كانت پەلسەپىسى"بىرىنچى تەنقىد"تىكى مەسىلىلەر
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى
«ساپ ئەقلىيلىك تەنقىدى»دە خۇددى ماۋزۇدا ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشاش كانتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئەقلىيلىكنى تەنقىد قىلىش. ئەقلىيلىك ياۋۇز ئىستىكىنى تۇرمۇزلاش.بۇ يەردىكى ياۋزۇ ئىستەك دېگىنىمىز،دۇنيا ھەققىدىكى مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداقتەجرىبىدىن ھالقىغان مېتافىزىكىلىق بىلىمگە ئېرىشىش ئىستىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىلىچىلەر بۇ بىلىمگەئېرىشىشنى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق ئېرىشىشمۇمكىن،دېيىشىدۇ.مەسىلەن:لېيىبنىز بىلەن سىپنوزا ئالەمنىڭ ماھىيتى توغرىسىدىكى نەزەرىيلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ نەزەرىيلەرئەقلىيلىك پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان.كانتنىڭ قارىشىچە،بۇ بىلىملەرگە ئېرىشىشمۇمكىن ئەمەس.كانت ئەقىلىچىلەرنى رەت قىلىدۇ. كانت مۇنداق بىرتاكتىكا ئىشلەتكەن.يەنى،كەينىدىن ئەقىلىچىلەرنىڭ مېتافىزىكىسىنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن ئۇ بىرىنچى تەنقىدنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بىلىم ۋە تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاكتىپ نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.بۇ نەزەرىيلەردە تەجرىبىچىلىككە قارشى چۇڭقۇر مۇلاھىزىلەر بايان قىلىنىدۇ.باشقىچە ئېيتقاندا، كانت تەجرىبىچىلىككەئوخشىمايدىغان تەجرىبىچىلىك نەزەرىيسى بىلەن ئەقىلىچىلىكنى تەنقىد قىلىدۇ. شۇڭا،بىزبىرىنچى تەنقىدنى ئىككى بۆلەككە بۆلەلەيمىز. بىرىنچى بۆلەكتە،كانت ئۆزىنىڭتەجرىبىچىلىككە ئوخشىمايدىغان تەجرىبىچىلىك نەزەرىيسى(«ھېسسىيلىق نەزەرىيسى ۋە ئانالىز نەزەرىيسى») نىتۇرغۇزىۋالىدۇ.ئىككىنچى بۆلەكتە،يەنى دىئالىكتىكا نەزەرىيسىدە ئۇ بۇ نەزەرىيەبىلەن ئەقىلىچىلىك مېتافىزىكىسىنىڭ ئۇلىنى كولاپ كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى بۆلەكتە،كانت«ئەزەلىي ئۇنىۋېرسال ھەقىقەت»دەيدىغان بىر ھالقىلىق ئۇقۇمنى كىرگۈزىۋالىدۇ.كانتنىڭقارىشىچە، دۇنيا ھەققىدە مۇقەررەر ھەقىقەت مەۋجۇت.بۇلار بىزگە شەيئىنىڭ قانداقمەۋجۇت بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تەمىن ئېتىدىغان مۇقەررەر توغراھۆكۈملۈكتۇر.«دۇنيا بوشلۇق خۇسۇسىيتىدە بولىدۇ»دېگەن مۇنداق بىر ھۆكۈمنى ئويلىنىپكۆرەيلى:بۇ قانداقتۇر بىر تەجرىبىۋى ھەقىقەتلا ئەمەس،چۈنكى ئۇبيېكىت بوشلۇقتامەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،شۇڭا دۇنيا بوشلۇق خۇسۇسىيتىدە بولۇشى كېرەك.ھەرقانداقئەھۋالدا بۇ ئەزەلىي ھۆكۈملۈك بولىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن بۇ يەنە دۇنيا توغرىسىدائۇچۇر تەمىنلەيدىغان ھۆكۈملۈكتۇر.ئەگەر سۆز مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالساق بۇنىڭ توغراھۆكۈملۈك بولۇشى ناتايىن.ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇ بىر ئانالىزلىق ھەقىقەتئەمەس.قارىغاندا بىزدە بىرخىل مۇقەررەر ھەقىقەت بولسا كېرەك،ئەمما ئۇ ئانالىزلىقھەقىقەتنىڭ ھۆكۈملۈكى ئەمەس.كانتنىڭ خۇلاسىسى شۇكى،بۇ بىر ئەزەلىي ئۇنىۋېرسال ھەقىقەتتۇر. بۇ يەردەمۇنداق ئىككى جۈپ سېلىشتۇرما تۇرۇپتۇ:بىرى ئانالىزلىق،ئۇنىۋېرسال.يەنە بىرى ئەزەلىي،تەجرىبىۋى.ئەزەلىيھەقىقەت مۇقەررەركى توغرا بولىدۇ.ئەمما بىر تەجرىبىۋى ھەقىقەتنى مۇقەررەر توغرادېگىلى بولمايدۇ.بىر ئانالىزلىق (ئانالىتىك)ھەقىقەتنى پەقەت ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگەقارىغاندا توغرا بولىدۇ.ئەمما، بىر ئۇنىۋېرسال ھەقىقەت دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلىگەئاساسلانغاندا ئاندىن توغرا بولىدۇ.ئەزەلىي ئانالىزلىق ھەقىقەتنىڭ مىسالىمۇنداق:«بارلىق بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى»،«بىر ئۈچ بولۇڭدا ئۈچ تەرەپ بولىدۇ»،«ھەرقانداق نەتىجىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ».تەجرىبىۋى ئۇنىۋېرسال ھەقىقەتنىڭ مىسالى:«بەزى بۇرادەرلىرىمىز ھەمشىرىلىرىنى رەنجىتىپ قويدى»،«ئەمەتنىڭ ئۆيى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە»،«پارتىلاش سەۋەبىنى بىلمىدۇق». كۆپىنچەكىشىلەرنىڭ قارىشىدا بارلىق ئەزەلىي ھەقىقەت ئانالىتىك بولىدۇ ھەم بارلىقئۇنىۋېرسال ھۆكۈملۈك تەجرىبىۋى(دەرھەقىقەت،بۇ تەجرىبىچىلىك پەلسەپىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇر)بولىدۇ.بۇ قىياسلار دۇنيا ھەققىدىكى ئەزەلىي ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ.
مەنبە: گاررى تومسوننىڭ«ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ كانت»ناملىق كىتابىدىن پارچە.
|