- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31805
- نادىر
- 18
- يازما
- 1020
ئۆسۈش
54.51%
|
مەن ئامېرىكىدىكى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى بىلگەجاندىن ئەرلەرنىڭ «مەيدە تۈكى » نىڭ زادى قانداق فېزېئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر مۇنداق سوئال سورىدىم :
بىز ئۇيغۇرلاردا قورىقماس ، مەرىت ، لىللا ئادەملەرنى " مەيدىسىنىڭ ئەركەك تۈكى بار " دەپ قويىدىغان ئادەت بار .
مۇشۇ مۇنبەرگە بىر تەرجىمە تېمىسى يوللۇدۇم . ئۇنىڭدىمۇ غەرب ئاياللىرىنىڭ جۇڭگو ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالىماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرىمۇ " جۇڭگو ئەرلىرىنىڭ مەيدە تۈكىنىڭ بولماسلىقى " دەپ يېزىلىپتۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدە تۈكى ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن غەرب ئاياللىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىدا مۇئەييەن ئوخشاشلىق باردەك قىلىدۇ .
بىلگەجان ئەپەندى ، " مەيدە تۈكى " سىمۋوللۇق مەناغا ئىگىمۇ ياكى ئادەم بەدىنىدىكى تۈك راستىنلا بىرەر خۇسۇسىيەتنى بىشارەتلەمدۇ ؟
بىلگەجان بۇ ھەقتە مۇنداق جاۋاپ بەردى :
ھاھاھاھ... ناھايىتى قىزىقارلىق سوئال سوراپسىز. شۇنداق، مەيدە تۈكى بىلەن ئەرلىكنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن مۇئەييەن باغلىنىشى بار.
مەيدە تۈكى ياكى بەدەندىكى تۇغۇلغاندا بار تۈكتىن باشقا (چاچتىن باشقا دېمەكچى) بارلىق تۈكلەر جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرلەردە كۆپرەك تېپىلىدىغان تېستوستېرون دەپ ئاتالغان (ئاياللاردىمۇ ئاز مىقداردىمۇ بار؛ ئەكسىچە ئەرلەردىمۇ ئاياللىق جىنسىي ھورمۇنمۇ ئاز مىقداردا بار) ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن مەيدە تۈكى ۋە باشقا ئەرلىك ئىككىلەمچى ئالامەتلەرنى كونتىرول قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيدە تۈكىنىڭ يوق بولۇشى ياكى ئاز بولۇشى مۇتلەق ھالدا شۇ ئەر بەدىنىدىكى تېستوستېرون مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن مەيدىسىدە تۈكى بار ئەرلەردە تېستوستېرون مىقدارى كۆپرەك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
ئاياللارنىڭ مەيدىسىدە تۈكى بار دېگىنى سىمىۋوللۇق مەنىدە ئېيتىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، مەيدە تۈكى ئاز ئەرلەردە يەنە ئاياللارنى جەلىپ قىلىدىغان پۇراق ئازراق بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن. يەنى ئەر-ئاياللار پۇراق ئارقىلىق جىنسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە جەلىپ بولىدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىلمىي ئىسپاتلار بار ھەمدە تېستوستېرون مىقدارى كۆپ ئەرلەرنىڭ پۇرىقى يات جىنىسنى بەكرەك جەلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. دېمەك، گەپ تۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك ئېيتىلغان بىلەن بۇ ئەمەلىيەتتە تېگىدىن پۇراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇنداق قىزىقارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئامراقلىقىمدا ئۇيقۇمنى قويۇپ جاۋاب يېزىۋەتتىم، دە... :lol
سوئالىڭىزغا رەھمەت!
توغرا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن: تېستېرون ئەرلىك خۇسۇسىيەتلەرنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ، ئەرلەر مىجەزىنىڭ قوپال، چۇس بولۇشى، ياكى ياش توي قىلمىغان ئەرلەرنىڭ ئاسان تېرىككەك بولۇشى، ئەكسىچە بوۋايلارنىڭ يوۋاش-يۇمشاق بولۇشىمۇ زور جەھەتتىن مۇشۇ ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى چۈشىنىشىنى خالىسىڭىز مېنىڭ شەخسىي بىلوگىمغا كىرىپ (بىلگە بىلوگى) تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ باققايسىز:
ھورمۇن ۋە سالامەتلىكىمىز
ھورمۇنلۇق دورىلار ھەققىدە چۈشەنچە |
|