- تىزىملاتقان
- 2014-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 104
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
34.67%
|
4032 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 11:44
تىمىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلار ھەقىقىتەن مەھجۇت.
لېكىن ت ...
ماارىپنى مىللىتىنى سۈيىدىغان مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك چىقسا ئىشلار ياخشى بولاتتى. ئەپسۇس! يازما بەك ياخشى بوپتۇ. ئەپسۇس، بۇنى كۆرىدىغانلار پەقەت ئوقۇغانلار. بالىسىنى ئوقۇتالمىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئاتاپ يازغان بۇ يازمىلارنى مەڭگە كۆرمەيدۇ. يازما يېزىشتىكى مەخسەت ئۇقۇشسىز قالغانلارنى مەكتەپ قوينىغا كايتۇرۇپ كېلىش. پەقەت تەسىراتىمىزنى سۆزلەپ قويۇش بىلەن توختاپ قالساق، مەجبۇرۇيۇتۇمىز تاماملانغان بولمامدۇ قاندق؟ مەخسىدىمىز ئىدىيىمىزنى شۇ ھەم قاتمال ھەم چارىسىز قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا بىلدۈرۈش سىڭدۈرۈش ئەمەسمۇ؟ مۇئەللىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلەپ دەككە يەپ قايتىپ كەپتۇ. ئەگەر ئۇدا بىر ئاي ياكى بىر يىل بېرىپ خىزمەت ئىشلىسىىز شۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەي قالامىزمۇ؟ ئەگەر ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەن بىر يىلدا بىر بالىنى مكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىمەن دىگەن پىلان بىلەن ئائىلىلەرگە بارساق، مېنىڭچە بۇ ئاندىن ئېشىش ئىمكانىيىتى بار پىلان بۇلىدۇ. ھەزىرقى مەسىلە كۆوپۈنچە زىيالىلار مەسىلىنى تەھلىلى قىلىش باسقۇچىدىلا توختاپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىر تېپىش باسقۇچىغا ئۆتەلمەيۋاتىمىز.
روزى مۇھەممەد مۇئەللىمنىڭ ئىزدەنگەنلىرىگە ۋە ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئاتا-ئانىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن باسقان ھەر بىر كەدىمىگە ۋە ھەر بىر سۆزلىرىگە رەھمەت!
تەۋسىيە: بۇ قېتىم يەنە ئائىلىلەرگە بېرىپ ئاتا-ئانىلارغا خىزمەت ئىشلىمەكچى بولغىنىڭىزدا، ئەڭ ياخشىسى يالغۇز بېرىڭ. كۆپ ئادەم بارغاندا، قارشى تەرەپتە دۈشمەنلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. ھەر قانداق ياخشى پىكىرنىمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلىدۇ. سۆبەتتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئەمىلى قىيىنچىلىغىنى ئەستايىدىل ئاڭلاشقا دىققەت قىلىڭ. ئۇلار دەرت تۆكۈۋېلىشقا ئېھتىياجلىق. ئاندىن ئوقۇغاننىڭ ئەھمىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىگەندە قايىل قىلىش كۆۈچى ئېشىشى مۈمكىن.
مېنى چۈشۈنىشىڭىزنى ھەم كەچۈرىۋېتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەەگەر بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ قوينىغا ياندۇرۇپ كەلسىڭىز ئۇنىڭ ئەجرى چەكسىزدۇر! ھەممىمىز ئورتاق نىشان ئۈچۈن غەيرات قىلايلى! |
|