- تىزىملاتقان
- 2013-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 114
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
38%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oychiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-3 00:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! باغداش ئەھلى، ناھايىتى مۇھىم بىر تېمىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم. ھەقىقەتەن، تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىز ۋە بارلىق ئىنكاس يوللىغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ئوتتۇرىغا قۇيۇۋاتقىنىدەك، تاشيول بەلگىلىرى، تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى، دۇكان-ساراي ۋېۋىسكىلىرى ۋە تۈرلۈك ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى ئەسكەرتىش تاختىلىرى... قاتارلىقلاردا سادىر بولۇۋاتقان ئىملا، ئاتالغۇ ۋە مەنا خاتالىقلىرى ئاللىقاچان قىسمەنلىكتىن ئۇمۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ خىلدىكى خاتالىقلار ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق خاتالىقلارنى تۇلا ئۇچراتقان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما قەيەرگە، قانداق ئىنكاس قىلىشنى بىلەلمەي، بۇ خىل خاتا، مەسئۇلىيەتسىز، بەلكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئېچىنىپ قۇيۇپ، يەنىلا ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇپ كەتكەن ئىدىم. بۈگۈن بۇ تېمىنىڭ يوللانغانلىقى ۋە تەستىقلانغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېما ئىگىسى قېرىندىشىمنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا، باغداش تورىنىڭ غەيرىتىگە ئالاھىدە ئاپىرىن ئېيتىمەن !
شۇنداق، بۇ خىل خاتا ۋە قانۇنسىز قىلمىشلار دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ، قانۇننىڭ ئىززىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋاللار نېمىشقا تەكرار ۋە ئۇمۇميۈزلۈك سادىر بولۇپ تۇرىدۇ؟
مېنىڭچە:
1. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ئورۇن يوق ياكى بولسىمۇ مەسئۇل خادىملار خىزمەتتە بىپەرۋا بولۇپ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمايۋاتىدۇ.
2. ئىشنى ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى يوق ياكى چالا ساۋات.
3. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھۋالنى بايقاپ، پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قىلىشى يىتەرسىز.
4.......
5....... ۋاھاكازالار.
ئەمدى قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىق بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟
مەن ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇمۇمىي يىغىن چاقىرىپ، بۇ ساھەگە دائىر خىزمەتلەرنى كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يىغىن روھى ئاساسىدا ھۆججەت چىقىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چۈشۈرۈشى، شۇنداقلا قىسقا مەزگىللىك كەڭ كۆلەمدە تۈزەش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر، دەپ قارايمەن.
قالغان ئىشلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىمىزغا باغلىق.
ئاخىرىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|