مەن گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلياڭ يېزىسىدا ئاددىي بىر دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان ھەمدە ئۆزۈممۇ بىر دېھقان بولۇپ چوڭ بولغانمەن. مەن بىر ئەدەبىيات ئاشىناسى بولغانلىقىمدىن يېزىقچىلىققا ئالاھىدە قىزىقاتتىم. گۇمىدىكى ئۇستاز، ئەدىپلەرنىڭ يىتەكلىشى ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2003-يىلدىن باشلاپ يېڭى قاشتېشى ژورنىلى، تارىم ژورنىلى ، تۇرپان ژورنىلى قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللاردا ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن يۇرت ئىچىدە دىھقان شائىر دېگەن ئاتاققىمۇ ئىرىشتىم …
دېمەكچى بولغان گەپكە كەلسەم بۇ يىل 9-ئايدا يۇرتىمىزكىلياڭ يېزا توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ قار لەيلىسى پروگىراممىسى ئىشلىگۈچى خادىملار كېلىدىكەن دېگەن خۇش خەۋەر تارقالدى. كەينىدىنلا مەكتەپ مۇدىرى ماڭا قار لەيلىسى ئۆسمۈرلەر مەشرىپىنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىپ بىرىشىمنى قايتا- قايتا تەلەپ قىلدى. مەن يېزىپ بولغاندىن كېيىن رىژىسورلارنىڭ تەلىۋى بويىچە يەنە بىر قىتىم ئۆزگەرتىپ بەردىم…
نەچچە كۈنلۈك جاپالىق تەييارلىق قىلىشلاردىن كېيىن مەشرەپ ئۆتكۈزۈلۈپ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپمۇ بولدى. يۇرتتىكىلەر ھەم دوس بۇرادەرلىرىم مەندىن بۇ مەشرەپنىڭ قاچان تېلېۋوزۇرلاردا تارقىتىلىدىغانلىقىنى پات-پاتلا سوراپمۇ تۇردى، لېكىن قاچان تارقىتىلىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم .ئاخىرى مەشرەپ پروگراممىسىنى تارقىتىشتىن 5 كۈن بۇرۇن
11-ئاينىڭ 29-كۇنى تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئۇققتۇق. مەن ئائىلەمدە دىھقانچىلىق ئىشلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىر ئاغىنەمنىڭ ئالغان چىلانلىرىغا قارىشىپ بەرگىلى سىرتقا چىقىپ كەتتىم . چۈنكى تۇرمۇشىمىزنى قىشتىن ئۆتكۈزۇشكە پۇل بولمىسا بولمايتتى …
29-چىسلا كەچتىن باشلاپ دوستلىرىم ۋە يۇرتداشلىرىمدىن ئۈزۈلمەي تېلېفۇن كېلىشكە باشلىدى : ‹‹ئاداش سەن يازغان مەشرەپتە باشقا بىرىنىڭ ئىسمى تۇرىدۇ››، ‹‹ئاداش سەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭنى باشقىلارغا سېتىۋەتمىگەنسەن…؟›› ،‹‹ قانچە پۇلغا ساتتىڭ…؟››…
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي بۈگۈن ئەتتىگەن يەنى 30-چىسلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قار لەيلىسى پىروگىراممىسىنىڭ يۇرتىمىز كىلياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپنىڭ رىژىسورىغا تېلېفۇن ئالدىم. مەن رىژىسۇرغا ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئەھۋالنى دېدىم.
رىژىسۇر ئانچە ئىرەنشىمىگەن ھالدا:– ھە شۇنداق بوپ قاپتۇمۇ، نېمىشقا شۇندا بوپ قالغاندۇ..؟ خاپا بولماڭ مەن بۈگۈن دەم ئالغان چۈنكى دەم ئىلىش كۈنى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن ئىشقا بارغان چېغىمدا فىلىمنى كىرىشتۇرگەن بالا بىلىەن كۆرۇشۇپ، بۇ قىتىم گۇما ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتىن ( ئەمەلىيەتتە ناھىيىمىزدە ئارقىمۇ-ئارقا 8 سان قار لەيلىسى ئۆسمۈرلەر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلگەن) خوتەنگە ئون تال پىلاستىنكا ئىشلەپ بەرمەكچى بولغان، شۇنىڭغا ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۇپ قويايلى دەيدۇ. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىرۋام بىراقلا ئۆرلەپ كەتتى. توۋا سىنارىيەنى مەن يازسام ئىسمىمنى ئۇ كېيىن كىرگۈزۇپ قويغۇدەك ، بۇ مەشرەپنىڭ ئاپتۇرى مەن تۇرسام نېمە دەپ روزىمەمەت ئابدۇكىرىم بوپ قالىدۇ . مەن دىدىم ئاپتۇرى مەن تۇرسام نىمە دەپ باشقىلارنىڭ نامىدا بوپ قالىدۇ . سىلەر مېنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى قىپسىلە ، مەن ئەرىز قىلسام بولغۇدەك دېدىم. بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، سەيشەنبە كۇنى تەكرار بىرىدىغان ۋاقىتتا ئوڭشاپ قويايلى، ئۇنىڭغىمۇ بىرمۇنچە ئىش كېتىدۇ تىخى دەيدۇ ، ماقۇل ئوڭشاپ قويدىمۇ دەيلى قىش قىلىپتىن چىققىپ بولغان تۇرسا ئەمدى ئوڭشىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ شىنجاڭ تېلېۋىزىيسىدەك بۇنداق چوڭ تەشىۋىقات قورالىنىڭ مەسئۇلىيتى شۇنچىلىك بولسا باشقا تەشۋىقاتنىڭ قانچىلىك رولى بولماقچىدۇ ؟
مەن بەلكىم بۇ ئەپقاچتى گەپلەر بولۇپ قالمىسۇن دېگەن گۇمان بىلەن بۈگۈن كەچتە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىرىپ توردىن بۇ قىتىمقى مەشرەپنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. مەشرەپتىكى ھەممە تەرتىپلەر مېنىڭ يازغىنىم بويىچە ئورۇنلىنىپتۇ. فىلىم ئاخىرلىشىپ سىنارىيە ئاپتۇرى دېگەن يەردە روزىمەمەت ئابدۇكىرەم دەپ تۇرىدۇ.
بۇ ئىشتىكى مەسئۇلىيەت زادى كىمدە؟
|