېتىشتى. ئاشخانىلار باھار پەسلىدە ئادەتتە، ئانچە ئالدىراش بولمايدۇ. ساكۇرا (باھاردا ئېچىلىدىغان ياپونىيىنىڭ دۆلەت گۈلى) ئېچىلىشقا باشلىغاندا، بۇلار ئاساسەن دەريا بويلىرىدا، باغچىلاردا، ئىش قىلىپ ساكۇرادىن ھوزۇرلىنالايدىغان خالى، ئازادە جايلاردا، داستىخانلىرىنى سېلىشىپ، يېنىك ئىچىشىپ، باھارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشىدۇ. چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش ھەممە، بۇ كۆڭۈل ئېچىشنى، خېلى چوڭ پائالىيەت ھېسابلايدۇ.
   بىزمۇ بىر كۈنى، ئاشخانىدىكىلەر ئانچە - مۇنچە زاكوسكىلارنى تەييارلاپ، گۈل سەيلىسىگە چىقتۇق.

دەريا بويى.

      قىرغاق ياپ - يېشىل چىملىق. ئېرەنسىزلىك بىلەن، ئاقايمۇ ئاقمايمۇ، دېگەندەك تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئېقىپ كېلىدىغان پاراخوت رېستۇرانلىرىدىن چىقىۋاتقان ناخشا ئاۋازلىرى، قىردا ئولتۇرغانلار بىلەن سۇ ئۈستى رېستورانىدىكىلەرنىڭ، قول ئىشارىتى قىلىشىپ، بىر - بىرلىرىگە سالام بېرىشلىرى، دەريا قىرغىقىنىڭ بەزى يەرلىرىگە چوڭ يولدىن، دەريا سۈيى يېنىغىچە سېمونتتىن پەلەمپەيلەر تۆۋەنگە قاراپ ياسالغان. پەلەمپەيدىن 10-15 پەلەمپەينى تۈگەتسىڭىز، دەريا قىرى كەڭ كەتكەن تۈكلۈككە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە تۆۋەنگە پەلەمپەي. دېمەك، بۇ دەريا قىرىمۇ، چوڭ ئۈچ پەلەمپەيگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر چوڭ پەلەمپەي، قاتارسىغا تىكىلگەن ساكۇرالار بۇ يەرنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەن. دەريا بويى، بىر چىملىقنىڭ يېشىلى، بىر ساكۇرانىڭ ئاققا مايىل شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن. بۇ چىرايلىق، يېقىملىق مەنزىرە "باھار كەلدى" دەپلا ئالدىڭىزدا يېيىلىپ ياتىدۇ. مەيىن شامالدا ئاندا - ساندا توزۇپ تۇرغان، ساكۇرانىڭ چېچەكلىرى، كۆز ئالدىڭىزدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ.
    ھەربىر چوڭ پەلەمپەي رېتىدىكى ساكۇرانىڭ ئاستىلىرى گۈل پەيزىنى سۈرىۋاتقانلار بىلەن لىق تولغان. بەزىلەر كارائوكىدا ناخشا ئېيتىپ، "شاھ" بولۇپ كېتىپتۇ. بىزمۇ ئەپچىلرەك، كۆڭلىمىزگە ياقىدىغان يەرنى ئىزلىدۇق. بىزگە، بىز سەل كېچىكىپ قالغاچقا تۆۋەن تەرەپ، مەنزىرىسى ياخشى تەرەپتىن بىرەر ئورۇن تېپىلمىدى. ئامال يوق، يول بويى تەرەپتىن 1- چوڭ پەلەمپەيگە داستىخان سېلىپ ئولتۇردۇق.
    يۇقىرىدىن پەسكە كۆز يۈگۈرتتۈم. ئاۋۇ مەنزىرىسى ئەڭ چىرايلىق، سۇغىمۇ يېقىن بىر يەرگە، تازىمۇ چوڭ بىر داستىخان سېلىقلىق تۇرۇپتۇ. ئەمما ئۇلار ئويۇنىنى تېخى باشلىماي  قانداقتۇر بىرلىرىنى ساقلاپ تۇرۇشقاندەك، ئۇلارنىڭ داستىخىنىنىڭ ئەتىراپىمۇ داغدام ئوچۇق. ئەتراپىدا  ھەر10 -15 مېتىرلاردا بىر ئادەم، سورۇنغا دۈمبىسىنى قىلىشىپ، تىك تۇرۇشۇپتۇ. ھەيران قالدىم.
   ئوھ، قانداق بىر نوچىنىڭ سورۇنىدۇ بۇ. ماياقتا بىز ئورۇن تاپالماي يۈرسەك، ئاۋۇ ئاداش، پۈتۈن يەرنى ئىگىلىۋاپتۇ ... يا ھۆكۈمەتنىڭ كاتتاباشلىرىمۇ يە ... ياق ياق ... بۇ يەردە ئۇنداق ئىش يوق جۇمۇ ...
   كاللامغا ھەرخىل خىياللار كەلدى. ئۇنى ئازراق - بۇنى ئازراق خىيال قىلىپ، يېنىك - يېنىك قىلىپ، پىۋىدىن ئوتلاپ قويۇپ، ئاساسەن، شۇ تەرەپكىلا دىققەت قىلىپ ئولتۇردۇم. بىر ۋاقىتتا، ئۇ سورۇندىكى ئادەملەر ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتتى. تېز - تېز مېڭىشىپ، بىرلىرى بىرلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىپ، ئاندىن، "ماڭە بولە، تېز" دېگەندەك مۈرىلىرىگە ئۇرۇشۇپ، جىددىي بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىۋەتتى. ماياقتىكى باشقا داستىخان ئىگىلىرى بولسا، خىيالىدا يوق، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەلىكە. بەلكىم يىراقتا ئولتۇرۇپ، ئاۋۇ سىرلىق سورۇنغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان، پەقەت مەن بىرلا ئادەمدەك قىلىمەن.
مېھمان بىر نەچچە ئادەملەرنىڭ ھەمرالىغىدا، سورۇنغا يېتىپ كەلدى. سورۇندىكىلەر رەتلىك تۇرۇشۇپ، ئۇ مېھمانغا تازىملار قىلىشتى. ھەرىكەتلىرى نورماللىشىپ، مېھمان ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇپ بولۇپ، قولىنى يېنىك شىلتىگەندىن كېيىن، ھەممە يەنە بىرەر قۇر تازىملارنى قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئولتۇرۇشتى.
تېخىمۇ ھەيران قالدىم. كىمدۇر بۇ؟ ھەجەپ سۈرلۈك ئاداشكىنا بۇ ... كىنو كۆرىۋاتامدىم يا گۈل سەيلىسى قىلىۋاتامدىم؟ ئۆزۈمدىن ئۆزۈم سوئالمۇ سورىۋەتتىم. ئەمما، ئۇ سورۇن مېنى خېلىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. خىيالىم شۇ ياقتا. ئاخىرى ئورنۇمدىن تۇرۇپ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ، شۇ سورۇن تەرەپكە قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ ماڭدىم.
   سورۇنغا يەنە 20 مېتىرچە قالغان يەردە، پاكىزە، رەتلىك كىيىنىۋالغان بىر ياش يىگىت  ئالدىمنى توستى.
– كەچۈرۈڭ، بۇنىڭ بۇياقىغا ئۆتسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ يىگىت تولىمۇ ئەدەپ بىلەن سۆزلىدى ماڭا.
– نېمىشقا؟
   ئۇ يىگىت چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. كوچىلاپ سورىدىم. جاۋابسىز قالدىم. ئەمما بۇ سورۇنغا، تېخىمۇ قىزىقتىم. بايىقى كەلگەن ئادەمنى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى. ئايلىنىپ ئۇ ئادەم يۈزىنى قىلىپ تۇرغان تەرەپكە ئۆتۈپ، يەنىلا 20 مېتىرچە يىراقلىقتىن، سورۇنغا قارىدىم.
ھېلىقى ئادەم.  
...


0

تېما

0

دوست

3880

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 11:48:04 |ئايرىم كۆرۈش
   ياخش   ئوقۇغۇچىلاركەن   ،   سامرويلار   بىلەن   تۇتۇشۇپ   قالغان   بولسىڭىز   ئېش   چاتاق   بولامىتى   يا   ؟   ھىلىقى   ئادەم   سىزگە   ھاجەتخانىدا   ئىسىم   كارتىسىنى   بەرگەن   كاتتا   باي   شۇغۇ  .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 435
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 13:11:55 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈچ ئادەم بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سىزگە چۈشمىگەنگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ئەركەكلىكى باركەن!

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32201
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 13:32:40 |ئايرىم كۆرۈش
قەسيەر مىجىت ئەپەندىنىڭ بىر-بىرىدىن ئىسىل يازمىلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ھەجەپ ئېچىلىپ قالدى دېسە. رەھمەت سىزگە. قەلىمىز ھارمىغاي!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7296

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1793
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 13:57:00 |ئايرىم كۆرۈش
ھە ھە ئاخىر قىنى؟

2

تېما

12

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:27:31 |ئايرىم كۆرۈش
قەيسەر ئاكا داۋامىنى قاچان يوللايسىز،،ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تىزراق يوللاڭ ھە.....

0

تېما

4

دوست

1858

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 21:05:41 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قەيسەر  ئاكا ،ئەجىرىڭىزگە باركاللا ، يازمىللىرىڭىز ئۈزىلىپ قالمىسۇن

0

تېما

2

دوست

3566

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7417
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 114
تۆھپە : 1111
توردىكى ۋاقتى: 422
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 22:04:40 |ئايرىم كۆرۈش
    نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئوقۇماي ئۆتكۈزۋىتىپتىكەنمەن، ئىسىت دەپ قالدىم . ئەمدى تورنى ئاختۇرۇپ بىر باشتىن ئوقۇسام بولدىغان بولدى. ئاۋۇ ساكۇرا دىگەننى نورۇز گۈلى دىسەك بولدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )