قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 5

چاغداش ئۇيغۇر تىلى-3 ئوغۇزتىگىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8385

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1541
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 10:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاغداش ئۇيغۇر تىلى-3  

ئوغۇزتىگىن

5.ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات كەچمىشى ۋە تۈرلەرگە ئايرىلىشى
چاغداش ئۇيغۇر تىلى ئۆز كەچمىشىدە ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈردى.تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشى گەرچە ئۆزىگە خاس ئىچكىي ياساقلارغا ئىگە بولسامۇ ،لېكىن ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى بولغان تىلنىڭ تەركىبى قىسىملىرى بولغان فونېتىكا،لۇغەت تەركىبى ۋە گىرامماتىكالىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئوخشۇمىغان دەرىجەدە جەمئىيەت تەرەقىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ.شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات كەچمىشىنى جەمئىيەت تەرەققىيات كەچمىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلىدۇ.
   ئۇيغۇر تىلى دېگىنىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشۇمۇغان كەچمىش چاغلاردا قوللانغان تىللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
   ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات كەچمىشىنى: 1)ئەڭ يىراق قەدىمقى ئاجۇن ئۇيغۇر تىلى.
2)قەدىمقى ئاجۇن ئۇيغۇر تىلى.3)ئوتتۇرا ئەسىر ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى.4)يەقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى.5)چاغداش ئۇيغۇر تىلى. 6) نوۋەتتىكى ئۇيغۇر تىلى(21-ئەسىردىن ھازىرغىچە)دەپ 6 باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ
1)ئەڭ يىراق قەدىمقى ئاجۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى(قەدىم زاماندىن 9-ئەسىرلەر)
    بۇ يەر شارىدا كىشىلەر بارلىققا كەلگەن چاغدىن باشلاپ 9-ئەسىر 40-يىللارىغىچە بولغان جەريانلارنى كۆرسەتەدۇ.ئورھۇن-ئاناساي(تۈرك-رونىك يازۇقى ياكى ئورھۇن-ياناساي يازۇقى)بىلەن ئاتالمىش ھازىرقى تارىخچىلار دەۋالغان سوغداق(سوغدى)يازۇقىدىن ئۆزگەرتىپ ئىجاد قىلغان  ئۇيغۇر قەدىمقى يازۇقى(چىنگىزخان دەۋرىدە ئۇيغۇرلار موڭغۇللارغا ئۆگەتكەن،موڭۇللاردىن مانجۇ ۋە شىبە..قاتارلىق مىلەتكە ئۆتكەن مەملىكىتىمىزدىكى موڭغۇل،مانجۇ،شىبە….لەر ئىشلىتىۋاتقان يازۇق)ياقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلەرى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلارىدىن بۇ خىلدىكى تەسۋەرىي يازۇقلار چۈشۈرۈلگەن تاش ئابىدەلەر ۋە تاش ئويما رەسىملەرى بۇنى ئىسپاتلىماقتا,بۇ دەۋردىكى ئاساسلىقى مەڭگۈ تاشلار ۋە تاش كېمىرلار,قىيا تاشقا  سىزىلغان تەسۋىرىي يەزىقلاردا كۆرۈلىدۇ.م:تېرخىن مەڭگۈ تاشى،تەس مەڭگۈ تاشى،توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تاشى، گىلى قاغان(747-759-يىللار),جوڭگو تارىخىدا خاتىرلەنگەن 3000 چەۋەنداز بىلەن تاڭ سۇلالىسى زامانىدىكى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىپ ,تاڭ سۇلالىسىدىن ئالاھىدە تارتۇق ئالغان بۆگۈ قاغان (759-780)دەۋرىدە تۆھپەسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ھازىرقى شىئەندىن تاشقى موڭغۇلىيەگە قايتىش يولىدا تىكلەنگەن سېۋرېي مەڭگۈ تاشى،ئۇيغۇر قۇتلۇق بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشى،مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تاشى،توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشى،سۇددىجىن مەڭگۈتاشى…..قاتارلىقلار مەڭگۈ تاش ئابىدەلىرىگە ئويۇلغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئورھۇن-ئاناساي مەڭگۈ تاشلارىدىكى يازۇقلار تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇر،قازاق،سالار…..قاتارلىق ئۇلۇسلاردا ھازىرمۇ بۇ يازۇق بەلگە، تۇغ ياكى چارۋالارغا باسىدىغان تامغا ئورنىدا يەنىلا قوللىنىلۋاتماتا.
     2)قەدىمقى ئاجۇن ئۇيغۇر تىلى.9-ئەسىر 40-يىللارىدا ئۇيغۇرلار تاشقىي موڭغۇلىيە ئېغىر دەرىجەدەكى قار ئاپەتلەرى،ۋابا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى قەۋمى بولمىش قىرىققىز قەبىلىسى ئىسيان-توپىلاڭىدا ئاتالمىش   كەچمىش  كىتابلار ۋە بىرقىسىم ئاتالمىش كەچمىشچىلەر ھازىرقى زامانلاردا يازغان شوۋېنىزىم تىپىدىكى كىتابلارىدا ئۇيغۇرلاردا پارچەلىنىش كورۇلدى دەپ قارىلىدۇ(1). پانتىگىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەۋمى 3 بولەككە بۆلۈنۈپ كۆچ-كۆچ قىلغاندا بىر بۆلۈگى ھازىرقى قازاقىستان،ئوزبېكىستان،……قىرغىزىستان بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى ئۇلارغا تەۋە بولمىش قەۋملەرى يانىغا كېلىپ قۇرغان خاقانىيە ياكى كاشغەرىيە تىلى ۋە ھازىرققى تۇرفاننى مەركەز قىلىپ قۇرغان  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى،ھازىرقى ئىچكىرىي ئۆلكەدە قۇرغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى تىلى دەپ ئۈچ بولەككە ئايرىشقا بولىدۇ.
    ئۇيغۇرلار مىلادىيە 840-يىلدىن تارتىپ موڭغۇل ئىستىلاسى چاغاتاي خان دەۋرى ھارپىسى(-ئەسىر 40-يىللارىدىن 14-ئەسىرگىچە بولغان 500 يىللىق جەريان)غە بولغان دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.
     ئۇيغۇرلار مىلادىي 9-ئەسىردىن 13-ۋە 14-ئەسىرلەرگىچە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغان.بۇ دەۋردە ئاساسلىقى ئۇيغۇر خاقانىيە ئىمفېرىيەسى)ئۇيغۇر قاراخانىلار ئىمفېرىيەسى(,ئىدىقۇت خانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەپ 3 قىسىمغا ئايرىلىدۇ.بۇنىڭدا ئۇيغۇر قاراخانىلار ئىمفېرىيەسى دەۋرىدە ئاساسلىقى ئەرەب ئەلىفبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر  قاراخانىلار يازۇقى بىلەن سوغدى يازۇقىدىن ئۆزگەرتىپ ئىسلاھ قىلىنغان بۇ يازۇقنى قەدىمقى ئۇيغۇر يازۇقى(موڭغۇللارغا بەرگەن ۋە ئۆگەتكەن يازۇق)ىدا يازىلغان كەچمىش يادنامەلەردە يازىلغان ئەسەرلەردە ئەكىس ئېتىلىدۇ.مەسەلەن:“كىتابول دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ياكى تۈركىي تىللار دىۋانى”,“قۇتادغۇ بىلىگ-بەخت سائادەت  كەلتۈرگۈچى بىلىم”,“ئەتەتۇل ھەقايىق-ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى”,“ئوغۇزنامە”,“ئالتۇن يارۇغ”,“چاشتانى ئىلىگ بەگ”,“ئىككى تىگىننىڭ ھىكايەسى”………قاتارلىق  ئىجادىي ئەسەرلەر بىلەن تەرجىمە ئەسەرلەر شۇ دەۋرلەردىكى بەدئىي ئەدەبىياتنىڭ نەمۇنەسى بولۇپ, بۇ ئەسەرلەر ئاساسلىقى قاراخانىلار ئىمفېرىيەسى بىلەن  ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت تەرەقىياتى ۋە ئۇيغارلىق ۋە مائارىپ(1) تەرەقىياتى سەۋىيەسىنىڭ دۇنياۋىي شوھرەتىنى بىزگە نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.قاراخانىلار دەۋرىدىكى  ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئىجادىيەتنى ئاساس قىلسا،ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ئەسەرلەردە “ئوغۇزنامە”دىن باشقا ئەسەرلەر ئاساسلىقى تەرجىمەنى ئاساس قىلغان بولۇپ كۆپ مەنبەلىك ئۇيغارلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە ئەسەرلەردىن >>دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك,قۇتادغۇ بىلىگ,ئوغۇزنامە<< قاتارلىق 3 كاتتا ئەسەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ كەچمىشلەرى مەملىكىتىمىز شۇ دەۋردىكى  يازىلغان كەچمىش ۋە ھەرخىل يازمالاردا بەلگەلىك ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
ئىزاھات:
1)840-يىللارىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بەزى تارىخىي يازمالار پەقەت مەملىكىتىمىز تارىخچىلارىدىلا ئۇچرايدۇ،باشقا تىل يازۇقدىكى مەڭگۇ تاش ۋە تارىخ كىتابلارىدا ئاز ئۇچرايدۇ،بۇنى ھازىرقى زاماندىكى تارىخچىلار مۇتلەقلەشتۇرۇپ راست بولغان دېيىشىدۇ،بۇنىڭ راست-يالغانلىقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناس ۋە تۇركىلوگىيە ئالىملارىنىڭ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىنى كۇتمەكتە،جۇملىدىن كەمىنەڭىزمۇ  بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا دەرگۇمان قىلىمەن،شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتمە بەرىلدى.
2)مۇئارىپ-ئوقۇ-ئاقارىش،مۇئارىب ئەرەبچە ئاتىلىشى
3) ئوتتۇرا ئەسىر ياكى چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى (14-ئەسىر-18-ئەسىرلەرگىچە  تەخمىينەن 500 يىل )
     قاراخانىلار ۋە ماۋا ئۇننەھىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمفېرىيەدىكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان تۈركىي قەۋملەردە ئومۇميۈزلۇك ھالەتلەردە ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب يازۇق ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يازۇقىغا ئۆزگۈرىشى ،غەرب ئۇيغارلىقى ئىسلام ئۇيغارلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغارلىقىغا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسەتىشى ۋە باشقا ئامىللار تەسىرىدە ،13-ئەسىرگىچە خاقانىيە ئۇيغۇرلىرى ھەم ئىدىقۇت ئۇيغۇرلارىنىڭ ئورتاق تىل بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان خاقانىيە تىلى قارا قىتانلار ۋە يېڭىدىن باش كۆتەرگەن موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئىزباسقۇرى “چاغاتاي خان”لىقلىرىنىڭ تەسىرىدە 14-ئەسىردە بولسا دۇنيادىكى تۈركىلوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقدا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان "چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى" دەپ ئاتالدى.بۇ تىل شۇ دەۋردىكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندى،بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولسا “چاغاتاي خان”نامى بىلەن "چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى"،شۇ دەۋردىكى ئىسلاھ قىلىنغان يازۇق بولسا"چاغاتاي ئۇيغۇر يازۇقى" دەپ ئاتالدى.چاغاتاي دېگەن بۇن نام چىنگىزخاننىڭ 2-ئوغلىنىڭ ئاتى بولۇپ ئۆز دەۋرىدە دىيارىمىز بىلەن ئامۇ ئۆگۈز(2) ۋادەسىدىكى كەڭ رايونلارغا ھوكۈمرانلىق قىلاتتتى.شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى ,ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلەرى تىلى "چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى" دەپ ئاتىلاتتى,چاغاتاي ئۇيغۇر  تىلى ئاساسلىقى قاراخانىلار قەدەمىي ئۇيغۇر تىلىگە ۋارىسلىق قىلغان ,ئۆز دەۋر ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەرەبىي-فارسىي سۆزلەر ئارالاشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەرگە ئارتاق تىلى بولغان بىر خىل دۆلەت,ئۇلۇسدىن ھالقىغان تىل بولۇپ ئادەت يۈزىسىدىن "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتالغاندىن سىرت,چاغاتاي خانلاردىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رايونىمىزدا قورۇلغان ئۇيغۇرلاشقان چىنگىزخان،چاغاتاي،جۇرچى خانلارنىڭ ۋارىسى بولمىش سەئىدىيە خانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا,خىۋە,سەمەرقەنت,ھىرات.....نى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلغان تومۈرىيلەر خانزادەلەرى قۇرغان سۇلالىلەردىمۇ بۇ تىل ئىشلىتىلىپ شۇ دەۋردىكى ۋە شۇ دەۋردىن كېيىنكى ئۇسلۇب  ۋە يازۇق بىلەن يازىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلىنىمۇ"ئۇيغۇر چاغاتاي تىلى" دەپمۇ ئاتايتى،بۇ تىلنى ئىشلەتكۈچى بارلىق قەۋملەر ھەممەسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "تۇركىي تىل"دەپ ئاتالغان.ئۇلۇس يەنى فارسچە مىللەت ئۇقۇمى پەقەت ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەڭى ھەم ياش ئۇقۇم بولغاچقا ئۇ چاغالاردىكى ئۇلۇسلار ھەممىسى ئۆزىنى  "تۈرك" دەپ ئاتاپ پۈتكۈل ئۇلۇسلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "تۈركىيلەر" دەپ ئاتالغان.
     ئاتاقلىق تىلشۇناس ,شائىر ۋە يازغۇچى ,يېتىلگەن دولەت ئەربابى بولمىش غىياسىدىن ئۇيغۇر باخشى ئوغلى ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرچە سۆز ئىبارىلەرنىڭ دۇنيادا ھەرقانداق تىلدا تەڭداشىز بۈيۈك ئورۇندا تۇرىدىغان ئانا تىلىمىزنى چوڭقۇر مەناغا ،ياقىملىق ۋە گۈزەل  تەلەففۇزغا ئىگە،كامالەتكە يەتكەن باي تىل ئىكەنلىگىنى شۇ دەۋردىكى ئاللىقاچان ئەرەبىي ۋە فارىسىيلاشقان ماڭقۇرت زىيالىي ئەدىبلەردە ئومۇملىشىپ كەتكەن “ئەرەبىي تىل ھەسەلۇ،فارىسىي تىل شەكەرۇ،تۈركىي تىل(ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان چاغاتاي تىلى) قوپالۇ”دېگەن چېكىدىن ئاشقان ئەجنەبىي ئىدىيە ۋە تىل ئاشقۇنلۇققا جەڭ ئېلان قىلىش ۋە بۇ تىلىمىزنىڭ گۈزەل پاساھەتلەرىنى نامايەندە قىلىش مەقسىدىدە نۇرغۇن ئىجادىيەت ئەسەرلەرنى يازدى.شۇ دەۋردىكى ئاساسلىق ئەدىبلەردىن لۇتفى،سەككاكى قاتارلىق تىل ئۇستازلىرى ۋە ئالىملارنى بولسا نەۋاىي “ئۇستازىم” دەپ ئاشكارا ئاتاپ ئۆتكەن شائىرلارنىڭ يازغان شېئىرلارى ئۈستىدە توختۇلۇپ،”ئۇلارنىڭ ئەسەرلەرىنىڭ تىلى ئۇيغۇر سۆز ئىبارىلەرى ئەڭ توغراسى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەلەففۇزىنىڭ گۈزەللىكتە بۈيۈك كامالەتكە يەتكەن چوققاسى”دەپ ماختىغان ئىدى.شائىر ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى مۇشۇ تىل بىلەن "چاھار دىۋان"،"مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن(ئىككى تىل مۇنازىرەسى)"،"خەمسە نەۋائىي" قاتارلىق ئەسەرلەرىنى،قازى نەسرىدىن.رابغۇزى "قىسسەسۇل ئەنبىيا" قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى يازغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيادا چىنگىزخان ئەۋلادى بولمىش تۈركلەشكەن چاغاتاي-جۇرچى خانلار ئەۋلادلىرىدىن ئەمىر.تومۈر(تومۈرلەڭ ياكى ئاقساق تۆمۈر)،شاھرۇخ, مىرزا ھۈسەيىن بايقارا،ئۇلۇغبېك،زاھىردىن.مۇھەممەد بابۇر،ئوبۇلغازى باھادىرخان……قاتارلىق سىياسىي ئەربابلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلۇغبېك ھەزرەتنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەرىدىن "چىنگىزخاننىڭ تۆرت ئۇلۇسى" ،"تارىخىي تەراكامە(تۈركمەنلەرنىڭ تارىخى)"، مۇھەممەد بابۇرنىڭ "بابۇرنامە" سى،ئوبۇلغازى.باھادىرخاننىڭ "شەجەرەئى تۈرك" قاتارلىق دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئەسەرلەرىمۇ بار،بولۇپمۇ ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ"شەجەرەئى تۈرك"،ئۇلۇغبېكنىڭ "چىنگىزخاننىڭ تۆرت ئۇلۇسى"،بابۇرنىڭ"بابۇرنامە","ئەسرارى مۇسىقى"….قاتارلىق ئەسەرلەرى شۇ دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقنى ئىلمىي يەكۈندە بىزلەرگە تولۇق يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ،پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ،شەكىللىنىشى،تارىخىي تەرەققىيات جەريانلارنى بىزگە يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى پۈتۈن سېستىماسى ۋە قائىدە قانۇنىيەتلەرىنى تەخمىينەن 14-ئەسىردىن 19-ئەسىر چىڭ سۇلالىسى  شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەفيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئالى-كەينىگىچە  بولغان تەخمىينەن 460 يىلنى دۇنيا ۋە جوڭگۇ تارىخىدىكى چوڭ ۋاقەلەر يىلنامىگە ئاساسەن تەپسەلىي ئايرىشقا بولىدۇ.   
4)ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى)1800-يىل ئالى-كەينىدىن تاكى 1949-يىل 10-ئاي1-كۇنىغىچە بولغان تەخمىنەن 150 يىل(
       “ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئەتى  چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمەتىنىڭ جۇڭغار ئاقسوڭەكلىرىنىڭ بۆلۈنمەچىلىگى ۋە ئاپپاق خوجا ئەۋلادلىرىدىن بولغان چوڭ خوجا بىلەن كىچىك خوجا خوجا جاھان بولۈنمىچىلىگىنى باستۇرۇپ ،شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بىرلىككە كەلگەن نىسبىي تىنىچ شاراىتتا يەنە بىر قەتىم گۈللەنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ،19-ئەسىرگە كەلگەندە چىرىكلەشكەن مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك فېودال كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك زۇلۇم-سەتەملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن دىخانلار قوزغىلاڭلىرىغا ماسلىشىپ راسا يۇقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى.ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنى يەركەن خانلىقى(مىلادى 1514-1678-يىللار)ئاغدۇرۇلغاندىن كەيىن ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ۋەيران بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات–سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئومۇمىي ئىستەكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشلانغان بولسا ،خەلقنى نادانلىق ۋە قالاقلىقدىن قۇتقۇزۇش ،مىللىي مەدىنىيەتنى گۈللەندۈرۈش،مىللىي زۇلۇم ۋە فېوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللى دېمۇكىراتىك ئىدىيىۋىي ئېقىمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى.
     بۇ دەۋردە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى،شائىرلار ئەدەبىيات سەھنىسىگە چىقىپ،ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ خىل ژانىر ۋە مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى.موللا ئەلەم شەھيارى ۋە ئۇنىڭ مىلادى 1761-يىلى يەزىلغان ‘گۇل ۋە بۇلبۇل”ناملىق پوئەمىسى،لۇكچۇنلۇك شائىر ئەھمەد غوجام نىياز ئوغلى(1827-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ “رەۋزەتۇل زۇھرا”ناملىق شېئىرىي داستانى،مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ۋە ئۇنىڭ “سىدىقنامە”ناملىق ئەسىرى،شائىر موللا رەھىم ۋە ئۇنىڭ “مۇھەببەتنامەناملىق داستانلىرى،يەركەنلىك شاىر ئۆمەر باقى ۋە ئۇنىڭ 1792-يىلى نەسرىي-نەزمى شەكلىدە يېزىلغان “پەرھات-شىرىن ۋە لەيلى-مەجنۇن”ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى،قۇمۇللۇق شاىر زۇھۇرى ۋە ئۇنىڭ  “دىۋانى زۇھۇرى”ناملىق شېېرلار توپلىمى،موللا يۇنۇس ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1807-يىلى يەزىلغان “يۈسۈپ-زۇلەيخا” داستانى،موللا سىدىق ياركەندى ۋە ئۇنىڭ  1813-يىلى  ئەلىشىر ناۋايىنىڭ “خەمسە” سىدىكى 5 داستانى ئاساسىدا يېزىپ چىققان “نەسرى مۇھەممەد ھۈسەيىنبەگ” ناملىق توپلىمى،ئىمىرى(1822-يىلى ۋاپات بولغان)ۋە ئۇنىڭ “دىۋانى ئىمىرى”ناملىق شېئىرلار توپلىمى،قەشقەرلىق نورۇز ئاخۇنكاتىپ زىيائى ۋە ئۇنىڭ  “مەھزۇنۇل ۋائىزىن”ناملىق ئىپىك داستانى،ئابدۇرېھىم نىزارى(1845-يىلى ۋاپات بولغان)ۋە ئۇنىڭ“پەرھات ۋە شىرىن”،“مەجنۇن ۋە لەيلى”،“شاھ بەھرام ۋە دىلئارام”،“ۋامۇق-ئۇزرا”،“چاھار دەرۋىش”(“خوشال بەخت”)، “مەھسۇن ۋە گۈلنىسا”،“شاھزادە مەھسۇد ۋە دىلئارا”،“رابىيە-سەئىدىن”قاتارلىق 12 داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان “مۇھەببەتنامە”ناملىق داستانلار توپلىمى بىلەن“دۇررىن نەجات”ناملىق ئەسىرى،تۇردۇش ئاخۇن كاتىپ غېرىبى(1802-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان) ۋە ئۇنىڭ “كىتابى غېرىبى”ناملىق داستانى،موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ(1824-1899)ۋە ئۇنىڭ 1851-يىلى ئىشلەنگەن “غەزەليات”ناملىق شېئىرلار توپلىمى ،1875-يىلى يەزىلغان “غازات دەر مۈلكى چىن”ناملىق داستانى ،1881-يىلى يېزىلغان “چاڭموزا يۈسۈپخان”ناملىق داستانى ،1882-يىلى يېزىلغان “نازۇگۇم” ناملىق قىسسىسى،مولا شاكىر ۋە ئۇنىڭ “زەپەرنامە” ناملىق تارىخىي داستانى قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم  نامەيەندىلىرىدۇر.
    بۇ دەۋر ئىچىدە ئۇيغۇر مۇزىكا-ناخشىلىرى بۇيىچە بىر مۇنچە جانلىنىشلار بولدى.مىلادى 1820-1828-يىللاردا قەشقەر دىخانلار قوزغىلىنغىغا قاتناشقان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نازۇگۇم ھەققىدە توقۇلغان“نازۇگۇم”قىسسىسى بىلەن “نازۇگۇم”ناخشىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە تارالدى.خوتەن “قارىقاش ناخشىسى”،قەشقەر“قىزىل گۇل ناخشىسى”،تۇرپان “مايىمخان ناخشىسى”،قۇمۇل “يار سىنەم ناخشىسى”،ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ “ئانارخان”،“ئويناڭ تۆرەم”،“بىۋاپا نادان يارىم”،“خارابىڭ مەن”،“دادەي”،“سارىخان”،“ئاللا يارىم”،“ھاي-ھاي ئۆلەن”قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەڭ تارالدى.ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ “رىسالەئى مۇغەننىيۇن”، “كىتابۇل مۇسىقى”، “كالامىفۇل مۇسىقى”قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زاھىرىدىن مۇھەممەت بابۇرنىڭ “ئەسرارى مۇسىقى”ناملىق كىتاۋى شۇ چاغدا ئۇستا خەتتاتلار تەرىپىدىن قايتا كۆچۈرۈپ چىقىلدى(3).
     1912-يىلى چىرىكلەشكەن مەنچىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىپ, سۇن جوڭشەن رەھبەرلىكىدىكى جوڭگۇ بۇرژۇئا ئىنقىلاۋى تەسىرىدە جوڭگو گومىنداڭ پىرقەسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان “جوڭخۇا مىنگو ”ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.جۈملىدىن دىيارىمىزدىن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسەتىلىشىچە شۇ چاغدا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئۇلۇسلارغا  ۋەكىل بولۇپ سۇنجوڭشەن ئەفەندىنىڭ ئەلئاتاسى(پىرېزدېنت يەنى زوڭتوڭ)مۇراسىمىغا قاتناشقان شىنجاڭددىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەرى,شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ دېمۇگىراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.شۇ دەۋردە شىنجاڭدا ياڭ زېڭشىن،جىن شۇرېن،شېڭ شىسەي قاتارلىق 3 چوڭ يەرلىك مىللىتارىسلار ئۆتتى.ئۇلار خەلقنى نادانلىقنى قالدۇرۇشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسامۇ ئەمما خەلقنىڭ ئىلم-مەرىفەتكە بولغان تەلپۈنۈشلەرى ۋە زۇلۇم-سىتەمگە بولغان قارشىلىقىنى توسۇپ قالالمىدى،بۇ جەرياندا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ قۇمۇل دىخانلارىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تۆمۇر.خەلىفە، خوجا نىياز.ھاجى رەھبەرلىگىدىكى دىھقانلار قوزغىلاڭى پارتىلاپ شىمال ۋە جەنۇبدا ئىنقىلاپ ئوتلارىنى تۇتاشتۇرۇپ ئەينى دەۋردىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتگە قاخشاتقۇچ زەربەلەرنى بەردى.بولۇپمۇ بۇ دەۋردە تۇرفانلىق ئابدۇخالىق.ئۇيغۇرى،ئەينى دەۋردىكى قەشقەرگە تەۋە ئاتۇشدىن مەھمەممەد.ئەلى.تەۋفىق قاتارلىق مەرىفەتچىلەر مەرىپەت مەشئەللەرىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلەرىدە ياقتى،نۇرغۇن ئىنقىلاۋىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى،بۇ ئەسەرلەر ھازىر <<ئابدۇخالىق.ئۇيغۇر شېئىرلارى>> ۋە <<مۇھەممەد.ئەلى.تەۋفىق شېئىرلارى>> دەپ خەلق داستان قىلىپ ئوقۇيدىغان ئېسىل دۇردانىلەرگە ئايلاندى.بولۇپمۇ مۇھەممەد.ئەلى.تەۋپىق ئەفەندى تەشەببۇسى ۋە ئىلم-مەرىفەتنى سۆيگۈچى شۇ دەۋردىكى مەرىفەتۋەرلەر تەشەببۇسى بىلەن قەشقەردىكى شىۋىت كونسىلىدا نۇرغۇن چاغاتاي يازۇقدىكى ئەسەر ۋە دەرسلىك ئوقۇشلۇقلار بارلىققا كەلدى.بۇ توغرىدىكى تارىخىي ئەھۋاللارنى ئوقۇرمەنلەر مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرگە مۇراجەت قىلسالا بولىدۇ.جاللات شېڭسىسەي ئىككى يۈزلىمەلىك بىلەن خوجان نىياز ھاجىنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتفاقى قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەملەرگە ئېرىشتى،بۇ دەۋردەكى ئاساسلىق ئىلغار بىلىملىك كىشىلەرنى بولۇپمۇ " تەۋفىق ئەفەندى"نى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈپ مەرىفەت مەشئەلىنى ئۆچۇرمەكچى بولدى،ئانا يۇرتى كېلىپ چىقىشى ئاقسۇ ئۇيغۇرلارىدىن بولغان سوۋېت ئىتتىفاقى قازاقىستانىدا تۇغۇلغان مۇھاجىرلىقدا تۇرىۋاتقان لۇتفۇللا.مۇتەللىپ(ئەدەبىي تەخەللۇسى:قاينام ئۆركەشى)نى شۇ دەردىكى ئىلغار زىيالىيلاردىن دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ نۇرغۇن ئىجادىي ،ئىنقىلاۋىي ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلقنى ئويغاتتى.ئەفسۇسكى گومىنداڭ ئىشپىيونلىرىنىڭ مەخپىي جاسۇسى بولمىش ھەكىم.نۇرىنىڭ خۇفىيانە دوكلاد قىلىشى بىلەن ئىلىنىڭ غۇلجا شەھرىدىن ئۇرۇمچىگە،ئۇرۇمچىدىن ئانا يۇرتى ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغان ئوت يۈرەك شائىر لۇتفۇللا.مۇتەللىپ 3-ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ھارفىسىدا گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىفىدىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھالەتتە جادۇدا توغراپ ئۆلتۈرۈلدى.1943-يىلى ئىلى-ئالتاي-تارباغاتاينى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت ئىنقىلاۋىي كۈچلەرىدىن تەشكىللەنگەن ياشلار سوۋېت ئىتتىفاقىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ياردەمىدە شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھوكۇمىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىپ 3-ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنى قۇردى،شۇ چاغدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتى نەچچە قېتىم ھاكىمىيەت باشىدىكى ئەكسىيەتچىلەر ئەسكەر چىقىرىپ 3 ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنى ئۇجۇقتۇرماقچى بولسامۇ  3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت كونتوروللىغىدىكى ھاكىمىيەت بىلەن3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ھاكىمىيەتى تەڭلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى،كېيىن 3 ۋىلايەت ھاكىميەتى ئوبيېكتىپ ۋە سوبيېكتىپ سەۋەبلەردىن گومىنداڭ بىلەن 11 بېتىم ئىمزالاپ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى قىسمەن ئەمىنلىككە ئېرىشسەمۇ ئەمما گومىنداڭ ھوكۇمىتى شۇ دەۋردە يەنە 11 بېتىمنى يىرتىپ تاشلاپ, ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچى ئەپتى-بەشەرىسىنى ئاشكارىلىدى،3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ھۆكۈمەتى بىلەن ئۇزۇن يىل سوقۇشۇشۇپ يېڭەلمىدى،بۇ دەۋردە ئىلىنىڭ غۇلجا،ئالتاي شەھەرى،ئۆلكە مەركىزى ئۇرۇمچى……لەرىدە ھەرخىل مەكتەب ۋە نەشىرياتلار قۇرۇلۇپ ئىلغار ئىدىيەلەر،ئىلم-فەنگە بولغان ئوتتەك ئىدىيە ۋە ئىنقىلاپ مەشئەللىرى ياندۇرۇدى،بۇ دەۋردە ئاساسلىقى ئابدۇرەھىم.ئوتكۇر.تىلەشوپ….. قاتارلىق يازغۇچى شائىرلار ئەسەرلەرى شىنجياڭنىڭ ھەممە يەرلەرىگە تارالدى.3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدا كېيىنچە ئەخمەتجان.قاسىمى.ئابدۇكەرىم ئابباسوف باشچىلىغىدىكى سوۋېت كوممۇنىستلار تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان رەھبەرلەرنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە جوڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يول كۆرسەتىشى ۋە توغرا يېتەكلىشى بىلەن” 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى جوڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ بىر قىسمى”غا ئايلاندى.43-يىلدىن 49-يىلىغىچە بولغان  6 يىل شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە بولغان كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ كومپاتىيە بىلەن بىرلىشىپ يېڭى جوڭگو،يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.1949-يىلى ئەھمەتجان قاسىمى…..قاتارلىق 3 ۋىلايەت رەھبەرلىرى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا بېرىش ئۇچۇن سوۋېت ئىتتىفاقىدىن بېيجىڭغا مېڭىش سەفەرىدە ھادىسىگە ئۇچراپ قۇربان بولدى.كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سەمىمىي ياردەم ۋە كۆيۈنىشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى 3 ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن سەيفىدىن.ئەزىزى .........قاتارلىق رەھبەرلەر جوڭگو كومپارتىيەسى يېڭىدىن قۇرغان قۇرغان دۇنيادىكى سوتسىيالىستىك تۇۇزۇمدىكى ياش ھاكىمىيەت " جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.كېيىن 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋە بۇرھان شەھىدى….. قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  ج ك پ گە ئەگىشىدىغان يۈكسەك ھۇشيار،ئالاھىدەئىشتىياقلىق سىياسىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
5)چاغداش ئۇيغۇر تىلى(1949.10.1-21-ئەسىر ھارفاسىغىچە بولغان 50 يىل)
     جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتى 1949-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلدى،شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئەڭ سويۇملۇك كىشىلەرىمىز جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قانلىق كۇرەشلەرى ج ك پ نىڭ  توغرا يولۇنىشتكى رەھبەرلىكىدە شەرەفلىك ھالدا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى يېڭى جوڭگو زىمىنىدا غاھيەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
    1949-يىلىدىن 1951-يىلغىچە ئۇيغۇر تىلى يەنىلا شۇ دەۋرلەردە چاغاتاي يازۇق ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يازۇقىنى ئىشلەتىپ كەلدى.تېزدىن يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش ئۈچۈن 1951-يىلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە سەمىمىي غەمخورلىقىدا ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر يازۇقىغا بەلگەلىك نىسبەتتە ئىسلاھاتلار ئەلىپ بېرىلدى،ئالايلۇق ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى 8 سوزۇق تاۋۇشقا قىسمەن تۇزۇتۇش كىرگۇزۇلدى. ا ھەرفگە ئالدىغا (ئ) قوشۇلدى،بۇرۇنقى ۋاقىتدا بولسا ئا(ا)ھەرفنى ئە ھەرفدىن پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن بىر سىزىقچە  “ئەلىف(ﺁ)”ﺁئۈستىگە سىزىقچە سىزىلىپ يېزىلاتتى،ئۆ،ئۇ،ئۈ،ئې لەرگە قىسمەن تۈزۈتىش كىرگۈزۈلدى يەنى    "ئ " قوشۇلۇپ پەرقلەندۈرۈلدى،بۇنىڭ بىلەن ئا،ئە،ئو،ئۇ،ئە،ئى قاتارلىق6 ھەرف بىلەن بۇرۇنقى 9 دانە سوزۇق تاۋۇش نى ئالتە ھەرف دە ئىپادىلەندى،تىل ئارا سوزۇق تاۋۇش بولمۇش "ї Ї"باشقا تۈركىي تىللاردىن تۈپكىي جەھەدتىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي سۈنئىي ئۇسۇل يوسۇندا چىقىرىپ تاشلاندى( تىلىمىزدا ھازىرمۇ شۇنداق،ئەمما جانلىق تىلدا تىل ئارا سوزۇق تاۋۇش"ї =Ї" يەنىلا مەۋجۇتتۇر،مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئەسەرلەرىگە قارالسۇن)رايونىمىز تەۋەسىدە يەنە بارلىق ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلەرى،دەرسلىك پىروگراممالارى بىردەكلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا باسىلغان ۋە ھەرقايسى،ئالىي-ئوتتۇرا ئوقۇل،تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇل،تولۇقسىز ئوقۇللار ۋە باشلانغۇچ ئوقۇللاردا قوللۇنىلدى،ھەتتا يېڭىدىن لاتىن يازۇقى ۋە سوۋېت ئۇيغۇرلارى ئىشلەتىدىغان سىلاۋيان يازۇقىدىكى كىتابلار ئالمائاتا، تاشكەنت …..قاتارلىق يەرلەردىن كۆپلەپ كىرگۈزۈلدى.ھەرقايسى مەكتەپلەردە قارا قويۇق ھالەتتە ئىشلەتىلدى،بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا چاغاتاي تىلى-يازۇقىدىن ئىسلاھ قىلىنغان ئۇيغۇر ئەرەب يازۇقى،ئۇيغۇر سىلاۋيان يازۇقى،ئۇيغۇر ئەبجەش لاتىن يازۇقى تەڭلا قوللۇنىلدى.1951"-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە ئارقا ئارقادىن 2 قېتىم يېزىق ئىسلاھ قىلىندى ، كونا  يېزىق ئىملا قائىدەسىنى ئېغىز تىلىنىڭ تەلەففۇز نورمىسىغا يېقىنلاشتۇرۇلدى(4)” بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى،شۇ دەۋرلەردەكى ئوڭ ۋە سول يولۇنىش(لۇشيەن-خەنزۇچە) تەربىيە سىياسىتىگە يېزىق ئىسلاھاتى ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى، مەدەنىيەت،ئاڭ سەۋىيە،ئىلم-فەندە قالاق كونا ئىدىيەدە ئارقىدا قالغان شىنجاڭدىكى ئارقىدا قالغان ھەر مىللەت خەلقىنى دانا،توغرا ،ئۇلۇغ جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقىغە بولغان كۆيۇنىشى نەتىجەسىدە 1956-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى جوڭگوغا بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئۆستى.بولۇپمۇ  دۆلەت تىلى ۋە يازۇقىنى ياخشى ئىگەللىۋەلىشى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر لاتىن يازۇقى قوللۇنۇش نەزەريەسى شەكىللەندى.بۇ خىزمەتنى  ئوز ۋاقتىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون ئاساسلىق رەھبەرلەرى قول تۇتۇپ ئىشلەدى.
     1958"-يىلى 4-ئايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كونا يېزىقنى لاتىن يېزىقى ئاساسىدا يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى"(5).1959-يىلىدىن 1964-يىلغىچە سىناق تەرەقىسىدە يولغا قويۇلدى.1962-يىلى ئىلى ۋەقەسىدىن سوڭرا سابىق سوۋېت ئىتتىفاقى بىلەن بولغان دېپلوماتىيە ئۆزگۈرىش سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىفاقى بىلەن   بولغان بېرىپ كېلىش،ئۇيغارلىق ئالاقىلىرى ئۈزۈلدى،بۇ ئۇيغۇر لاتىن يازۇقى 1965-يىل مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن باشلاپ تاكى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ساپمۇ ساق 17 يىل ئىشلەتىلدى.بۇ يېزىقدا خەنزۇ تىلىدىكى قوشما ھەرفلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەندى،ئەمما بۇ يازۇق ئۇيغۇر تىلى-يازۇقىنى توغرا ئۆلچەملىك ئىپادىلەشكە بولمىغاچقا بەزى نۇقسانلارى ساقلانغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل يازۇقىدا  ئومۇلاشتۇرۇش تەسكە توختاش،بۇ يازۇق پەۋقۇلئادە بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلىپ،كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىگى ئۈچۈن يەنە شۇ تارىخىي دەۋرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
1983-يىلى ئۇيغۇر ئەرەب يازۇقى يەنى كونا يازۇق ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى،بۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز ئاراسىدا بىر قىسىم ساۋادسىز سىيىت نوچىلار بارلىققا كەلدى،جۈملەدىن خېلى جىق ئۇيغۇر ئاممىسى ئۇيغۇر يېڭى يازۇقدا ئوقۇغان ۋە تەربىيەلەنگەن بولغاچقا ھازىرمۇ بۇ يازۇق بىر قىسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئارىسىدىكى “يالتىراق نوچى-ساۋادسىز سىيىت.نوچىلار”دا  بەلگەلىك نىسبەتتە قوللۇنۇلماقتا. ئۇيغۇر كونا يازۇقى يەنى ئۇيغۇر ئەرەب يازۇقى(UEY) ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كەيىن بەلگەلىك نۇقسان يەنى “ئو” ھەرف بىلەن “ئۆ”ھەرف،”ئۇ” ھەرف بىلەن “ئۈ” ھەرفكە 2 ھەرف ئىشلىتىلگەچكە،ئو ھەرپ ئۈستىگە “v”بەلگەسى،”ئۇ “ ھەرفى ئۈستىگە “I” سىزىقچەسى قويۇلۇپ 4 ھەرفنى 2 ھەرف بىلەن ئىپادىلەش ئەلىپ بارىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى.ئەگەر سىز 90-يىللاردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرەب يازۇقىدا باسىلغان ھەر خىل باسما كىتاب ۋە گېزىت-ژورنال….لارغا دىققەت قىلساڭىز بۇ نوقتانى تامامەن ھىس قىلالايسىز.
      بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا غايەت زور ئۆزگۈرىشلەر بارلىققا كەلدى ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە  بىر تىل سېستىماسىغا تەۋە تۇغقان تىللار"تۈركىي تىللار"دىن ئايرىۋېتىلگەچەكە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا ۋە لېكسىكا قىسمىدە باشقا تۈركىي تىللارغا ئوخشۇمايدىغان قىسمەن ئالاھىدىلىگى مەۋجۇت،بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب توختىماستىن يازۇق ئۆزگەرتىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملا قائىدەسىنى 8-9 يىلدا بىرەر قەتىمدىن ئۆزگەرتىش يەنە بىرسى ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن سۆزلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشى ۋە "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈ –مېھرى تۆۋەن بولۇش……… " بەلكىم ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبدىن بولسا كەرەك دەپ قارايمەن.
     مۇشۇ تارىخىي مەزگىللەردە ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن ئوقۇ-ئاقارتقۇ(مۇئارىپ)چى، تىلچى فولكلورچى ۋە كەچمىش(تارىخ)چى، ئۆرۈمچى(تەرجىمان)، يازغۇچى،شائىرلار …… يېتىشىپ چىقتى،بەلگەلىك تەسىرلەرگە ئىگەلەردىن ساناپ باقساق سەركە قەرىنداشلارىمىز مۇنۇلار بولۇشى مۈمكىن: ئابدۇرەھىم.ئۆتكۇر.تىلەشوپ،تېيىپجان.ئەلىيوف،زوردۇن.سابىر،ئەھەد.تۇردى،تۇردى.سامساق،مۇھەممەد.سالىھ.داموللا ھاجى.كاشغەرئارتۇچى،توختى. باقى.ئارتىشى،مۇھەممەدجان.راشىدىن،روزى.سايىت،ئايشەم.ئەھمەد،ئايشەم.قەييۇم،ھاجى.نۇرھاجى،ماھىنۇر.ھاجىياقۇپ.ئانات،خېۋىر.تۆمۇر،غەيرەتجان.ئوسمان،ئازاد.سۇلتان،نۇرسۇلتان.ئوسمانوف،نەسرۇللا.يولبولدى،مۇھەببەت.قاسىم،ئابدۇللاھ.تالىب،ئارسلان.ئابدۇللاھ.تەھۇر،ئەسئەت.سۇلايمان، ئەسئەت.ئەخمەتوۋ.ئۇيغۇرمەن، ئابلەت.نۇرىدىن.قۇرىقار……..قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.ئەمما يەنە نۇرغۇن XYZ چىلار بولۇپ چاغداش ئۇيغۇر تىلىدا كەچمىش سۆزلەنمەيدىغانلىقى،ئۆزۈم كەچمىشچى بولمىغاچقا،ئۆزۈم ھىچقانداق ئورۇن ياكى شەخسكە تەۋە بولمىغان  مۇستەقىل سېلىشتۇرما ئۇيغۇر تىل-يازۇقى ،كۆپ خىل تىل تەتقىقاتچىسى ،كۆپ خىل تىل تەرجىمە تەھرىرلىكى ۋە كۆپ خىل تىل تەرجىمە تەھرىلىك تىجارەتى قىلغاچقا بۇ ھەقدە ئانچە توختالمايمەن. ئىشىنىمەنكى ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلقى كىمنىڭ بال كىمنىڭ تىرياق بەرىدىغانلىقىنى تازا ئوبدان ئايرىپ كەتەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
6)نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىلى(21-ئەسىردىن ھازىرغىچە)
    21-ئەسىر رىقابەت ۋە خىرىس بىلەن تولغان دۇنيادۇر،كىمدە كىم مۇشۇ دەۋردە ئىجتىھات بىلەن ئىلىم-مەرىفەت ئىگەللىمەسە  ئىنتايىن رەھىمسىزلىك بىلەن تاللاشقا دۇچ كەلىدۇ.
   بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە تىل-يازۇقلۇرىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدىن تاشقىرى تاللاشلارغا دۇچ كەلدى.بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىر 90-يىللارى باشىدىن باشلانغان hsk  تەسىرى ھەرقايسى ئالىي،ئوتتۇرا،تولۇقسىز،باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلارىغا غايەت زور ئۆزگۈرىشلەرىنى ئالىپ كەلدى.بىر نەچچە يىللىق ئەمەلىي سىناق نەتىجەسىدە دۆلەت تىلى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان ۋە ئوقۇللاردا تەسىرىنى كۆرسەتتى.بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى ج ك پ نىڭ توغرا رەھبەرلىگى ۋە سەمىمىي ياردەم،ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ھەمدەمدە بولۇشى نەتىجەسىدە تارىخدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن سىياقدا “قوش تىل ئوقۇتۇشى” تۇنجى بولۇپ دىيارىمىزدا سىناق قىلىنىپ ئالەمشۇمۇل تۆھپە ۋە ئۇتۇغلارغا ئېرىشتى.ئۇيغۇر تىل-يازۇقلۇرىمۇ مۇكەممەللىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.بولۇپمۇ كومپىيوتۇر ئۇچۇر تېخنىكاسىنىڭ دۇنيا،ئېلىمىز ۋە دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلاردا ئومۇملاشتۇرۇلىش ئەھتىياجىغا ئاساسەن،شىنجاڭ بۈيۈك ئوقۇلىدىكى ھوشۇر ئىسلام باشچىلىقىدىكى ئۇستازلارنىڭ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتجانلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجەسىدە “ئۇيغۇر يازۇقىنى كومپۇتېردا ئىشلەتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش” پىلانى يەتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرف ۋە بەلگەلەرنى كومپىيوتۇردا ئىپادىلەپ كىرگۈزۈش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.2001-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەت بىلەن ش ئۇ ئا ر تىل-يازۇق كومېتىتى مەخسۇس قانۇنلۇق ھۆججەت چىقىرىپ” ئىنتېرنېتتا ئۇيغۇر ئەرەب يازۇقى بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يازۇقى(uly ياكى uky)نى ئىپادىلەش قائىدەسى” دېگەن ھۆججەتلىك ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى،2002-يىلى شىنجاڭ ئالىي ئوقۇلىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى “ئۇيغۇر سوفت”شىركەتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم.ئەھەد ئەفەندى باشچىلىقىدا ئىشلەپ بازارغا سالغان ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز…….يازۇقىنى ئىپادىلەشكە بولىدىغان كۆپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال “ئۇيغۇر سوفت” يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىنىپ ئۇيغۇر تىل-يەزىقىنى كومپيۇتېردا ئىشلەتىش ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.بۇنىڭغا ئۇلاپلا 2005-يىللارىنىڭ ئالدى كەينىدە  شىنجاڭ رايونىدىكى ئالىي،ئوتتۇرا،تولۇق،ئوتتۇرا،تولۇقسىز،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە “قوش تىل ئوقۇتۇش”سىناق مۇئارىپى غەلبەلىك ھالدا تەجرىبە سىناق قىلىنىپ،شىنجاڭدىكى ئارقىدا قالغان قالاق مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرقايسى باشلانغۇچ،تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەردە "تىل-ئەدەبىيات" دەرسلىكدىن باشقا ئاساسلىق دەرسلەر دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ” بىرگە قادىر-كوپكە ماھىر بولۇش،دۇنيادىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەرقانداق تىلنى ئۆگەنىپ ئېلىش”تىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار ۋە تالانتى قېزىپ چىقىرىلىپ جوڭگو جامەتچىلىكىگە ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا قىلىندى.ھازىر ھەرقانداق مەكتەبلەرگە قاراپ بېقىڭكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىقتىدارلىق كىشىلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى داڭلىق بۈيۈك ئوقۇللار ۋە ئەلللەردە ئوقۇپ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەتەن ۋە ئۇلۇسىمىزغا شان-شەرەفلەرنى قوشماقتا.ئالايلۇق ئالىملارىمىزدىن شوھرەت مۇتەللىپ،تاشپولات روزى،قاسىم.سىدىق……….قاتارلىق ئەزەمەتلەرىمىز دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان USA دا ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرماقتا،مۇنۇ دۆلەت ئىچىدىكى چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن ئەزەمەتلەرىمىزدىن خالمۇرات.غوپۇر………قاتارلىق ياش،ئوتتۇرا ياش ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.ئىشىنىمەنكى رىقابەت تاللاش،خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان 21-ئەسىردە دۇنيادا ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتلا بولىدىكەن،بۇ مىللەت قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە قان-قانلارى،گېن-گېنلارىدا بار بولغان ئاجايىپ ئىستىداد ۋە تالانتىنى ئىشقا سېلىپ،يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۈزلۈكسىز ھالدا  ئۇلۇغ جوڭخۇا ئېلىمىز ۋە دۇنياغا ،يەر شارىدىكى كىشىلەرگە بەخت-سائادەت ۋە ئىلم-ئىرفاننى تارقىتالايدۇ،بىز بۇنىڭغا راستىنلا ئىشىنىمىز ھەم ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ يىراق قەدەمىي ئۇيغارلىققا ئىگە ئۇلۇسىمىزغا تېخىمۇ زور مۇۋاپپىقىيەتلەرنى تىلەيمىز.
ئىزاھاتلار:
(1)مائارىپ-ئەرەبچە سۆز،ئوقۇ-ئوقۇتىش،ئاقارتىشدەپ ئاتالغۇلىرىمۇ تىلىمىزدا مەۋجۇت.
(2)ئۆگۈز-ئۇيغۇرچە،دەريا-فارسچە ئاتالغۇسى،بۇ سۆزنىڭ يەنە “دېڭىز،غول،غۇل…..” دەپمۇ ئاتالغۇسى بار.
(3)تەۋارىخى مۇسىقۇيىن.موجىزى.مىللەتلەر نەشرياتى 1981-يىل 6-ئاي 1-باسما 1-نەشرى 3-6 بەتلەردىن ئارىيەگە ئالىندى.
(4)جوڭگودىكى تۈركىي تىللار.نەسرۇللا يول بولدى......شىنجاڭ بۈيۈك ئوقۇلى

بىلدۈرگۈ:
     "ئوغۇزتىگىن" ئاتى ئاستىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قەغەز كىتابچە نەشرى ۋە ئىنتېرنېتتا تارقاتىش قانۇنلۇق ھوقۇقى پەقەت "تىنىچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى"غا مەنسۇپتۇر،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقانداق تور بەت،تەشكىلات،بلوگ،مۇڭداشقۇ(微信Wechat)،كوت--كوت قوراللارى تارقاتقۇچىلار،نەشرىيات ئورۇنلارىدىن ھېچ قانداق خىراجەت ئالىنماي ئۆزئەركلىك ئاساسىدا كەمىنەڭىز 《ئوغۇزتىگىن》دىن ئىنتېرنېت تورىغا ھەقسىز ھالدا  يوللانماقچى! ھەرقانداق ئورۇن،شەخس،تەشكىلات,QQ بوشلۇقى ۋە مۇڭداشقۇ(微信Wechat) سورۇنلارى قانۇنسىز ھالدا تارقىتىشقا بولمايدۇ.ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن  ھالدا ئېل-كىتاب قىلىشقا،قانۇنسىز سوۋدا شەكلىدە cd,vcd,dvd,evd,yy…..…..قىلىپ تارقاتسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىمەن،ئەگەر قانۇنسىز تارقاتقان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى بايقاسىڭىز تېزدىن مەن بىلەن 1-بولۇپ ئېل-خەت ياكى ئۇچۇر،مۇڭداشقۇ نومۇرۇمغا خەت قالدۇرغان ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا قانۇنلۇق زاكونلىشىپ ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ 50%نى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىمەن،شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى،ۋاقىپ بولغايسىز؛
ئالاقە ئۇسۇلى:
e-mail:aaot@sina.com
مۇڭداشقۇwechat微信:Q103490135:
تىنچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى
كوپ خىل تىللار ئاچۇرى: ئوغۇزتىگىن(AAOT)

مىلادىيە كالېندارى:2014-11-20 رۇمچە بالۇق پەيشەنبە

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 22:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگىنىڭىزگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىزدىنشىلىرىڭىزگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئىزدىنشىلىرىڭىزنىڭ توخـتاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لېكىن، بەزى سۆزلەرگە ئازراق ئىزاھات ۋە تۈزۈتۈش بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
1. «ئاجۇن» (ئەسلىسى ئاژۇن بولۇشى كېرەك)نى «زامان» مەنىسىدە ئىشلەتكەندەك قىلىسىز. لېكىن بۇ سۆزنىڭ زامان مەنىسى يوق، پەقەت دۇنيا، جاھان مەنىسى بار. زامان مەنىسىگە ئۆزلەك، ئۆز، ئوغۇر سۆزلىرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى تۈركچە سۆزلۈكلەر، تۈركىي تىللار دىۋانىدا بار.
2. «چاغاتاي يازۇق» دەپ ئېلىپسىز. لېكىن «يازۇق»نىڭ ئەسلى مەنىسى «گۇناھ»، يېزىق مەنىسى يوق، يېزىقنى «يازىق» دەپ ئالىدۇ. ۇ بىلەن ئى غايەت پەرقلىنىدۇ. قەدىمكى تۈركىي تىلىغا قارايدىغان بولساق، بوغۇم ئارىسىدىكى ئا، ئو (ۇ) ۋە ئى لارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن خېلى زور پەرقلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.
3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى باسقۇچ ئەمەلىيەتتە بىر باسقۇچ، بۇنى ئىككىگە ئايرىۋېلىش زىيادە بىر ئىش.
4. مۇمكىن بولسا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
5. ماقالىڭىزدىن نىيىتڭىزنىڭ ياخشىلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن خاتا ئۇچۇر ۋە خاتا ئۇقۇم بېرىش ياخشى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى خاتا چۈشەنچىگە باشلاپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار. مۇمكىن بولسا پىشقەدەم تىلشۇناسلار ۋە تەرجىمانلاردىن كۆپرەك مەسلىھەت ئالغايسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

8

دوست

4343

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 01:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر -بىر يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ۋە نەپ ئالىمەن ، ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .

2

تېما

37

دوست

4857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1529
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 17:01:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىر - قىممىتىگە بېغىشلانغان ئەسەرلىرىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ داغدام يولىڭىزدا ئىزچىل ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.
ئەمدى قىسقىچە بىر تەكلىۋىم، قارىغاندا سىز يازمىلىرىڭىزدا كونا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەنسىز. ھەر ھالدا بۇنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مەن كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشكەن 50 يىللىق تارىخىمنى نەزەردە تۇتقاندا، سىز ئىشلىتىۋاتقان سۆزلەر ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لۇغەتلىرىمىزدە ئۇچرىمايدۇ. تىل - يېزىق كومىتېتى ئىشلەپ تارقاتقان 6 توملۇق لۇغەتكە قاراپ باققايسىز. شۇ جۈملىدىن ئەمدى، ئەۋلاتلىرىمىز سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ چۈشىنەلىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ماقالە - ئەسەر يازغاندا بۇ نوقتىغا ئەھمىيەت بىرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.

خوجە

0

تېما

11

دوست

4662

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1299
توردىكى ۋاقتى: 372
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 21:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ چۇشۇنۇپ  ئوقىۋاتىمەن

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 09:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 يىل ئاۋال يازغان بۇ ئەرزىمەس تېمامنى كۆرۈپ باققايسىلەر!
ماۋزۇسى: ئىملانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە
http://bbs.izdinix.com/thread-33438-1-1.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )