- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1784
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
78.4%
|
يۇمۇرلۇق ھېكايىچاقلاردىن ئىككى پارچە
بەگ ئالىپ
(1)
بايام يانچۇقتا بىر سىنىتمۇ يوق مەكتەپ ئاشخانىسغا كېتىۋاتسام، ئالدىمدا مودىلدەك پوچى ياسىنىۋالغان ئېگىز ھەم چىرايلىق بىر قىز مۇزلۇق يولدا نايناقشپ ئاران مېڭىپتۇ. گۈلۈپپىدە يىقىلسا ..بېرىپ يۈلىۋالسام...ماڭا رەھمەت ئېيتسا،ئاندىن....دەپ شېرىن خىيال سۈرسۈپ تۇرسام خۇدايىم يۆلىدىمۇ ، ھېلىقى قىز كاۋا يېرىلغاندەك ۋاككىدە قىلىپ مۇزلۇق يەردە پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ياتىدۇ قاراڭلار....كۆنگەن خۇيغا زادى ئۆلۈمدىن باشقىسى بىكاركەن...شۇنداق جاراڭلىق كۈلۈپتىمەنكى،كۈلكەمنىڭ دەستىدە قورسۇقۇم ئاغرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم....كۈلكەمنى باسالماي تۇرسام بىر «يېڭى كەلدى »كېلىپ قىزچاقنى يۆلىۋالدى ...قىز قوپۇپلا ماڭا كۆك ئەرۋاھتەك سۈرمە سۈرۈۋالغان كۆزلىرى بىلەن شۇنداق سەت ئالايدىكى...چىرايىمدىن كۈلكە شۇئان ئۈچۈپ پۇت قولۇمغا تىترەك ئولاشتى.....ئىشقىلىپ دەششەت مازلاشتىمېي.......
خەپ ،كەچتە لېيافىڭلىقى تۇتۇپ كەتكەن «يېڭى كەلدى» نى ياتىقىمغا چاقىرىپ، ئۆزىدىن چوڭ قىزلارنى ئاتىكاچىلىق قىلىپ يۆلىۋالسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغىنىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام ...
ئۇف..مەندىن ئىبرەت....!!!!! چىرايلىق قىزلار يىقىلىپ چۈشكەندە كۈلكە -ھەزىلنى قۇيۇپ دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزۇۋېلىڭلار... بولمىسا مۇشۇنداق نىسىۋەڭلەرگە ئوغرى چۈشىدىغان ئىش چىقىدۇ...لېكىن گەپنىڭ سەتىنى دەپ قۇياي...لىتسىىيە چىراي قىزلار يىقىلىپ چۈشسە ھەر قانچە لېيفېڭلىقىڭلار تۇتۇپ كەتسىمۇ غىت قىسىپ ئالدىڭلارغا مېڭىڭلار ... كېلىشكەن يىگىتىىن بىرى كېلىپ قولىمدىن تارتىپ يۆلىۋالسا ...ئاندىن ئىسمىمنى سورىسا ...دەپ قەستەن يىقىلىپ چۈشىۋالدىمۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىچۇ....
________«بەگ ئالىپنىڭ تۇنجى قاردا قىلغان ۋەز -نەسىھەتلىرى »دىن ....
(2)
ۋىتاسنىڭ ھاۋا ئۆتمەيدىغان كالتە ئىشتان كىيىۋېلىپ توۋلايدىغان ئالۋاستى ئاۋازى دېگەن ناخشىسىنى بىلىسىلەرغۇ،... ھېلىقى ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا دەپ بار جېنى بىلەن ۋارقىرايدىغانچۇ... .... كېكەچ ياكى خاڭخاي بولمىساڭلارلا چۇقۇم توۋلاپ باققان... مۇشۇ ناخشىغا دەششەت ئىشتىياقىم بارچۇ، كۈندە كەچ مەكتەپنىڭ ئادەم يوق بۇلىڭىغا بېرىپ تىڭشىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا .......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا .... دەپ بىرە شىڭگىل توۋلىۋالمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ... بىر كۈنى كەچكتە خۇمارىم تۇتۇپ كېتىپ مەكتەپنىڭ بۇلڭىغا بېرىپ بارچە ئاۋازىم بىلەن ۋارقىراپتىمەن: ...ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا ........
دەل شۇ چاغدا دەرەخنىڭ دالدىسىدا ئادەم بار ئىكەنتۇق،...بىرى «ۋاااااااااااا..»لا دەپ يەرگە گۈپلا يىقىلدى....يەنە بىرمۇ بار ئوخشايدىكەن ..ئالدى ئارقىغا قارىماي قېچىپ كېتىپ بارىدۇ....دەرخنىڭ تۈۋىگە بارسام بىر چىرايلىق قىز يەردە يېتىپتۇ.....تۆت تەسسەك سالساممۇ سادا يوق....دېمەك ھۇشىدىن كىتىپتۇ . . ئۇف.....مانا نەسچىلىك.....كۆتۈرەي دېسەم يەردىن ئۈزىۋېلىشقا كۆزۈم يەتمىدى..ھېلىمۇ ياخشى ئەخلەت تۇشۇيدىغان بىر ئەبجەخ ھارۋا بار ئىكەن..شۇنىڭغىلا سالدىم،دوختۇرخانىغا سۆرەپ ئاپارغۇچە تەر دېگەن شاقىراپ ئاقتى..بىر كېچە ئۇخلىماي بېشىدا ھاڭ ئولتۇردۇم..
ئۇكۇلدىن تۆت -بەش بوتۇلكا ئىچىپ بولغاندا كۆزىنى ئاچتى..
- بۇرۇن بىر چاغدا ئىككى بالا ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قالغان ھېلىقى قېرى دەرخ بارغۇ ، ئاخشام شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام ئالۋاستىنىڭ شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى قاراڭ،....قاچاي دەپ تۇرسام سىز ھۇشىڭىزدىن كېتىپ يەردە يېتىپ قاپسىز ...كەينىمدىن قوغلاۋاتقان ئالۋاستىنىمۇ ئۇنتۇپ سىزنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا يۈگۈردۈم...
-مۇھاببىتىمچۇ..ئۇ قەنى...
-بەك قورققان ئوخشايدۇ .. كەينىگىمۇ قارىيالماي تىكىۋەتتى..
-خەپ ئۇ نىمىگە ئىككىنچى قارايدىغان بولسام...
-شۇ ،ئۇنداق يامان كۈندە تاشلاپ كەتكەننى يار دېگىلى بۇلامدۇ...
باتۇر يىگىتنىڭ ساھىپجامالنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كېين ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كىنولاردا جىق كۆرىدىڭلارغۇ ............شۇڭا گەپنىڭ كەينىنى دېمىسەممۇ پەرەز قىلىپ بولدۇڭلا ھە قاچان .
شۇندا قىلىپ ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا دېگىمنگە پەرى قىزدىن بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ مۇھاببىتىم بولۇپ قالدى ...ئىشقىلىپ بۇ شەھەردە بىز كىرمىگەن «قەشقەر تىلۋىزىيە ئىستانسىسى » دېگەنلەر ئاساسەن قالمىدى دېسەممۇ بۇلىدۇ....( ئىچىڭلاردا ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىنى كۆرمىگەنلەر يوققۇ ھە) ... ئالىي مەكتەپ دېگەننىڭ پەيزىنى ئىككى يىل قېنىپپ سۈردۇق .....
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇقۇش پۈتتى ...ھەممىڭلەرگە ئايان ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلومى دېگەن ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ ئاجرىشىش خېتى دېگەن گەپ ......گەپنى ئۈزەي دېدىم... ئەمدى ئىككى يىل مۇھاببىتىم دەپ پىقىرتىپ يۈرۈپ قۇرۇقلا خېتىنى بېرىۋەتسەم ئوغۇل بالنىڭ ئىشى ئەمەس... يايمىدىن ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈكتىن بىرنى بەش سومغا ئالدىم....ئاندىن 30سومغا ئېسىل قۇتىدىن بىرنى ئېلىپ ئۈزۈكنى ئىچىگە جايلاشتۇرۇپ دېگەندەك سوۋاغاتنى تەييار قىلىدىم....ئەمدى سوۋغاتنى بەرگەچ گەپ ئاچسام تىللاپ كەتكىلى يۈزى چىدىماس دەپ ئويلىدىم........يانچۇقۇمدىن ئۈزۈكنى ئېلىشىمغا كاپپىدە تارتىپ قاراپ كەتتى...ۋاي ۋوي... نىمانداق ئېسىل ئۈزۈك بۇ دۇبەينىڭ پاسۇنىدەك قىلامدۇ...كۆزىڭىز بەك مال تۇنۇيدۇ جۇمۇ...
-ئەمدى جېنىم ، پەرھات -شېرىندەك ئاشىق-مەشۇق بولۇپ دوست -دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرگىلىمۇ ئىككى يىل بوپتۇ ...
قولى يۈزۈم تەرپكە كېلىۋېدى..مانا تەستەك يېدىم دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرسام ئاغزىمنى مۇلايىملىق بىلەن توسۇۋالدى:
-دېمىسڭىزمۇ بىلىمەن ،جېنىم ...مەن ئاللىقاچان ئانام -بىلەن دادامغا دەپ بولغان.. ..سىزگە تېگىمەن.. ..يۇرتىڭىزغا بىللە كېتىمىز...
ئازراقلا ئىش بولسا بەك ھاياجانلىنىپ كېتىمەنچۇ..ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۆزۈمنى كونتۇرول قىلالمىدىم..جېنىم چىقىماي قۇتىلالمايدىغان كونا خۇيۇم...شۇنداق توۋلاپتىمەنكى..ئەيييۇھانناس ۋىتاستىنمۇ ئۆتە چاڭ چىقىرەتتىم :......ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا ...........ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا ........
ئۇف...ئىش بۇزۇلدى..تۈگەشتىم ...
ئۇ ئۈستەل ئۈستىگە سەكرەپ چىقىتى..
-..ئەسلى سەن باندىت ئالۋاستىنى دوراپ ۋارقىراپتىكەنسەندە ... ..تېخى ئالۋاستىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم دەيدۇ....دوختۇر پۇلۇمنى تۆلە... بۇرۇنقى لىيىڭزەيگە ئوخشايدىغان مۇھاببىمنىمۇ قورقۇتۇپ قاچۇرۋەتتىڭ .....مۇھابىتىمنى تۆلە.....توختا قاچما......
.....ۋىژ.......ۋۇژ..... تاراڭ -تۇرۇڭ.....
چەينەك تەخسىلەر.....ئىككى پاي ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قۇلۇقىمنى سىيپاپ ئوقتەك ئۆتۈپ كەتتى.......پىيالە قۇلاق تۈۋۈمگە بېرىپ توختىدى.. ...
بەدىنىمدە ساق يەر يوق....ئۇرۇندۇق تەككەن بوينۇم ئىششىپ قاپتۇ ،تۇتقىلىمۇ قويمايدۇ.......يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكمنى چۆرىۋېتىپ قارا كۆزەينەك تاقىۋالدىم...
ئۇف ..بۇ دەرتلەرگە نىمە دەي...يەنە ئادەم يوق بىر يەرگە بېرىپ ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا ........دەپ توۋلىغىم كېلىۋاتىدۇ...لېكىن بۇ قېتىم ئەتراپىمدا ئادەم بارمۇ يوق ئوبدان قارايمەن......ئەلۋەتتە چىرايلىقراق قىزلار بولسا تەلەي سىنىغاننىڭ ئورنىدا يەنە بىر توۋلاپ باقارمەن .....بولمىسا غىت قىسىمەن....
ئۇف... دەرتنى مۇشۇ يەرگىچە تۈكەي...مەندىن ئىبرەت!!!!!......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا ........ نى بىر قېتىم توۋلىساڭلا گۈزەل قىز بىلەن مۇھاببەتلىشىشكە يېتىپ ئاشىدۇ..ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم جاقىراپ سالماڭلار.....
__________بەگ ئالىپنىڭ كېپىنەكلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن مۇھاببەت ھېكايىسى
ھۆرمەتلىك باشقۇرغىچىلار ۋە مۇنبەرداش قېرىنداشلار.....مۇشۇ ئەبجەش يۇمۇرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئويلايمەن دەپ ئوتتۇزئىككى چىشمنى كۆرسىتىپ كالچىيىپ يۈرگىلى ئىككى كۈن بولدى..تۈنۈگۈن قىز دوستۇم بىلەن كېتىۋېتىپ مۇشۇ يازمام يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالدى..شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمچىلا ھىجىيىپ كېتىپتىمەن..دەل شۇ چاغدا چىرايلىق قىزلادىن نەچچىسى ئالدىمدا مېڭىپتىكەن...قىز دوستۇم دېگەن ساراڭ نېمىشقا يات قىزلارغا قاراپ ھىجىيىسەن دەپ چالۋاقاپ بېشىمنى ئۇچاق قىلدى...دېمەكچىمەنكى بۇ نەرسىنى يازغىچە ئاز ھەرەج تارتمىدىم...شۇڭا ياقسا كۈلۈڭلا..سەل ئەخلەت تۇيۇلۇپ قالغان بولسا تارتقان جاپايىم ئۈچۈن بولسىمۇ تىللاپ ساماي ئۆتەپ كېتەسىلە...
|
|