قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2157|ئىنكاس: 11

توپان بالاسى راستىنلا ھاجەتمۇ؟-نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 10:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپان بالاسى راستىنلا ھاجەتمۇ؟
نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن


    يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە كىشىلىرىمىز ئارىسىدا،مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەتىكى تەقدىرى ھەققىدە ئاز بولمىغان بەھس- مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇنى قارىقۇيۇق تاپا- تەنە،ئاھانەت ۋەياكى پالان- پۇستان بىر نېمە دېگۈچىلەرمۇ، قوللىغۇچىلارمۇ بولدى. ئەمما،زادى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر يىرى شۇكى، ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى ئەمىلىيىتىمىزدە شۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋەياكىباشقىلار نورمال ئىش دەپ قارىغان ھادىسىلەرنى مەسىلىگە باشقىچىرەك كۆزدەقارايدىغان، ئادەتلەنگەن تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئامراق « ئېقىمغا قارشى قەھرىمان » لارنىڭ مەسىلە، كېسەللىك، چاتاق، دەپ قارىغانلىغىدىندۇر. نېمىلابولمىسۇن، مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر پىكىرنىڭ بولۇشى ئۆزىگە ۋە قەۋمىگەكۆڭۈل بۆلىدىغان، تۇرمۇشتىن تاكامۇل ئىزدەيدىغانلارنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
   ئەمما، ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق بىر پىكىر- ئىنكاسنىڭ مەدەنىيىتىمىز ۋە روھىيىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. بىزنىڭ مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزدا تولىمۇ تار، بىر تەرەپلىمە قىممەتقارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە قىزىققان ھاياجان بىلەن مەيدانغا چىققان «ئەخلەت ئىدىيە» لەرمۇساماندەك. ھاياتلىق قىممتىمىز ۋە تەقدىر- قىسمىتىمىز پاجىئەلىك تۈستە ئايان بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئېڭىمىزدىكى، يۈزلىنىشىمىزدىكى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئازغۇن ئىدىيە، چىركىن قىممەت قاراشلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ ساغلام ئەقىدە تۇرغۇزۇشيېپيىڭى تۇغۇم بىلەن باراۋەردۇر. سودىدىكى، كەسپتىكى، سەپەردىكى بىر خاتالىقكىشىنى مۇئەييەن پايدا- ئىقتىسادتىن، كۈچتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەممائىنساننىڭ بارلىق ھەرىكەت- پائالىيىتىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ئىدىيە- ئاڭدىكىئازراقلا خاتالىق بولسا كىشىنى بىر ئۆمۈر سەرسان- سەرگەردان، خانۇ- ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. بىر قەۋمنىڭ ئومۇمىي ئىدىئولوگىيىسىدىكى بىنورمال يۈزلىنىش بولسا پۈتكۈلقەۋمنى ھالاك، مەدەنىيىتىنى گۇمران قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا مېنىڭچە بىرمىللەتنىڭ ئىدىيە- ئەقىدىسىدىكى خاتا، ئازغۇن قاراش- تۇنۇشلارنى تازىلاش ھەممىدىنبالدۇر، ھەممىدىن چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىشى كېرەك. ناخشىنى بۈگۈن بولمىسا ئەتە ئېيتىشتامامەن مۇمكىن. ساغلام قاراش بولغاندىلا كلاسسىك ئەدەبىياتنىمۇ، مۇقامنىمۇ تېخىمۇياخشى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. پاكىز ئېتىقاد مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرىدۇ، شۇنداقلائۇنى چىرىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.
    « جىنسىيەت » ئىلمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىدە كۈچلۈك تېڭىرقاش، شۇنداقلا تەسۋىرلەش قىيىن بولغان مۇرەككەپ تۇيغۇ ئويغىتىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش شۇ خىلدىكى زۈرۈرىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەقەززادۇر. جىنسىيەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە يات نەرسە ئەمەس، تېخى يېقىندىلابايقىغان نەرسە تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ ئىنسان يارىتىلغان دەقىقىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ ئەزايى- تىنى، روھىيىتى بىلەن مەھكەم جىپسىلاش ھالەتتە بارلىققا كەلگەن. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنىنى مەلۇم مەنىدە جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ ۋاستىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بىردىنبىر ۋاستە ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ پۈتۈن سۈرۈك ۋۇجۇد- كالامىدىكى تولىمۇ كىچىك بىرلىك. ئەمما ئۇنىڭ تارتىش كۈچى، ئىنسان نەزىرىدىكى مۇقەددەسلىك ئورنى كۆپ ھاللاردا ئىنسانلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ماھىيىتىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ باشتىن تارتىپلا ئىنسان جەزمەن مەخپىي تۇتۇشى كېرەك بولغان ئۇياتلىق، نومۇسلۇق يەر قاتارىدا سانىلىپ كەلدى، بىر ئاماللار بىلەن يۆرگەلدى ۋەئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەخلاق مىزانلىرى، ھايا- ئۆلچەملەر شەكىللەندى. بىزتارىخنىڭ ئۇزاق قاتلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ جىنسقاتىۋىنىش، چۇقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكىنىنىمۇ بايقايمىز. جىنسىيەتكە قانداقمۇئامىلە قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئىجتىمائىي يوسۇن- قائىدىلەردىكى ئۇنىڭ رولى،ئورنى، قىممىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغائالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەت- تارىخ تەرەققىياتىدا ئىزچىل كۆرۈلگەن، ساقلانغان، دە- تالاش پەيدا قىلغان، ئەمما ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە. نوھنىڭ قەۋمى ئەخلاقى بوزۇقچىلىق تۈپەيلى توپانغاغەرق بۇپ كەتتى. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئومۇمىيۈزلۈك بەچچىۋاز بولۇپ كەتكەچكە، تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىندى. ئىپتىدائىي ئادەملەر چېغىدا دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن بولسىمۇ ئۇنى ياپتى. قەبىلىلەر ئاساسىدا ئۇيۇشقان جامائە ئۆزئۇرۇقىدىكىلەر بىلەن تويلاشتى، يەنى بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا جىنسىي ئالاقىنى مۇۋاپىق كۆردى. ھەتتا دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئانىسى بالىسىغا خوتۇنلۇققا قالدى.      
     بىرئائىلىدىكى ئۈچ- تۆت ئوغۇل بىر ئايالنى ئورتاق خوتۇن قىلىشتى. مانى دىنى بۇنداق نىكاھنى چەكلىدى. ئەمما مەزدەك بۇنىڭغا قارشى:« ئىنسانلار توغۇلىشىدىنلا باراۋەر،مال- دۇنيا، خوتۇن دېگەنلەردىنمۇ كىشىلەر ئورتاق ھەمشىرىك بولۇپ پايدىلىنىشى كېرەك»دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. بۇددىزىم دۇنيانىڭ بارلىق ھاۋايى- ھەۋەسلىرىنى كىشىنىڭتىنى، روھىيىتىنى چىرىتكۈچى زەھەر قاتارىدا كۆردى ۋە تەركى دۇنيالىق، زاھىتلىقنى، جاپانى بىردىنبىر يول قىلىپ تاللىۋالدى،جىنسىيەتنى قەتئىي بەنت قىلىپ تاشلىدى، ئائىلە، ئاياللار ۋە جەمئىيەتنڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلىقىغا كۆزىنى يۇمۇپ ئارقىسىنى قىلىۋالدى. ئەمما رايىش بۇددىزم ئاساسىداشەكىللەنگەن بۇددا مەدەنىيەت- سەنئىتى پۈتكۈل جەمئىيەتنى يالىڭاچ رەسىم ۋەبۇتلارغا كۆمۈۋەتتى. ئۇلار ماھىيەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ جىنسىيەتنى خىيال قىلىۋاتقان زاھىتلارغا بەكرەك ئوخشاپ قالدى. خرىستىئان دىنى گەرچە ئائىلە، نىكاھ، ئەخلاق جەھەتلەردە جاھالەتكە پاتقان ئىنسانىيەتنى يېڭى بىر ئاڭ ئېقىمى ساھەسىگە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېيىنچە كىشىلەرنىڭ ئۆز خىيالى بويىچە توقۇغان ئەپسانە- رىۋايەت،يازمىلىرى بىلەن ئەبجەشلىشىپ راست- يالغىنىنى بىلگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدەغۇۋالىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئەۋرىشىم- يۇمشاقلىق ئۇنى خرىستىئان دۇنياسى ئۇلۇغلايدىغان، ئەمما ئازراقمۇئەمەل قىلمايدىغان دەستۇرپىچكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىكولوگىيىسى تايانچ تۈۋرۈكسىز قالدى، ئەخلاق بۇزۇلدى. ئىنسانىيەت يەنە بىرقېتىملىق جاھالەت ۋە ئازغۇنلۇق ئۆڭكۈرىگە قاپسالغان شۇ دەۋردە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلدى. ئۇ جەمئىيەتنى ئەخلاق- ئېتىقاد ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئورتاق، ئادىل بىرئۆلچەم قوللىنىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلدى، تەشەببۇس قىلدىلا ئەمەس ئۇنى ھەربىرئادەم جەزمەن ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان مۇقەددەس پەرھىزگە ئايلاندۇردى،رېئاللاشتۇردى.     
     روھىيەت ۋە جىسمانىيەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ساغلام، پاك، دۇرۇس بولۇشىدا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇكەممەللىكنىڭ لايىھىسنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ تەرىقىدە جىنسىيەت ئۆزىگە يارىشا بىر مۇكەممەل تۇنۇش،پوزىتسىيىگە ئېرىشتى. ئۇ كەم سۇندۇرۇلمىدى، ئەمما ھەددىدىن ئېشىغا ئېنىق چەك قويۇلدى. نىكاھ جىنسىي بىرىكىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىندى. ئۇنى يۆرگەش، مەخپىي تۇتۇش قەتئىي تەلەپ قىلىندى...
     ئەمما ئىنسان يەنىلا ئۆزى بىلگىنىنى، مۇۋاپىق دەپ ئويلىغىنىنى قىلىۋەردى. تارىخ ئۆز ئېقىنىدا ئېقىۋەردى.تالاي يىللار ئەشۇنداق قورقۇش، بۇزۇش، چەكلەش، قاراملىق، گاڭگىراش، قىزىقىش، تەلۋىلىك ئىچىدە ئۆتۈپ بۈگۈنگە ئولاشتى...
    ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا ئۆز ئىچكى نىزالىرى بىلەن قېقىلىپ- سوقۇلۇپ ئۆتكەن بىزلەرمۇ جاھاننىڭ بۇ قىسمەتلىرىدىن خالىي قالمىدۇق.بىزمۇ تىپىك يەرلىك مەدەنىيەت ھەق دارى ۋە باشتىن- ئاخىر باشقىلارنىڭ ئىدىيە- مەپكۇرىسىغاخېرىدارلىق قىلىپ ئۆزىمىزنى شادلاندۇرۇشتەك ئىككىلەمچى سالاھىيىتىمىز بىلەن جىنسىيەتكە باغلانغان نۇرغۇن كەچمىش- تەجرىبىلەرنىڭ ئىجراچىلىرى بولدۇق. بولۇپمۇبۇ ھەقتىكى مەدەنىيەت ئۇچۇرى بىزدە باشقا ئەل مىللەتلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە كۆپ،قۇيۇق بولۇپ كەلدى. زور قىرغىندىن ئېشىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر بالا بۆرە بىلەن جۈپلەشتى... ئوغۇزخان دەرەخ كاۋىكىدىنمۇ خوتۇن تاپتى... بىر ساھىپجامالغاپۈتۈن سۈرۈك بىر ئەلنىڭ تەقدىرىنى تەمتىرىمەستىن تىگىشىشكە تەييار تۇرىدىغان ئىشقىۋاز سەركەردىلەر، ئۇيغۇر خەلق ناخشا- قوشاقلىرىدىكى مۇھەببەت، يار ئوبرازلىرى ۋە روھىي تەقەززالىقلار... ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولدى. مۇھەممەد باغراش:« پرومېتى مۇنداق دەيدۇ: پەخەس بولۇڭلار، ئادەملەر »)« تارىم » ژۇرنىلى1998_ يىللىق 12_ ، 1999_ يىللىق 2_ سانى) ناملىق بەدىئىي مۇلاھىزىسىدە بۇ ھەقتەباش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىپ، ناھايتىمۇ ئىنچىكە تەھلىللەرنى ئېلىپ بارغان.
    بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر ئەل مەدەنىيىتى (فولكلور) دەساقلىنىۋاتقان جىنسىيەتكە دائىر قاراش، ئادەت، قىلىق ۋە تۇنۇشلارنى تەھلىل، تەتقىق قىلىش ئەمەس. تەتقىق قىلىدىغان بولساق نەچچە توملۇق قامۇس چىقىرىۋېتىشىمىزمۇمۇمكىن. ئايانماي شۇنداق ئېيتالايمىزكى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتى ھاياجىنى ئۇرغۇپ، پارتلاپ تۇرىدىغان ئىشقىۋازغا بەكرەك ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئەقىدە- ئېتىقاد،ئار- نومۇس زەنجىرى ھەرمىنۇت سىلكىپ، كىشەنلەپ تۇرمىسا ئۇ ئالەمنى مالەم قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ ھەقتە شۇنچىلىكلا دەپ قويىمىز. ئۆتمۈشتىكى قاراش،ئادەت، قىلمىش- ئەتمىشلەر شۇنداق بۇپتىكەن. ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق كۆرگۈلىكى ھەغدادىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، يەتمىگەن بولسا بۇندىن كېيىن يېتىدۇ. ئۇلارھەققىدە قايناپ، سۆزلەپ بەت بوياش ئەھمىيەتسىز ھاياجان ۋە ئەقىل، قەغەز، ۋاقىتئىسراپچىلىقى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ئەشۇلارنىڭ قالدۇقاتلىرى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىى، يۈزلىنىشى، ئۇلار پەيدا قىلىدىغان، قىلىۋاتقان ياخشى- يامان ئاقىۋەتلەرھەققىدە بىرەر قۇر پاراڭ سوقۇشنىڭ ئاز¬- تولا ئەھمىيىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىزنى بىۋاستە پايدا- زىيانغا ئۇچراشتۇرىدىغان نەق رېئاللىق.
     راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ بۇ ھەقتە، يەنە كېلىپ ئاشكارامەتبۇئات يۈزىدە بىرەر نەرسە دېگۈم زادىلا يوق ئىدى. لېكىن ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەپۇسىنى تىلەيمەن.
    مۇھاكىمىنىڭ قوزغىلىشىغا مۇنداق ئىشلار سەۋەب بولدى.1. جەمئىيەت ۋە ئۇندىكى جىنسىيەتكە باغلانغان تۈمەن مىڭ خىل ھادىسىلەر 2. كىشىلەرنىڭ جىنسىيەتكە بولغان تۇنۇشىنىڭ غۇۋالىقى، قاتماللىقى، بىر تەرەپلىمە، زىددىيەتچان بولۇشى. ھەتتا ئۇنىڭغا چېقىلىشتىن ئەيمىنىپ ياكى بۇ تېمىغا چېقىلىشتا ئۆلچەمسىز،خالىغانچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى 3. ياشلار، يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەت ۋەئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئالدىدا ئىزاھاتسىز، يۈگەنسىز تەمتىرىشى، گاڭگىرىشى،بۇ مەسىلىگە ئاڭسىز، ئۆز مەيلىچى مۇئامىلە قىلىشى 4. ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنىڭ بۇمەسىلىگە بولغان ئىنكاسى 5. يات مەدەنىيەت، ئىدىيىلەر ئالدىدىكى تۇرمۇش، قىممەت قارىشىمزىنىڭ بىچارە شۈمشىيىشى 6. ئارىمنىزدا بارغانسىرى ئەدەپ باش كۆتۈرىۋاتقان يېڭىچە قاراش، تەشەببۇس، يۈزلىنىشلەر....
    يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئەھۋاللار گەرچە ئۇزاقتىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە ناھايتىمۇ تېزتەرەققىي قىلدى، زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. جىنسىيەتنى ئېچىشقا بولمايدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن خەلقىمىز بۇ ھەقتىكى ئەقىدە- ئېتىقادىنىڭ نەلەرگىدۇر سۈپۈرۈلۈپ تاشلانغىنىنى بىلىپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ بولغىچە ئۇ ئېچىلىپ بولدى. بەلگىلىك ئەخلاق ۋە ئەركان رامكىلىرىنىڭ ئىچىدە ھايا پەردىلىرى بىلەن مەخپىي ئىپادىلىنىپ كەلگەن بۇ« زەنجىرلەنگەن پرومېتى » نىڭ باغلىقى كۈنسىرى بوشاپ كەتتى. بىز ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنى ۋە ھۈرمەتلىك يازغۇچىلىرىمىزنى بۇ ھەقتە دادىل يول بېسىپ جىنسىيەت ھەققىدىكى پاراڭ ۋە تەسۋىرلەرنىڭ ئېچىلىشىغا يېتەرلىك تۆھپە قاتتى، دىيەلەيمىز.
     «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»دىن كېيىنكى ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزدە مودا بولغان شوئارۋازچاقىرىقنىڭ بىرى «چەكلەنگەن تېمىلارغا بۆسۈپ كىرىش»تۇر. بۇ شوئار ئاپەتلىك يىللاردىكى ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى، شوئارلاشتۇرۇلۇشى ۋە شەخسنىڭ ئىرادىسى بويىچە سىنىپىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇئەدەبىياتىمىزدىكى شۇ مەزگىللەردە چەكلەنگەن تېمىلارغا ئەركىن، دادىل يۈرۈش قىلىپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ زور بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئارزۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تەگ- تېگىدىن ئېيتقاندا، ئۇمۇھەببەت تېمىلىرىغا بۆسۈپ كىرىشنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەستەك تۈسئالدى. ھەقىقەتەنمۇ، ئىنسانغا بەخش ئىتىلگەن بۇ ئالىجاناب مەنىۋىي نىئمەت ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىن بىر مەزگىل قوغلانغان ۋە «سېرىق»، «شەھۋانى»، «بۇزۇقچىلىق»نامىدا ئەيىبلەنگەن ئىدى. مۇھەببەت تېمىلىرىغا بېغىشلانغان ھەرقانداق بىر شېئىر،ناخشا، قوشاق يازغان، ئېيتقان، شۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلارغىچە مۇشتۇم زورسىياسىينىڭ رەھىمسىز كالتىكىنىڭ قارىقۇيۇق توقماقلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ،ئادەملەردىن مېھىر- شەپقەت كۆتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنى شەپقەتسىز سىياسىي تېرورلۇق قاپلىغان ئون يىل بولدى. ئىنسانغىلا خاس بولغان بۇ يۈكسەك تۇيغۇنى قارىلاش ئىنساننى قارىلاش بىلەن باراۋەر ئىدى. مۇھەببەت ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق تۇيغۇبولغان ئىكەن، ئۇ ئەدەبىياتتىمۇ ئەكس ئېتىشى تامامەن كېرەك ئىدى. ئاخىرىئەدەبىياتىمىز «مۇھەببەت»كە ئېرىشىپ ئارمىنىغا يەتتى. ئەمما ئارىدىن بىر مەزگىلئۆتەر- ئۆتمەيلا ئەخلاق، ھايا سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ كەلگەن مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇتېمىنىڭ ئۆزىدىنمۇ يەنە چەكلەنگەن تېمىلار بايقىلىپ قالدى. يازغۇچىلىرىمىزئەدەبىياتتىكى چەكلەنگەن تېمىلارغىلا ئەمەس، رېئال تۇرمۇش ۋە مۇقەددەس ئېتىقادىمىزدىكى چەكلەنگەن تېمىلارغىمۇ دادىل بۆسۈپ كىرىشنى ئىستەيدىغان بولدى. ئىنسانھەقىقەتەنمۇ قانائەت قىلمايدىغان مەخلۇق ئىدى. جىنسىيەت ئەدەبىياتىمىزدائاپئاشكارا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى. قىلچە زۈرۈرىيىتى بولمىغان، ئىستېتىكئۆلچەملەرگىمۇ توشمايدىغان بەزىبىر تەپسىلاتلارنى ئەتەي تەپسىلى، زىغىرلاپ يېزىشخېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى. « بەزى يازغۇچىلىرىمىز قەھرىمانلارنىڭ قانداقسۆيۈشكەنلىكى، كۇسارغا قانداق قول ئۇزاتقانلىقى، قانداق ئاۋازلارنىڭ چىققانلىقى،تەمىنىڭ قانداقلىقى»( ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى « كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكىسۆز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-_ يىل 7_ ئاي نەشرى)، كۆكسىنىڭ قانداقلىقى،ئاياللارغا قانداق ئۇرۇلغانلىغى، چاترىقىنىڭ كېرىلىشى، قانداق نەپەسلىنىشى، قانداقتىپىرلاپ، قانداق جىم بولۇشلىرىغىچە تەپسىلى، زوق- ھاياجان بىلەن يازىدىغانبولۇۋېلىشتى. ھەتتا، بەزى يازغۇچى- شائىرلىرىمىز بۇزۇقچىلىق، رەسۋالىق، جالاپ،شەرمەندىلىكلەرنى بىر ئاماللار بىلەن ئاقلاپ چىقىشتى، ئۆز پىرسۇناژلىرىنىڭ تۇرمۇش،ھاياتقا بولغان قارىشىدىكى چۈشكۈن، ماداراچىلىقنى زوق- شوق بىلەن كۈيلىگەن بولۇشتى.ئۇلارچە ئىنساننىڭ ھېسسىياتى تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا رەزىللىك، ياۋۇزلۇققا سېزىك،يېقىن ئىدى. ئۇلار ئەدبىيات- سەنئەتتىكى بۇ خىل ئېچىپ ئىپادىلەش «دادىللىق»ىغاقارىتا «چىن، ھەقىقىي ئىنسان ھېسسىياتىنىڭ پەردازلانمىغان ئىپادىلىنىشى» دەپپەتىۋا بېرىشتى. بىز 90- يىللاردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن پىرسۇناژلىرىمىزنىڭدۇنيا قارىشى، بولۇپمۇ ئەخلاق، ئىپپەت مەسىلىلىرىگە بولغان پوزىتسىيىسىدىن كىشىنىھاياجانغا سالىدىغان كەسكىن جانپىدالىقنى كۆپ ئۇچرىتالمايمىز. ئەمما بۇزۇقچىلىقنىيەتكىچە قىلىپ بولۇپ ئارقىدىنلا ئۇنى ئاقلاشقا چۈشىدىغان ئەقىدىسىز ماڭقۇرتلارنىكۆپلەپ ئۇچرىتىمىز.80- يىللاردىكى ئەدەبىيات بىلەن 90- يىللاردىن كېيىنكى ئەدەبىياتىمىزدىكىمۇھەببەت تەسۋىرلىرىگە قارىساقلا مۇھەببەتنى ئىپادىلەشكە بولغان ئەستايىدىللىق،جەريان تەپسىلاتچىلىقى ۋە ھەۋەس- زوقمەنلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بېرىپيەتكەنلىكىىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يېتىش مۇمكىن. ھەتتا بەزى ئەسەرلەر شەھۋانىيئەسەرلەرگە ئايلىنىپ قالايلا دېدى. بۇ ھال كېيىنچە كىنو- تىياتېر ساھەسىگەئىنتايىن تېزلىك بىلەن كىرىپ كەلدى- دە، قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، يالىڭاچ يۇيۇنۇش،ھەتتا چېكىدىن ئېشىپ جىنسىي ئالاقە ھەرىكەتلىرىگىچە تەپسىلىي ئىپادىلەش، كۆرسىتىشبۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ يىپيېڭى يۈزلىنىش مودىسى بۇپقالدى. شۇغىنىسى،بىز ئەشۇ پىرسۇناژلارنىڭ روھ- تېنىدىن بىر دەۋرنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ، سىزەلىشىمىزكېرەك ئىدى. يازغۇچى بولغان ئادەم تۇرمۇشتا نېمە بولسا شۇنىڭ ھەممىسىنى شۇ پېتىتەسۋىرلەۋەرسە سەنئەتتە مەزە قالمايدۇ. يازغۇچى تۇرمۇشقا جەزمەن مەلۇم بىر ئەقىدەبىلەن ياندىشىشى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ھېس- تۇيغۇ، پائالىيىتى ئارقىلىق مەلۇم بىرتوپنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى، ئادالەت- قاباھىتىنى سىزىپ بېرىشى كېرەك. كۆپىنچەئەھلى سەنئەت «يازغۇچى رېئاللىقتا نېمە بولسا شۇنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلىشى،مۇھاكىمە كىتابخاننىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلۇشى كېرەك»، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىكھەرگىزمۇ يازغۇچى قېلىپسىز، ئۆلچەمسىز، دەخلىسىز ھەرىكەت قىلسا، نېمىنى، قانداقيازغۇسى كەلسە شۇنداق يازسا بولىۋىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. يازغۇچى سەنئەت بېغىدىكىنېمىنى ئۈزگۈسى كەلسە ئۈزۈپ، نېمىگە ئۈسكۈسى كەلسە ئۈسسە ھەق، توغرا بولىۋىرىدىغانباشتاق ئېشەك ئەمەس. ئۇ مەلۇم بىر مەدەنىيەت توپىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى بولغانىكەن،شۇ توپنىڭ ئەخلاق- ئەركان، مىزان، پرىنسىپلىرىنى ئەستىن چىقارمىغان ئاساستا قەلەمتەۋرىتىشى كېرەك. جىنسىيەتنى شۇ قەدەر شەھۋانى ھېسسىيات، ئۆلچەمسىز مەۋقە بىلەنبېرىلىپ ئىپادىلەش يازغۇچىلىرىمىزدىكى تولىمۇ شاللاق كەيپىياتنى تۇلۇقى بىلەنئاشكارىلاپ بەردى. مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزدا جىنسىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغامۇئەييەن زېمىن، ئاساس ھازىرلاندى.
    كېيىنكى كۈنلەردە غەرب ئەدەبىياتىدىن كىرىپ كەلگەن ئاتالمىش مۇدىرنىزم بىزنىڭ يازغۇچى- شائىرلىرىمىزنىڭ ئىپادىلىيەلمەي قالغان ھېسسىياتىنى قايناپ تاشتۇرىۋەتتى، شۇنداقلا تېخىمۇ شاللاق، ئەرزىمەس، تۇترۇقسىزپاساڭلاشتۇرىۋەتتى.چىن ھېسسىيات ۋە رېئال ئىش- پائالىيەتنىڭ ئورنىغا يۇشۇرۇن ئاڭ،چۈش، باش- ئايىغى يوق خىيال، ئەھمىيەتسىز سىمۋول، ئىشارىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىلىپمۇ- لىق قاپلاپ كەتتى. يىغلاڭغۇ شېئىرىيەت ۋە ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق نامىتامغىلانغان، ئاپتورىمۇ چۈشىنەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىمەنە خىيال- تەسۋىرلەر ئۇيغۇرئەدەبىياتىنىڭ كۇرسىنى نەچچە ھەسسە چۈشۈرىۋەتتى. ئەگەر بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭئەھمىيىتى، پايدىسى بولدى، دىيىشكە توغرا كەلسە ئەنئەنىدىن دادىل گۇمانلىنىش، بىرقېتىملىق ئاڭسىز تەجرىبە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا غەربنىڭ ئاز- تولا قاراش- ئىدىيىلىرىنىچالا- پۇلا سۆرەپ ئەكىرىش بولدى.
     ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ خىل يۈزلىنىش رايونىمىزدا ئىسلاھات تۈرتكىسىدە مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى كەسكىنلىشىۋاتقان، تەشۋىقات ۋاستىلىرى تېزسۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. تۇرمۇشىمىزغا يات مەدەنىيەت ئېقىملىرى بەس- بەستە كىرىپ كەلدى. ئادىل ئابدۇقادىر ئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئۈچ چوڭ كۈچ سۈپىتىدە سىياسى، تېخنىكا، ئۇرۇشنى تىلغا ئالىدۇ.( ئادىل ئابدۇقادىر «ئەخلاقنىڭ دۈشمىنى» شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2005_ يىل 3_ سان) سىياسى بىلەن تېخنىكىنىڭ بىزنىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرىمىزغا ئېلىپ كەلگەن يۇشۇرۇن ۋەيرانچىلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىربولدى. ئۇلار ئاشكارا تۈستە ئىپادىلەنمىدى، ئەمما ئون يىللىق ئاپەت مەزگىلىدىكى قالايمىقان سىياسىي ھەرىكەت خەلقىمىزنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت پرىنسىپلىرىغا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان دەرىجىدە قورقۇنچاق، سەزگۈر قىلىۋەتتى. بىزدىكى ئەڭ ئېسىل ئەخلاق سەمەرىلىرىگە فېئودالىزىمنىڭ قالدۇقى، كونىلىق، جاھالەت، خۇراپىيلىق تامغىلىرى بېسىلدى. ئون يىللىق سىياسىي مالىمانچىلىق بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل مەدەنىيەت سەمەرىلىرىمىزگە قارا قالپاق كېيگۈزۈپ ئۇلارنى بولۇشىغا تىللاپ چىققان بولدى. مالىمانچىلىقئاخىرلاشتى، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئىدىيە- ئېڭىنىڭ قات- قېتىغا سىڭىپ كەتكەن پۈتمەس- تۈگىمەس گۇمان، خۇدۇكسىرەش، ئۆزىدىن ئۈركۈش كېسىلى ئاخىرلاشمىدى. كاللىسى فېئودالىزمنىڭ سېسىق تۇرخۇنىغا ئوخشاپ قالغان ئەشۇ كىشىلەر ياشلىرىمىزغا ئەنئەنىۋىي جىنسىيەت،نىكاھ، ئائىلە، قىممەت قارىشىنى زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان كونىلىق، خۇراپىيلىقدەپ ئېزىپ چۈشەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يازغۇچى- سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئېغىزىقۇلىقىغا يېتىپ ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزدىكى تەۋەررۈك ئەخلاق ئادەتلىرىمىزنى سۆكۈش، ئۇلارغا فېئودالىزمىنڭ قالپىقىنى كېيگۈزۈپ تىللاپ، قارغاپ چىقىش، ئاتالمىش يېڭىلىق ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنى كۈيلەش، مەدھىيلەش مودىغا ئايلاندى. خەلقىمىزدىكى ئەنئەنىۋى قىممەت، مەدەنىيەت قارىشىغا بولغان چۈشەنچە، ساداقەت، ئېتىقاد ناھايتىزور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. تېخنىكىنى ۋاستە قىلغان تېلېۋىزور، رادىئو، گېزىت- ژۇرنالۋە ئۈن- سىن ۋاستە- بويۇملىرى ئۇنىڭغا قېتىلىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقى يىمىرىلىشنىڭ تېزلىشىشىگە مۇئەييەن ھەسسە قاتتى. تېلېۋىزورلارنى غەربنىڭ يالىڭاچ فلىملىرى قاپلاپ كەتتى. ئاتا- بالا بىر يەردە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىنمۇئەنسىرەيدىغان دەرىجىدىكى شەھۋانىيلىقى كۈچلۈك فلىملەر ئېكراننى بىر ئالدى. ئەزەلدىن جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ نەرسىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئاتا- ئانىلارنېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشتى. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئالدىدىلا كۆرسىتىلىۋاتقان ئىشلاردىن خېجىل بولاتتى. ئەمما بۇنى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئەسلا بىلەلمەيتتى. بۇتوغرىدا گەپ ئېچىشتىن ئەيمىنەتتى. ئىككى ئىت كوچىدا جۈپلەشسىمۇ چالما- كېسەكتە ئۇر-قاچ قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇ خەق ئېكراندىكى ئادەملەرنىڭ ئۇيالماستىن قىلىپ يۈرگەن قىلقلىرىنى ئەدەبلىيەلمەيتتى. ئىچىدە تىللاپ باشقا ياققا قارىۋالاتتى، قانال ئالماشتۇراتتى... بالىلار خېجىل بولغاندەك قىلاتتى، قىزىقسىنىپ ئوغرىلىقچەقارايتتى، يەرگە قارىۋالاتتى، كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاپ، نېمىلەرنى خىيال قىلىپيۈرگىنىنى بىر خۇدا ئۆزى بىلەتتى...
    ئەقىدە تەربىيىسىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈشى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ يەكلەشكە ئۇچرىشى، نوقۇل ئەقلىچىلىكنى بەلگە قىلغان پەنگە چوقۇنۇشنىڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىشى، قارىقۇيۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي قىزغىنلىقنىڭ بىنورمال يۆنىلىشتە ئەۋجىگە چىقىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيىنىڭ ئەقلىلىكتىن ھالقىپ چىقالماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە كۆپ ئۆتمەي تۇرمۇشىمىزمۇ ئېكرانلىشىپ كەتتى. كىشىلەر ئەمدى ئوغۇل-قىزلارنىڭ قولتۇقلىشىپ مېڭىشلىرىنى ئۇنچىۋىلا ھار ئېلىپ كەتمەيدىغان بولدى، بۇنى ئادەتتىكى ئىش، زامان شۇنداق بۇپ كەتتى، دەپلا قويىدىغان بولۇشتى. كىشىلەر جىنسىيەت ھەققىدەخۇپىيانە، پەس ئاۋازدا ئەمەس ئاشكارا سۆزلىشىدىغان بولدى. جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئېلانلىرى، قىزلىق پەردىسى سېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ھەققىدىكى ئېلان، ئۇچۇرلارقۇلاقنى ئەتسىمۇ ياڭراپ، كۆزنى يۇمۇۋالسىمۇ مانا مەن قېشىڭىزدىلا، دەپ دىغىراپ تۇرىدىغان ھالغا يەتتى. 14- 15 ياشلىق قىزلارنىڭ ھامىلدار بۇپ قالغانلىغى، كىيىملىرىمىزنىڭ بارغانسىرى ئېچىلىپ، تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، توختاۋسىز غىدىقلىنىش، ھاياجانلىنىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئەرلەر ئىچىدىكى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى، قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ بازار تېپىشى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشىخانىلارنىڭ ئاۋاتلىشىشى، ئەر- ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، ئائىلىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى... قاتارلىق ھادىسىلەر بىزدە ئەڭ ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى. ئەيدىز، سىفلىس ۋە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر، تۈرلۈك روھىي كېسەللەر جەمئىيىتىمىزنى لىق قاپلىدى. ئائىلىلەر ئېغىر كرىزىسكە دۇچار بولدى. ئاجرىشىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋەجىنايەت نىسبىتى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىدى. ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 1960 -يىلىدىن 1990- يىلىغىچە غەرب دۇنياسىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى توي قىلىش نىسبىتىگەقارىغاندا ئىككى- ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان، ھارامدىن تۇغۇش نىسبىتى بولسا تۆت ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە كۆپەيگەن يەنى، 1800- يىلىدىن 1960- يىلىغىچە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن ھارامدىن تۇغۇش ھادىسىسى 1992- يىلىغاكەلگەندە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 32 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىبولسا 6-7 ھەسسىگىچە كۆپەيگەن( Jkalb.org تور بېتىدىكى « ئەنئەنە جاھىللىقى » ناملىق ئىنگلىزچە ماقالىگە قارالسۇن) بىزدە بۇ خىل ستاتېستىكىلارنى تاپماق بەكمۇ تەس. ئەمما25 مىڭ نوپۇسى بار بىر يېزىنىڭ يىللىق تويلىشىش، ئاجرىشىش ئەھۋالىنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمچە، توي قىلغانلار سانى 200، ئاجراشقانلار سانى 80ئەتراپىدا بولغان. ئاجراشقانلارنىڭ %95 ياشلاردىن بولغان. يېزىلاردا خەلق ئىشلارتارماقلىرىغا تىزىملاتمايلا ئاجرىشىپ، يەنە خوتۇن ئېلىۋالىدىغان ئىشلار ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ ئۈرۈمچىدىن ئىككى مىڭ كلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ناھايتىمۇ چەت،ئەنئەنىۋىي ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى رولىنى يوقاتمىغان سەھرادىكى نىسبەت. شەھەرلەردىكى،ئەخلاقنىڭ رولى كۈچىدىن قالغان جايلاردىكى نىسبەت قانداق چىقىشى مۇمكىن؟ ئېنىقلاش مۇمكىن بولمايدىغان خۇپىيانە جىنسىي زوراۋانلىقلار، بۇزۇقچىلىقلار، ھارامدىن تۇغۇش، نىكاھسىز يېقىنچىلىق قىلىش، شەھەرلەردىكى ئاشكارا- يۇشۇرۇن ئىشرەتخانىلارۋە ئۇ يەرلەردىكى بۇزۇقچىلىقلارنى ئېنىقلاپ، مۇھاكىمىگە قويساقچۇ؟ دېمەككى،بىزدىكى مەسىلە كىشىنى چۈچۈتىدۇ. مەن بىر دوختۇرنىڭ ھازىرقى ياشلارنىڭ 90 پىرسەنتى جىنسىي كېسەل دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتۇتى تىل تارماق ئېنىستىتۇتىنىڭ ھۈرمەتكە سازاۋەر ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شىفېڭ بىر قېتىملىق دەرىسىدە :«ئەگەر خەنزۇلارنىڭ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش، ئىستىمال ئادەت- يۈزلىنىشى موشۇ بويىچە داۋاملىشىپ ماڭىدىغان بولسا جۇڭگولۇقلار يەنە 50 يىلدىن كېيىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ بۇ سۆزىنى يەڭگىللىك بىلەن مۇنداقلا دەپ قويغان ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى نوپۇزلۇق ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ نەچچەيىللىق تەتقىقاتىنىڭ، جەمئىيەتشۇناس، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قايناپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان مۇنازىرە- مۇھاكىمىسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە ئوتتتۇرىغا قويغانىدى. بۇنى دەلىللىگەندەكلا تەكشۈرۈش ئارقىلىق %40 ياشنىڭ ئۇرۇقى پۈچەك چىقتى. (« ئۇرۇقىمىزنى قۇتقۇزىۋالايلى» تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس تەرجىمىسى شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2005- يىل5- سان ) شەك- سۈبھىسىزكى، « بۇ روھ ئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر»( ئابدۇرېھىم دۆلەت «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز» شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003_ يىل 5_ ئاي نەشرى).ئادەمدە ئىمان- ۋىجدان قالمىغاندىلا ھارامنى، زىنانى، بۇزۇقچىلىقنى، كىشىنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە راۋا، دۇرۇس كۆرىدۇ.
    جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاپەت سۈپىتىدە يامرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇنى ئانچە ئېغىر ئېلىپ كەتمەسلىكى، ھەتتا زامان تەرەققىي قىلىپ شۇنداق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ بۇنى بىغەملەرچە دەۋرگە ۋە ئاتالمىش مەدەنىيەتكە،تەرەققىياتقا يۈكلەپ ئۆزلىرىنى خاتىرجەم تۇتۇپ يۈرىۋىرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.بولۇپمۇ بىزدەك نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى جىنسىيەتكە تولىمۇ كۈچلۈك ئېھتىيات ۋەقاتتىق ئەقىدە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندەجىمجىت سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇشى كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە،يېقىنقى بەش يىل مابەينىدە داۋالاش كەسىپلىرى ئىچىدە جىنسىي كېسەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش كەسىپلىرى ۋە شۇ ساھەدە مەخسۇسلاشقان دوختۇرخانا، بۆلۈملەر ئىنتايىن تېزسۈرئەتتە راۋاجلانغان، كېڭەيگەن، بىمارلىرى ئىزچىل كۆپەيگەن. بىز «بوغدادوختۇرخانىسى»نىڭ ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ،زورىيىپ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەنلەردە تارماق دوختۇرخانىسى بار زەنجىرسىمان داۋالاشلىنيىسى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇ يەرگە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىغىغا قاراپ باقساقلا مەسىلىنىڭ ئۇنچىۋىلا ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. بۇ مەسىلە، كېسەللىكلەر قانداق پەيدا بولدى؟ ئەجىبا بىزدىكى ئەقىدەئۆلدىمۇ؟ ئەخلاق شۇ قەدەر ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟ ۋەياكىجىنسىيەت راستىنلا ئېچىلىشى، كىشىلەر ئۆزلىرى خالىغان، بىلگىنىنى قىلىپ ياشاپئۆتىۋىرىشى كېرەكمۇ؟
    گەرچە غەرب ئەللىرىدە كەڭ ئەۋج ئالغان جىنسىي بۇزۇقچىلىقلاربىزدە تېخى مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىپ ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلانمىغان بولسىمۇ،ئەمما مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە خەتىرىگە ھەرگىز سەل قاراشقابولمايدۇ. ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىغا، نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە، مەدەنىيەت، ئەقىدە- ئېتىقادىغا ئوخشىمىغان شەكىل،كۆلەمدە زور تەسىر كۆرسىتىپ يېڭىدىن- يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا.كىشىلەر گاڭگىرىماقتا، نېمە قىلسا توغرا بولىدىغانلىغىنى بىلەلمەي نائىلاج ھەممىنى دەۋرگە ئارتىپلا بولدى قىلماقچى بولىشىدۇ، داۋالاشقا يۈگرىشىدۇ ياكى زاماننىڭ بۇزۇلغىنىدىن زارلاپ، قاقشاپ ئاخىرىدا يەنە پەسكويغا چۈشۈپ ئۆز دۇنياسىغا چۆكۈپ كېتىشىدۇ. نۇرغۇن كىشى جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىكولوگىيىسىنى ئەمدى تۈزەش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ، قۇلىقىنى يۇپۇرىۋالىدۇ. ۋەھالەنكى، مەسىلە بولغان ئىكەن،جەزمەن ھەل قىلىش چارىسى بولىدۇ. ھەل بولماسلىق مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىغىدائەمەس، ھەل قىلغۇچىنىڭ ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىغىدا.
   ئۇنداق بولسا، جىنسىيەتكە باغلانغان بۇ كرىزىسلارنى ھەلقىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟ زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
    بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ بۇھەقتىكى بىر بەدىئىي مۇلاھىزىسىدەبىر قاتار دىلولارنى مىسال كەلتۈرۈپ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:«بۇ دېلولارنى ئوقۇغانھەرقانداق كىشى موشۇ دېلولارنىڭ سادىر بولۇشىغا زېمىن بولغان مىللىي مەدەنىيەتقۇرۇلمىمىز، ئەنئەنىۋىي جىنسىي قاراشلىرىمىز، جىنسىي ئەخلاق ئۆلچىمىمىز ۋە جىنسىي پىسخىكا زەئىپلىكىمىز ۋەھاكازالار توغرىسىدا قاتتىق ئېچىنىش كەيپىياتى ئىچىدەئۇزۇنغىچە ۋە چوڭقۇر ئويلانماي قالمايدۇ». ئۇ جەمئىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي قاباھەتنىڭ يىلتىزىنى مەدەنىيىتىمىزدىن ئىزدەيدۇ. ۋەھالەنكى، مەنمەدەنىيىتىمىزدىكى جىنسىي ئەخلاق، پرىنسىپ- قاراشلىرىنىڭ كىشىلەرنى جىنسىي بۇزۇقچىلىققا، زوراۋانلىق، جىنايەتكە يىتەكلەيدىغانلىغىغا ئىشەنگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. خەلقىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مىڭ يىللار مابەينىدە ئۇنىڭغاتەلتۈكۈس، تۇلۇقى بىلەن رېئايە قىلىپ ئۇنى ھاياتلىقتىكى مۇتلەق مىزانغائايلاندۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما جىنسىيەتكە ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگەكەلگەندە نىكاھنى، قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. نىكاھسىز بىللە تۇرۇش،ئەر- ئاياللارنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشى، زىنا قىلىش ھەتتا باشقىلارنىڭ ئايالىغاقاراشنىمۇ چەكلەپ كەلگەن. نىكاھتىكى ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى مۇھىم شەرت قىلغان،جامائەت گۇۋاھلىقىنى ئاساس قىلغان. يېتەرلىك مەھرى بېرىش، ئاجرىشىشقا توغراكەلگەندىمۇ، ئۇنى ئەسكى چاپاننى چۆرىگەندەكلا قوغلاپ چىقارماستىن ئايالنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئويلىشىش، ئۇياتلىق يەرلەرگە قارىماسلىق، ھەتتا ھاجەت بولمىسا خالىغانچەتۇتۇپ سىلىماسلىق، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھارام يولغا ماڭماسلىق، كۆڭۈلنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قاتتىق ئۆزىنى تارتىش، مەنىۋىي بۇلغىنىش ۋە يامان خىياللارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ ھاياتلىقتا پاكىز، رەتلىك، مەنىلىك ياشاپ ئۆتۈش ئۈچۈن قۇربى يەتسە ۋاقتىدا كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ھاياتىنى قامداش، قۇربى يەتمىسە ھەتتا روزا تۇتۇپ بولسىمۇ ئۆزىنى، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى ساقلاش... قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەخلاق تۈزۈم- پرىنسىپلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا رېئايە قىلىشقا تىرىشقان. ھالالدىن بولمىغان ھەرقانداق جىنسىي پائالىيەتنى قاتتىق چەكلىگەن، ئېنىق جازا تەدبىرلىرىنى بىكىتىپ، يۈرگۈزۈپ،جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلىقىنى، ئائىلىنىڭ، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى،ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن. ئەمما نىيىتى دۇرۇس، ئىمانى پاكىز،قەلبى تازا، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان ئادەملەر يۇشۇرۇنچە ناشايان ئىشلارنى قىلغان،ھاياتلىقتىكى مۇقەددەس پرىنسىپلارنى بۇزغان. باشقىلارنىڭ خوتۇن- قىزلىرىغاچېقىلغان، ھارام نىيەتتە بولغان. ھەتتا پاھىشىخانىلارمۇ ئېچىلغان، بەچچىۋازلىق قىلغۇچىلارمۇ بولغان. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئەمما ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئەخلاقى چىركىن، بەدبەخ ئادەملەرنى بۇ خىل جىنايەت يولىغاماڭدۇرغان بىزنىڭ مەدەنىيەت ئەمەس! بىزنىڭ ئېتىقاد ئەمەس! بىزدىكى جىنسىي ئەخلاق ئۆلچىمى، قاراشلىرى تېخىمۇ ئەمەس! نېمە قىلغۇڭ كەلسە ھالاللاپ ئېلىپ قانغۇچە قىل،ئالالمىساڭ ئۆزۈڭنى، كۆزۈڭنى، نەپسىڭنى يىغ، روزا تۇتۇپ بولسىمۇ پاكىز ئۆت،ئۆزۈڭنى، ئۆزگىنى، جەمئىيەتنى بۇلغىما دەپ تۇرىدىغان پرىنسىپنى مۇتلەق مىزان قىلغان بىزنىڭ مەدەنىيەت مۇنداق چىدىغۇسىز ھاقارەتنى كۆتۈرەلمەيدۇ ھەم ھەرگىزكۆتۈرمەيدۇ. كىم مەدەنىيىتىمىزدە باشقىلارنىڭ خوتۇنىغا پوخۇرلۇق قىل، زىنا قىل،دەيدىغان گەپلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپتىكەن؟ بىزنىڭ جىنسىي ئەخلاق ئۆلچىمىمىزدە نىكاھسىز پېتى يات جىنسقا يېقىنلاشسا بولىۋىرىدۇ، دەيدىغان گەپنىڭ ئۇرۇق- پىچىكىمۇ يوق. ئېتىقادنىڭ لەنىتى بۇزغۇنچىلىرى، مەدەنىيەتنىڭ زەھەرلىك مىتىلىرى، ئەخلاقنىڭ چۈشكۈن ئىجراچىلىرى سادىر قىلغان خاتالىق مەدەنىيەتكە،ئەخلاققا يۈكلەنسە بۇنى زادى نېمە دېگۈلۈك؟
     يۇقىرىقى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان يازغۇچى بىزدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بالا- قازا سۈپىتىدە زاھىر بولۇۋاتقان پاجىئەنى «جىنسىي ساۋاتسىزلىق» دەپ ئاتايدۇ ۋە «مۇبادا بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىز، جۈملىدىن جىنسىي تۇرمۇشىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىسا، يېتىشەلمىسە ئۇ ھالدا بىز دەۋرنىڭ سىرتىدىكى تاشلاندۇق ‹بوشلۇق›تاتىنەپ- تەمتىرەپ، مۈدۈرۈپ- چوقۇرۇپ، بىر ئىزىمىزدا چۆرگىلەپ قېلىۋىرىمىز. ئەسىربىزگە بەخش ئەتكەن تەرەققىيات ۋە ئەلالىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىز»دەپ ئۆزئەندىشىسىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئەندىشە قاپلىغان بايانلىرى كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتى بىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىمىزغا نېمە تەلەپ قويۇپتۇ؟ بىز يېتىشەلمىگۈدەك ئۇ قايسى باسقۇچقا بېرىپ يىتىپتۇ؟ ئۇ بەلكىم جىنسىي جەھەتتىكى بىلىم- ساۋاتلار بىلەن تەربىيىلىنشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسا كېرەك. نېمىلابولمىسۇن، بۇ يازغۇچى بىزدە ئايان بولۇۋاتقان بىر قىسىم جىنسىيەتكە باغلىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئىزاھلىغان ۋە بۇ خىل پاجىئەلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن جىنسىي ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتەر- ئۆتمەيلا مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، جىنسىيەتنى دەرسخانىلارغا ئېلىپ كىرىشنىڭ زۈرۈرلۈكى ھەققىدە ماقالە- تەشەببۇسلار كۆپىيىپ بەلگىلىك پىكىر- ئېقىمى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. تېخى يېقىندىلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە يول قويۇش- قويماسلىق ھەققىدىكى مۇنازىرىدە خېلى كۆپ سانلىق ئامما قەتئىي تۈردە يول قويۇش كېرەكلىگىنى بىلدۈرۈشتى،نۇرغۇن ئادەم گاڭگىراپ، نېمە قىلىش كېرەكلىگىگىمۇ ھۆكۈم قىلىشالمىدى. شەكسىزكى، بۇئۇلارنىڭ «ئېچىش»، «قۇيىۋېتىش»كە بولغان مايىللىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
    مەن توساتتىن شۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم: جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ئەخلاقىي بۇزۇلۇش، چىرىكلىشىش، جىنسىي بۇزۇقچىلىق، يامراۋاتقان كېسەللىك، زەئىپلىشىۋاتقان تەن، چۈشكۈنلىشىۋاتقان روھىيىتىمىزنى راستىنلا قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولارمۇ؟ ياكى بۇ بىر يېڭى ئاپەتنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالارمۇ؟
    كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەيلى كىمنىڭ پىكىر- قارىشى بولسۇن، بۇ تېگى- ماھىيىتىدىن ئالغاندا بىزدىن چىققان پىكىر- قاراش ئەمەس. يەنىجىنسىيەت تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جىنسىيەتنى بەلگە، مەنبە قىلغانمەنىۋىي ئەخلەت، بالا- قازالارنى تازىلاش تەشەببۇسىمۇ جىنسىيەتنى بازارلاشتۇرۇش،ئېچىش، قۇيىۋېتىش ئىدىيىسىگە ئوخشاشلا غەربتىن كەلگەن ھارام توغۇندى. بىزدىكى قىزىققان ھەۋەسكارلار غەربلىك يېڭى مەدەنىيەت بايراقدارلىرىدىن بىرنەچچىسىنىڭ ئىسمىنى ۋە تەرجىمىھالى، ئەسەرلىرىدىن ئاز- تولا ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇغان بولۇشى تەبىئي ۋە شۇنىڭ ئەس- ھاياجىنىدا سۆزلەپ كەتكەنلىكى ئېنىق. جىنسىيەتكە ئالاقىدارمەسىلىلەردە بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز ئىسمىنى تولا ئاڭلىغان، چوڭ بىلىپ، شۇنداقلائۇنىڭ ئىدىيە- مەپكۇرىسى ھەققىدىكى بىر- ئىككى ئېغىز سۆزنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئىجادىيىتىگە تەدبىقلىغان شەخس ئاۋستېرىيىلىك دوختۇر، روھىي ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى سىگمۇند فرېئۇدتۇر. راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغامۆلچەرلىگۈسىز بولدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە مۇپەسسەل بىر نەرسە بىلىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا بولغان بىلەن «يۇشۇرۇن ئاڭ»، «چۈش تەبىرى»، «روھىي ئانالىز»، «سەنئەت- چۈش دېمەكتۇر»، «جىنسىيەت»... دېگەندەك ئۇقۇم- ئاتالغۇلارنى سۈي ئىستىمال قىلىپ ئۇنى پۈتكۈل ئىجادىغا سىڭدۈرىۋەتكەن ئىخلاسمەن مۇرىتلار ئاز ئەمەس. بىز يېڭىچەشېئىرىيەت ۋە شۇ مەزگىلدە مەيدانغا چىققان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ماقالە، ھېكايە،نەسىرلەرگە شۇنداقلا قارىساقلا پۈتۈنلەي سۇبيېكىتلاشقان، سىمۋوللاشقان، روھقىلائالاقىدار سۆز- جۈملىلەردىن بۇنىڭ تەسىرىنڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بايقايمىز. گەرچەفرېئۇد روھىي ئانالىز ئىلمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بىر ئۆمۈر دۇختۇرلۇق بىلەنشوغۇللىنىپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى ياۋرۇپادا غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەمما كىشىلەرتەرىپىدىن دېگۈدەك قۇبۇل قىلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدائالىم، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر قاتارىدا سانالدى. ئۇنىڭ نەزىرىيىسسى غەربتە پەقەتبىر نەزىرىيە سۈپىتىدە قارالغان بولسا، بىز ئۇنىڭ سادىق ئىجراچىلىرىغا ئايلاندۇق. ئەممائۇنىڭ قاراشلىرى قانداق، ئۇ زادى بىر مەدەنىيەتنىڭ يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي تۈستەۋەكىللىك قىلغۇچى ھەقلىق، ئىلمىي قاراشمۇ ئەمەس، بىزلەر ئۇنىڭغا زادى قانداقمەۋقەدە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دېگەندەك تېمىلار ھەققىدە ئالقانچىلىكمۇمۇنازىرە بولۇپمۇ ئۆتمىدى. ئۇ ھەقتىلا ئەمەس، باشقا ھەرقانداق يېڭى ئىدىيە،نەزىرىيە ھەققىدىمۇ بىزدە ئىلمىي پاراڭ ھاۋاسى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى. بۇئەلۋەتتە قىممەت قارىشىمىزنى تېخىمۇ تېز كېرەكتىن چىقىرىدۇ. ئىستىمالدىكى قارا- قۇيۇققوبۇللاش تەننىمۇ، روھنىمۇ ناھايتى تېزلىكتە كاردىن چىقىرىدۇ. بىزدە «ئاز يېگەنتوق يەر، جىق يېگەن پوق» دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ تاللاپ، چېكىپ، ئويلىنىپ قوبۇللاشقا قارىتىلغان.
    خوش، ئۇنداق بولسا، پۈتكۈل دۇنيادا جىنسىيەتنىڭ جەمئىيەتلىشىشىگە،ئېچىلىشىغا ۋاستىلىق يول باشلىغۇچى دەپ قارىلىدىغان فرېئۇدنىڭ ئىدىيىسى قانداق؟بىزنىڭ ئاقىللار تەشەببۇس قىلغاندەك جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىم- ساۋاتلارنىئومۇملاشتۇرۇش، مەكتەپلەردە مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئاپەتنى تۈپيىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاپ، ساغلام جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولامدۇ؟ بۇ ئەڭئاقىلانە ئۇسۇل، تاللاشمۇ؟ ئېچىلىۋاتقان جىنسىيەت ۋە ئۇ كەلتۈرىۋاتقان ئاپەتلەرنىجىنسىيەتنى يەنە ئېچىش، جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇش، بۇ جەھەتتە تەرەققىي قىلىپباشقىلارغا يېتىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟
    بىزدە پەيدا بولغان «جىنسىيەتتە تەرەققىي قىلىپ يېتىشىۋېلىش»،«جىنسىيەتنى ئېچىش»، «دەرسخانىلارغا جىنسىيەتنى ئەكىرىش»، «ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇھەببەتلىشىشىنى ئەركىن قۇيىۋېتىش»... ھەققىدىكى چاقىرىق، تەشەببۇسلار يۇقىرىدائېيتىپ ئۆتكەندەك، ماھىيەتتە، ئاتالمىش غەربچە ئەركىن تۇرمۇش شەكلى، ئەركىن قىممەتسېستىمىسىنى قوغلىشىش ئارزۇسىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى؛ فرېئۇد، ئوشۇ، لاۋرېنسلارنىڭجىنسىيەت، مۇھەببەت قارىشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا جاكارلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزئەمدى ئۇلار ئىنتىلگەن تۇرمۇش شەكلى، ئۇلارنى زۇۋانغا زورلىغان قىممەت قاراشلىرىھەققىدە بىر قۇر توختىلىپ ئۆتىمىز.
    17-18- ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى غەرب دۇنياسى خرېستىئان دىنىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى ئىچىدە ئۆتتى. پوپلارنىڭ،چىركاۋ روھانىيلىرىنىڭ ھەربىر سۆزى مۇقەددەس سانالدى. ئۇلار ئۆز مەپكۇرىسىغاچۈشمىگەن ياكى ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق نەرسىنى بار كۈچى بىلەن ئىنكار قىلدى،چەتكە قاقتى. دىن دىنغا ئوخشىماي قالدى. ئىتالىيىدە كۆتۈرۈلگەن ئەدەبىيات- سەنئەتقايتا گۈللىنىشى ۋە ياۋرۇپادا ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن ئىلمىيمۇۋەپپىقىيەت، ئىزدىنىشلەر ئاستا- ئاستا غەرب دۇنياسىنى ئويغىتىپ تاشلىدى. مارتىنليۇتېر كىڭنىڭ دىنىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىن ئاستا- ئاستا شەخسنىڭ خۇسۇسىي ئىشىغائايلىنىپ قالدى. چىركاۋ بىلەن جەمئىيەت بىر- بىرىدىن يىراقلاپ كەتتى. غەربدۇن ياسىدا ئەركىن قىممەت قارىشى ئومۇمىيۈزلۈك بازار تاپتى. جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىكولوگىيىسى ۋە ھاياتلىق مىزانىغا ئائىت ئېتىكىلىق قاراشلاردىن بەكرەك شەخسىنىڭ ئارزۇ- ھېسسىياتىغا مايىل خۇسۇسىي خاھىش، ئەقلى تەجرىبىچىلىك ۋە تەتقىقات كەڭقانات يايدى. ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي، روھىي تەجرىبە،خۇلاسىلىرىدىن كەسكىن گۇمانلىنالايدىغان ۋە يېڭى ئۆزگىچە تەھلىل، تەسەۋۋۇر،خۇلاسە، يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان جۈرئەت غەربلىكلەرگە دۇنيانىڭ ماھىيىتى، شەكلى، بەرپا بولۇشى، ئادەمنىڭ تەبئىتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى... قاتارلىقلارنى باشقىچە تەرزدە كۆرسەتتى. ئۇلار نەچچە ئەسىر قول بېرىپ كەلگەن دىننى «زەھەرلىك ئەپيۇن» دېدى، ئىنساننى« مايمۇندىن ئۆزگەرگەن»، «ئەزەلدىن يوق قۇتقۇزغۇچ خۇدا» دەپ سۈرەن سېلىشتى ۋە بۇنىڭغا لايىق نەزىرىيە، ئىسپاتلارنى تۈزۈش، تېپىشقا كىرىشتى. پۈتكۈل دۇنيا بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئوي- خىيال، تەسەۋۋۇرىغا ئەگىشىپ كېتەيلا دېدى. كىشىلەرھاياتلىقتا رېئايە قىلىدىغان مىزان- تەرتىپلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ ھاياتتىن ئىزدەيدىغان مەنە- ئېھتىياجلىرىنىمۇ، تۇرمۇشقا قويىدىغان تەلەپ- ئۆلچەملىرىنىمۇئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ. قۇدۇققا مەھكۇم پاقا دۇنيا ۋە ماھىيەت مۇشۇ، دەپ بىلىدۇ،شۇنىڭغا يارىشا ھەرىكەت قىلىدۇ. لاچىن پەرۋازدىن بۈيۈكلۈك، كۆكتىن يۈكسەكلىكنى بىلىپ، ھېس قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە قانات قاقىدۇ. «موزاينىڭ يۈگرىشى سامانلىق، چىۋىننىڭ قونار جايى پوق- سۈيدۈك». چىۋىن پوق- سۈيدۈكتىن راھەت ئىزدەيدۇ، ھەسەل ھەرىسى گۈل شىرنىسىدىن ھاياتىنى زوققا ئورايدۇ.
     غەرب دۇنياسىدىكى تۇرمۇش مەنتىقىسىمۇ غەربتە مودا بولغان ئېقىم- ئىدىيىلەرنىڭ ناھايتى زور زەربىسىگە ئۇچرىدى. گەرچە بىر- ئىككى شەخس مەلۇمبىر جەمئىيەت، مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرىنى، يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلمىسىمۇ، ئەمما بەزىھاللاردا ئۇلارنىڭ يۈزلىنىشىگە ناھايتى زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ. دارۋىننىڭ«تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىش» نەزىرىيىسى دۇنيادىكى نەچچە مىليۇن خەلقنى ئۆزئەقىدىلىرىدىن يالتايت قۇزدى، ھاياتقا يېڭى، يىشىلمەس گۇمان ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنى «ھايۋان» دەپ شەكسىز ئىشىنىشتى. ماركىسنىڭ كوممۇنىزم نەزىرىيىسىنەچچە مىليۇن خەلقنىڭ ئەقىدە- ئېتىقاد تۈۋرۈكىگە ئايلاندى، دۇنيادا ئاتېزم يەنىدىننى ئىنكار قىلغۇچى ئېتىقاد شەكلى مەيدانغا كەلدى- دە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن مۇقەددەس مىزانلارنىڭ كۇرسى پەگاغا تەگ بولدى، كىشىلەرنى تەپتارتقۇزۇپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي نوپۇز ئۆلدى. جەمئىيەت ئىقتىسادنى بەلگە قىلغان سىنىپىي رامكىلارغا ئايرىلىپ كەتتى. فرېئۇدنىڭ نەزىرىيىسى كىشىلەرنى مەلۇم بىر جەمئىيەت ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، ئەتىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىش رامكىسى بىلەن تەمىن ئەتمىدى. ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە،مەدەنىيەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مىكائىل روس ئۆزىنىڭ « فرېئۇد: مەدەنىيەت ۋە تۇقۇنۇش» ناملىق كىتاۋىدا فرېئۇدنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ :« روھىي ئانالىز سەرخىللارنىڭ ۋە مودا مەدەنىيەتنىڭ، سىياسىي، رومانتىكا، يۇشۇرۇن ئاڭ، ئاڭسىزلىقنى ئىپادىلەشنى تۈپ نىشان قىلغان رەسساملىق، شۇنداقلا كۈلكىلىك، بىمەنە ئىشلارنى مەقسەت قىلغان كارتونچىلىقنىڭ قوغلىشىدىغان مۇھىم ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالدى»(«20_ ئەسىرنى تەشكىلقىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل ئىنگلىزچە نەشرىگە بېرىلگەن نەقىل(. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭ روھىي كېسەللەرنىڭ پىسخىكى نورماللىقىنى داۋالاش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا يېزىلغان، ئوتتۇرىغاقويۇلغان «روھىي ئانالىز»، «ئاڭسىزلىق»، «چۈش تەبىرى» ۋە جىنسىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيانىڭ بولۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە قاپلاپ كەتتى. گەرچە ئۇفرېئۇدىزم سۈپىتىدە تارقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئېقىم- كاتىگورىيىلىرىگەئۈنسىز سىڭىپ كەتتى. ئاڭسىز، ئىدراكسىز كىشىلەرنىڭ روھىي بەرباتچىلقى نورمال،ساغلام كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغان، قىزغىن بەھس قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر تېمىسىغائايلىنىپ قالدى. بەلكىم فرېئۇد ئۆزىمۇ مۇنداق بۇلارىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانبولۇشى مۇمكىن.
     فرېئۇد بىر ئۆمۈر روھىي كېسەللەرنى داۋالاش بىلەنشۇغۇللانغان دۇختۇر. ئۇ بۇ جەرياندا كىشىلەردىكى روھىي تۇسالغۇ، بېسىلىش، سىقىلىشنىكەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ناھايتى چوڭقۇر ئىزدەنگەن ۋە بىر قاتار ئوي- خىياللىرىنىئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە ئۇ بۇ نەزىرىيىلەرنى بىر خىل ئىلمىي قىياس سۈپىتىدەئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن راست ھەقىقەتتەك قۇبۇلقىلىندى. ئارىدىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتەر- ئۆتمەيلا فرېئۇدنىڭنەزىرىيسىدىن ئاز- تولا خەۋىرى بار بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنى باشقىچە تەرزدەسۈيئىستىمال قىلىپ «جىنسىي ئازادلىق» ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىۋەتتى. نۇرغۇن كىشىفرېئۇدنىڭ «جىنسىي ئازادلىق» ھەرىكىتىگە ۋە كىيىنكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئەخلاقىچۈشكۈنلىشىشى بىلەن باغلىنىپ قېلىشىغا شۈبھىلىك كۆزدە قارايدۇ ۋە بۇنى فرېئۇدقاقىلىنغان ئادالەتسىزلىك، ھاقارەت، دەپ كۈچىنىڭ بارىچە ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇھەركىمنىڭ چۈشىنىشىگە باغلىق مەسىلە. بىز تۆۋەندە فرېئۇدنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى بەزىبىرقاراشلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز:
     فرېئۇد بالىلارنىڭ سۈت ئىمىش ئارقىلىق ھاياتلىقنى قامدىشىماھىيەتتە، «پۈتكۈل جىنسىي تۇرمۇش تەرەققىياتنىڭ چىقىش نۇقتىسى»، « سۈت ئىمىشئىستىكى ئەمەلىيەتتە ئانىنىڭ كۆكسىگە ئىنتىلىش ھەۋىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئاننىڭ كۆكسى جىنسىي شەھۋەتتىكى تۇنجى ئوبيېكىت»، «بالىلاردىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭمۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئانىلار تەمىنلەيدۇ»(« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇزئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەپ قارايدۇ. ئاندىنبالىلارنىڭ زوق- شوق بىلەن سۈت شورىشى، ئىمىزگە ئىمىشى، قولىنى ئىمىشى... قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەڭ دەسلەپكى جىنسىيھەۋەس، جىنسىي تەلەپنىڭ قاندۇرۇلۇشى دەپ قارايدۇ. بالىلارنىڭ تىپىچەكلىشى،ئۆمىلىشى، كاسا سۈركەپ مېڭىشىدەك ئەڭ ئەقەللىي ھەرىكەتلىرىنى جىنسىي شەھۋەتنىڭبالىلىقتىكى ئىنكاسى، دەيدۇ.ئۇ 1915- يىلىدىن 1917- يىلىغىچە يېزىپ چىققان « كېرىشلىكسىيە »دە :« ئىنسانىيەتنىڭ شۇنچە ئۇزاقتىن بىرى بالىلىق دەۋر جىنسىي ئىستەكسىزدەپ ئىشىنىپ يۈرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» دەپ يازىدۇ. فرېئۇدنىڭ شاگىرتى،شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، فرېئۇد نەزىرىيىسىگە قارشىتەنقىد ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى ۋىنالىق دۇختۇر ئالفىرد ئادلېر بالىلىقنىڭ ئەڭدەسلەپكى جىنسىي قۇتراتقۇلۇق ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك رەت قىلىدۇ ۋە فرېئۇد تۇنجىجىنسىي ئىستەك دەپ قارىغان ئىمىش، ئانىنىڭ كۆكسىگە ئىنتىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىئىنسانىيەتنىڭ يىتىلىشكە بولغان تۇغما پوتېنسىئال (ئىچكى) كۈچى دەپ قارايدۇ ۋە « ئۇئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقاھېچنەرسە ئەمەس، بالىلار توغۇلۇشى بىلەنلا ئىنتايىن كۈچلۈك ئېچىرقاش سىزىمى بىلەندۇنياغا كېلىدۇ. كىچىك، ئاجىز بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئوخشاشلا چوڭ بولغۇسى،كۈچەيگۈسى كېلىدۇ. بۇ خىل تۇغما، تەبىئىي ئىنتىلىشكە جىنسىيەتنىڭ تامغىسىنى بېسىشئىلىمگە، ئىنسانغا قىلىنغان كەچۈرگۈسىز ھاقارەت»( « 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچىئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە)دەيدۇ. فرېئۇد يەنە : «بالىلار توغۇلۇپ جىنسىي سەزگۈ ئەزا سۈپىتىدە زاھىرلىنىدىغانۋە قەلبتە جىنسىي تەلەپ ئويغىتىدىغان تۇنجى ئەزا- ئېغىز »(« فرېئۇدنىڭ پىسخىكپەلسەپىسى» توققۇز ئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەپيازىدۇ. ئۇنىڭچە بالىلاردىكى جىنسىي ھەۋەس ئېغىزدا زاھىر بولاتتى ۋە ئېغىزئارقىلىق قاندۇرۇلاتتى. تاماق يېيىش، ئىمىش، سۈت شوراش، قولىنى ئىمىش قاتارلىقھەرىكەتلەر جىنسىي ئالاقە، جىنسىي شەھۋەتنىڭ قاندۇرۇلۇشىدىن باشقىچە نەرسە ئەمەسئىدى. ئېغىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى جىنسىي ئەزا سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى كىشىنىڭ كۈچلۈكغەزىۋىنى، قۇسقۇسىنى قوزغايدۇ. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا لەنەتگەردى بەچچىلەرھەقىقەتەنمۇ پاكىز، ھالال تائام يىيىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئېغىزنى رەسۋالەرچەبۇلغىدى، بىر- بىرىنىڭ ئەۋرىتىنى شوراپ، يالىدى، ئاققان خۇن- زەرداپنى ئىچىشتى( Inoohr.org تور بېتىگە قارالسۇن.)
    فرېئۇد يەنە ئوغۇللاردا ئودىپوس دەۋرى- ئانىسىنى دادىسىدىنكۈنلەش يەنى ئانىسىنى يالغۇز ئىگىلەشنى ئويلايدىغان باسقۇچ بولىدۇ، دەپ قاراپ دادا-بالىنى بىر ئايال ئۈچۈن خىرىس قىلىپ تۇرغان ئىككى ھايۋانىي كۈچ سۈپىتىدەتەرىپلەيدۇ. پۈتكۈل ئاياللارنى بولسا دادىسىنىڭ ھاياتىدىكى ئانىسىنىڭ ئورنىنىئېلىشقا تەلپۈنىدىغان، بويسۇنغان مەخلۇق دەپ قارايدۇ. يەنى ئۇنىڭچە بارلىق قىزلاردادىسىغا خوتۇن بولۇش ئىستىكىدە پۇچۇلىنىدىغان، بارلىق ئوغۇللار ئانىسىنى خوتۇنقىلىشنى، يالغۇز ئىگىلەشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرىدىغان كۈچلەردىن ئىدى. ئائىلەئىنسانىي قان- قېرىنداشلىق ۋە مېھر- مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۈزۈلمەس مەنىۋىيبىرلىك ئەمەس بىر- بىرىگە خىرىس، ھەسەت، كۈنلەمچىلىك قىلىپ تۇرغان شەھۋانىيكۈچلەرنىڭ يىغىندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مارىن كزېگدى ماسزاك ئۆزىنىڭ « ئىدىيىۋىھۆكۈمران » ناملىق ماقالىسىدە فرېئۇدنىڭ ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ئىستىكى ھەققىدىكىيۇقىرىقى قارىشىنى «كەچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئېغىر خاتالىق» دەپ يازىدۇ.( « تالانتنىڭسىرى » ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە )
     فرېئۇد يەنە «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆرپ- ئادەت،ئېتىقاد، مۇراسىم، ئەخلاق، تەرتىپ- مىزانلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىپ ئېيتقاندائادەملەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىدىن توغۇلغان نەرسىلەردىنئىبارەت. بارلىق ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەت- سەنئەت ئىنسانلارنىڭ جىنسىيئىقتىدارىنىڭ ئۆرلەپ ۋايىغا يەتكەنلىكنىڭ دەلىلى. ئىنساننىڭ شەھۋانىي نەپسىنىڭبېسىلىشى، قاندۇرۇلماسلىقى سەۋەبىدىن باشقىچە چىقىش يولى ئىزدەپ ئېقىشى نەتىجىسىدەئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن»(« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇزئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەيدۇ. فرېئۇدنىڭياقلىغۇچىلىرى ئۇنىڭ موشۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، دېمەككى « فرېئۇدنىڭ ئېستىتىكئىدىيىسى جىنسىي ئازادلىق ئىدىيىلىرى بىلەن تۈپتىن قارىمۇ- قارشى بولغان ئىدىيە،ئۇ كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىكى جىنسىي تەلەپنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنى ياقلايدۇ» (ئەلىياقۇپ «فرېئۇد ۋە جىنسىيەت »، «شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى» ژۇرنىلى 1998_ يىل 2_ سان)دەيدۇ. ئەمما سەل كاللىسى بارلا كىشى فرېئۇدنىڭ ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق بىرھەرىكەت، تىنىق، رەڭ، ھەتتا نەقىشلەردىنمۇ جىنسىي مەنە ئىزدىشىگە قاراپ ئۇنىڭئەخلاقىدىن، نەزىرىيىسىنىڭ توغرا قىممەت قارىشى ئاساسىغا قۇرۇلغانلىغىدىن گۇمانقىلماي قالمايدۇ. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ «جىنسىي ئەخلاق ۋە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭتەشۋىشى» ناملىق ماقالىسىدىكى مەدەنىي جىنسىي ئەخلاق (بېسىلغان جىنسىي شەھۋەت) نىڭكەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدىكى ئايىغى ئۈزۈلمەس ئەندىشىسى، ۋەھىمىلىك بايانلىرىكىشىنى ئىختىيارسىزلا ئۇنداقتا جىنسىيەتنى ئۆز مەيلىچە قويىۋېتىش كېرەككەندە،دېگەن خىيالغا ئەكىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇمۇ قانداق قىلىش كېرەكىلىكى ھەققىدە ئېنىقبىر نەرسە دېمەيدۇ. بەلكى بېسىلىشنىڭ يامانلىقى، زور خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغانلىغىھەققىدە تىنماي گەپ ساتىدۇ. « نىكاھتىن ئىلگىرىكى قاتتىق پەرھىز قىز- ئاياللارغاتېخىمۇ ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنبولۇشى يەنىلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى تەرەققىياتىنىڭ جىنسىي بېسىمنىڭچەكلىمىسىگە ئۇچرىغىنىدىن بولغان، دەپ قارايمەن» (« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇزئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەپ يازىدۇ. ئەجىبا بۇ ئەيئاياللار، ئاچ، بېسىمدىن قۇتۇل، ئەقلىڭنى، زېھنىڭنى قۇتۇلدۇرىۋال دېگەن بولمايزادى نېمە؟
فرېئۇد ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى نۇقۇل ئۇنىڭ تەبئىيبىئولوگىيىلىك نۇقتىسىدىنلا كۆزىتىپ، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقىغا ئېغىر دەرىجىدەسەل قارىغانىدى. نىكاھ مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا ئادىمىلىك، مۇھەببەت، ئەخلاق،ئىجتىمائىي باراۋەرلىك پرىنسىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەدلى- ئادالىتى، خاتىرجەملىكىنىكاپالەتلەندۈرۈش نۇقتىسىدىن باھا بەرمەستىن، نۇقۇللا جىنسىي مۇناسىۋەتنى چىقىشنۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن باشقا مەسىلىلەرنى ئويلاشقانىدى. جىنسىيەتنى ھەرقانداقبىر مەسىلىگە قاراشتىكى لوپا ئەينەك قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭچە جىنسىيەتتىن باشقاھېچقانداق بىر نەرسە ھەرقانداق بىر ئىش- ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشى ياكى تەرەققىياتىغاتۈرتكە بولالمايتتى، جىنسىيەت بەجايىكى يەر شارىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرغان مۇتلەق كۈچئىدى. ئۇ ھاياتلىقتىكى بارچە ئىنتىلىش، مەنىلەرنىڭ يادروسىنى جىنسىيەت دەپئىزاھلىغانىدى. ئۇنىڭدىن ئاز كەم ئون ئەسىر ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن شەرق مۇتەپەككۇرىئىبن سىنا :« نۇقۇل جىنسىي خاھىشقا بېرىلىش مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرمەستىنپەقەت ئۇنىڭ سىرتىنى سۆيگەنلىك» دېگەنىدى. فرېئۇد ھاياتلىقتىكى ماھىيەت بىلەنپوست، مەنە، مەزمۇن بىلەن شەكىلنى ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتۇرىۋەتكەنىدى. ئۇئىنسانىلىقتىن چىقىپ جىنسىيەتنىڭ ئىنساندىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاران بىر قىسمىئىكەنلىكىگە يۈزلەنمەي، جىنسىيەتتىن ئىنسانغا تازىم قىلغانىدى. فرېئۇد ئۈچۈنجىنسىيەت بەجايىكى قىبلىگە ئوخشاپ قالغانىدى.
    ئۇ :« بالىلىق ئەسلىمىلىرى شۇ قەدەر خەتەرلىك، قورقۇنچلۇق (ئۆزىئىزاھلىغان جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى دېمەكچى). ئۇ يۇشۇرۇنئاڭدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەربىر مەۋجۇداتتا بۇ خىل يۇشۇرۇن ئاڭنىڭزەخمىگە ئۇچرىشىنى قوغدىغۇچى مۇرەككەپ تور شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ قوغدىغۇچى تورقۇرۇلمىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ يامان ئىش ئەمەس، بىز ئېزىتقۇ دۇنيادائۆزىمىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىمىزنى ساقلاش، غەم- ئەندىشىلەردىن ساقىت بولۇش ئۈچۈن بۇقوغدىنىش تور قۇرۇلمىلىرىغا ھەرۋاقىت مۇھتاجمىز» (« 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچىئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە) دەپ يازىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى ئىسپاتلاپ، ھەتتا ئېغىز بوشلۇقى راكىغاگرىپتار بولۇپ 30 نەچچە قېتىم ئوپراتسىيىگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ تاماكا چىكىشنىئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە جىيەنىگە :« تاماكا چىكىش ھاياتلىقتىكى ئەڭ بۈيۈك،شۇنداقلا ئەڭ ئەرزان لەززەت. ئەگەر ماڭا تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدە ۋەز قىلماقچىبولىدىكەنسەن، ساڭا دەيدىغىنىم ‹ كەچۈر ›، دېگەن» (« 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچىئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە).ئۇنىڭچە تاماكا چىكىش بالىلىقتىكى ئىمىش، شوراش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋامى ئىدى، ئۇيۇشۇرۇن ئاڭدا ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن ۋە تالاي يىللاردىن كىيىن تاماكا ۋاستىسىبىلەن قايتا زاھىر بولغان ئىدى. تاماكا شوراشتىن كېلىدىغان لەززەت جىنسىي ئىستەكتىنبولىدىغان تەقەززالىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايتتى. شۇڭا ئۇنى قەدىرلەش كېرەك ئىدى. فرېئۇدھەممە مەۋجۇداتنىڭ بارلىق تىنىقىدىن جىنسىي بەلگىلەرنى ھارماي ئىزدەپ چىققان ئىدى.«گەرچە جىنسىي خاھىش بىلەن مۇھەببەت خاھىشىنى بىر- بىرىگە تۇتاش، ئەمما پۈتۈنلەيبىردەك بولمىغان خاھىش دەپ ئىزاھلىسىمۇ، جىنسىي خاھىشنىڭ تىزگىنسىز يامراپكەتمەسلىكىنى تىلغا ئالسىمۇ، ئەمما ئاڭدىن خالىي جىنسىي خاھىشنى تۇغما ئىقتىدارنىڭيادرۇسى، خۇشاللىق ئىنتىلىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھۆكۈمران شەكلى» (ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002_ يىل 2_ئاي نەشرى) دەپ قارىغان ئىدى. ئىنسان ئۈچۈن ئاڭسىز، ئىدراكسىز جىنسىي خاھىشتىنئېشىپ چۈشىدىغان خۇشاللىق، راھەت ئىش يوق دەپ بولۇشىچە جار سالغان ئىدى. لېكىن ئۇ «قىممەت مەسىلىسىدە نىسپىيلىك قارىشىدا چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن ئەخلاقشۇناسلىقنىڭتەرەققىياتىغىلا ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈنمۇ زورپاسسىپ تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» (ئىرخ فروم «ئۆزلۈكنى ئىزدەش» ئىشچىلارنەشرىياتى 1988_ يىل نەشرى خەنزۇچە ). بولۇپمۇ ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنمىگەنبىر توپ شوركا مۇخلىسلار فرېئۇدنىڭ جىنسىي بەلگە ئالامەتلەر، ئۇنىڭ بېسىلىشى ئېلىپكىلىدىغان خەۋپلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن ناھايتى زور ئىلھام ئالدى، فرېئۇدشەھۋەتخور جىنسىيەت دەۋاگەرلىرىنىڭ ھايۋانىي نەپسىنىڭ قاندۇرۇلۇشىغا ئىلمىي،نەزىرىيۋىي ئاساس تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا نەچچە مىليۇن خەلقنىڭ مۇئەييەن ئۆلچەمگەئىگە تۇرمۇش شەكلى، ئەقىدە- ئېتىقادىنى ۋاستىلىك ھالدا كاردىن چىقىرىۋەتتى. فرېئۇدنىڭئۆزىنىڭ جىنسىي ئازادلىقنى ئاشكارا تەرغىپ قىلمىغانلىغى راست، ئەمما ئۇ كىشىلەرگەجىنسىيەتنى بېسىشنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىردىنبىر، ئەڭ بۈيۈكلەززەت ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى. ئۇ ئۆزى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلمىدى. ئەمما ئۇ ۋەئۇنىڭ تەسىرىدە تاپتىن چىققان تۈركۈم- تۈركۈملىگەن بايراقدار يېڭى مەدەنىيەتتەشەببۇسچىلىرى بەس- بەستە جىنسىي ئازادلىق، جىنسىي ئەركىنلىك دەۋالىرىنىكوچىلارغا ئېلىپ چىقتى. كىشىلەر قۇلاق يېقىپ دىيىشىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بۇ تېمائېچىلىپ كەتتى. بىزنىڭ ھە دېسىلا «ئىلمىي»لىكتىن چۈشىدىغان مەۋقەسىززىيالىيلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا « جىنسىيەت ئاخىرى بىر ئىلىم، پەندەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى». گېزىت- ژۇرنال، ئاشكارا سورۇنلاردا بۇ ھەقتە ئوچۇقتىن- ئوچۇقپاراڭ، گەپ- سۆزلەر بولىدىغان بولدى. جىنسىيەت كىشىلەر قورقىدىغان ئەيمىنىپ، نومۇسقىلىپ چېقىلالمايدىغان پەرھىزكار تېما بولۇشتىن قالدى. چەكلەنگەن تېما، رايونلارغابۆسۈپ كېرىشكە خۇشتار كىشىلەر قىلغۇسى بارنى قىلدى، كۆرگۈسى بارنى كۆردى. «كۆڭۈلگەياقىدىغان نەرسە دەل ئەقىلگە مۇۋاپىق نەرسە » دەيدىغان بىدئەت جاھانكەزدىئىدىيىلەر ھەقىقەتەنمۇ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك بازار تاپتى. كىيىملەرئېچىلدى، ئاياللارنىڭ زىننىتى، ئەۋرىتى دەپ قارىلىدىغان تەن- ئەزايى مانا مەن دەپئاشكارىلاندى. نىكاھسىز بىللە تۇرۇش، ھامىلدار بولۇش، ھارامدىن بالا تېپىش، بالاچۈشۈرۈش، ئوخشاش جىنسلىقلار ئارا يېقىنچىلىق قىلىش نومۇس، گۇناھ سانالمايدىغانبولدى. ئىشرەتخانىلارمۇ ئاشكارا ئېچىلىدىغان بولدى. چۈنكى، بۇ خىل ئىشلار ئەمدىنومۇس، گۇناھ ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ تۈپ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، ھەقىقىي،پەردازلانمىغان ئىنسانىلىققا يۈزلىنىش ئىدى، ئۇرغۇپ چىققان شەھۋەتنى بېسىش،كىشىلەرنى قىلغۇسى بار ئىشتىن توسۇش بولسا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئارزۇ- خاھىشىغاقارشى چىققانلىق، كىشىلىك ھوقۇق- ئەركىنلىكى، تاللىشىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق،جىنايەت ئىدى. بۈگۈن سەپسەتىلەر ئۆزلىرىگە چۈشلۇق يالغان- ياۋىداق نەزىرىيە- مەپكۇرلىرىبىلەن مۇتتىھەملىشىپ ھەممىدىن ئۈنلۈك سۆزلەيدىغان، ئەسەبىلىكى چېكىگە يەتكەن بىردەۋر بولدى.
     بىز فرېئۇدقا، ئۇنىڭ نەزىرىيىسىگە قارىغۇلارچەئەگەشكۈچىلەرگە نېمە دەيمىز؟ مېنىڭ ھېچنەرسە دىگۈم يوق. پەقەت خارۋاردئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نىرۋا- روھىي كېسەللەر ئىلمى پروفېسسورى روبىرت ستىكگولدنىڭ مۇنۇسۆزىنى يەتكۈزۈپلا قويىمەن :« فرېئۇد %50 توغرا، لېكىن %100 خاتا»( « 20_ ئەسىرنىتەشكىل قىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىلنەشرى ئىنگلىزچە).
ھالا ئەسىر 21 گە ئولاشقاندا غەربلىكلەر ئۈچۈن جىنسىيەتئاللىقاچان «ئاش- نان» دېگەندەكلا ئەرزىمەس، ھېسسىز بىر گەپكە ئايلاندى. بەشياشلىق بىر غەربلىك ئۆسمۈر ئۈچۈن ئەر- ئاياللارنىڭ تىنى، بىرگە بولسا نېمە ئىشلارنىقىلىدىغانلىغى ھەرگىزمۇ يات ئەمەس. بىزنىڭ ئاقىللار بىزدىكى ياش- ئۆسمۈرلەر،ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ يات جىنسلىقلارنىڭ ئەزايى- تىنى بىلەن بالدۇرراق تۇنۇشۇپچىقىشىنى ئارزۇلايدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ، جىنسىيەت ھەققىدە بىلىم ساۋاتلىق بولۇشنىتەرەققىيات، زامان بىلەن ماس ھالدا ئەلالىشىش، دەيدۇ. ئۇلارچە جىنسىيەت ئېچىلسا،كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ تىنى ھەققىدە تۇنۇش، بىلىشكە ئىگە بولسا ئەخلاقى پاجىئەلەرتۆۋەنلىگۈدەك. راستىنلا شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بىز جىنسىيەت ئېچىلغان، جىنسىيجەھەتتىكى ساۋات- تەجرىبىلەر كەڭ ئومۇملاشقان جەمئىيەتلەرگە قاراپ باقايلى. بىزنىڭكۆرىدىغىنىمىز قانداق ئىلمىيلىك ۋە قانداق مەدەنىيەت، قانداق ئەلالىق بولاركىن؟
     غەربتە ھەقىقەتەنمۇ جىنسىي ساۋاتلار، بىلىملەر كەڭئومۇملاشقان. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىتەشەببۇس قىلىپ يولغىمۇ قويدى. ئەمما ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدىكى،جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيەتتىكى جىنسىي بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقىچۈشكۈنلۈكنى كېمەيتمەستىن ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋەتتى. ئۇئېچىلدى- دە، ئەسلى مۇقەددەسلىكىدىن قالدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا خالىغانچە يېقىنلاشتى،خالىمىسا يىراقلاشتى. يات جىنسلىقلارنىڭ ھىدى، تىنى ھەتتا كىشىلەردە ئۆزگىچەتۇيغۇلارنى ئويغىتالماس بۇپكەتتى. ئىنسانىي روھ قاشاڭلاشتى. يات جىنسلىقلارنىڭھاياسى بىر- بىرىگە يات، سىرلىق، تارتىملىق تۇيۇلمايدىغان بولدى، ئۇلارنى بىر- بىرىگەتارتىپ تۇرىدىغان كۆرۈنمەس سېھىرلىك زەنجىر ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئەرلەر بىر ئايال بىلەنقانائەت قىلمايدىغان، ئاياللار بىر ئەرگە قانماي يەنە باشقىسىنىڭ كەينىدىنسوكۇلدايدىغان، نىكاھ، ئائىلىنىڭ ئىناۋىتى قالمىغان بىر ھال غەرب جەمئىيىتىدەئومۇمىي ئېقىمغا ئايلاندى. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىكنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپبارلىق ھەرىكەت- قائىدىلەرنى ئۆلچەمسىزلەشتۈرۈشكە تىرىشتى، كۆڭۈلنىڭ رايىنىلا،نەپسنىڭ خاھىشىنىلا مۇقەددەس بىلدى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رادىي فىشنىڭ «جالالىدىنرۇمىي» رومانىدىكى «تېنىڭ بىر ئات، سەن شۇ ئاتقا مىنگۈچى. ئىي ئاتقا مىنگۈچى،ئاتنىڭ ئوقۇرىدا ھەم ياتمىغىن، ئات ئۇزۇقى سېنىڭ ئۇزۇقۇڭ بولالماس، ئات سېنىئەمەس، سەن ئاتنى ئۆز يولۇڭغا سال» دېگەن ھېكمەتلەرگە يانداش ئاھاڭدا مۇنداقدېگەنىدى :« ئىنسان جىسمانىي جەھەتتىن بىر ئات، مەنىۋىي جەھەتتىن ئاتقا مىنگۈچى. ئەگەرئاتقا مىنگۈچى دانا بولسا ئاتنى كامالەتكە باشلايدۇ، نادان بولسا ئات ئۇنىئوقۇرىغا باشلايدۇ». ھەقىقەتەن بەزىلەر خۇن- زەردابنى شەربەت بىلدى. ھەتتا ياتجىنسىلىقلار بىلەن خالىغانچە ئالاقە قىلغىنىغا قانائەتمۇ قىلماي ھەددىدىن ئېشىپئۆز جىنسداشلىرى بىلەن ئالاقىگە چۈشۈشتى ۋە بۇنى نومۇس قىلماي ئەقىلنىڭ تەستىقىدىنئۆتكۈزۈشكە، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتى. ئەڭ يېڭى ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا،ھازىر ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلار، بەچچىۋازلار ئومۇمىينوپۇسنىڭ %10 دىن ئېشىپ كەتكەن.نىكاھسىز بىللە تۇرغۇچىلار، پاھىشىلەر، كۆڭلىتارتسىلا خالىغان بىرى بىلەن ئىچ- پۇشۇقىنى چىقىرىپ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەكيۈرىۋىرىدىغان سەرگەردان سوكۇلداقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس،ئەلۋەتتە. كىشىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان يىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلشەرمەندە قىلىقىدىن ئازراقمۇ نومۇس ھېس قىلىپ باقمايدۇ، ئۇيالمايدۇ. بەلكىكوچىلارغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەقلىقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىھەققىدە تىنماي نامايىش ئۆتكۈزۈپ داۋراڭ سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇستەشكىلاتى، گېزىت- ژۇرناللىرى، تور بەتلىرى بار. مىڭلىغان بەچچىلەرنى زىيارەتقىلىپ چىققان ئالفېرد كىنسىينىڭ ئېيتىشىچە :« مۇتلەق كۆپ سانلىق بەچچە ئۆزلىرىنىڭئىززەت- ھۈرمىتى، ئارزۇ - خاھىشىنىڭ قوغدىلىشىنى، قوللاشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىدقىلىدىكەن»( « ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» 1993_ يىل 15_ فېۋرال سانى، Inoohr.org تور بېتىدىكى ستاتېستىكىلق مەلۇماتلارغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل ).گەرچە بىر قىسىم ئامما ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن غەزەبلەنسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپسانلىق خەلق ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەرىكىتنى شەخسنىڭ خاھىشى، دەپ قارايدۇ،ئارىلىشىش، توسۇشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ، كارى بولمايدۇ. بەچچىلەرنىڭ تويقىلىشىنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولغان مىكائىل.ج.مىد ئىسىملىك بىرشىتات ئەمەلدارى شۇنداق دېگەن :« بىز ئاساسىي قانۇن لاھىيىسى ئارقىلىق قوش جىنسلىقمۇھەببەتداشلارنىڭ باراۋەر نىكاھ ھوقۇقىنى قوغدايمىز. قاراپ تۇرۇڭلار، بۇ جەزمەنشۇنداق بولىدۇ. بۇ قورققۇدەك ئىش ئەمەس، ئاسمان ئۆرۈلۈپمۇ چۈشمەيدۇ»( 365Gay.com توربېتىنىڭ 2005_ يىل 7_ فېۋرالدىكى سانىغا قارالسۇن). ھەتتا ياۋرۇپا دىنىيئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى بولمىش مارتىن ليۇتېر كىڭنىڭ ئوقۇغۇچىسى،كامبىرىج دىننى بىرلەشتۈرۈش- ئومۇملاشتۇرغۇچىلار باش مەھكىمىسى ۋە چىركاۋىنىڭمىنىستىرى رېۋ.توماس.ج.س.مېكىلسون :« مەن ئوخشاش جىنسلىقلارغا توي قىلىش ھوقۇقىبېرىشنى قوللايمەن. بۇنداق ھوقۇقنىڭ بولماسلىقى بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە ۋە نىكاھچۈشەنچىمىزگە چوڭ توسالغۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى ۋە ھەرىكىتىبىزنىڭ مۇشۇ مەدەنىيەتتىن چىققانىكەن، يەنە مۇشۇ مەدەنىيەتتىن قوللاش مۇھىتىبېرىلىشى كېرەك» دېگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىغىنىبىلدۈرۈپ :« بۇ ئىشلارنىڭ نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىغىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىزئۇلارغا باراۋەر نىكاھ ھوقۇقى بېرىلگۈچە كۈرەش قىلىمىز»(Freedomtomarry.org ( نىكاھقائەركىنلىك) تور بېتىگە قارالسۇن). دېگەن. « ئىنساننى، ئىنسانىلىقنى پاكىز،غەرەزسىز سۆيۈش» تىن ئىبارەت خرېستىئان روھىنىڭ بۇ باش ئىپسكوپى ئۆز قارىشىغا ئۆزىپەتىۋا بېرىپ يەنە شۇنداق دەيدۇ :« مەن ھەممە يەردە ئوخشاش جىنسلىق بەچچىلەرنىڭئائىلە، خىزمەت، نىكاھ، پەرزەنت، قوشنىدارچىلىق، ھاياتلىقتىن بەھرلىنىش ھەققىدىكىتەلەپ- چوقانلىرىنى ئاڭلايمەن. ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىمۇ مۇھەببەتنىڭ بىر خىلشەكلى. ئۇلار ئۈچۈن قانۇنلۇق نىكاھ پۇرسىتى بېرىش جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي نىكاھچۈشەنچىسىنى چىڭىتىدۇ». كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان بۇ چاكىنا پەتىۋا خرىستىئانروھىنىڭ ئادەمنىڭ نەپسى- خاھىشىغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان لىڭتاسما ئېتىقادشەكلىگە ئايلىنىپ قالغىنىنى تۇلۇقى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىئەمەلىيەتتىمۇ نەپس ۋە جىنسىيەت قوغلاپ زورايغان بەھەيۋەت لەھەڭگە ئوخشاپقالغانىدى. ئەخلاق- ئەقىدىسى چۈشكۈن بىر توپ زەھەرخەندە مىتىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقانيولسىز مۇتتىھەملىكىنى توغرا، دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئۇنى قوغداش جەمئىيەتخاراكتېرلىك بۇزۇلۇشقا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى. دىنىيمۆتىۋەر كۈچلەرنىڭ پاسىقلىقنى ھەق دەپ قوبۇل قىلىشى تارىخمۇ، شۇلار ئىشەنگەنخۇدامۇ مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغان ئىپلاس شەرمەندىلىكتىن، ئېتىقادقا قىلىنغان شەكسىزخورلۇق، ئاسىيلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دىنىي كۈچلەر، ھۆكۈمەت ۋە كۆپ سانلىقئاممىنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك ۋە بەچچىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئەخلاققا ھاقارەت كەلتۈرىدىغاننومۇسسىز قىلمىشلىرىنى شەخسنىڭ ئەركىن تاللىشى، چېقىلغىلى بولمايدىغان كىشىلىكھوقۇق، ھۈرمەت قىلىنىشى كېرەك بولغان خاھىش دەپ ئېتىراپ قلىشى، قوللىشى، پەرۋاسىزمۇئامىلە قىلىشى نەتىجىسىدە پاسىق بەچچىلەرگە تېخىمۇ جان كىردى ۋە ئۆزلىرىنىڭھايۋانىي نەپسىگە قانۇندىن ئاساس، دىندىن پەتىۋا ئېلىشقا بار كۈچى بىلەن ئۇرۇندى. ئىندىئاناشىتاتى قوش جىنسلىق مۇھەببەتداشلارنىڭ نىكاھ ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لاھىيىسىتۇرغۇزۇشقا پىكىر ئېلىش مەزگىلىدە رېۋ.جىف.ماينىر ئىسىملىك بىر بوۋاي :«تارىخشەرمەندىلىككە رەھىم قىلمايدۇ، ھەرگىز مۇنداق خاتالىققا يول قويمىغايسىلەر. نەچچەيىللاردىن كېيىن ئەۋلادلار بىزنىڭ بۇ قىلىقىمىز ئۈچۈن نومۇس قىلمىسۇن» ( Freedomtomarry.org ( نىكاھقا ئەركىنلىك) تور بېتىگە قارالسۇن.) دېدىتىترەڭگۈ ئاۋازدا يېلىنىپ. جىننىي دىكلېمېنتى ئىسىملىك يەنە بىر ئايال :« ئەگەرئىندىئانا تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئەشۇنداق پاسىق جايغا ئايلانسا، مەن بۇ يەردىنكېتىشكە ھەرقاچان تەييار» دېدى غەزەپتىن لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ. ئەمما دەل شۇچاغدا بۇ قانۇن لاھىيىسى ئاللىقاچان 11 شىتاتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ 24 شىتاتتامۇھاكىمە باسقۇچىغا كىرگەنىدى (Fortwayne.comتور بېتىگە قارالسۇن). «شىمالىي ئامېرىكا ئەر-ئوغۇللار سۆيگۈ تەشكىلاتى» نامىدىكى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ بەچچە تەشكىلاتنىڭنەچچە مىڭلىغان ئەزالىرى لوزۇنكا كۆتۈرۈپ « سەككىز ياشتىن كېيىن قالغان جىنسىيئالاقە ئەڭ چوڭ كىچىكىش!»، « ئون پىرسەنت يېتەرلىك ئەمەس، يېڭى ئەزا قوشايلى، يېڭىئەزا!» دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىش كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. ئۇلار يېشى كىچىكلەرگە مەجبۇرىيچېقىلىش ئارقىلىق ئەزا سانىنى كۆپەيتىشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم مەقسىتى قىلغان ئىدى. يېشىقانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىشاتتى. «ئايال مۇھەببەتداش قىساسچىلارتەشكىلاتى» ئەڭ ياش، گۆدەك قىزلارغا زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ، كۆپلەپ ئەزا قۇبۇلقىلغىنىدىن ئاشكارا پەخىرلىنىپ مەيدە قېقىپ يۈرەتتى. («سان فرانسىسكو مۇھاپىزىتى» 1992_يىل27_مارت سانى ، Inoohr.org تور بېتىدىكى ستاتېستىكىلق مەلۇماتلارغاكەلتۈرۈلگەن نەقىل) بىر يېرىم پىرسەنت بالا ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن خورلانغان ئىدى.بەچچىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىقتىكى يىرگىنىشلىك قىلمىشلىرىنى ئويلاشمۇ كىشىنىسەسكەندۈرۈپ، كۆڭلىنى ئاينىتىۋېتىدۇ. مېنىڭ بۇ خىل رەسۋالىقلارنى يېزىشقاھەقىقەتەنمۇ قولۇم بارمىدى. ئەقلى جايىدا ھەرقانداق ئادەم يۇقىرىقى بايانلاردىنبىز ئىنتىلىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ تەگ- ماھىيىتى ھەققىدە مەلۇم خۇلاسىگە كېلەلەيدۇۋە نېمە قىلىش، نېمە قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.
     يۇقىرىقى نومۇسسىز قىلىقلارنى قىلىۋاتقانلار ئەمەلىيەتتەبىزنىڭ بەزى «ئاقىل»لىرىمىزنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق، ساۋاتلىق، مەدەنىيەتلىكئادەملەر ئىدى. ئۇلار ئوقۇغانلار، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىداكېتىۋاتقان سەرخىللاردىن سانىلاتتى. ۋاشىنگىتون، نيۇيورك، سان فرانسىسكوكوچىلىرىدا بەچچە، قوش جىنسلىق مۇھەببەتداشلىق دەۋاسى قىلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ %59.6ئى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، %18 ئى ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار، %49 ئىكەسپىي، مەمۇرىي خادىملار، %15.9 ئى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن ئىدى (1990_ يىلى نەشىرقىلىنغان «ئامېرىكا قىسقىچە ستاتېستىكىسى» دىنInoohr.org تور بېتىدىكىمەلۇماتلارغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل). دېمەككى، جىنسىيەت ھەققىدىكى ئىلىم، ساۋات،ئۇچۇرلاردىن خېلى مۇكەممەل خەۋىرى بار، دەپ قارىلىدىغان ياشلار، زىيالىيلار،جاھاننىڭ سەركىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ بۇزۇقلىرىغا، ئەخلاقنىڭ، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭئەڭ چوڭ زىيانخور كۈشەندىلىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلار يات جىنسلىقلارنىڭ تىنىنىڭقانداق ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن ئەقىدىسىز ئىلىم ئۇلارنى توغرا،ساغلام ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش شەكلىگىمۇ ئېرىشتۈرەلمىگەن ئىدى. جىنسىي ساۋاتتىكىھۈرمەتلىك نوپۇزلۇقلاردا ئەخلاقى بوزۇلۇش، روھىي ئاينىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن بىلەن،بۇ ھەقتىكى ئىلىم، ئۇچۇرلاردىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان ئادەتتىكى پۇقرالاردا ئەڭئاز بولغان. غەرب دۇنياسىغا قارىمۇ- قارشى ھالدا شەرق ئەللىرىدە، بولۇپمۇ دىننىڭ،ئۆرپ- ئادەتنىڭ ھاياتى كۈچى يوقالمىغان، جىنسىيەت ئېچىلمىغان، دەرسخانىلارغا،ئاشكارا سورۇنلارغا تۇلۇق چىقالمىغان جايلاردا جىنسىي زوراۋانلىق، بۇزۇقچىلىق،ئەخلاقى چۈشكۈنلۈك، روھىي سۇلغۇنلۇق ئەڭ ئاز كۆرۈلگەن. كۆرۈلسىمۇ جەمئىيەتلىشەلمىگەن،مۇئەييەن چەكلەش كۈچىنىڭ نەتىجىسىدە بۇزۇقچىلىق سادىر بولسىمۇ، خۇپىيانە، خالىيجايلاردا بولغان. «بەچچىۋازلار ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلغاندەك :«دىنىي كەيپىيات سۇس ياكى ئۆلگەن ئائىلە، جەمئىيەتلەردىن جىنسىي، ئەخلاقىبۇزۇقچىلىق، زوراۋانلىق ھادىسىلىرى، پاھىشىۋاز، بەچچىۋازلار ئەڭ كۆپ چىققان»( Inoohr.org تور بېتدىكى ئىنگلىزچە ستاتېستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارالسۇن)جىنسىيەت يېپىلغان، يۇشۇرۇلغان، خالىغانچە، ئۆلچەمسىز مۇئامىلە قىلىش چەكلەنگەنجەمئىيەت، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىتى بىر قەدەر ساپ، جۇشقۇن، خاتىرجەم، مەنىۋى ھاۋاسىسۈزۈك، كىشىلىرى ھەر جەھەتتىن ساغلام بولغان.
ھىندىستانلىق پەيلاسوپ، ناتىق ئوشۇمۇ بىزنىڭ « تەرەققىيپەرۋەر» زاتلار تەشەببۇس قىلغاندەك فرېئۇدنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ جىنسىيەتنى يېپىشقا قارشىتۇرىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ مەلۇم ياشقا يەتكىچە يالىڭاچ يۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭچە« ئۇلار كىيىم زۈرۈرىيىتى جىنسىيەت سەۋەبىدىن ئەمەس، باشقا سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنىبىلىۋېلىشى كېرەك» ئىمىش( ئوشۇ « چىن مۇھەببەت سەپىرى »، تەڭرىتاغ ژۇرنىلى 1998_ يىل4_ سان.) ۋەھالەنكى، جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يات جىنسلىقلارنىڭئەزايى- تىنىنى پىششىق بىلىدىغانلار ئارىسىدا بولىدۇ. مەن كىيىم زۈرۈرىيىتى %90جىنسىيەت ۋە ئۇنى يۆرگەش سەۋەبىدىن دەپ قارىغۇچىلاردىن. يات جىنسلار ئارا تەن،ئەزالارنىڭ بىر- بىرىگە تۇنۇش بولۇشى قەلبتىكى رەزىللىك ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ تاشلىيالمايدۇ.تەنلەرنىڭ تۇنۇش بولۇشى راستىنلا ئىجتىمائىي ئاپەتنى تۈگىتىشتىكى بىردىنبىر ھەلقىلغۇچ ئامىل بولسا كىيىملەر ئاساسەن دېگۈدەك ئېچىلغان، ئاتا- بالا ئېشەكتەكقېپيالىڭاچ پېتى بىر مۇنچىدا يۇيۇنىۋىرىدىغان شەھەرلەر، غەرب، ياۋرۇپا دۇنياسىدانېمە ئۈچۈن ئىجتىمائىي كرىزىس شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىدۇ؟ ئەگەر يات جىنسلار ئاراتەننىڭ تۇنۇش بولۇشى ئىجتىمائىي كرىزىسلارنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايدىغان بولسابىز نېمە ئۈچۈن يالىڭاچ يۈرۈشنىلا تەشەببۇس قىلمايمىز؟ كىيىم زۈرۈرىيىتى جىنسىيەتسەۋەبىدىن بولمىغان ئىكەن ئۇنى كىيىۋېلىشنىڭ، جىنسىي ئەزا- بەلگىلەرنى يۆرگەپيۈرۈشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى؟
      ئوشۇ يەنە جىنسىي خىيالنى داۋالاش ئۈچۈن ئىستىقامەت يولىنىتاللاش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ ئوشۇ ۋەكىللىك قىلغۇچى بۇددىزم ئېتىقاد- مەدەنىيىتىنىڭقالدۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ئىنسانغا بەخش ئىتىلگەن نورمال كىشىلىك لەززەت،قەدىر- قىممەتكىمۇ ئارقىسىنى قىلىۋېلىپ، دۇنيادىن تەلتۈكۈس قول ئۈزۈپ زاھىتلىقنىتەرغىپ قىلغۇچى راھىپلىق يولىغا قايتا قەدەم باسامدۇق؟ مەن دەيمەن ئەقىدە. ئەقىدە -ئېتىقادسىز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىستىقامەت قىلىش كاللىنى ھارام خىيالغا پاتۇرىۋېتىدۇ.مەزمۇت ئەقىدىگە تۇيۇنغان روھىي قۇۋۋەتكە راھىپلاردەك ئىستىقامەتمۇ، يالىڭاچلىنىپكۆز تويدۇرۇشمۇ لازىم ئەمەس. كۆڭۈل ئاچ، روھ زەئىپ، مەنىۋىيەت قۇرغاق تۇرسا كۆز،قۇرساق، نەپس تويامتى؟
    جىنسىيەت، ئۇ ناھايتىمۇ نازۇك تېما. ئۇنىڭ نازۇكلۇقىنىڭئۆزىلا ئۇنىڭ يېپىلىشىنى بەلگىلىگەن. ئېستىتىكىدىمۇ نازۇك نەرسىنىڭ كۈچلۈكزەربىگە، قالايمىقان قېقىلىپ- سوقۇلۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ.ئۇنى ئاۋايلاپ، ئاسراپ، پەپىلىگەندىلا ئىشلەتكىلى، گۈزەللىكىدىن زوقلانغىلى بولىدۇ.جىنسىيەتكە مۇئامىلە قىلىشتا جەزمەن دۇرۇس، ساغلام ئۆلچەم بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭئېچىلىپ، يالىڭاچلىنىپ كېتىشى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. تىرىلەرتىگىشىپ، چاچلار غىدىقلاپ، ئوتتەك نەپەسلەر گۈرۈلدەپ يېنىپ تۇرسا ئادەمدىكىقىممەتلىك روھىي زىلزىلىلەر ئاسان قوزغىلىپ، ئاسان يېنىپ- يېتىپ ئېتىبارىقالمايدۇ، يات جىنسلارنىڭ ئوچۇق تۇرغان ھەربىر ئىككىلەمچى جىنسىي ئەزا- بەلگىلىرى،بولۇپمۇ، گرىمدە ئاتايىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن لەۋ، كىرپىكلەر، لەپىلدەپ سويلاپتۇرىدىغان چاچلار، ئوچۇق تۇرغان بىلەك، يوتا، كىندىك، پاقالچاق، كۆكرەكلەر، تار،خىپچاق كىيىملەردىن پاتماي چىڭقىلىپ تۇرىدىغان كۆكرەك، يوتا، ساغرا، قىسىلچىقلارقارشى تەرەپتە ئىنتايىن ئوڭايلا غىدىقلىنىش، ھېسسىيات قوزغىلىشلىرىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ. تار، قىسماقتەك قىسىپ، پۈتكۈل ئەزايى- تەننى چىڭقالدۇرۇپ تۇرىدىغانكىيىملەرنىڭ ئۆزىمۇ غىدىقلىنىش، ھېسسىي قوزغىلىش، چىڭقىلىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىلغىدىقلىنىش ئۇزۇن داۋاملاشقانسىرى دائىم قوزغىلىش ئىچىدە تۇرغان بۆرەككە ئېغىربېسىم پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى كۈچ- ماغدۇر، قۇۋۋەتنىڭ سوۋۇپ كېتىشىنى، ئېقىپكېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىلىك سۇۋۇيدۇ، جەڭگىۋار، جۇشقۇنلۇق ئاجىزلاپ، خام- خۇتالامزەللىلەر شىددەت بىلەن ئاۋۇپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، دەسسىسە يەر تىترەيدىغان،ئەقلى كىشىنى لال قىلىدىغان زەبەردەست كىشىلەرنى كۆرمەكمۇ بەسىي مۈشكۈللىشىپكەتمەيۋاتمامدۇ؟! يەنە كېلىپ تار، بەدەننى قىسىپ، سىقىپ تۇرىدىغان خىپچاق كىيىملەرقاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ تېرىلەرنىڭ سېزىمچانلىغىنى ئۈزلۈكسىزتۈردە تۆۋەنلىتىدۇ. تېرىلەر، سەزگۈ ئەزالار تولا غىدىقلىنىپ بارا- باراقاشاڭلىشىدۇ، بۇ ھال ئۇزۇن داۋاملاشقانسىرى تەننىمۇ، روھنىمۇ، زېھىننىمۇ كاردىنچىقىرىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەمدىكى تولا غىدىقلىنىش، ھاياجانلىنىشبەدەندىكى رەئىس ئەزالارنى، بولۇپمۇ بۆرەكنى ئەڭ تېز كاردىن چىقىرىدۇ، بۆرەككەزەرەر يەتكەن ھامان نېرۋا، مېڭىنىڭ فونكىسىيىسى تېز سۈرئەتتە ئاجىزلايدۇ. ئەستەتۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىش، ئۇيقۇسىزلىق،كەيپىيات ناچارلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى پەيدا قىلغاندىن باشقا يۈرەك، جىگەر،ئاشقازاننىڭ خىزمتىگە ئېغىر بېسىمۋە كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىش ئۈزۈلمەي داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىقكېسەللىكلىرىگە تەرەققىي قىلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ زور ئازاب ئېلىپكېلىدۇ، كەيپىياتى غەمناكلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، بارا- بارا يات جىنسنى كۆرسىمۇۋۇجۇدىدا باشقىچە ھېسسىيات، غەيرىي سىزىم پەيدا بولمايدىغان دەرىجىدە قاشاڭلىشىپكېتىدۇ. يات جىنسنى كۆرسىمۇ، بىر- بىرىگە سۈركىلىپ تۇرسىمۇ باشقىچە ھېسسىياتئويغانماسلىق دەل ئەرلەردىكى جۇشقۇنلۇق، جەڭگىۋارلىق، ئەركەكلىكنىڭ ئۆلۈشى،ئاياللاردىكى لاتاپەت، سېھىر- جەزىبىنىڭ خوراپ تۈگىشى بىلەن باراۋەردۇر. ئەڭئەقەللىي ئادىمىيلىك ھېسسىياتى ئۆلگەن بۇنداق كىشىلەردىن ئۇلۇغۋار غايە، نەتىجە،ئارتۇق ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. بۇنداقلاردىن توغۇلغان بالىلاردىن جەڭگىۋار،جۇشقۇن، قەتئىيلىرى ئازراق، مۇرەسسەچى، تەسلىمچى، خۇمسى مىجەز نائەھلىلەر كۆپچىقىدۇ. تەن ساپاسى يىلدىن- يىلغا تۆۋەنلەيدۇ، ئەقلى قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ. ھايۋانلارنىڭئۇرغاچىلىرىنىڭ كۈيلەيدىغان مەزگىلىدە ئەركەكلىرىنىڭ توپلىشىپ كۈچ سىنىشىپيەڭگەنلىرى بىلەن جۈپلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپزور ھېكمەت بار. مانا بۇ ئۆزىگە، قەۋمىگە، قەۋمىنىڭ كېلىچەكتىكى ساپاسى، مەۋجۇدلۇقسۈپىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت! راست، ئۆز ھاجىتى ئالدىدا ئامالسىز ئادەم قانداقمۇباشقىلارغا ھەمتاياق بولالىسۇن؟
ئەخلاق يىرتىلغان، جىنسىيەت ئېچىلغان يەردە ئەڭ ئالدى بىلەنئەرلەر ئاجىزلايدۇ، ئاندىن ئاياللار قۇترايدۇ. كىشلەر بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىزسىقىلىش ئىچىدە ياشايدۇ-دە، ئۆز كۆڭلىنى ئەسەبىيلىك، تەلۋىلىك ئارقىلىق خۇشقىلىشقا چۈشىدۇ. ئائىلە ۋەيران بولىدۇ، نىكاھنىڭ مەززىسى قالمايدۇ. مۇھەببەتلىشىشكەڭ ئەۋج ئالىدۇ، ئەمما مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭمۇ نىكاھىدا خاتىرجەملىكقارار تاپمايدۇ، چۈنكى تولا مۇھەببەتلىشىپ، تولا ئايرىلغان ئادەم ھەرگىزمۇ بىرئادەمنىڭ بىر خىل قارىشىغا قانائەت قىلالمايدۇ، ئۇلاردىن ۋاپا كۈتكىلىمۇ بولمايدۇ.تويدىن ئىلگىرىكى يېقىنچىلىق سەۋەبىدىن نىكاھتا ئىززەت، قىممەت قالمايدۇ، تويكېچىسىدە مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەك ئۆزگىچە ئۇچرىشىش ياكى يېڭىچە تۇيغۇ روياپقاچىقمىسا، نىكاھ تۇزسىز تاماققا ئوخشاپ قالىدۇ. تويدىن ئىلگىرىكى تۇرمۇش بىلەنكېيىنكى تۇرمۇش ساڭا يېڭىلىق، مېھىر، ئىللىقلىق ئاتا قىلالمىسا بۇنداق نىكاھجەزمەنكى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ، ھايا ۋە نومۇس ئۈستىگە قۇرۇلمىغان نىكاھتىن بەختنىڭكىشىنى مەست قىلغۇچى شادىمان كۈيلىرى ئەمەس ئازابنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغانيېقىمسىز تاراڭ- تۇرۇڭى چىقىدۇ.
ھاياتقا بولغان دۇرۇس ئەقىدە سۇنمىغان جايدا جىنسىيەتئىززەتلىك بولىدۇ. نىكاھ يات جىنسلار ئارىسىدىكى مۇقەددەس ئۆتۈشۈش شەرتىھېسابلىنىدۇ. ئىپپەت پاكلىقنىڭ، چىن سۆيگۈنىڭ، مېھىر- ۋاپانىڭ، ساداقەتنىڭ سىمۋولىسانىلىدۇ. جىنسىي ئەزاغا قاراش تۈگۈل، زۈرۈر بولمىسا شۇ ھەقتە گەپ قىلىشمۇ ئەيىپسانىلىدۇ. ئەر- ئايالنىڭ بىر- بىرىگە شەرتسىز ساداقىتى قەتئىي تەلەپ قىلىنىدۇ،ھارام خىيال، خىيانەت نومۇس، ھاياسىزلىق، بۇزۇقلۇق سۈپىتىدە قارىلىدۇ، جازا- تەدبىرلىرىئېنىق بولىدۇ. جىنسىيەتنى ھاقارەتلەپ پەس كۆرۈشكىمۇ، ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغاكۆتۈرىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭجىنسىيەتكە قويغان تەلەپ- ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىسى. بىرنەچچە ئونياكى بىرەر مىڭ ئادەمنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى پۈتۈنسۈرۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ گۇناھىقىلىپ ئارتىش چەكتىن ئاشقان يولسىزلىقتىن ئىبارەت. بىر مىليۇن ئۇيغۇر كوچىغاقېپيالىڭاچ چىقىۋېلىپ ئاشكارا بەچچىۋازلىق بىلەن شوغۇللانسىمۇ مەن ئۇنى ئادەمنىڭ،شۇلارنىڭ گۇناھى، رەزىللىكى دەيمەنكى، ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتنىڭ، ئېتىقادنىڭ گۇناھىدەپ بىلجىرلىمايمەن. بىر نەچچە ئادەمنىڭ رەسۋالىقىنى دەپ ئۆزىنى چۈشۈرۈپ ئۆزگىنىتەكچىگە كۆتۈرۈش ئەقىلسىز تەنتەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزنىڭ ئىلمىيتەشەببۇسلىرىمىز بىردەملىك ھېسسىياتنىڭ ئەمەس، پاكىتلىق، ئىلمىي دەلىلنىڭ زۇۋانىبولۇشى كېرەك. چېغىدا ئامېرىكىلىق ئەخلاقشۇناسلار مۇنداق دەيدۇ :« پەقەتئەنئەنىۋىي جىنسىي ئەخلاقلا كىشىلەرنىڭ نەپسى- ئارزۇسىنى ساغلام قاندۇرۇپ، ئەخلاق،ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالالىشى، ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى چىڭىتالىشى مۇمكىن. باشقاھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ»(Jkalb.org تور بېتىدىكى « ئەنئەنەجاھىللىقى » ناملىق ئىنگلىزچە ماقالىگە قارالسۇن).
باشقىلارنىڭ نېمە دىيىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن شۇنداق دەيمەن:جىنسىيەت يۆرگىلىشى كېرەك! ئۇنىڭغا ئىلمىي، ساغلام قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشىكېرەك. ئۇنى ئېچىش، ئۇ ھەقتە جەمئىيەت خاراكتېرلىك ساۋات ئومۇملاشتۇرۇش جىنسىيەتھەققىدە ساۋاتلىق، ئاقىل بولغانغا باراۋەر ئەمەس. ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان جىنسىينومۇسسىزلىقلارنى جىنسىي بىلىم- ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق چەكلەيمەندىيىش ئۆلۈۋاتقان ئادەمنىڭ ئېغىزىغا زەھەرنى «ياسىن سۈيى» ئورنىدا تېمىتىشنىئارزۇلاشتىن باشقا ئىش ئەمەس. جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىقروھىيەتنى، جەمئىيەتنى ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بولسا بۈگۈنكىياۋرۇپا، ئامېرىكا قالتىس ساغلام كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغانبولاتتى. ۋەھالەنكى، پۈتكۈل دۇنيا ئاللىقاچان ئەڭ ساغلام، كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتنىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېتەكچىلىك قىلغان دەۋر دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىشتى. ئەپلاتوننىڭ«غايىۋىي دۆلەت»ئى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى دۆلەتچىلىك ھەققىدىكىتەسەۋۋۇر، قاراشلىرى، ماركىسنىڭ كوممۇنىزمى پەقەت بىر گۈزەل جەمئىيەت ھەققىدىكىشىرىن خىيال، تەسەۋۋۇر پېتىلا قالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملا جەمئىيەتنى ئەخلاقئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، مۇكەممەل لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدىۋە ئۆزى ھايات چېغىدا ئۇنى نەق رېئاللاشتۇرۇپ ئۇنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتنىڭئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى، ئۆزى بولسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى دىن ۋە ئىجتىمائىيتۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخسكە ئايلاندى(شىنجاڭخەلق نەشرىياتى 1993_ يىلى 12_ ئايدا نەشىر قىلغان «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈزمەشھۇر كىشى» ناملىق كىتاب ۋە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1996_ يىلى نەشىرقىلغان «ئىسلام دۇنياسى» (ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابلارغا قارالسۇن).
جىنسىيەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلە- كېسەللەر ئاللىقاچانيەر شارى خاراكتېرلىك ۋاباغا ئايلاندى. ئۇنى دۇختۇرخانىلار داۋالاپ ساقايتىپبولالىشى، تەشۋىقات ۋاستىلىرى، بويۇملىرىنىڭ چەكلەپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەممائۇنى قۇيىۋېتىشكە، يالىڭاچلىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. جىنسىيەتنى دەرسخانىلارغاسۆرەپ كىرىش كېسەل تەگكەن دەرەخنىڭ تۈۋىگە كىسلاتا قۇيغان بىلەن باراۋەر. ئۇنداققىلىش بىزنى، بىزنىڭ مەدەنىيەتنى، كېيىنكى ئەۋلادلارنى تۈگىمەس بالالارغا مۇپتىلاقىلىدۇ. يېتەرلىك پەرۋىش، ساپ ھاۋا، بۇلغانمىغان سۇ بولغاندىلا يۇقۇملانغان،زەئىپلەشكەن تەن- روھنى قۇتقۇزىۋېلىش مۇمكىن. ھە راست، لازىم نەرسىلەرنىڭ بولۇشىلاكۇپايە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى لازىم نەرسىنى لازىم چېغىدا لازىم يېرىگە، جايىدائىشلىتىش. كېسەلنى داۋالاشقىلا، داۋالاش تەشەببۇسلىرىغىلا تاشلاپ قويۇپ ئالدىنىئېلىش تەدبىرلىرى قوللانماسلىق ئۆلۈمنى ئارزۇلاپ يېتىشتىن ئانچە پەرقلىنىپكەتمەيدۇ. ئالدىن مۇداپىئە كۆرۈش داۋالاشتىن مىڭ ئەۋزەل. چىركىن ئېقىم، مۇشتۇمزورئىدىيىلەر كەلكۈندەك باسقاندا پاكىز روھىي سەرمايىدىن ئەپچىل كېمە ياساپ چىقىۋېلىشچۈشكۈنلۈك ئىلكىدە توپاننى چىللاش- تىللاشتىن كۆپ ئەلا. ساغلام ئەقىدە، كەسكىنتۇرمۇش پرىنسىپى ئارقىلقلا بۇ ۋابادىن قۇتۇلۇش مۇمكىن. باشقىلار ئاچ دەيدۇ، مەنياپ، قاچ دېگۈچىلەردىن!
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش قەھرىمانى فلىد مارشال مونتىگومىرى 1964-يىلى 24- ماي كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا :« ئاڭلىسام فرانسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر قانچە دۆلەت ئوخشاش جىنسلىقلار قىلمىشىغاقانۇنىي يول بېرىپتۇ. بىز فرانسوز ئەمەس، شۇنداقلا باشقا مىللەت، دۆلەت تېخىمۇئەمەس. بىز ئەنگىلىيىلىك! ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرى! »(« ئوكسىفورد ئۈزۈندىلەرلۇغىتى »، ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1994_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە) دەپتىكەن.مەنمۇ شۇنداق دەيمەن :« دۇنيادا ئەخلاق پەقەت ۋە پەقەت بىر! بىز باشقا ھېچكىمئەمەس، باشقىلارغا ئوخشىغىمىزمۇ يوق. ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرىكى ۋە جان- جېنىمىزبىلەن تىلەيمىزكى: توپان بىزگە ھاجەت ئەمەس! ئاپەتنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي بارغۇسى كەپقالغان ئازغۇنلارغا دەيدىغىنىمىز : يولبولسۇن!».
(«شىنجاڭمەدەنىيىتى» ژورنىلى 2005- يىللىق 6- سانىدىن ئېلىندى)
------------------
ئەسكەرتىش:بۇ ماقالىنى كەمىنە ئوغۇزتىگىن يازمىغان،پەقەتتاسادىپىي كۆرۈپ ئۆزۈم ياقتۇرغاچقا كۆپچەلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يوللاپقويدۇم.شۇ سەۋەبدىنئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.ئىنكاس پىرلارى بۇ نوقتاغا ئالاھىدەدىققەت قىلىشىنى سورايمەن.

0

تېما

0

دوست

531

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26218
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 00:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى دەپسىز .بىر قىسىم يازغۇچى شائرچاقلىرىمىز ،ناخشىچىللىمىز ،كويدۈم سويدۈم ،مۇھەببەت تۇغرىلىق،ياكى مەزمۇنى يۇق بىر نەرسىلەرنى يازىدۇ،ئوقيدۇ.ئولانى كورسەم مەدىنيەتسىز ،ھەتتاكى ئوزىنىڭ ھەمشىلىرىگەمۇ ئىگە بۇلمىغانلىغىنى كورىمەن.بەزىلەر تىخى .ئاتۇش قىزى ،قەشقەر قىزى ،خۇتەن قىزى ،دەپ ناخشا ئوقۇيدۇ ،بۇلارنى بازارگە سالدىغان مالدەك ئىلان بىرىدۇ ،ئۇلار يۇرتلانىڭ ئىسمىنى  ئاتىماي ،ئوزلىرىنىڭ ھەمشىلىرىنىڭ .ئىسمىنى ئاتاپ ،يىزىپ ،ناخشا ئوقۇپ باقسۇن قىنى.!!!!!؟ مۇھەببەت ،سويۈش دىگەن تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى ،نىمشىھىت ئەپەندىم -بىلىم -ئىشقىدا دىگەن ناخشىنى 1930 يىللاردا يازغان ئىكەن .بۈگۈنمۇ قىممىتى چوڭ ناخشىدۇر ،باھادىرنامە دگەن ئەسەردىمۇ بىزنىڭ ئوتمىشىمىزنى ھاراقكەش خۇتۇنخۇمار كورسىتىپتۇ،.ئىلم پەن ئۈگۈنىش ،ياخشى .ئىش ھەركەتلەر يۇقتەك،.......؟يازغۇچللىرىمىزگە كويلىگىدەك ۋەتەننىڭ تاغ دەريالىرى ،ياخشى ئىش، ياخشى ھەركەتلەر ،ئىلم پەن ئەھلىللىرى ،نەتىجىلەر ،ئۇچقۇمامدۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 12:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sultan01 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 00:37
ياخشى دەپسىز .بىر قىسىم يازغۇچى شائرچاقلىرىمىز ،ناخشى ...

يازغۇچى ھەقنى ھەق يازمىسا قانداق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالالايدۇ؟
دىيارىمىزدىمۇ يازغۇچىلار يىزىۋاتىدۇ، داڭلىقلىرىدىن نەچىچىسى بار، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مويەن  مىللىتىنىڭ بەشىرىسىنى ئىنىق ئىچىپ تاشلىيالىغاچقا، قۇرۇقماي ھەقنى ھەق يازغاچقا كىشىلەر ئەسىرىنى زۇق بىلەن ئوقۇيدۇ، زۇردۇن سابىر «ئانا يۇرىت »نى ئىلاجى بار رىئال ۋەقەلەردىن يۇرۇتقاچقا كوپ قىتىم نەشىر قىلىندى، كىتاپخانىلارغا بارساق «تامغا چىقتىم، يىقىلدىم» دەپ كىتاپ يازغانلارنىڭ 3000 كىتاپلىرى سىتىلماي توپا بىسىپ تۇرۇپتۇ...

0

تېما

0

دوست

490

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31035
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 17:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تىمىنى يوللاپسىز ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ،ھەقىيقەتەن بىز سۇكۇت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەخلاقى بۇزۇلغان جەمىيەتتە ياشاۋاتىمىز. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ،ياشلىرىمىزنىڭ ،ھەدە -سىڭىللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھ ئىنساپ ئاتا قىلغاي.

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 18:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xogqar0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 12:54
يازغۇچى ھەقنى ھەق يازمىسا قانداق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ...

ئوقۇرمەنلەرنىمۇ تەھلىل قىلىپ باقارسىز.

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 19:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى بىر تىمىنى يوللاپسىز ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ...

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 16:01:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ ياخشى بىزنىڭ يەرلىك ئىشلىگەن كىنو فىلىملىرىمىز ئۆزىنى بۇ جەھەتتە خېلىلا تۇتۇۋالدى.

0

تېما

0

دوست

218

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32498
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 21:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى  دەۋرنىڭ   دورىسى ....!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )