باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان ئىشنى قىلىڭ ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن
مەن مۇۋەپپەقىيەت دىگەن بۇ سۆزنى تىلغا ئىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن ،چۈنكى ھەر قىتىم مۇۋەپپەقىيەت دىگەن بۇ سۆزنى دىگەندە چۇقۇم بىر چاتاق چىقىدۇ،بۆگۈنكى دۇنيادا ئۆزى قىلالىغاننى باشقىلار قىلالماسلىق ياكى باشقىلاردىن ياخشىراق قىلىش مىنىڭچە بەك تەس ،چۈنكى ھازىر تىخنىكا تۇلىمۇ ئاشكارا بوپكەتتى ،سىز قىلالىغاننى باشقىلارنىڭ قىلالىشىمۇ تەس ئەمەس ،ئەمما باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان ئىش،باشقىلار ياراتمىغان ئىشنى تاللاش بولسا مىنىڭچە بۇنىڭدا ئۆمىد بار ،بۇ مىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى تەجىربەم،تۇلىمۇ غەلىتە يىرى ،بۇ بىر قانچە يىلدا پىسخىكامدا سەل ئۆزگىرىش بولدى ،ھەر قىتم كىرزىسكە يۇلۇققاندا ،مەندە ئاجايىپ بىر خىل ھاياجانلىنىش پەيدا بۇلۇپ ،پۇرسەت كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىمەن ،مەن ئىزچىل پۇرسەتنىڭ مەڭگۈ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشنىپ كەلدىم ،ئاچقۇچلۇق يىرى شۇكى ،مۇشۇ خەتەر ئىچىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىش قىلالماسلىقتا .سارس كىسىلى تارقالغان ئاشۇ ۋاقىتلاردا ،بىزنىڭ شىركەت يۇقۇش خەۋىپى مۇمكىنچىلىكى سەۋەبىدىن ئايرىپ باشقۇرۇلۇپ ،600دىن ئارتۇق خىزمەتچىلەر ئائىلىسىدىن سىرتقا چىقماي ئۆيىدە تۇرىدىغان بولدى ،ئاشۇ ۋاقىتتا راستىنلا شىركەت ئەمدى ۋەيران بولىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدىم ،600دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئۆيىدىن سىرتقا چىقماي ،ھەر بىر كىشىنى مەھەللە كومىتىدىكىلەر باشقۇرۇپ تۇردى ، يەيدىغان تامىقى سىۋەت ئارقىلىق ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىن يەتكۈزۈلۈپ تۇرۇلدى ،مۇشۇ ۋاقىتلاردا قانداق قىلىش كىرەك ،مەن قانداق قىلدىم؟بىر شىر كەت چۇقۇم مۇشۇنداق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بۇلۇشى كىرەك ،ئىنتىرنىت تۇرى شىركەتلىرى بەلكىم دۇنيادىكى ئاپەتكە يۈزلىنىشتە ئائىلىسىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلسىمۇ بۇلىدىغان پۇرسەتكە ئەڭ باي شىركەت بۇلۇشى مۇمكىن ،ئاشۇ ۋاقىتلاردا بىزدە كۈچلۈك كارخانا مەدەنىيتى بارلىققا كەلدى ،بىز مەغلۇپ بۇلۇشنى خالىمىدۇق ،بىز ۋاز كىچىشنى خالىمىدۇق ،ئاشۇ ۋاقىتلاردا پۈتۈن خىزمەتچىلىرىمىز 8كۈن ئەتىرپىدا تارقىتىۋىتىلىپ ئۆيلىرىدە تۇردى ،ئەمما پۈتۈن دۇنيادىكى ئابۇنتچىلىرىمىز دىنئەلى بابا شىر كىتىنىڭ تارقىتىۋىتىلگەنلىكىنى ھىچكىممۇ بىلمىدى ،شۇ چاغدا بىزنىڭ يۈز نەچچە مىليۇن ئابۇنتچىمىز بار ئىدى ،ئاشۇ چاغدابارلىق خىزمەتچىلىرىمىز كۇمپىيۇتىر ،تۇر سىمىلىرىنى ئۆيلىرىگە يۆتكەپ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلدى ،ئەگەر سىز شىركىتىمىزگە تىلفۇن قىلغان چىغىڭىزدا تىلفۇن ئاپتۇماتىك ھالدا خىزمەتچىلىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇلىنىپ ، ئالغان ھامان تىلفۇن تۇرۇپكىسىدىن :"ياخشىمۇسىز،ئەلى بابا شىركىتىدىن "دىگەن سۆزلەر ،ھەتتا خىزمەتچىلەر ئۆيلىرىدىكى ياشانغانلارمۇ ئابۇنتچىلاردىن كەلگەن تىلفۇننى ئىلىپلا :"ياخشىمۇسىز،ئەلى بابا شىركىتىدىن " دەپ ھەممەيلەن قۇلمۇ قۇل تۇتۇشۇپ نورمال خىزمەت قىلىنىدى،8كۈن جەريانىدا ئابۇنتچىلارغا مۇلازىمەت بىرمىنۇتمۇ تۇختاپ قىلىنمىدى ،شۇڭا بىر شىركەت ئۈچۈن كىرزىس مەزگىلى دائىم كارخانا مەدەنىيتىنى بەرپا قىلىپ تەربىيلەشتكى مۇھىم ۋاقىت ،مىنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتىم ئەڭ كۆپ بولغىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ مەغلۇپ بۇلغانلىقى ئۈستىدە بولدى ،مەغلۇپ بۇلۇشنىڭ سەۋەبى ھەممىسىدە بەكمۇ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن ،پەقەت ئاشۇ ئاز غىنە ھاماقەتلەرچە چىقىرىلغان تەدبىر سەۋەبىدىن بۇلىدىكەن ،ئەمما ھەر بىر كىشى بۇ خاتالىقنى باشقىلار سادىر قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ،ئەمما سىز چۇقۇم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالىسىز ،سىزگە ئەسكەرتىش بەرسىمۇ ،سىز يەنىلا خاتالىق سادىر قىلىسىز ،بۇ مەغلۇبىيەتلەر ھامىنى ھەممەيلەنگە بار ،لىكىن ئاچقۇچلۇق نۇقتا شۇكى بۆگۈن سىز قانداق قىلىپ ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇش قۇيماسلىقىڭىزدا .بەزىلەر مىنڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزۈم گەرچە كومپيۇتىردا كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ بۇ ساھەدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ كىلۋاتقانلىقىغا تۇلىمۇ ھەيران قالىدۇ ،مەن كومپىيۇتىردا مەشغۇلات قىلىشنى بەكمۇ ۇقۇپ كەتمەيمەن ،ئەمما كومپىيۇتىر كەسىپ ئەھلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشنى بىلىمەن ،بۇ خىل رەھبەرلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم بۇلغىنى زەن قۇيۇپ ئاڭلاش ،ھۆرمەتلەش ،ئۆگىنىش قىلىش ،تەپەككۇر قىلىش .رىقابەتتىكى ئاڭ چۇڭ لەززەت رەقىبىنىڭ گاڭگىراپ قىلىشى بۇلۇپ ،رەقىبىنى غەزەپلەندۈرۈش .رىقابەتتىكى ئەڭ چۇڭ خۇشاللىق جەريانىدا ،ئەگەردە بۇ جەرياندا سىز غەزەپلەنسىڭىز،باشقىلار غەزەپلەنمىگەن بولسا ئۇنداقتا سىزدە خاتالىق بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.خەنزۇتىلىدىكى <<تەپەككۇر ۋە پاراسەت>> ناملىق ژۇرنالدىن تەرجىمە قىلىندى . |