- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
82.5%
|
yusup818 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 15:36
گەپنى ئالدىرىماي سوزلىسىڭىزمۇ مۇشۇنداق دۇدۇقلامسىز ؟ ...
شۇنداق بولۇپ قالىدۇ قېرىندىشىم ، گەپنى ئالدىرىماي ئاستا قىلسىمۇ شۇنداق دۇدۇقلايدىغان گەپ ، بۇنداق ئادەت مەندىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر بار . مەن ئىلگىرى كىچىك چاغلىرىمدا ئېنىقىنى ئېيتقاندا تۆت ياش ۋاقتىمدا زىيادە قورقۇپ كەتكەن ، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئىشلار تۆنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئېنىق ئېسىمدە ھەتتا تۆت ياشتىن ئالدىدىكى ئىشلارمۇ ئېنىق ئېسىمدە . ئۇ چاغلاردا بەك ئېغىر ئىدى كېيىن نۇرغۇن قېتىملاپ داۋالاندىم ئۈنۈمىنى خېېلىلا كۆردۈم . مەن ئىلگىرى قومۇل لەڭگەر رايونىدا بىر مومام بولىدىغان ھازىر يوق ، ئۇ شۇنداق بىر ئىشلار بىلەن داۋالايتتى ( گەرچە بۇ شەرىئەت ئۆلچىمىدە ھەم مېنىڭ قارىشىم بويىچە خاتا ئەقىدە بولسىمۇ لېكىن يەنىلا چولار بىزدىن بىر ئىشتاننى بولسىمۇ جىقراق ئۇپراتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ قارىشىنىمۇ بىراقلا بىر تاياقتا ھەيدىۋەتكىلى بولمايدىكەن ) . ئۇ بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ ماڭغا سۇ پۈركىدى كەينىدىن ئەپسۇسلانغان ھالدا رەھمەتلىك مامامغا قاراپ ئايلا بۇ بالىنىڭ غولىغا جىق ئۇرۇۋېتىپلا دېگەنتى مومام بولسا ئۇنى ئىلىك ئالمىغانتى ( بولدىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ كەينىدىن تامان گەپ قىلماي ، يەنە كېلىپ ئۇ مېنىڭ مامام ) . كېيىن بىرسىنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە شەھەر ئىچى يېزىسى ياڭخى مەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تۆرىخان سۇنۇقچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ، ئۇ ئومۇرتقىلىرىمنى سىلاپ بۇ ئادەمنى تونۇشتۇرغان تونۇشىمىزنىڭ بالىسىدىكى ئەھۋالنىڭ مەندىمۇ بارلىقىنى دېدى . بۇ دېگىنى ئومۇرتقا سۆڭىكى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ ئازراقلا سىلاپ تۇتۇپ بېسىپ قويسا نورمال ئەدەمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئاغرىق ھېس قىلىدىغان گەپكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭكىدە ئومۇرتقا سۆڭىكىمگە بىر مەزگىل دەۋىرقاي چاپلاپ كىرىپ كەتكەن ئومۇرتقا سۆڭىكىنى كۆتۈرۈپ چىققان كېيىن ئاستا ئوڭشالدىم . سەۋەبى ئومۇرتقا كىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قاننى بېسىۋېلىپ قان راۋان ئايلانمايدۇ قان راۋان ئايلانمىسا گەپمۇ راۋان چىقمايدۇ سىزنىڭكى بىلەن مېنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ئومۇرتقىڭىز يوقۇرىقى تەرىپىنى بىرسى تۇتۇپ باقسۇن ئاغرىمدىكىن ، مېنىڭ ھازىرمۇ ئازراق بار چۈنكى ياش تولا ئۆتۈپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن . |
|