- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7510
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
100%
|
ئادەتتە تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلەردە ھەرگىزمۇ «ئەپسانە» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ. بىلگەجان مەزكۇر ماقالىسىدە پايدىلانغىنى «كۈنلۈك ئىلىم-پەن خەۋەرلىرى» (Science Daily) دېگەن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنگلىزچە «myth» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن، ھەمدە «ئوڭ-مېڭىلىق» ۋە «سول-مېڭنىلىق» دېگەن سۆزلەر يالاڭ تىرناق (‘ ‘) نىڭ ئىچىگە ئېلىنغان. يەنى، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە «myth» دېگەن سۆز ئەسلىدىكى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى ئىشلەتكەن سۆز بولماستىن، ئۇ ھېلىقى خەۋەرنى تەييارلىغۇچى ئىشلەتكەن سۆزدۇر. ئىنگلىزچە «myth» دېگەن سۆز بىر كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، بىلگەجان ماقالىسىدە ئۇنى «ئەپسانە» دەپ ئېلىپتۇ.
=====================
ئىلمىي ماقالىلەردە myth دېگەن سۆزنى خېلى كۆپ ئىشلەتسە كېرەك. مەن ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي ماقالىلەر ئامبىرىغا كىرىپ تەكشۈرسەم 3885 پارچە ماقالىدا بۇ سۆز ئىشلىتىلىپتۇ (بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ماقالىلەر).
Screen Shot 2014-12-01 at 11.10.33 PM.png
شۇڭا ئىزدىنىپ باقماي تۇرۇپ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس دېيىشىڭىز توغرا بولماي قاپتۇ. مەن تەرجىمە قىلغان ماقالىدە myth دېگەن سۆزنىڭ كۆپ تارقالغان، ئەمما ئاساسىي يوق ئىددىيە، قاراش دېگەن مەنىسى بار بۇنى مەن ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىمدا ئېنىق چۈشەندۈردۈم. مېنىڭ ئەپسانە دەپ تەرجىمە قىلغىنىم خاتا دەپ قارىسىڭىز سىز تېخىمۇ مۇۋاپىق سۆزنى ئاساسىڭىز بىلەن قوشۇپ تەۋسىيە قىلسىڭىز، ئورۇنلۇق بولسا مەن تەرجىمىنى ئۆزگەرتىپ قويىمەن.
مېنىڭ بۇ يەردە قېرىنداشلاردىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار: بىز نېمە ئۈچۈن خەلقىمىزگە نەچچە ئون مىڭ تەتقىقاتچىلار يېرىم ئەسىردىن بىر ئەسىردەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ بايقىغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى تونۇشتۇرماي، بىرەر پارچە ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغىمۇ ئىگە بولمىغان تور ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىدىكى، پەقەت ئاسۇ كەسپتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەر ئارىسىدىلا تالاش-تارتىش قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆز-قاراشنى كۆپ-سانلىق كەسپ ئەھلىلىرى قوبۇل قىلغان نەرسىدەك كۆرسىتىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە يوللايمىز؟
===================
مېنىڭ بۇ ماقالىنى يوللاشتىكى مۇددىئايىمنى ئۈستىدە يېزىپ بولدۇم. سىزدىنمۇ سوراپ باقاي: سىز بىرمۇ پايدىلىنىش ماتىرىيالىنىمۇ ئىشلەتمەي (مەيلى نېمە سەۋەب بولسۇن) پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز بىلىدىغان، ئۆز ئىچىڭىزدىن چىققان بىلىملەردەك قىلىپ تورغا ماقالە يوللىسىڭىز بولىدۇ-يۇ، مەن نېمە ئۈچۈن بىر نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشسام بولمىغۇدەك؟ كىشىلەرگە بىلىم يەتكۈزگەنگىمۇ يامان گۇماندا بولۇشىڭىز مەيلى ئىلمىي، مەيلى سىز خەلقىمىزگە ئۆگىتىۋاتقان شەرىئەت قائىدىلىرىگە بولسۇن ئوخشاشلا زىت كىلىدۇ. مەن پايدىلانغان ئىلمىي ژورنالنىڭ قانداق ئىلمىي ژورنال ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ بولدۇم، شۇڭا نوپۇزلۇق بولمىغان دېگەن سۆزىڭىز توغرا ئەمەس. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىلا ئۇيغۇرنى ئويلايدۇ، خەلقىنى ئويلايدۇ، دەپ ئويلامسىز؟ مېنىڭ كىشىلىرىمىزنى ئۆز كەسپىمدىكى توغرا بىلىملەرنى بىلىۋالسۇن دېگىنىم ئەجابا خاتا ئىشمۇ؟ باشقىلار قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلارنىمۇ ئېتىراپ قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىمۇ ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن ئەقەللىي بىر ئىش.
بۇنداق قىلىشنىڭ خەلقىمىزگە نېمە پايدىسى بار؟
==================
بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ پايدىسى شۇكى: 1. خەلقىمىز ئەڭ يېڭى ۋە توغرا بىلىملەرنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا بىلىۋىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، بۇ ھوقۇقنى بىزدەك ئىلىم ئەھلىلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.
2. خەلقىمىز بىراۋ نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىشنىۋەرمەي، توختاپ تۇر بۇ توغرىمىدۇ، بەلكىم باشقىچە قاراشلارمۇ بارمىدۇ، دەپ تەنقىدى، ئەقلىي پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئادەتلىنىدىغان بولىدۇ. ئەقلىي ۋە تەنقىدى پىكىر قىلىشقا كۆنۈشنىڭ مىللەت ئۈچۈن پايدىسىنىڭ زورلىقىنى سىز بىلىسىز.
مۇشۇنداق ئەھۋاللار يېقىندا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭ باھانىسىدا مېنى قاتتىق ھاقارەتلىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى (ئاشۇنداق ھاقارەتتىن بىرسى يېقىندا يېرىم كۈن ئىچىدە توردىن ئۆچۈرۈلدى).
=======================
ئۇ ئەھۋاللار بىلەن مېنىڭ قىلچىلىك مۇناسىۋىتىم يوق، سىزنى كىم ھاقارەتلىگەن بولسا شۇ كىشىگە دېمەي ماڭا دەۋىلىشىڭىز كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويدۇ. مەن سىزنى ئەزەلدىن ھاقارەتلەپ باقمىدىم، بۇنىسى ھەممەيلەنگە ئېنىق بولۇپ كەتسە.
مەن ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭ «ئوڭ-مېڭە بىلەن سول-مېڭە» دېگەن ماقالىسىدا پايدىلانغان مەنبەلەرنى بىلگەجان مەزكۇر ماقالىدا پايدىلانغان مەنبە بىلەن سېلىشتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، ئەمما مەن ئۇ ماقالەمدە مەنبەلەرنى ئېنىق كۆرسەتمەپتىمەن. سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىشىم ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمايۋاتىدۇ.
===============
شۇنداق، سىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. سىزنىڭ مۇمكىن بولسا ياخشى نىيەتلىك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يەنە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي، نەزىرىڭىزنى تېخىمۇ كەڭرەك تۇتۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىلگەجان ئۇيغۇرچە تورلارغا كىرىدىغان بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا چەت ئەلدىكى بىر قانچە ئادەم مېنىڭ كەينىمدىن ماراپ يۈرۈپ، مەن تەييارلىغان ھەر بىر پارچە ماقالىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى چەت ئەلدىكى بەزى تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر كۇسۇر تېپىپ، ئاندىن شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ماڭا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن مەن باشقىلارنىڭ كۇسۇر تېپىش پۇرسىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن مەنبەلەرنى يوشۇرۇشقا مەجبۇرى بولغان ئىدىم. كېيىنچە مەن چەت ئەلدىكى تورلارغا زادىلا قارىماس بولىۋېلىپ، تەييارلىغان ماقالىلىرىمنىڭ مەنبەسىنىمۇ تولۇق بېرىدىغان بولدۇم. لېكىن مەن ھازىرمۇ چەت ئەلدىكى بەزى تىزىملىتىپ كىرىشنى تەلەپ قىلمايدىغان تورلاردا ئارىلاپ-ئارىلاپ بەزى نامسىز كىشىلەر تەرىپىدىن «كۈرەشكە ئۇچراپ» تۇرىمەن.
=====================
سىزنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن. لېكىن بۇ گەپلەر بىلەن مېنىڭ قانداق ئالاقەم بولسۇن؟ مەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور بېكەتلىرىگە بىرەر قېتىم قەدەم باسقانمۇ ئەمەسمەن. سىزمۇ مېنى دېمەيۋاتىسىز بۇ يەردە، ئەمما ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغانلار خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەسكەرتمە بېرىپ قويدۇم.
ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ بارلىق تورداشلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم، سىز ھەر قېتىم ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر «دۇنيانى تىترىتىدىغان چوڭ خەۋەر» نى كۆرگەندە، ئۇنىڭ مەنبەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ئەگەر ئەسلى مەنبەسى ئىنگلىزچە بولۇپ، سىز ئىنگلىزچىنى بىلمىسىڭىز، ۋە ئاشۇ كەسپتە باكلاۋرلىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغىچە ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنداق خەۋەرلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ. ھەمدە ئۇ ماقالىنى كىمنىڭ نېمە مەقسەتتە تەييارلىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئانچە-مۇنچە ئويلىنىپ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئالدىنىپ قايمۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
=====================
بۇ پىكىرىڭىزنى مۇتلەق قوللايمەن. پەقەت قوشۇپ قويىدىغىنىم: ھېچقانداق مەنبەسى بېرىلمىگەن ماقالىلارنى كۆرگەندە بۇنداق ماقالىلارگە تېخىمۇ ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چوقۇم مەنبەسى نەدىدۇر دەپ سوئال قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.
ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ تېمامنىڭ ھېچبىر كىشىگە يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە بىزنى ھەقىقىي مەنىسىدىن «ئوڭ ۋە سول مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىشكە» دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. |
|