- تىزىملاتقان
- 2014-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2779
- نادىر
- 0
- يازما
- 198
ئۆسۈش
25.97%
|
ئەسلى بۇ تىما ۋە سىز دەپ ئۆتكەندەك ئىشلار تۇغۇرلۇق يىتەرلىك بىلىمىم ھەم بىلدىغىنىم كەم بولغانلىقى ئۈچۈن گەپ قىلغۇم يوق ئىدى، بىراق ئەتراپنى قارا تۇمان قاپلىغاندەك ھەممە نەرسە غۇۋا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ھەر شەيئىنىڭ ئۆز ئەكسىنى كۆرۈش تەسكە چۈشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە. ھەقىقەت ئۈچۈن سوققان يۈرەك نىمىنىڭ ،ھەق-ۋە ناھەق ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاشقا ئاجىز كىلىۋاتقاچقا، بىلمەي تۇرۇپ ئاساسىز سۆزلەشتىن نىرى تۇرۇشنى ئەلا بىلىش ئاقىلانىلىك دەپ ئويلاپ كۆپ مۇرەكگەپ مەسىلىلەرنى كۆرگەندە سۈكۈت قىلىشنى چوڭ بىلگەن ئىدىم، بۇ نۆۋەت بىر قېتىملىق سۈكۈت قىلىشتىن ۋاز كىچىپ سىزگە بولغان كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ھەمسۆھبەت بۇلۇشىنى لايىق كۆردۈم،
سىزنىڭ تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ مۇقىم بىر ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمەيمەن، ھەم ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغان شىرىن خىياللار دەپ ئويلايمەن، ئەمما قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ شۇقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىمەن،سىزگە ئوخشاش ئۇلۇغ ئارمان غايە نىشانلارنى كۆڭلىگە پۆككەن كىشىلەرنى مەيلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى غالىپلاردىن بولسۇن، مەيلى مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي. باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئېلىنمىغان جەمئىيەتتكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە چەتكە قېقىلىپ تۈۋەن كۆرۈلگەن كىشىلەردىن بولسۇن، پەقەت كاززاپ نائەھلى مۇناپىقلاردىن بولمىسىلا،قايسى خىل قوللاشقا قۇربىم يەتسە شۇخىل قوللاشقا تىرىشىمەن،
سىزنىڭ ئالدىنقى تىمىڭىزدىكى قىرىنداش بىلەن بولغان تالاش تارتىشىڭىزغا يۆتكەلسەك،ھەر ئىككىلىڭلارنىڭ مۇئامىلىسىدە مەسلە بار، سىز خىزمىتىڭىزدىكى جاپا تارتىپ بېسىۋاتقان قەدەملىرىڭىزنىڭ نەتىجىسىز توختاپ قىلىشى، ئېغىر كىلىپ. ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ. بۇيەردە ئۆزىڭىز ئۇچىراۋاتقان مەسىلىلەر ئۆستىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتىڭىزدا، ئۇ قىرىنداش سىزنى مازاق قىلغان تەلەپپۇزدا ئۆز پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى، بىراق سىز تەمكىن بۇلالماي قارشى تەرەپكە سەمىمى ئىنكاس قايتۇرالماسلىقىڭىز ۋە جىدىلىڭلارنىڭ چوڭىيىپ ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىڭىزنى ئاچماق بۇلۇپ سىزنى قامچىلاشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەپلىك، باشقىلارنىڭ سىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ، سىزگە كۆپ كۆڭۈلسىزلىك ئىلىپ كەلدى، سىز بۇ تىما ئاخىرىدا تىلغان ئالغان قېرىنداش توغۇرلۇق ئاخىرىدىكى تەلەپ مەقسىدىڭىز ۋە شۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئىيىتقاندىكى سۆزىڭىز بىلەن ئۇ كىشىنى ئۇخىل سۈپەتلىشىڭىز ئانچە توغرا بولمىدى، سىز مىللەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قۇشىمەن دەيدىغان نىيەتتىكى كىشى بولسىڭىز ياخشى نىيەت مەقسىدىڭىز تەبىيىتىڭىز بىلەن ئەمىلىيىتىڭىزدا. مىھىر_مۇھەببەت سۆيگۈڭىز دىلىڭىزدا گۈلخاندەك لاۋۇلداپ كۈيىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىڭىزنىڭ %99 دىكىسى سىز ياقتۇرمايدىغان تەبىيىتى ناچار قىلغان ئەتكىنى ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمەي نەزىرىڭىزدە توغرا بولمىغان كىشىلەردىن بولسىمۇ سىز بەرىبىر شۇخىلدىكىلەرگىمۇ مىللىتىم ئۈچۈن دەپ ھەسرەت چىكىشكە چىداپ ئۈتەلەيسىز؟
كىيىنچە غېمىڭىز يىنىكلەپ تەمكىنلەشكىنىڭىزدە سىزمۇ ئۆزىڭىزدىكى بەزى خاتالىقلارنى ھېس قىلىپ يىتىشىڭىز مۇمكىن،
خەير... سىزنى مەن تۇلۇق بىلىپ دىققەت قىلىپ بۇلالمىغاچقا، سىزگە قۇرۇق مەدەت تىلەشتىن باشقا. روھى ئۇزۇق بولغىدەك ياخشى سۆزلەر قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ سىزگە ئىلھام بولغىدەك تەسەللى بىرەلمىگىنىمگە كۆپ خىجىلمەن، |
|