قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1880|ئىنكاس: 27

ھۆكۈمران:ستۇدىنلاردىكى ئىقتىدارسىزلىق ۋە دىپلوم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

2080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 592
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 21:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېپلوم ۋە ئەمەلىي ئىقتىدار

باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمران

    ‹‹كارخانىچىلارغا سۆزۈم بار››، ‹‹كارخانىچىلارغا ئوچۇق خەت›› ناملىق بىر قانچە يازمىلارنىڭ تور يۈزىدە كۆرۈلۈشى ۋە كۆپلىگەن سىتودىنتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ دېپلومىنى پەش قىلىپ كارخانىلاردىن رەنجىشى ئىپادىلەنگەن كۆز قاراشلىرى كۆڭلۈمنى تولىمۇ غەش قىلىپ قويدى. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خېلى كۆپ ساندىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودىنتلار بىلەن پىكىرلەشتىم. ئاخىرقى يەكۈنۈم شۇ بولدىكى كۆپلىگەن سىتودىنتلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى مەمۇرىيلىققا ئىمتىھان بېرىپ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەش ئىكەن. ئەمما نەچچە مىڭ كىشى بىر ياكى ئىككى كىشىلىك خىزمەت ئورنىنى تالىشىدىغان كەسكىن رىقابەتتە نۇرغۇن سىتودىنتلاردا ئۆزى ئارزۇ قىلغان ‹‹تۆمۈر تاۋاق››قا ئېرىشەلمەي ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىش خاھىشى ئېغىرلاپ كېتىپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىتودىنتلارنىڭ كارخانىلارغا كىرىپ ئىگىلىك تىكلەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ كارخانىلاردىن خىزمەت ئىزدەپ باققان بولسىمۇ، كارخانا تەرەپ ئۇلارنىڭ ئارزۇيىنى قاندۇرالمىغاچقا كارخانىلاردا ئىشلەشنى خالىماپتىمىش.
   -مەن دېگەن داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تۇرۇپ كارخانىدا ئاران 2000-3000 سومغا ئىشلەمدىم؟
   -دېپلومىمنى كۆرۈپ بېقىڭ، بۇنى مەن ئالتە يىل ئوقۇپ ئاران ئالغان. باشقۇرغۇچى بولۇپ بېرەي دېسەم بىرمۇنچە شەرت قۇيۇپ كەتكىنىنى كۆرۈڭا، ئەسلى بىزدەك سىتودىنتلارنىڭ شۇلارنىڭ كارخانىسىدا ئىشلەپ بەرگىنىگە خوش بولسا بولىدۇ.
     يۇقارقى سۆزلەر ئىككى سىتودىنتنىڭ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا كۆرەڭلەپ تۇرۇپ ئېيتقانلىرى.
  مەن ياندۇرۇپلا شۇلاردىن سورىدىم:
   -سىلەردە شۇ كارخانىلار ئۈچۈن ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ بەرگۈدەك، باشقۇرغۇچىلىق قىلالىغۇدەك ئەمەلىي ئىقتىدار بارمۇ؟
   -ئەجەبا بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دېپلوم ئالغىنىمىز بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزنى بىلدۈرەلمەمدىكەن؟-دەپلا قولىدىكى ئىچكىرىدىكى قايسى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك دېپلومىنى ئېگىز پولاڭلاتتى ئارىدىكى بىرسى.
يەنە شۇ دېپلومنىڭلا گېپى.

   شۇ ئىككى سىتودىنتنىڭ قەلبىنىمۇ چۈشىنىپ تۇرۇۋاتىمەن. چۈنكى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ۋە تەمىناتقا ئېرىشىپ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىشنى ئويلاش ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ نورمال بولغان ياشاش تەلىپى، ئەمما شاللاش ۋە شاللىنىش رىقابىتى كەسكىن بولۇۋاتقان بۇ دەۋىردە، ھەر بىر سىتودىنت رىقابەتكە يۈزلىنەلىگۈدەك ئەمەلى ئىقتىدار ۋە ئونۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. ئارزۇ بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرقنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلىشى كېرەك.
     مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدىكى ئۆيىمىزدە يېرىم يىلغا يېقىن تۇرۇش جەريانىدا ئونۋېرسىتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى خېلى كۆپ كۈزەتتىم ۋە سىرداشتىم. كۈزىتىشىمچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارلا دەرستىن سىرت ھەر خىل ئونۋېرسال بىلىمگە بىلىمگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ، تاڭ ئاتماستىنلا شىرىن ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ ھەر خىل تىللارنى ئۆگۈنۈۋاتقان، دەرستىن چۈشكەندە ۋە شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل كەسىپتىكى ئورۇنلارغا بېرىپ خىزمەت تېپىپ ئوز تۇرمۇشىنى قامداشتىن سىرت، ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس سېلىۋاتقان ئاشۇ قىسمەن سىتودىنتلاردىن تولىمۇ سۈيۈنۈپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن قىلچىمۇ ۋايىم يېمەيمەن. چۈنكى ئۇلاردا تەۋرەنمەس ئىرادە، توختىماي ئىزدىنىش روھى بار.
   ئەمما كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئالتە يىللىق ئوقۇش جەريانىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا دېپلوم ئېلىۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋېتىپتۇ. <<بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش چۈشى>>نى كۆرۈۋاتقان سىتودىنتلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. ئالتە يىل ئاتا-ئانىسىنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى خەجلەپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ پەقەت دېپلوم ئېلىش ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتقان، دەرستىن سىرتقى ۋاقتىنى پەقەت ئويۇن-تاماشا بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆپ ساندىكى سىتودىنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە، ئاتا-ئانىسىغا يۈك بولۇپ قېلىشىدىن، ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تاپالماي چۈشكۈنلۈك يولىغا مېڭىپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىمەن. چۈنكى مەمۇرىيلىقتىن ئېبارەت <<تۈمۈر تاۋاق>> ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يالغۇز دېپلومنىڭلا كار قىلمايدىغانلىقىنى،  ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئونۋېرسال بىلىمىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى رىئاللىق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
      
    كۆز ئالدىمغا بۇ يىل 7-ئايدا ‹‹شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى››دە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم ۋە شىركەت قۇرغۇچىسى ياسىنجان كېرەم بىلەن بولۇنغان سۆھبەت كەلدى. شۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە مۇشۇ ھەقتە خېلى كۆپ پاراڭلاشقان ئىدۇق. شۇ سۆھبەت مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلىش قارارىغا كەلدىم. بۇ بەلكىم سىتودىنتلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا مەلۇم ئويلىنىش ھاسىل قىلالىسا ئەجەب ئەمەس.
     بۇ يىل 7-ئايدا ئۈرۈمچىگە ئىش بىجىرىش ئۈچۈن بارغىنىمدا، كەلگىنىمنى ئاڭلىغان ‹‹شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى››نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەنۋەر مۇھەممەد ئەپەندى ئاتايىن ئالدىمغا چىقىپ شىركەتنىڭ تەجرىبە-تەتقىقات ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ بېقىشىمنى ئېيتتى. مەن تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم. بىز بىرگە تاماق يېگەندىن كېيىن ئۇرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بىناغا كىرىپ كەلدۇق. كەڭرى كەلگەن زال ئىچىدە 3-4نەپەر ياش ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان بىر نەچچە ئۈسكۈنە ئالدىدا ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. ئۇلار مەن بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ئۆز مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇردى. ئەنۋەر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇ بالىلار شىركەت يولغا قويغان ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتى ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساۋاتقان ئىكەن. ‹‹ئاپىرىن سىلەرگە!›› دەۋەتتىم ئۆز ئىچىمدە،-مۇكەممەل بولغان فىزىكىلىق ۋە خېمىيەلىك ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش زۈرۈر بولغان ئۈسكۈنىلەرنى شارائىتى تولىمۇ ئاددى بولغان موھىتتا تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان بالىلارنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولۇپ.
  ئەنۋەر مۇھەممەد ئەپەندى بىر چاغدا شىركەت مودىرىنىڭ كەلمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. سەل جىددىلىشىپ قالدىم. بۇ دېرىكتۇرمۇ كىنولاردا ۋە بەزى رىئاللىقىمدا كۆرگىنىمدەك سۈرلۈك، قوپال بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق. مېنىڭغۇ ھاكاۋۇر ئادەم بىلەن ئەسلا خوشۇم يوق، يامىنى كەلسە پېشىمنى قېقىپ چىقىپ كېتەرمىنا، مېنىڭ ئۇلاردا ياكى ئۇلارنىڭ مېنىڭدە قەرزى بولمىغاندىن كېيىن.
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يېقىملىق سالام ئاۋازى كاللامغا كىرىۋالغان ئەندىشىلىك خىياللارنى يىراقلارغا توزۇتۇۋەتتى.
   كۆز ئالدىمدا 42-43 ياشلاردىكى بۇغداي ئوڭ، ئوتتۇرا بوي ، ئاددى ساددا، رەتلىك كىيىنگەن بىر يىگىت كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!      
   قىزغىن سالامدىن كېيىن يېقىن سىرداشلاردەك موڭدىشىپ كەتتۇق. سۆھبەت ئارقىلىق ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىغا ئېرىشتىم. ‹‹شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى››نىڭ قۇرغۇچىسى، شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى، تەتقىقاتچى، ئوزۇقشۇناس ياسىنجان كېرەم ئەپەندى 1967-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپتۇ. 1988-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستوتىنىڭ خېمىيە –قۇرۇلۇش سانائىتى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورگىنىدا تەپتىش، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپتۇ. بىراق ئۇنىڭ يۈكسەك ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ئەڭ يوقۇرىسىدا تۇرىدىغىنى يەنىلا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش بولغاچقا ئەۋزەل خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلەش قەدىمىنى بېسىپتۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم تاللاش ۋە ۋاز كېچىشنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا دۈچ كېلىپتۇ. تالاي قېتىم مەغلۇب بولۇپتۇ. بىراق ئۆز ئارزۇسىدىن قىلچە ۋاز كەچمەي، يىقىلغان ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۈگۈنىنى يارىتىپتۇ. غايە بىلەن ئىرادىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن بۇ يىگىتنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.
  سۆھبىتىمىز قىزغىن كەيپىياتتا بولۇۋاتاتتى. مەن سۆھبەتنىڭ تىمىسىنى سىتودىنتلارنىڭ كارخانىلاردىكى رولى ۋە ئۇلارنىڭ مىللى كارخانىلارغا بولغان پۇزىتسىيەسىگە يۆتكىدىم.
-ياسىنجان ئەپەندى، زالدا تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرمۇ؟
-ياق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىتودىنت يوق. يوقۇرىسى ئوتتۇرا تېخنىكوم، تۆۋىنى تولۇق ئوتتۇرا،-دېدى ياسىنجان ئەپەندى ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ.
-ئەجەبا..... گېپىمنى داۋاملاشتۇرالمىدىم.
- ئۇلار سىتودىنت بولمىسا، مۇشۇنداق مۇرەككەپ تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىشنى قانداق قىلالايدۇ دېمەكچىغۇسىز،-دىدى ياسىنجان كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ،-دەرۋەقە سىتودىنتلىرىمىزدا ھازىر ئۆزى ئوقۇغان ئالىي مەكتىپىنى پەش قىلىش، دېپلومىغا زىيادە ئىشىنىپ كېتىش خاھىشى بارغانسېرى ئەدەپ كەتمەكتە. لېكىن بىر كارخانا ئۈچۈن كېرىكى دېپلوم ئەمەس بەلكى ئەمەلى ئىقتىدارى، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بار ياشلار.
   -بۇ گېپىڭىز مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن يەنە بىر ئىشنى ئەسلىتىپ قويدى دېسە،-دىدىم يوقارقى گەپكە ئوخشاشلا گەپنى ئاڭلىغان بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كېلىپ.
   -مېنىلا سۆزلىتىۋەرمەي، سىزمۇ دەڭا ئاڭلايلى،- دېدى ياسىنجان ئەپەندى خۇشخۇي كۈلۈپ.
   -بولىدۇ، ۋاقتىڭلارنى ئالىدىغان ئىش بولمىسا سۆزلەپ بېرەي،-دەپ گېپىمنى باشلىدىم:
   -ئالدىنقى يىلى ئاقسۇدىكى مەلۇم تىل-تەرجىمە شىركىتىگە بىر ئىنىمنىڭ تەلىۋى بويىچە بىللە بارغانتىم، ئەسلى شۇ شىركەت تەكشىلىكتە ئېلان لاھىيىلىگۈچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغانكەن. ئۇ ئىنىمىز شۇ كۈنى ئەمەلىي سىناق بەرمەكچىكەن. بىز بارغاندا يەنە بىر ئالىي مەكتەپنىڭ كومپىيوتېر كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بىر سىتودىنتمۇ سىناققا قاتناشقىلى دادىسى بىلەن كەپتىكەن.سىتودىنتنىڭ قولىدىكى رەڭدار تاشلىق دېپلوم ۋە بىر مۇنچە ماتىرىيالنى كۆرۈپ ئۇ ئىنىمىزنىڭ ئىچى دېمىگە چۈشۈپ كەتتى ۋە قايتىپ كېتىشنى ئېيتتى.
   -نېمىشقا؟-دىدىم ئەجەبلىنىپ.
   -مەن ئاران تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن، خەنزۇ تىلىنىمۇ تەكشىلىكتە ئېلان لاھىيىلەشنىمۇ نۇرغۇن ئىزدىنىپ ئۆزۈم ئۆگەنگەن. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالا بىلەن بەسلىشىمەن دەپ سەتلەشكىچە قايتىپ كېتەيلى،-دېدى ئۇ ئىنىمىز ئەنسىرىگەندەك قىلىپ.
   -قېنى، ماۋۇ ئېلاننى تەلەپ بويىچە لايىھىلەپ بېقىڭلار،- دېدى شىركەتنىڭ سىناق ئالغۇچى خادىمى ئىككىمىز ئارىسىدىكى بولۇنغان گەپنى ئاڭلاپ.
   ھەر ئىككى سىناق بەرگۈچىگە ئىككى كومپىيوتېر بېرىلدى. قارىسام ئىنىمىز لايىھەنى بىردەمدىلا پۈتتۈرۈپ سىناق ئالغۇچىغا تاپشۇردى. ھېلىقى سىتودىنت بولسا بىردەم ئۇ يەرنى مالتىلايدۇ، بىردەم بۇ يەرنى مالتىلايدۇ. بىردەم ‹‹مەن بۇ دېتالنى مەكتەپتە ئۈگەنمىگەن›› دېسە، بىردەم ‹‹مەن ئۈگەنگەن دېتالنىڭ نەشرى ئوخشىمىغاچ ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدىكەن›› دېسە، يەنە بىردەم بىر نىمىلەرنى دەپ غوتۇلداپ ئولتۇرىدۇ. لايىھە دېگەندىن ئەسەر يوق.
   قارىسام سىناق ئالغۇچى خادىم قولىدىكى ئىنىمىزنىڭ لايىھەسىدىن مەمنۇن بولۇپ كۆلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ.
سىناق ۋاقتى توشقاندا ئىنىمىزنىڭ سىناقتىن ئۆتكىنى ئەتىسىلا كېلىپ ئىشقا چۈشۈشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
لېكىن شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن قوپال ئاۋاز خوشاللىقىمىزنى نەلەرگىدۇ ھەيدىۋەتتى.
   -قانداق شىركەت بۇ، ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودىنتنى ئالماي، تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەن ئادەمنى ئالىدىغان. ئېشەنمىسىڭىز كۆرۈڭە، مانا بۇ ئوغلۇمنىڭ دېپلومى، مانا بۇ ئۇنىڭ ماتېريالى،-سىتودىنتنىڭ دادىسى بالىسىنىڭ دېپلومىنى سىناق ئالغۇچى خادىمنىڭ ئالدىغا پاققىدە تاشلىدى.
   -نېمىگە قاينايسىز ئاكا، سىناقنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆردۈڭىز، بىلىپ قويۇڭ، بىزگە كېرىكى  دېپلوم ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىقتىدارى بار ياشلار، سىز بۇ يەردە قايناپ بەرمەي ئەڭ ياخشىسى بالىڭىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈشكە يېتەكلەڭ! بىز ئادەمنى قونچاق قىلىپ تىزىپ قويغىلى ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇپ ئۆزى ۋە شىركىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالىمىز، -سىناق ئالغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
    -قانداق ياسىنجان ئەپەندى، دېگىنىم توغرىمىكەن؟ ئىككىڭلار كېلىشىۋالغاندەكلا شۇ ئوخشاش گەپنى قىلىۋاتىسىلەر ، ئىككىڭلار تۇغقانمۇ يە؟-ياسىنجانغا چاخچاق قىلدىم.
    -توغرا دەيسىز، بۇ گەپ يالغۇز ئىككىمىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغان تەلىپىمىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق كارخانىچىلارنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىشتىكى ئورتاق تەلىپى،-دېدى ياسىنجان ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    -سىز كۆرگەن زالدىكى بالىلارنىڭ ئالدى 5000دىن يوقۇرى، كەينىمۇ 3000دىن يوقۇرى مۇئاش ئالىدۇ، يىللىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىمۇ 60000دىن تۆۋەن ئەمەس. ھەرخىل مۇرەككەپ تەتقىقات مەشغۇلاتىنى بىمالال قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ تۆتەيلەننىڭ پەقەت بىرىلا ئالىي مەكتەپ تەربىيەسىنى كۆرگەن. قالغانلىرى پەقەت ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىقلا ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تاپقانلار.
     -ئۇنداقتا ھازىرقى سىتودىنتلارغا قانداق قارايسىز؟-دېدىم ياسىنجاننىڭ ئېغىزىنى تاتىلاپ.
     -نېمە دېسەم بولا ئەمدى،-دېدى ياسىنجان بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
     -ھازىرقى سىتودىنتلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكىدە ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل، دېپلومىغا ئىشىنىپ كېتىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر. بۇ سىتودىنتلىرىمىزنىڭ ھازىرقى رىقابەت دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز ئامىل. ھازىر كارخانىلاردا سىتودىنتلار قوشۇنى بارغانسېرى ئاۋۇۋاتىدۇ. كۆپلىگەن سىتودىنتلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ ھەم كارخانا ئۈچۈن ھەم ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ، ئۆز ئىقتىدارلىرىنى نامايەن قىلماقتا. ئەمما يەنە ئاز ساندىكى سىتودىنتلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بىلەن ھېسابلاشماي كارخانىلاردىن يوقۇرى ھەق بىلەن ئىشلەشنى تەلەپ قىلماقتا. ئاددىسىنى ئېلىپ ئېيتسام شىركىتىمىزدىمۇ ئېيىغا 10000يۈئەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلەۋاتقان سىتودىنتلار خېلى كوپ. چۈنكى ئۇلاردا ئىقتىدار بار. بۇنداق سىتودىنتلار نۇرغۇن كارخانىلىرىمىزدا بار. بۇنداق سىتودىنتلارنى ھەرقانداق كارخانا تالىشىپ قۇبۇل قىلىدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم سىتودىنتلار بار، كارخانىلاردا 2000-3000 يۈئەنلىك مائاشقىمۇ قۇبۇل قىلىنالمايدىغان. دەل مۇشۇ خىلدىكى سىتودىنتلار سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي كارخانىلاردىن رەنجىپ، كارخانىلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرىدىغان ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەرنى تارقاتماقتا. مېنىچە شۇ سىتودىنتلار ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك.
    -راست دەيسىز،-دىدىم ياسىنجاننىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ،-ئالىي مەكتەپلەردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمچە 60 نومۇر ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىدىغان سىتودىنتلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىپ بېرىۋېتىپتۇ. 60 نومۇر ئالغاندىلا دېپلوم بېرىلىدۇ ئەمەسمۇ. پەقەت ئاز ساندىكى سىتودىنتلارلا دەرستىن سىرت ئۆزلۈكىدىن ھەر خىل تىللارنى ئۆگىنىش ۋە ھەر خىل تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىش بىلەن ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانى ئۈچۈن ئاساس سېلىۋېتىپتۇ. ئەسلى ئىككى خىل سىتودىنتلارنىڭ سان پەرقى ئەكسى ھالەتتە بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئالىملىرىمىز، كەشپىياتچىلىرىمىز ۋە ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ياكى ئالىي مەكتەپتە چېغىدىلا ئۆزىدە يۈكسەك بىر نىشاننى تىكلىگەنلىكىنى، شۇ نىشان، غايە ئۈچۈن بەل قويۇۋەتمەي ئىزدىنىش ئارقىلىقلا بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ.

   -مېنىڭ كەڭ سىتودىنتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم،-دېدى ياسىنجان سۆزىنى خۇلاسىلەپ،- ئالى مەكتەپ ھاياتى بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت، بىز يالغۇز دېپلوم ئۈچۈنلا ئوقۇماي، ۋاقىتنى قەدىرلەپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئونۋېرسال بىلىملەرنىمۇ تەڭ ئۆگىنىپ مېڭىشىمىز كېرەك. ئۆز نىشانى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئىزدەنگەن كىشىلا جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تاپالايدۇ.
..............................
   قىزغىن سۆھبەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ خېلى بىر يەرگە بارغانلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن. ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن بۇ تىرىشچان يىگىت ياسىنجانغا ۋە ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.

خۇلاسە ئورنىدا دەيدىغىنىم: ئەي سىتودىنت ئىنى-سىڭىللىرىم ۋاقىتنى قەدىرلەڭ، تىرىشىپ ئىزدىنىڭ! سىزدە يۈكسەك غايە، كۈچلۈك ئىرادە ۋە جاسارەت بولىسلا كېيىنكى ھايات مەنزىلىڭىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. گۈزەل ئەتىڭىز ئۈچۈن قەدەمنى بۈگۈندىن باشلاڭ!      
            

0

تېما

2

دوست

2080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 592
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 00:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 07:59  

نېمە ئۈچۈنكى تاڭ، مەن باغداش مۇنبىرىگە ئەسەر يوللىساملا يوللانمايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم ‹‹ئامېرىكىغا سەپەر››ناملىق ساياھەتنامىنى يوللىسام (مەزمۇنىدا سەزگۈر ئۇچۇر بولغانلىقى ئۈچۈن يوللانمىدى) دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى. كېىن باغداش ئەپەندىگىمۇ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئالدىنقى ھەپتە ‹‹جەنلىباۋ شىركىتى كەڭ ئۇيغۇر ئىستىمالچىلىرىدىن ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشى كېرەك›› دېگەن يازمىنى يوللىساممۇ يەنىلا شۇ ئۇچۇر كېلىپ يوللانمىدى. مېنىڭ تور نامىم باغداشقا رىئاكسىيە قىلامدىكى دەپ بۇ ماقالەمنى يوللىسام، خۇداغا شۈكرى مۇۋاپپىيەتلىك يوللاندى. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىنسابى كېلىپ تەستىقلامدىكى تاڭ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32321
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 15:26:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 15:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىقىۋاتقان يۇمتاللارنى ئىشلىتىشنى ئۈگىتەيلى دىسە مۇئەللىملەرنىڭ ئگەنگىلى ۋاقتى يىتىشمەسلىكى مومكىن.
بالىلار ئۆزى ئۈگىنىمەن دىسە مەكتەپتىكى دەرىسلەرمۇ يىنىك ئەمەس...
كۈپىنچە بالىلار تىرىشىپ ئۈگىنىدۇ ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما ئۇخشىمايدىغان مەسلىگە دۈچ كەلسە تەمتىرەپ قىلىشى تەبئى، تىمىدىكى سىتودىنىتمۇ شۇ چاغدا ئۆزى ئۈگەنگەن يۇمتالنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمىغىنى تۇغرا بولمىغان. مىنىڭچە بۇ ئۇقۇغۇچىلار بىلەن مۇئەللىملەردىكىلا مەسلە ئەمەس. ماس كىلىدىغان كەسىپتىن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىمۇ مۇھىم.
  مەن بۇرۇن ئىشلىگەن شىركەتتىمۇ ئىلىكتىر كەسپىدە ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئۇقۇغان خەنزو سىتودىنتلارنى قايتا تەربىيلەپ ئاندىن ئىشلىتەتتى. مەنمۇ چوڭ دىپلومۇم بولمىسىمۇ شىركەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىلىملەرنى ماڭا ئاشكارلىمىغانلېرىنىمۇ شۇ سىتودىنتلارغا ئاددى تىل بىلەن چۈشەندۈرسەم باشقىلېرىمۇ ئەتراپىمغا ئۇلىشۋالاتتى...
كىيىن ئۈگىنىدىغانلاردىن باشقىلېرى ئىتتىپاقلاشتى، ئۆز ئالدىمغا تۈر ئىلىشىمغا بولمىغاندىن كىيىن مەنمۇ يىنىپ چىقتىم. ئازراق مۇئاش ئۈچۈنلا ئىشلىگۈم كەلمەيدۇ-دە...

2

تېما

5

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 16:04:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 00:09
نېمە ئۈچۈنكى تاڭ، مەن باغداش مۇنبىرىگە ئەسەر يوللىسام ...

سىزنىڭ بىر تېمىڭىز تەستىقلىنپتىكەنغۇ قايسى كۈنى مەزكۇر تىلغا ئېلىنغان تېمىڭىز مەن كۆرگەن ئىدىم كىيىن ئۈچۈرلگەن ئوخشايدۇ قارىغاندا

2

تېما

5

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 16:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنلىباۋ توغرىسىدىكى تېمىڭىز مەنمۇ ئىنكاس يىزىپ قويغان توغرا

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 16:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارخانىدا قورسىقىنىڭ ئومىچى بار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم ئىشلىيەلەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 16:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 00:09
نېمە ئۈچۈنكى تاڭ، مەن باغداش مۇنبىرىگە ئەسەر يوللىسام ...

باغداش بىر قىتىم 3ئاي تاقىلىپ بۇرنىغا يېگەن! ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتلاشقان يەرگە ئىككىنچىلەپ دەسسىمەيدىغۇ! توغرا چۇشىنەيلى! بۇلانىڭمۇ دەردىنى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )