تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى
ئاپتۇرى: مورتىز شىلىك[گىرمانىيە]
تەرجىمە قىلغۇچى: مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئېنىقلىما بېرىشتە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىش.غەرب ئىدىيسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدىن باشلاپ نىيۇتۇن دەۋرىگىچە ھەتتا كانت دەۋرىگىچە كىشىلەر تەبىئەت پەنلىرى بىلەن تەبىئەت پەلسەپىسىنى ئايرىپ قارىمىغان.ئەمما،شۇنىڭدىن باشلاپ تەبىئەت پەلسەپىسىگە تەئەللۇق بولغان خىيالىي مىتودلار ئۆزىنى تەبىئەت پەنلىرىگە تەئەللۇق بولغان تەجرىبە پروگراممىلىرىدىن ئايرىپ چىقتى. نەتىجىدە خىيالىي مىتودلارنىڭ ئەسلىدە ئادەمنى ئالدايدىغانلىقى،ماڭغىنىنىڭ ئاخىرى يوق «خالتا كوچا»ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى.ئۇنىڭغا ئۇلاپلا كەلگىنى بولسا تەبىئەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەردە پەلسەپىگە سەل قارىلىدىغان دەۋىر بولدى.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،تەبىئەت پەلسەپىسى دېگەن بۇنامنىڭ ئىززىتى قايتا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا،تەبىئەت پەنلىرىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىياتى نەتىجىسىدە تەبىئەت پەنلىرىگە پەلسەپە چۇڭقۇرلۇقىدىن يول ئىزدەش يەڭگىلىۋاشتىن ئۇمۇميۈزلۈك قىزغىنلىق قوزغىدى.ئەينى چاغدا مودا بولغان پەلسەپىگە قارىتىلغان ئۇمۇميۈزلۈك پوزىتسىيدىن چىقىش قىلىپ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەڭ دەسلەپ مۇنداق بەلگىلەندى(1)بارلىق تەبىئى جەرياننىڭ مۇكەممەل تەسۋىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىلىمگە ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش،ھەم(2)تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەرقايسى ئاساسىغا ئېپىستېمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئاقلاش ئېلىپ بېرىش.
ئەمما،بۇ كىشىنى رازى قىلغۇدەك ئېنىقلىما ئەمەس ئىدى.چۈنكى،تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ۋەزىپسى ياكى نىشانى بارلىق تەبىئىي ھادىسە ۋە تەبىئىي جەريانلارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىمگە ئېرىشىش،باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇ ھەرقايسى ئەڭ ئۇمۇمىي ھۆكۈملۈكنىڭ بايان قىلىنىشى ھەمدە قىياسنىڭ ھەقىقىيلىقىغا بىرخىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش ئىدى.
تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەرقايسى ئوخشىمىغان تارماقلىرىنىڭ بىرىكىشى ياكى قوشۇلۇشى يەنى،ئاددىي ھۆكۈملۈكنىڭ بارغانسىرى ئۇمۇميۈزلۈك بولغان مەسىلىگە تەۋە بولۇشى پەقەتلا تۆۋەندىن يۇقىرىغا يۆنىلىشتە يۈزبېرىدۇ.چۈنكى،ھەربىر ساھەدە بىلىم تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېتىدىغان سەۋىيىمۇ بارغانسىرى يۇقىرىلاپ بارىدۇ.تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشنىڭ ئالدىدا ئۇخىل زۆرۈر ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇكەممەل تەسۋىرگە ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.پەلسەپىدە ئىشقا ئاشۇرىمەن دېسىمۇ بۇ خىل ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش ئوخشاشلا مۇمكىن ئەمەس.تەبىئەت پەنلىرىنىڭ بارلىق ۋەزىپىسى ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملۈكلەرنىڭ توغرىلىقىغا بوشاشماستىن بىر-بىرلەپ قاراپ چىقىشلا بولۇپ،نەتىجىدە بۇ خىل ھۆكۈملۈك تەرەققىي قىلىپ بارغانسىرى مۇستەھكەم تىكلەنگەن پەرەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇ خىل پەرەز ئاساس قىلىنغان بېكىتمە مۆلچەر بىرلا ۋاقىتتا مۇشۇخىل ئۇسۇل بىلەن تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ساھەلەردىن تەجرىبە قىلىپ بېكىتىلىدۇ ھەمدە تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئاساسىغا قارىتا باشقا ئالاھىدە پەلسەپىۋى تەھقىقلەش مەۋجۇت ئەمەس.بۇ خىل تەھقىقلەش مۇمكىن بولمايلا قالماي بەلكى ئارتۇقچە.بۇ نۇقتا تۆۋەندىكى مۇھاكىمىدە داۋاملىق چۈشەندۈرىلىدۇ:
پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتساق،تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى تەبىئەت پەنلىرىنىڭ پەرەزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.تەبىئەت بىلىملىرى ھۆكۈملۈك دەپ ئېلىنىدۇ،تەبىئەت قانۇنىيتى ھۆكۈملۈك شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.ئەمما ھۆكۈملۈكنىڭ مەنىسى بولسا مەزكۇر ھۆكۈملۈكنىڭ چىنلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ،ھەمدە بۇ ئىككىسى تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ.ھالبۇكى،ئۇلارنى ئايرىۋېتىشكە بولمىسىمۇ بىز بۇيەردە ئىككى خىل پىسخىك تۈس بويىچە مۇزاكىرە قىلالايمىز:بىرى،پەرەزنى دەلىللەشنىڭ چىنلىقى،يەنە بىرى پەرەزنى چۈشىنىشنىڭ ئەھمىيتى.تىپىك ئىلمىي مىتود چىنلىقنى ئېچىپ بېرىشكە باشلايدۇ،پەلسەپىنىڭ تىرىشچانلىقى مەنىنى بايان قىلىشقا كۆرسەتمە بېرىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى تەبىئەت پەنلىرى ھۆكۈملۈكلىرىنىڭ مەنىسىنى شەرھىيلەش.شۇڭا تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ئۆزى بىرخىل پەن ئەمەس،بەلكى تەبىئى قانۇنىيەتنىڭ مەنىسىنى كۆزىتىشكە كۈچ بېغىشلايدىغان پائالىيەت.
نۇقتىئىنەزىرىمىزنىڭ مۇكەممەل قۇرۇلۇشى ئۈچۈن،تەبىئەت پەنلىرىنىڭ سەنئەت ھەم ئاتالمىش مەدەنىيەت پەنلىرىدىن پەرقلىنىدىغان بىرقىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلىۋالىمىز.ئەمما،بىز پەقەت تۆۋەندىكى بايانلارنىلا ئوتتۇرىغا قويالايمىز:تەبىئەت دېگىنىمىزدە،بارلىق چىن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،ماكان ۋە زاماندا بەلگىلەنگەن نەرسىلەردۇر.ماكاندا مەۋجۇت بولغان ياكى يۈزبەرگەن ھەرقانداق شەيئى ياكى جەريان ئوخشاشلا زاماندا مەۋجۇت بولىدۇ ياكى يۈز بېرىدۇ.ئەكسىچە بولسا ساختا بولۇپ چىقىدۇ.چۈنكى،ھېسيات ۋە كەيپىياتنىڭ ماكان ئورنىنى ئېنىقلاش جەزمەن ساختىلىقتۇر.ئەمما،بۇلارنى بەلگىلەنگەن شەخىسكە تەۋە قىلغىلى بولىدۇ.مۇشۇ مەنىدىن بۇلارنى ماكانلىق خارەكتېردىكى شەيئىلەربىلەن ئۆز-ئارا باغلىغىلى بولىدۇ. يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىسەك،بارلىق تارىخ،مەدەنىيەت ھەتتا تىلنىڭ ئۇبيېكتلرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ماكان-زامان خارەكتىرى بولىدۇ ھەم تەبىئەتنىڭ بىرقىسمى.شۇڭا،ھەممىسىلا تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئۇبيېكتى.
مەنبە:مورتىز شىلىكنىڭ «تەبىئەت پەلسەپىسى»ناملىق كىتابىنىڭ 1-باپىدىن،شاڭۋۇ نەشرىياتى2013-يىللىق نەشىرى.
|