- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4018
- نادىر
- 6
- يازما
- 116
ئۆسۈش
67.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 14:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھمەد ئەپەندى. ئاۋۋال ئىجتىھاد بىلەن يازغان، ئىزدىنىش روھىغا باي بۇ ماقالىڭىزگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن.
مەقسەدكە كەلسەك، ماقالىڭىزدا بىر چوڭ خاتالىق ۋە بىر چوڭ شەك مەۋجۇد.
ماڭالىڭىزدىكى بىر چوڭ خاتالىق: يەجۇج مەجۇجنى قىيامەت قايىم بولغاندا زېمىغا چىقىدۇ، دەپسىز. ئەمما، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە كەلگەن سەھىھ دەلىللەر ئاساسىدا ئېيتساق، يەجۇج مەجۇجلار قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى يەر يۈزىگە چىقىدۇ. سەھىھۇل مۇسلىمدا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «...سىلەر ئون ئالامەتنى كۆرمىگۈچە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەپ، يەجۇج مەجۇجنى كۈننىڭ غەربتىن چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى دىن كېيىن تىلغا ئالغان. (ھەدىسنى تولۇق كەلتۈرمەي شۇ ھەقتىكى مەزمۇننىڭ نەق ئۆزىنىلا كەلتۈردۈم. سىز خەنزۇچە بىلگەندىكىن سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ خەنزۇچىسىدىن مۇشۇ ھەقتىكى ھەدىسنى كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ. كۆرۈش ئىستىكىڭىز بولسا ھەدىس نومۇرىنى دەپ بېرىمەن.)
دېمەك، يەجۇج مەجۇجنى قىيامەتتە مەيدانغا چىقىدۇ دېيىشىڭىز باتىل گەپ. سەھىھ ھەدىسلەردە قىيامەت كۈنى دوزاخقا چۈشىدىغان ئادەم بالىسىدىن ھەر مىڭىنىڭ 999 ى يەجۇج مەجۇجدىن، بىرى مۇسۇلمانلاردىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە دەلىللەر كۆپ. شۇڭا، ماقالىڭىزدىكى بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا قايتىدىن بىر تۈزىتىش كىرگۈزۈۋەتكەيسىز.
ماقالىڭىزدىكى چوڭ شەك: ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەمەلىيەتتە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئۆتكەن ماكېدونىيە پادىشاھى» دەپسىز. ئەمما، ئىسلام ئالىمىدە بۇ گەپنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىش دەرىجىسى يوق دېيەرلىك. شۇڭا مۇشۇ ھەقتە يەنىمۇ بىر ئىزدىنىپ باقسىڭىز.
سىزگە رەخمەت، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن «قۇرئان كەرىم» دىكى شۇ ئىككى سۈرىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم، تەكلىپىڭىز بۇيىچە ئاشۇ جاينى'قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن' دەپ ئۆزگەرتىپ قوياي. ئەمدى كېيىنكى پىكرىڭىزگە كەلسەك، ھازىرغىچە بىز بىلىدىغان ھەم بىلەلەيدىغان تارىختىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئاشۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئۆتكەن ماكېدونىيەلىك ئالېكساندىر ماكېدونىسكى شۇ، بۇنى كىشىلەر «قۇرئان كەرىم» دىكى شۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە تەققاسلاشقان. شۇڭا ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، ئىسلام ئالىمىدە نېمە ئۈچۈن بۇ گەپنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىش دەرىجىسىنىڭ يوقلۇقىغا دائىر ئاساسلارنى كۆرسىتىپ ئۆتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.ئۇ ھالدا ماقالىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىپ تولۇقلاشقا پايدىسى بولاتتى. ۋاقتىدا ئەسكەرتمە بەرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمەنكى، بۇ ماقالىنى يېزىشتىن مەقسەت «يەجۈج-مەجۈجلەر» ۋە «ئىسكەندەر سېپىلى» نىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ تېپىپ چىقىش ئەمەس، ھەم بۇ مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمدىكى تېمىمۇ ئەمەس. پەقەت شۇ «سالامنىڭ شەرىققە بېرىش خاتىرىسى » دىكى مەزمۇنلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ، جۈملىدىن دې گۇيېنىڭ ئىسكەندەر سېپىلىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشى دىققىتىمنى تارتقاچقا، «يەجۈج-مەجۈجلەر» ۋە «ئىسكەندەر سېپىلى» ھەققىدە مۇشۇنداق قاراشلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈپ قۇيۇش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى يازدىم. كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنداق ماقالىنى تۈزىتىپ تولۇقلاشقا ياردىمى بولىدىغان پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|