بەزىلەرمىنى نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىغا ئالاقىدار ئىككى ئابزاسنى خاتا تەرجىمە قىلىۋاپسەن دەپ ئىسپات كۇرسەتمەيلائەيىپلەپ كەتكەن ئىدى.مەن شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىدىكى دوكتۇر مۇھەممەت رىشات مۇئەللىمدىن ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە ئۈچ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۇرۆپ ئۇچۇر بېرىشىنى ئۆتۆنگەن ئىدىم.ئۇ سېلىشتۇرۇپ كۇرۆپ خەت ئەۋەتىپتۇ.خەت لاتىن يېزىغىدا يېزىلغانFDF شەكلىدە چ چ دىن يوللانغاچقا خەتنى ئەينەن چاپلاشقا ھۆنىرىم يەتمىدى.شۇڭا ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە ئەينى نۇسخىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،مۇھەممەت رىشات مۇئەللىمنىڭ خېتىنىڭ ئۇزىنى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىغىغا ئايلاندۇرۇپ ئەينەن يوللۇدۇم.تولۇق تېكسىت تۆۋەندىكىچە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئاكا،تىنىچ-ئامان تۇرىۋاتامسىز؟
كومپىيوتىرىمدا كونا ئۇيغۇر يېزىغىدا خەت باسالماي قالغانلىقىم ئۈچۈن لاتىنچە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.خېتىمنى تۆزۆتۈپ ئوقارسىز.مەقسەت، سىزنىڭ ھاۋالىڭىز بويىچە ئېساك نىيوتۇننىڭ ئېنگىلىزچە ئەسلى كىتاۋىنى ۋە سىز قالدۇرغان ئۇيغۇرچە مەزمۇننى سېلشتۇرۇپ چىقتىم،ھەم ئېنگىلىزچە،خەنزۇچە كىتاپتىكى ئەسلى مەزمۇننى رەسىم شەكلىدە ئېلىپ كېسىپ چاپلاپ قويدۇم.مېنىڭ چۈشىنىشىمدە بۇ ئۈچ خىل تىلدىكى مەزمۇن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.
مەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان نۇسخە:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
|