قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ahmatjantarimi

رىۋايەتلەردىكى «يەجۈج - مەجۈجلەر » ھەققىدە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7884
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 20:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 23:28
سەدىچىن سېپىلى نىمىدىن ياسالغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئ ...

سىز بەك بىلىدىغان ئوخشايسىز

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33228
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 01:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش دەريا يۇلى بۇيىچە سۇ يەتكۈزۈش تارىم دەريا تۈۋەن ئىقىنىنىڭ سۇ قۇبۇل قىلىش كۈلىمىنى كىڭەيتىپ تۆۋەنكى ئىقىندىكى ئۈسۈملىۈك يىپىنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم  رول ئوينايدۇ. كۆرۈۋاتقىنىڭلار بۇ تارىم دەرياسى ئاياق ئىقىنى يەنى تۆۋەن ئىقىنىنىڭ ئۈسۈملۈك ئۆزگىرىش ئەھۋالى خەرىتىسى. ئۇنىڭدا ئۇخشىمىغان رەڭلەر بار، مەسىلەن: يىشىل رەڭلەر، قىزىل رەڭلەر، كۆك رەڭلەرياكى لىنىيەسىمان ھالەتلەر. بۇنىڭدا قىزىل رەڭلىككە قارايلى مەسىلەن: ئۈسۈملۈكنىڭ ئەسلىگە كەلگەن رايونى. ئۇمومەن مۇشۇ ئورۇندا سۇ قۇيۇۋەتكەندىن كىيىن ما قىزىل رايوننىڭ دائىرىسى پەيدىنپەي چۇڭىيىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن بىز مۇشۇ سۇ قۇيۇۋەتكەنلىكنىڭ بەلگىلىك ئىكولوگىيىلىك ئۈنۈمىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ يەردىكى تۇغراقنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نۇمۇر تاختىسى ئورنىتىلغان بولۇپ. قارايدىغان بولساق، مانا بۇ توغراقنىڭكى نۇمۇرى 370-نۇمۇرلۇق كەن ، مانا مۇشۇنۇڭغا ئۇخشاش تۇغراقتىن بۇيەردە 4999 تۈپ بار . مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ نۇمۇر تاختىسى  تۇغراقلارنىڭ كىملىكى ھىساپلىنىدۇ . تارىم دەريا ۋادىسىدىكى تۇغراقلىق دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەڭ قەدىمىي ئىپتىدائى تۇغراقلىق ، تۇغراقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن زور بۇلۇپ ، قۇم بورانغا باش ئەگمەي ،قەت كۈتۈرۇپ قۇملۇق قاراۋۇلى سۈپىتىدە بوستانلىقلارنى قوغدايدۇ ، شۇڭا تۇغراقلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تارىم بوشتانلىقىنىڭ ئىكولوگىيىسىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلغان تەتقىقاتچىلار بۇ يەردىكى ھەر بىر تۇغراقا كۆڭۈل بۆلدى. سىلەر ھازىر بۇ يەردە نىمىنى ئۆلچىدىڭلار؟ بىزنىڭ ھازىر ئلچەۋاتقىنىمىز دەرەخ باراخسىنىنىڭ دىئامىتىرىنى ئۆلچەۋاتىمىز. بۇنداق ئۆلچەش ئارقىلىق قاندقا مەقسەتكە يەتمەكچى. 2005-يىلى بۇ دەرەخ بىر قىتىم ئۆلچىەنىپ بولغان. بۇ يىل دەرەخ ئىگىزلىكى، غول دىئامىتىرى، باراخسىنىنىڭ دىئامىتىرى، ئوخشاش پارامىتىرلىرىنى يەنە بىر قىتىم ئۆلچەپ، مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە ئوخشاش پارامىتىرلاردا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى. ھازىر دەرەخنىڭ ئۇچىنى ئۆلچىگەندە 15مىتىر يىراقلىقتىكى ئورۇندىن ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۆلچىگەندە 9.90مىتىر، غول دىئامىتىرى 45.7، سىز مۇشۇ خاتىرىلەشكە قاتنىشىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ ماڭا ئىككى يىل بولدى. ئەمدى سىزنىڭكى پەرىزىڭىزچە مۇشۇ جەرياندا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ ئۆزگىرىش بولدى. بۇ خاتىرىلىگەن سىلىشتۇرما جەدۋەلدىن مەلوم بولدىكى بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھازىرقىنى سىلىشتۇرۇپ باقساق دەريانىڭ ئىككى ئەتراپىدا دەرەخلەر ئاساسەن بۈك باراقسان. باراقسانلىشىش دائىرىسى %10، %5، %15 بولدى. بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال بولدى. مىنىڭچە سۇ كەلگەندىن كىيىن ئىنتايىن ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن.   ياز كۈنلىرى قۇم بارخانلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ تۇغراقلىقنىڭ كۈندۈزلۈك تىمپىراتورىسى 40سىلىتسىيە گىرادوستىنمۇ ئىشىپ كىتىدۇ، يەر يۈزىنىڭ تىمپىراتورىسى 60-70 گىرادوستقا يىتىدۇ. تەتىقاتچىلار كۈندۈزى تۇغراقلارنى ئۆلچەپ ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي، كەچتە يەنە تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇردى. پىژغىرىم ئىسسىق بۇران-چاپقۇن، ئىچىدىغان سۇنىڭ قىس بولىشى قاتارلىق جاپالىق شارائىت تارىم ئىكولوگىيىسىنى ياخشىلاشقا بەل باغلىغان پىدائىيلارنىڭ ئىرادىسىنى بۇشاشتۇرالمىدى. يۈكسەك مەسئولىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ ئۇلارنى داۋاملىق ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا دەۋەت قىلدى. تۇراقتىن ئۈلگە ئىلىشتىكى مەقسەت نىمە؟ تۇپراقتىن ئۈلگە ئىلىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇخشىمىغان قەۋەتلەردە تۇپراقنىڭ نەملىكى ئوخشىمايدۇ. تۇغراق يىلتىزى ئارقىلىق تۇپراق تەركىبىدىكى سۇنى سۈمۈرىدىغان بولغاندىكىن تۇپراق نەملىكى تۇغراقنىڭ تەلىپىگەا ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ، بۇنى بىز تۇپراقتىن ئالغان ئۈلگىلىرىمىنى ئۇخشىمىغان قۇتىغا قاچىلاپ تەجرىبىخانىغا ئاپىرىپ، خىمىيىلىك ئانالىزلار بىلەن ئۇنىڭ نەملىكى، دانىچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە، تۇپراق تىمپىراتورىسى، ئۇنىڭدىن باشقا تۇپراقنىڭ توك ئۈتكۈزۈشچانلىق قاتارلىق ئۇخشىمىغان پارامىتىرلىرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تۇپراقنىڭ تۇغراققا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقىمىز. ئەگەر تىلىمىز بىلەن سىناپ باقىدىغان بولساق تۇپراقتا بىرخىل تۇز شورىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلالايمىز. تۇزلۇقمىكە؟ سىناپ بىقىڭە ئەمىسە بىرنى ئىلىپ، ئاق يېرىدىن. شور ئۆرلەپ تۇرۇپتۇ تىتىپ باقايلى. راستلا تۇز تىتىيدىكەن. بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر ھەقىقەت. ئۇمۇمەن بىز يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا سۇغۇرۇش بەك ھەددىدىن ئىشىپ كەتسە، سۇ سىڭىپ ئاندىن يەرنىڭ ئاستىدىكى شورنى يەرنىڭ ئۈستىگە ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شورلىشىش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا نەرسە. ھازىر يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى يۇقىرىلاپ كەتكەنسىرى تۇپراق تەركىبىدىكى شورنى يەرنىڭ ئۈستىگە چىقىرىدۇ. تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئىقىنىنىڭ ئىكولىگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا دەرياغا سۇ كىلىش بىلەن بىرگە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمي ئۇسۇلدا سۇ تەمىنلەشكە قارىتا ئۈنۈملۈك كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۈمىدكا سىز ئىزچىل تۈردە مۇشۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى تۈزەش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىڭىز. سىزگە مۇشۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا سىز ئەڭ خۇشال بولغان نەتىجىلەر قايسى بولدى؟ مەن 2004-يىلىدى بېرى تارىمنىڭ تۆۋەن ئىقىنىدا مۇشۇ ئارغاننى بازا قىپ تۇرۇپ يەتتە يىلدەك ۋاقىت بوپتۇ، بۇ ئارغانغا سۇ كەلمىدى ئەمەس كەلدى، لىكىن مۇشۇنىڭدەك 7-ئاينىڭ ئاخىرى 8-ئاينىڭ بىشىدا مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە سۇ كەلگىنىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم. سۇ بولسا ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىت ياخشىلىنىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، مەسىلەن ئاۋۇ تۇغراققا قارايدىغان بولساق ئاستى ئۇمومەن قۇرۇپ كەتكەنلىك ئەھۋال. ئۈستىدە كۆكلەپ چىققان ياكى يىڭىدىن ھاسىل بولغان ياپراقچىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. قارايدىغان بولساق مەن يۈزدە يۈز ئىيتالايمەن، بۇغىنىڭ ئىزى. بۇ يەردە بىر بۇغىنىڭ ئىزى باركەن مانا قاراڭلار. تۈنۈگۈن ئۇقۇغۇچىلىرىم بىلەن دەريانىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئالتە بۇغىنى بىرلا ئورۇندا كۆرۈپ قالدۇق. بۇغىنىڭ مانا مۇشۇ ئارغان تەۋەسىگە سۇ ئىچكىلى كەلگەنلىكى تىخى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم. بۇ نىمىدىن بىشارەت بېرىدۇ دىگەندە ھۆكۈمەت تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىنىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن سالغان 10مىليارت 700مىليون يۈەن مەبلەغ بارا بارا بۇ ئىكولوگىيىلىك مەبلەغنىڭ ئۈنۈمى بىر كۈن ئىككى كۈندە كۆرۈلىدىغان نەرسە ئەمەس، پەيدىنپەي كۆرۈلىۋىتىپتۇ. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئىقىنىنىڭ قايتىدىن بوستانلىققا ئايلىنىشى بىلەن بۇ يەرلەر يەنە باشقىدىن نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ ئىللىق ماكانىغا ئايلاندى. تۇغراق ھەم يۇلغۇنلارنىڭ ئارىسىدىن مارىلاپ يۈرىدىغان تۇشقانلارنى ھەر ۋاقىت ئۇچراتقىلى بۇلىدىغان بولدى. ئەمدى مانا بۇ يەردە تۇپراقنىڭ نەملىكى %10.6، مەسىلەن بايا %80دە پەقەت نەملىك يوق، نۆل. ھازىر يەر يۈزىدىن 65سانتىمىتىردە تۇپراق نەملىكى %10.6. مانا مۇشۇنداق بارلىقى ئاتىغان پىراففىسور ئۈمىد خالىق يىڭى بىر ئەۋلات ئىز باسارلارنى تەربىيلەشكە كۈڭۈل بۆلمەكتە. ئەمدى مىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى گىرمانىيە بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىم كۆپرەك بولغاچقا بۇلارغىمۇ بىر پۇرسەت يارىتىپ مۇمكىن با ئورتاق ئىشلەۋاتقان تەتقىقات تۈرىنىڭ دائىرىسى ياكى مەزمونى ئىچىدە بۇلارغىمۇ بىر شارائىت يارىتىپ مۇمكىن با گىرمانىيىگە چىقىپ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش خىيالىم بار. بۇنىڭ بەزى ئىشلىرى ئەمىلىيلەشتى مەسىلەن يىقىندا ئۈچ ئۇقۇغۇچىمىز گىرمانىيەگە ماڭىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق بۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسى، بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىش، مۇشۇنداق بىر پۇرسەتكە ئېرىشتۈرۈش.  شىنجاڭ ئونۋىرستىتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتوتىنىڭ پىراففىسورى، گىرمانىيە ئاي شىتات ئۇنۋىرستتىنىڭ تەكلىپلىك پىراففىسورى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بوستانلىق ئىكولوگىيىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ تايانچ تەتقىقاتچىسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش پەن تىخنىكا خادىملىرى ئىلمى جەميىتىنىڭ باشلىقى، ئىكولوگىيە ئىلمى بۇيىچە پوس دوكتۇر ئۈمىد خالىق 1966-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ جۇغراپىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ 1990-يىلى قۇرغاق رايۇنلارنىڭ بىئولوگىيىلىك بايلىقىنى قوغداش كەسپى بۇيىچە ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بۇلۇپ ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى بېرلىن پەن تىخنىكا ئونۋىرستىتىنىڭ مۇھىت پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىدا دوكتورلۇق تەتقىقاتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تاماملىغان قۇرغاق رايونلاردا شەھەر كۈكەرتىشنىڭ ئىكىلوگىيىلىك ئاساسلىرى ، تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق شەھەرلەر مىسالىدا ،ناملىق چوڭ  ھەجمدىكى ئەسىرى گرمانىيىدە نەشىر قىلىنىپ ، شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا مۇھىم رول ئوينىغان . ئۈمۈت خالىق جۇڭگو گرمانىيە ئىككى دۆلەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋەئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەشتە تۆھپىسى ئالاھىدە بولغانلىقتىن گىرمانىيە خەلقارا ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەنگەن. سىز ئىزچىل تۈردە ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قۇشۇپ كەلدىڭىز بۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقات يۈزلىنىشىڭىز تەتقىقات پىلانىڭىز قايسى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن مەن يەنە شەھەر مەسىلىسىنى، شەھەر ئىكولوگىيىلىك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەنمەكچى. گىرمانىيەدە دوكتورلۇق تەتقىقاتىمۇ مۇشۇ يۈنىلىشتە بولغان. قانداق قىلغاندا ئاز پۇل خەقلەپ تىخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئىكولوگىيىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، دىگەن مەسىلىگە يۈزلەنمەكچى. بۇمۇ بىر ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى. ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى نىشانلىغان پىراففىسور ئۈمىد خالىق تارىم دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئىقىنىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. چۈنكى تارىم دەرياسىنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ھەم ياخشىلاش تارىم ۋادىسىدىكى ھەر بىرەيلەننىڭ مۇقەددەس بۇرچى ئىدى. مۇشۇ تارىم دەرياسىنىنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتى، بۇلۇپمۇ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەلۋەتتە سىجىل تەرەققىيات دىگەن سۆز ئۈچ قىسىم مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرسى ئىقتىسات تىز سۈرئەتتە ئىشىش. ئىككىنچىسى جەمئىيەت مۇقىم بۇلۇش. ئىجتىمائىي ئۈنۈم. ئۈچىنچىسى ئىكولوگىيىلىك ئۈنۈم، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت چۇقۇم ياخشى بۇلۇش. بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە تەرەققىياتى ناھايىتى تىز %17بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىللىي دارامەت قىممىتى دىگىنىمىز بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئىقىنىدەك رايونلاردا سۇ يىتىشمەي ئىكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش ئېغىر بۇلۇپ كەتسە تەرەققىيات تىزب ولمىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئىقتىسات، ئىجتىمائىي ۋە ئىكولوگىيىلىك ئۈنۈم قايسىسىدىن بىرسى كەم بۇلۇپ قالسا بولمايدۇ سىجىل تەرەققىياتقا. مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز بۈگۈن كۆرگەن مۇشۇ تارىم دەرياسىغا ئوخشاش سۈيى ئەلۋەك، ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئانا دەرياسىمىز دەپ ئاتىشىمىزغا ماس كەلگىدەك دەريا تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆرەلەيمىز. مۇشۇنىڭ ھەممىسى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ شۇنىڭدەك مۇشۇ ماكاندا ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈڭۈل بۈلىشىگە ئېرىشكەندىلا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىمىز چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ قارايمەن. تارىم دەريا بۇيىدا ئەمدىلا بىخ ئۇرۇپ كۈكلىگەن تۇغراق مايسىلىرى دەريا ئەتراپىدىكى كىچىك كۆلچەكلەرگە يىغىلغان زۇمرەتتەك يالتىراق سۇلار ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ قايتا ياشارغان تۇغراقلار، بوستانلىقنى كىڭەيتىۋاتقان يۇلغۇنلار بىرلىشىپ ئانا دەريانىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى نامايەن قىلىپ تارىم ۋادىسىدا قايتىدىن ھاياتلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى. تارىم دەرياسى ھاياتلىق دەرياسى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى يىڭى ئۆركىشى ھەممىمىزنى خۇشال قىلدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئۈزۈلمەس ئۆركىشى بولغاندىلا تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلار تىخىمۇ كۆكلەپ ياشنىيالايدۇ. خوش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 13:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ يەجۈج-مەجۈجلەر ›  بۇ قەۋىمنىڭ ئىسمى قىززىقكەن ھە باللا

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33256
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 13:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەجۈج- مەجۈجىلەرنى قىيامەت يېقىنلاشقاندا ئىنسانلارنى ھالاك قىلىدۇ دەۋاتسا ، ناۋادا ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى تېپىۋالسا ، بىر بومبا بىلەن كۈچىمەيلا ئۇلارنى ھالاك قىلمامدۇ ، ئۇ چاغدا ۋەھى كۈچىنى يوقاتقان بۇلىدۇ ، ئالەمنىڭ سىرى چەكسىز ...

0

تېما

0

دوست

2861

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12337
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 856
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 23:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى ئىزدىمەيلى،،

0

تېما

0

دوست

2746

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12494
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 179
تۆھپە : 709
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 23:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alaqehan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 11:57
بۇ تېمىغا بىرەرمۇ ئىلمى مۇلاھىزە قىلىنغان ئىنكاس چۈشم ...

   ھېچقانداق ئىنكاس ئىلمى ئەمەسكەندە....؟

1

تېما

2

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 966
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 13:10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
palganjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 13:32
يەجۈج- مەجۈجىلەرنى قىيامەت يېقىنلاشقاندا ئىنسانلارنى  ...

شۇڭا ئىزدەۋاتمامدۇ بۇرادەر ،بەلكىم تېپىپ بولغاندۇ ،ئۇلارنىڭ سانى بەك كۆپ بۇلارمىش ،شۇ ئۇچۇق دىمەيۋاتقان گەپتۇ ھەقىچان ..................

1

تېما

2

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 966
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 13:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئۇلار ئاللابۇرۇن چىقىپ بولغاندۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )