قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1572|ئىنكاس: 26

كىتاب تىراژى ، نەشرىياتچىلىق ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى توغرىسىدا ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

402

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32404
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 11:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب تىراژى،  نەشرىياتچىلىق ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى توغرىسىدا قايتا ئويلۇنۇش

ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى


    ھازىربەزىلەر:« تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىپ كەتتى، كىشىلەر زامانىۋىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئىگىلەيدىغان بولدى. كىتاب ئۇزىمايلا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولالماسلىقى مۇمكىن»دېيىشمەكتە. مېنىڭچە ، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. كىتاب ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن بۇيان ئەڭ كونا ، ئەڭ قەدىرلىك ، ئەڭ ۋاپادار دوستى بولۇپ كەلمەكتە . بېلىق سۇسىز ھايات كەچۈرەلمىگەندەك، بىرمەدەنىيەتلىك كىشىنىڭمۇ كۈنلىرى ئېسىل كىتابلاردىن ئوزۇق ئېلىشسىز ئۆتمەيدۇ. ئەدەبىي مۇھەررىرلەر ئەسەر تەھرىرلەش جەريانىدا ھەرقاچان-ھەر زامان ئوقۇرمەنلەرنى تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ يادوسى دەپ بىلسە ، ئۆزىنى بىر تەلەپچان ئوقۇرمەننىڭ ئورنىغاقويۇشنى ئۇنۇتمىسا،  نادىر ئەسەرلەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ ، بىر قىسىم سۈپەتسىز، ئەخلەت كىتابلارنى ئوقۇش نەتىجىسىدە  كىتاب ئوقۇشتىن ئاللىبۇرۇن رايى قايتقان ئوقۇرمەنلەرنىمۇ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈۋاتقان «بەك ياخشى يېزىلغان كىتابكەن»،«قالتىس يازغۇچىكەن»، «ئالامەت يېزىۋېتىپتۇ»، «قورقماي تۇرۇپ ھەق گەپنى قىلىپتۇ»دېگەندەك بىۋاسىتە تەسىرات ئېلانلىرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن يېڭىۋاشتىن كىتاب ئوقۇش قاينىمىغاسۆرەپ كىرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە قايتىدىن كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلىدۇ.
دەرھەقىقەت، بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەر بىرپارچە ئېسىل كىتاب، گېزىت-ژورناللاردىكى سەرخىل ماقالا-ئەسەرلەر ئەمەلىيەتتە، بىر ئەبەدىي قۇرىماس ئەقىل بۇلىقى. بىپايان تەپەككۇر زېمىنىنىڭ بولۇق، مۇنبەت ئېتىزى. بىزگەمەلۇمكى، مەيلى ئۆتمۈشتىكى ، مەيلى زامانىمىزدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ، مەشھۇريازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى پەردە ئارقىسىدىكى نامسىز قەھرىمانلار ، ئۆزى بىر ئۆمۈر مەشھۇرئاتالمىسىمۇ قانائەت ھاسىل قىلالايدىغان جاپاكەش مۇھەررىرلەرنىڭ باش چۆكۈرۈپ تەھرىرلىشى ، تەكرار-تەكرار تۈزىتىشى ، كۆڭۈل قويۇپ ئەجىر قىلىشى نەتىجىسىدەروياپقا چىققانلىقىدا ھېچ شەك يوق . ئەپسۇسلىنارلىقى ، نەشرىياتچىلىقىمىز بازارغاكىرگەندىن كېيىن بەزى نەشرىياتلار ، بىر قىسىم مۇھەررىرلەر ئاتالمىش «بازارلىق كىتاب»بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ، بەزىبىر ئەخلەت كىتابلارنىمۇ كۆپلەپ بازارغا سالدى.دەرۋەقە بۇنداق مەزمۇنى نىسبەتەن سېرىق ، ئەدەب-ئەخلاق چەمبىرىكىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن قىسمەن مەزمۇنلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بەزى كىتابلارغا ساپاسى نىسبەتەن تۆۋەن ئوقۇرمەنلەر ، دۈم چۈشتى...بۇنىڭ بىلەن نەشرىيات بېيىدى . يەنە بەزەن يۈزلۈكلەر ،پۇلدارلارنىڭ ئادەتتىكىچە يېزىلغان ، نەشر قىلىشنىڭ زادى قانچىلىك قىممىتى بارلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان پىشمىغان يازمىلىرىمۇ ھەيۋەتلىك مۇقاۋىلىنىپ نەشر قىلىندى ۋە كۈلكىلىكى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىنىش يىغىنلىرىمۇ ئېچىلغان بولدى . بۇنداق چاپ-چاپ بازاردىن نەشرىياتلار قىسقا بىر مەزگىل پايدىغا ئېرىشكەندەك قىلغىنى بىلەن ، يەنە بىرتەرەپتىن ئۆزلىرىگە ئۇزۇندىن بېرى قاتتىق ئىشەنگەن، نان بەرگەن ئوقۇرمەنلىرىگەسۇنغان جا مال ، ساختا ئەدەبىي مەھسۇلاتلىرى بىلەن نەشرىيات بىلەن ئوقۇرمەنلەر ،ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ كىرزىسى پەيدا قىلىپ غايەت زور زىيان تارتىشقا دۇچ كەلدى . نەتىجىدە 20-ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدا 50-60مىڭ تىراژدابېسىلىپمۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان «ئىز»، «ئىزدىنىش»، «قاينام ئۆركىشى»، «چالاتەگكەن ئوق»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «مېھرابتىن چايان»، «ساتۇق بۇغراخان»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق رومانلار ، «كاككۇك قونغان تال»،«قىيامەتتە قالغان سەھرا»قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى يەنىلا كىتابخانىلاردائىزدىگەنگە يوق بولۇۋاتقان بولسىمۇ ، 2000-يىلىدىن كېيىن نەشر قىلىنغان بىر قىسىم رومان، پوۋېست ، ھېكايە توپلاملىرىنىڭ تىراژى ھەتتا 3-4مىڭغا يېتىپ-يەتمەيۋاتىدۇ .بۇ ، ئەلۋەتتە بىر قىسىم تېز ئەمما بەتتام يازىدىغان بىر قىسىم يازغۇچىلارنەشرىياتلار بىلەن ئالدىن توختام تۈزۈۋالىدىغان، نەشرىياتلار سۈپەتسىز كىتاب چىقىرىدىغان، سۈپەتسىز كىتابلارنى يەنە يازغۇچى –شائىرلار دوست تارتىشىپ سېتىۋالىدىغان ياكى ئۆزلىرى ئوقۇماي باشقىلارغا «سوغات»قىلىۋېتىدىغان ئىنتايىن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى، يەنى گەپنىڭ سېتىنى قىلغاندا «ئۆز پوقىنى ئۆزى يەيدىغان»ساراڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . قارىماققا، نەشرىياتلار ئۇ قۇرۇلۇش ، بۇقۇرۇلۇش نامى بىلەن تۆكمە كىتاب نەشر قىلىپ ، تۆت كۈن قولى پۇل كۆرۈپ پىتلانغاندەك قىلغىنى بىلەن ، ھەقىقىي ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەر ، تەلەپچان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك خالىس خىزمەت قىلىش قۇرۇلۇشىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويسا ، ئۆزپۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بولىدۇ . كېيىنكى بىر ئەۋلاد نەشرىيات خادىملىرىنىڭ ياشاش بوشلۇقى مىسلىسىز تارىيىپ كېتىدۇ .
      بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا مەسئۇلىيەتچان ئاپتۇرلار ئەسەرلىرىنى ئىدىيىۋى قاراش ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ، بەدەئىي قۇرۇلما ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە ، لوگىكىلىق باغلىنىش ۋە ئىملاقاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك ۋە تالاي قېتىم تۈزىتىشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ،نەشر ئەپكارلىرىغا سۇنۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئاتالمىش«تۇغما تالانت»لىق يازغۇچىلار ئەسەرنى بىرلا قېتىم يېزىپ پۈتتۈرۈپلا قايتا كۆرۈپ چىقماستىن نەشرىياتقا سۇنىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس . ئادەتتە، بۇنداق ھاپىلا-شاپىلايېزىپلا تەھرىر بۆلۈملىرىگە يوللىغان ئەسەرلەردە بىر قارىسا بەزەن ياخشى ئوي –پىكىر،ئۆزگىچە كۆز قاراشلار، مەلۇم يېڭى ئىدىيە بار. بىراق ئەسەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق، ئىپادىلەش ، تىل ئىشلىتىش  جەھەتتە لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويغان بولىدۇ.بۇنداق ئەسەرلەرنى يەنىلا مۇھەررىرنىڭ تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ. بەزى خام يېزىلغان ئەسەرلەرمۇھەررىرنىڭ قولىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قانات قۇيرۇقى قايتىدىن چىقىپ، باش-ئاخىرى قايتىدىن رەتكە چۈشۈپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە لەززەت ئاتا قىلالايدىغان ئۆزگىچە ئوقۇشلۇققائايلىنىدۇ . بۇنىڭغا جېلىل مۇھەممەد ئاكا تەرىپىدىن تولىمۇ ئەستايىدىل تەھرىرلەنگەندىن كېيىن يورۇغلۇققا چىققان مەرھۇم يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرېھىمنىڭ«گۆر ئاغزىدىن قايتقانلار» رومانىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. تېگىدىنلاياخشى يېزىلغان بۇ ئەسەردە ئاز-تولا مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان جېلىلكام بۇ ئەسەرئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەھرىرلەشكە چۈشكەندە ھەر بىر بەت ئورگىنالنى قىپ-قىزىل بويىۋېتىدۇ. ھەتتا بەزى جايلارنى تولۇقلاپ ئىشلىسە، يەنە بەزى جايلارنى ئارتۇقچەدەپ قاراپ قىسقارتىۋېتىدۇ. كۆپ قېتىم ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ ۋە ئۆزگەرتىپ ئىشلەشكە قايتۇرىدۇ. قىسقىسى بىر يىلدەك ئىلمىي، ئىجادىي يوسۇندا تەھرىرلەنگەن بۇئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەلگىلىك تەسىر قوزغايدۇ. مەسئۇلىيەتچان ئاپتۇرلار مۇھەررىرنىڭ ئۆز ئەسىرىگە يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرىپ قىلغانلىقىدىن پەخىرلەنسە، ئالەمچە خوشال بولسا ، بەزى ئاپتۇرلار ئۆزىدىكى سەۋەنلىكنى بايقىماي قالىدۇ ياكى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ-دە ، ئەكسىچە مۇھەررىرلەردىن نارازى بولىدۇ . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا مۇھەررىرلەركىتاب-ئەسەرنى تەھرىرلەپ ، تۈزەتمىسە ، ئۇ ھالدا تېخىمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگەيېڭى-يېڭى ئۇچۇرلارنى بېرىش، سان-ساناقسىز ئوقۇرمەنلەرنى  ھوزۇرلاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شۇڭا ، ئەسەرلەرنى تۈزىتىش، تەھرىرلەش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرى مۇھەررىرلەرقىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئاددىي ئىش ھالقىلىرى بولماستىن، بەلكى ئەسەرلەردىكى بوشلۇقنى تولۇقلاپ ، يوچۇقلارنى ئېتىش ۋە ئەسەرلەرنىمۇكەممەللەشتۈرۈشتە كەم بولسا زادىلا بولمايدىغان زۆرۈر جەرياندۇر . دۇنيائەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مەشھۇر يازغۇچى ھېمىڭۋاي «بوۋاي ۋە دېڭىز»ناملىق مەشھۇرئەسىرىنىڭ  قوليازمىسىنى 200قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇپ سېلىشتۇرغان، ئۆزگەرتكەن، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن تولۇق رازى بولۇپ باسمىغا تاپشۇرغانلىقى مەلۇم. شۇڭا بۇ ئەسەر دۇنيا مىقياسىدا زور شۆھرەتقازاندى. يەنە زامانىمىزدىكى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرمۇ «قۇم باسقان شەھەر»نىڭ قايتا باسمىسىدا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش-تۈزىتىشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەممىمىزگەمەلۇم. قىسقىسى ئەسەر تەھرىرلىكى ئاپتور ئۈچۈنمۇ، مۇھەررىر ئۈچۈنمۇ شۇ ئەسەرگەنىسبەتەن ھەل  قىلغۇچ رول ئوينايدىغان مۇھىم خىزمەت ھالقىسىدۇر .
        بىلىشىمچە، زامانىسىدىكى«قۇتادغۇبىلىك»، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»قاتارلىق ئەسەرلىرىمىز تىراژى ئەڭ ئازئەسەرلەر ئىدى. بۈگۈن 1000يىللىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيادا نەشرقىلىنماقتا . بۇنىڭدىكى سىر دەل «باراڭنى ئەمەس، قاپاقنى پۇل»دەپ قاراشنىڭ كىتاب ئاپتورلىرىدا باشتىن-ئاخىر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىدە ، زامانىسىدىكى ۋەكەلگۈسىدىكى سان-ساناقسىز ئوقۇرمەنلەر مەنپەئەتىنى ھامان بىرىنچى ئورۇنغاقويغانلىقىدا. بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ئاپتورلار ، نەشرىياتلار ئوقۇرمەننى ئەسەريېزىش ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ يادروسى دەپ قاراشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپ، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىۋېدى ، ئوقۇرمەنلەرمۇ «ساڭا بېقىپ مەن، ئىشىككە بېقىپ دەم»دەپ مۇقاۋىسى بىر-بىرىدىن كۆركەم، باسما سۈپىتى بىر-بىرىسىدىن ئېسىل ، ئەمما مەزمۇنى پۈچەك كىتابلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلىۋەتتى. شۇڭا دەيمەن ، قايسى بىر زاۋۇت، كارخانائېھتىياجنى ئويلاشماي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ؟ بىزمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە سەل قارىمايلى ! ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ، ئوقۇرمەندىن ئىبارەت يىلتىزىمىزغا پالتا چاپمايلى ...


2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5- كۈنى ، ئۈرۈمچى

2

تېما

8

دوست

4470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 383
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 22:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاندە ئەنۋەركام ئۆزى باغداشقا ئەزا بولغاندەك تۇرىدۇ ، قارشى ئالىمىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

2247

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15671
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 724
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 23:24:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىمىزدىكى گەپلەر دېيىلىپتۇ،ھەقىقەتەنمۇ كىتابخانىغا كىرسەم ئاز بولمىغان كاتتا
مۇقاۋىلانغان ئەخلەتلەرنى ئۇچرىتىمەن،يەنە كېلىپ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىش
سۈرئىتىمۇ بىر مەسىلە،مەنمۇ مەلۇم بىرى بىلەن كىتاب توغرىلىق پاراڭلاشقان،ئۇ ئەسەرنى
قولىغىمۇ ئېلىپ باقمايلا پۇل چىقىرىشنى خالىساملا ناھايىتى تېزلا چىقىارغىلى بولىدىغان
لىقىنى،بولمىسا كۆرۈشىنىڭمۇ ھاجىتى يوقلىقىنى تۈپ-تۈزلا ئېيتقان ئىدى،ئەھۋال مانا
شۇ تۇرسا باشقا گەپنىڭ نىمە ھاجىتى؟

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 02:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قۇتادغۇبىلىك»، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»قاتارلىق ئەسەرلىرىمىز نەشىر قىلغان ئورۇنلارنىڭ يۇسۇپ خاس ھاجىپ مازىرى، ھەزىرتى موللام مەقبەرىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تىگىشلىك ھەسسىسىنى قۇشۇشى كىرەكمۇ يۇق؟

1

تېما

0

دوست

402

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32404
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 06:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ، تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇش  مەجبۇرىيىتى بار . مەن ئىككى يىلنىڭ  ئالدىدا «مەھمۇد قەشقەرىينىڭ قەلەم  ھەققى » دەپ بىر  ساتىرىك  ھېكايە يازغان ...ئۇنىڭدا تۈگەپ  كەتكىنىگە ئۇزۇن  زامانلار  بولغان  كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئەسىرىنى  نەشر  قىلىش يولىنىڭ قەلەم  ھەققىدىن  نەشرىياتلار  بىمالال  پايدىلىنىش  يولى  بولۇپ قالغانلىقىنى  دارىتمىلىغانىدىم . ئەپسۇسكى ،  بۇ ھېكايەمگە قىزغىن خېرىدار  بولىدىغان ژورنال بولمىدى ...ھازىرچە بۇنداق دەۋاسىز كىرىمدىن ئۇلار بىر مەزگىل پايدىلىنىپ  تۇرىدىغان ئوخشايدۇ .

1

تېما

1

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 560
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 07:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بولۇپتۇ.ئەمما ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلنىشى تەسكە توختارمىكن .چۈنكى ھەل قىلىنىپ قالسا جالالىدىن ئەپەندىدەك ئىككى بىكارچىنىڭ تۆت ئىغىزقۇرۇق گىپىنى ئاڭلىسا روماندىن بەشنى يىزىۋىتىدىغان مول ھوسۇللۇق يازغۇچىلىرىمىز نۇرغۇن مەنپەئەتتىن مەھرۇم قىلىشى ئىنىق.

2

تېما

2

دوست

4207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 964
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب يەنىلا كىتاب! ئون نەچچە يىللىق تور ۋە تېلىفونلاردا ماقالە ئوقۇش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن خۇلاسەم، يەنىلا كىتابتىن ئوقۇشقا يەتمەيدۇ

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنىڭ نەق جايىنى قىلغان يازما ئىكەن!
دەل شۇ ئەخلەت كىتاپلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ، نەشرىياتچىلىقنى بىر تىيىن قىلىپ قويىدۇ. يەنە تېخى بەزى نەشرىياتچىلار ئىزا تارتماي، «ھازىر ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمايدىغان بولۇپ كەتتى يەي» دەپ قاقشايدۇ.
ئۇلارغا جاۋاب شۇكى «ئوقۇغۇدەك كىتىۋىڭ بولسا ئوقۇمامدۇ!»
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )