قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 496|ئىنكاس: 2

ساپا ۋە زوقلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

197

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31959
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 21:46:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىر نەرسىدىن زوقلىنىش ئۈچۈن شۇ نەرسىنىڭ ئەلمى تەلمىنى بىلىش كېرەك. مەسىلەن مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمىسەم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنالمايمەن، شېئىرىيەتتىن خەۋىرىم بولمىسا ئادىل تۇنىيازنىڭ   شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇق ۋە پاساھەتنى ھېس قىلالمايمەن؛ تارىخ ۋە مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى ھەققىدە ئانچە مۇنچە بىر نەرسە بىلمىسەم،  تەتقىقاتچىلار، تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن زوق ئالالمايمەن، ھەتتا ئۇنداق ئەسەرلەرگە قارىغۇممۇ كەلمەيدۇ. بىرەر كەسىپ ياكى ساھەدە ئىزدىنىپ باقمىغان  بولسام بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇر ئالالمايمەن.  ئاكادېمىكلار ئاكادېمىكلارنىڭ ماقالىلىرىدىن زوقلىنىدۇ؛ چۈنكى نۇرغۇن تەر تۆكۈپ، ئىزدىنىپ، كاللا قاتۇرۇپ يازغان ئىلمىي ئەسەرنى كاللا قاتۇرۇپ ئوقۇش كېرەك، شۇندىلا پاراسەت ئېچىلىدۇ، نەزەر دائىرە كېڭىيىدۇ، بىلىم ئۇپۇقىدا ئەقىل نۇرى جىلۋە قىلىدۇ. بۇنىڭ ھۇزۇرى ئەدەبىيات ئاشىقلىرىنىڭ  بىرەر ئېسىل رومان ئوقۇغاندىكى ھۇزۇرىدىن قېلىشمايدۇ. شۇنىڭدەك،   پۇتبۇلچى پۇتبۇلچىنىڭ ماھارىتىدىن، سەنئەتچى سەنئەتچىنىڭ كارامىتىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
     بىر مىللەتتە سەنئەت ھاۋاسى ئىلىم ھاۋاسىدىن قويۇق بولسا بۇ مائارىپ مەسىلىسىدۇر، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىدىغانلار ئىلمىي لېكسىيەدىن زوقلىنىدىغانلاردىن كۆپ بولسا، بۇ ساپا مەسىلىسىدۇر. ئەلۋەتتە سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنمۇ بەش سەزگۈ ئەزادىن باشقا، ئازراق ساپا كېرەك. مۇزىكا ياكى ئاۋاز تەربىيەسى ئېلىپ باقمىغان سەنئەتچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ يۇقىرى ئاۋازىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. بىزدە ئىلمىي دوكلات، لېكسىيە بۇرۇنقىغا باققاندا كۆپەيدى، ئەمما ئىلمىيلىك سەۋىيەسىنى باشقا جايلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەھۋالىمىز ئوخشىمايدۇ، شارائىتىمىز ھەرىكىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئالىي سوپۇنلار ئومۇملىشىپ بولغىچە، يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى. بىلگەجان يۇرتىغا كېلىپ بىئولوگىيەدىن لېكسىيە بەرگەندە ئاممىباپ بولۇشنى كۆزلىگەن. ئامېرىكىدا ياكى بېيجىڭدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمىگەن. چۈنكى ئۇ بىلىدۇكى،  لېكسىيەدە  ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، بىئولوگىيەدىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ئادەمگە غول ھۈجەيرە توغرۇلۇق بەك كەسپىي گەپلەرنى قىلسىڭىز قۇلاققا خوشياقمايدۇ. قۇرۇق ھاياجان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.
     ئەلۋەتتە، پۇتبول ئويناشنى بىلمەي تۇرۇپ رونالدۇ، مېسسىنىڭ ماھارەتلىرىدىن زوقلىنىدىغانلار تولا، شۇنداقتىمۇ، بۇلارنىڭ زوقلىنىش دەرىجىسى پۇتبول ئويناپ باققان، جەڭ تاكتىكىلاردىن خەۋىرى بار ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ناخشا ئېيتىشنى بىلمەي تۇرۇپ ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ ناخشىلىرىدىن زوق ئالىدىغانلار بار، شۇنداقتىمۇ، بۇلارنىڭ ئالىدىغان زوقى ناخشا ئېيتىشنى بىلىدىغان، كۈي، مىلودىيە ۋە پۇراقلىرىنى ئىنچىكە بىلىدىغانلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. بۇلارنىڭ زوقىمۇ ئابدۇللاھنى يېقىدىن تونۇيدىغان، ئۇنىڭ مۇڭ دەرتلىرىنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. دېمەك، ھەر ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە سۆيۈملۈكتۇر، ئالىدىغان خۇشاللىق شۇ ئىش ئەھلى ۋە سىرتتىكى ئەھلى مايىللارنىڭ ساپاسىغا بېقىپ ھەر خىل بولىدۇ، ئادەملەر ئىچىدە ئادەم بار،   چىمەنلەر ئىچىدە نازۇك چىمەن بار.
     شۇنى دېيەلەيمىزكى، ئادەم قانچىكى كۆپ نەرسىنى بىلسە، بىرەر ئىشنىڭ ئۇستىسى ياكى بىرەر كەسىپنىڭ ئەھلى بولالىسا، ئۆزىنى ياراملىق، قەدىر قىممەتلىك ھېس قىلىدۇ.  ھاياتتىن ئالىدىغان نېسىۋىسى، خۇشاللىقى كۆپ بولىدۇ. كونىلارنىڭ " ئوغۇل بالىغا 72 خىل ھۈنەر ئاز" دېگەن سۆزىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇ. ئۆزىدە بىرەر ھۈنەر، ماھارەت ياكى ئىلمىي كامالەت يېتىلدۈرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى مەنىسىز، ئىشلىرى چۇۋالچاق، تۇرمۇشى بەرىكەتسىز بولىدۇ.
بىرەر ئىلىم ياكى كەسىپنىڭ ئەھلى بولغۇچىلار  دائىم شۇ ئىشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن باغلىنىدۇ، ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا سادىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كەسىپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا ياراتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
      ئەمما بىرەر كەسىپنى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىش ئاشقۇنلۇق. ئاندىن  مۇشۇ كەسپنىلا چوڭ بىلىپ، قالغان كەسپلەرنى تۆۋەن كۆرمەسلىك كېرەك. نەزەر دائىرىسى تار ئادەملەر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشنى بەك چوڭ بىلىدۇ، بەزى شائىرلار گويا جاھاندا شېئىردىن بۆلەك نەرسە يوقتەك ھاياجانلىنىدۇ. بەزى كومپيۇتېرچىلار باشقا ئىشلار كومپيۇتېر ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەستەك مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا بۇنىڭدىن باشقا ھۇزۇر يوق دەپ قارايدۇ. كەسىپكە بولغان مۇھەببەت، ئىشتىياق چېكىدىن ئېشىپ كەتسىلا چوقۇنۇشقا ئايلىنىدۇ،  بىر قۇل ئۆز خوجايىنى ئۈچۈن  جېنىنى سېلىپ بەرگەن بولسا، ئۆز كەسپىنى مەبۇد قىلىۋالغۇچىلارمۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا قۇل قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا كەسىپنى مەقسەت ئەمەس، ۋاسىتە قىلىش، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش كېرەك.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

390

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32153
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 19:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كەسىپكە قىزىقىش كېرەك ئەمما ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماسلىق كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )