ئامالسىز قالغان كۈيئوغۇلغا جاۋاپ
ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئالدىنقى كۈنى يېزىلغان نىكاھ ئىشى توغرىسىدىكى تىمىغا، بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق ئىنكاس يېزىپتۇ. مەن چىنلىققا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىگىم ئۈچۈن، سۇئاللارنى تەييارلاپ قانات-قۇيرۇقلىرىنى تۈزەپ يۈرمىدىم.بۇ سۇئال مۇنداقكەن:" ما تىمىنى كۆرۈپ مەنمۇ مەسلىھەت سوراپ بىقىش نىيتىگە كەلدىم.مەن توي قىلغىلى 11 يىلدىن ئاشتى، 2 ئوغلۇم بار. چوڭى 10 ياشتىن ئاشتى، كىچىكى 6 گە كىرىپ 1 ئايلىق ئاشتى. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قىينى ئانام تولا ئارلىشىۋىلىپ، تۇرمۇشىمىز تازا ئەپلەشمەيۋاتىدۇ.ئايالىمنىڭمۇ ئۆي تۇتقىسى بار، بىراق شۇنداق ۋاقىرشىپ قالساق ياكى ئۇرشۇپ قالساق قېينى ئانام كىلىپ ئەكىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ئىككى بالامنى ماڭا تاشلاپ بىرىپ، قېينى ئانام قىزىنى"سىنى نىمىشقا ئۇرىدىكەن" دەپ ئەكەتكىلى ھازىر مانا 16 كۈن بولدى. ئايالىم:" ئۇرمىدى، ۋاقىرىشىپ قالدۇق" دىسىمۇ ئۇنىماي ئەكەتتى. مىنىڭمۇ ھەم ئايالىمنىڭمۇ بالىلارنى يىتىم قىلغۇمىز يوق ، قىينى ئانام ئايالىمغا بىسىم قىلىۋاتىدۇ. مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ مەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزۈمنى قوغدىسام بولامدۇ؟ قانداق قوغدىسام بولىدۇ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !
ئەتىگەن يۇقۇرى سوتقا بارىدىغان ئىشىم بار بولغاچقا، بۇ سۇئالغا ۋاختىدا جاۋاپ بىرىشكە ۋاقىت چىقمىدى. ماقالىنى كۆپ ئادەم كۆرىدىغانلىغى ئۈچۈن، پۇختا قىلىپ ئىمكان بار خاتالىقنى نولگە ئاپىرىشقا تىرىشمىسا بولمايدىكەن. بۇ مەسىلە ئادەم بالىسىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك يۇلۇقىدىغان، ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بولسىلا مۇقەررەر يۈز بىرىدىغان مەسىلە. ئاتا-ئانىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىنى، قۇياشقا ئوخشاتساق ئارتۇق بولماسمىكىن دەيمەن. لىكىن، قۇياشنىڭ بىز بىلەن يىراق-يېقىنلىغى دەل جايىدا بولغانلىغى ئۈچۈن ھايات ياشايمىز. قۇياش يېقىن بولسا كۆيۈپ ، يىراق بولسا مۇزلاپ كىتىمىز. ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنمەيدىغىنى بولمىسا كىرەك! بىراق، ھەممە ئانىلارنىڭ بۇ يىراق-يېقىنلىقنى جايىدا تەڭشىيەلىشى ناتايىن! دۇنيادا ئامالسىز يىراقتا قىلىپ ، بالىسىنى "مۇزلىتىۋىتىدىغان" ئانىلارمۇ ئاز ساندا بولىشى مۇمكىن. ئەمما ، يىقىن كىلىۋېلىپ "كۆيۈندۈم" دەپ "ئېرىتىۋېتىدىغان" يەنى بالىسىنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئانىلار كۆپرەك ئۇچراپ قالىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇلارنىڭ چىقىش نوقتىسى مىھرى-مۇھەببەتتىن باشلانغان بولغاچقا، كەچۈرۈشكە بولىدۇ دەپ قارايمىز.
كەچۈرۈشكە بولىدۇ، دىدۇق. ئىش ئۆتۈپ كۆيۈپ كاۋاپ بولغاندا، ئەلۋەتتە كەچۈرمەي ئامال يوقتە! لىكىن،ئادەم زىيانلىق ئاقىۋەت يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلمىسە بولمايدۇ. ئانىنىڭ كۆيۈنىشى ھەرخىل بولسىمۇ، بىز پەقەت نىكاھ ئىشىدىكى غەيرى كۆيۈنۈشلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىمىز. بىز دەۋاتقان بۇ مەسىلە، قانۇندا نىكاھ ئەركىنلىگى ياكى نىكاھ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دىيىلىدۇ. نىكاھ ھوقۇقى كىشىلەردە بولىدىغان ئاساسى ھوقۇقنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئەركىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ كىم بىلەن قانداق تۇرمۇش قۇرۇشنى شۇ كىشى ئۆزى بىكىتىدۇ دىگەنلىك بولۇپ،نىكاھ ھوقۇقىغا ھىچقانداق ئادەمنىڭ چات كىرەلمەيدىغانلىغىدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. جەمىيىتىمىزدە نىكاھ ئىشىغا چات كىرىۋېلىشنىڭ شەكىللىرى كۆپ خىل بولسىمۇ، ئاساسلىغى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:(1) ئاتا-ئانا تاپقان لايىق بىلەن پەرزەنتلىرىنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلاش؛ (2)پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛ (3) بىر ئوبدان ئوينى بۇزۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا مۇجبۇرلاش؛ (4) ياشانغانلارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛ (5) نىكاھ ئىشىنى ئېلىم-سېتىمغا ئايلاندۇرىۋېلىش قاتارلىقلار.
ئەگەر ئەھۋال ئانچە ئېغىر بولمىسا ياكى سۆز بىلەن ھەل قىلغىلى بولسا، ئۇرۇق-تۇغقان、 خۇلۇم-خوشنا、 دوست-بۇرادەرلەر ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلغان ياخشى. سۆز بىلەن ھەل قىلغىلى بولمىغاندا، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، تەربىيە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.بۇمۇ كار قىلمىسا، بىۋاستە سوتقا ئەرز قىلىپ دەخلى-تەرۇزنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ103-ماددىسىدا، نىكاھ ئەركىنلىگىگە چات كىرىۋالىدىغان قىلمىشلار چەكلەنگەن.
بۇنداق ئىشقا زىيانلانغۇچى جازالاپ بىرىشنى تەلەپ قىلمىغىچە، قانۇن ئورۇنلىرى ئارىلاشمايدۇ. ئەگەر نىكاھ ئىشىغا چات كىرىپ، زەخمىلىنىش ياكى ئۆلۈم ئىشى چىقسا، قانۇن ئورۇنلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىگىگە چات كىرىۋالغان قىلمىش جىنايەت ھىساپلىنىپ،جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 257-ماددا بەلگۈلمىسى بويىچە، 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رىجىم جازاسى بىرىلىدۇ. زوراۋانلىق ئۇرۇش-تىللاش、 باغلاپ قويۇش、 سولاپ قويۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
|