- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2137
- نادىر
- 0
- يازما
- 172
ئۆسۈش
4.57%
|
بىر مىللەت،بىر قەۋم،بىر رايۇنغا نىسبەتەن شۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھەممە ئادەمنىڭ ئىلىم ئەھلى بولۇپ كىتىشى ناتايىن،لىكىن مەلۇم دەرىجىدە ھەر خىل ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئۆز مىللىتى،ۋەتىنى،دۇنيا خەلقى ئۈچۈن بەلگۈلىك ھەسسە قۇشۇش ئۈچۈن تېرىشىپ مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە بولۇش-بۇ ھەرگىز ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش،باشقىلارنىڭ ماختىشىغا،داڭلاپ،ئۇچۇرىشىغا مۇھتاج بولۇش-بۇ شۇ ئىلىم ئەھلىنىڭ ئەخلاقىغا بېرىپ تاقىشىدۇ......گەپنىڭ قىسقىسى بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەممە ئۇيغۇرنىڭ دوكتۇرلىققا ئېرىشىپ لېكسىيەچى بوپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق،پەقەت پاشا ئىشان،.......ئابدۇللا ئابدېرىيىم،مەخمۇت سۇلايمان.......دەك بىر نەچچە ئون ناخشىچى بولسا،يەنە بىر نەچچە ئۇسۇلچى بولسا،شۇلار ئاساسەن ناخشا ئۇسۇل ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ كىتەلەيدۇ،يەنە بىر بۆلۈك ھەر يەرنڭ ئۆزىگە خاس ناخشا ئۇسۇل سەنئىتىنى نامايەن قىلالايدىغان سەنئەتچىلەر بولسىلا كۇپايە،ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ساقاللىرىنى پۇلاڭلىتىپ،لىغىرداقلىرىنى ئېتىپ،كاسسىلىرىنى نامايەن قىلىپ......ئۇسۇلچى،ناخشىچى بوپ كىتىشنىڭ،ھەممە كىشىنىڭ ئالىم بوپ كىتىشىنىڭ مىنىڭچە زۆرۈرۈىيتى يوق،تامچى ئۆي ياسىسا،ساتىراچ ساقالنى پاكىز قىرىپ تۇرسا،قاسساپ ھارام -ھالالنى ئايرىپ گۆش ساتسا،ناۋاي ماڭقىسىنى ئېيتقان قۇلىنى يۇيىۋېتىپ خېمىرغا سالسا........ھەممەيلەن ئۆز كەسپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تېرىشسا،ئاندىن مىللەت راۋاج تاپىدۇ،شۇ مىللەت توپىدىكى شۇ ئۇستاملار شۇ راۋاج ئۈچۈن مەلۇم توھپىلەرنى قوشقان بولىدۇ.....ئەلۋەتتە يېقىندىن بېرى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈردىغان،ۋىژدانىنى ئۆرتەيدىغان،نۇرغۇن ئىشلار بوپ ئۆتتى،سەيپۇڭ قۇپۇپ سەيپۇڭلۇق قىلغان قايچا بىلان كالا بوغۇزلاش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى،تامچى تام سۇۋايدىغان ئەندىۋەسى بىلەن ساقال قىرقىپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش،شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتقۇزۇشنى ئويلاپ لېكسىيە سۆزلىدى.....نان يېقىشتا ۋايىغا يەتكەن بىر ئۇستام توردا ھەمىشە موزدوزلىقنىڭ،سەيپۇڭلىقنىڭ،ساتراچلىقنىڭ،تامچىلىقنىڭ.........ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن پايدىسى تېگىشى بىلەن كارى يوق،ئۆزىنى ماختاۋاتقان ئۇيغۇر ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز ماقالە يوللاشقا ئالدىرىدى.....ئۈمىد غېنى لېكسىيە سۆزلەپ نام قازاندى،چۈنكى ئۇ لېكسىيەسىدە ئىسلام توغرىلىق ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى ئايىمىدى،يەنە بىر كىملەر ئاتۇشتا،ئۇ يەردە بۇ يەردە لېكسىيە سۆزلەشتى......بۇ لېكسىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن قانچىلىك قوزغاتقۇچىلىق رولى بولدى؟ھەر قەۋمنىڭ شۇ قەۋمگە تەسىر كۆرسىتىپ،شۇلارنى يېتەكلەپ،شۇلارنىڭ مەدەنىيتى،ئۆرپ-ئادىتى،تارىخى......قاتارلىق جەھەتلەردە يولباشچى بوپ ماڭىدىغان ئاز ساندىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بولىدۇ،بۇلار شۇ قەۋمنىڭ يۈرىكىدۇر،ئەگەر شۇ يۈرەك بۇزۇلسا شۇ قەۋم دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە قەۋمگە ئايلىنىدۇدە،ئۇلار چاھارپايلاردىن قىلچە پەرقى يوق،ياشايدۇ،بەلكى چاھارپايدىنمۇ ئۆتەر ھالغا قالىدۇ....نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىمىزدا مانا بۇ يۈرەك سېسىشقا باشلىغان،مۇشۇ يۈرەكنى تەشكىل قىلغان شائىرلارنىڭ يۈرىكى ئۆلگەن،يازغۇچىلارنىڭ ئادەمدەك ياشاش ئىرادىسى ئاللاقاچان جېنىنى ساقلاپ ياشاشقىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن،سەنئەتچىلەرمۇ ئىشەكنىڭ ئورنىدا قالغان،زىيالىلار بولسا نام-ئاتاق ئۈچۈنلا توڭگۇزدەك ياشاشقا ئۈگىنىپ كەتكەن بۇ شارائىتتا تۇرۇپلا ئۇيغۇرلار راستىنلا ياشاۋاتامدىغاندۇ؟.....دىگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ئادەمنى.....توغرا ئۇيغرلار ھازىر ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى،ئۆيلىرى بىنا،دېھقانلىرى كۈندە گۆش يەۋاتىدۇ......تەرەققىيات شۇنداق ياخشى بوپ كەتتى،بىراق يۈرەكچۇ؟.........ھەقىقى ئادەمدەك ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاز قالدى.....شۇڭا تېمىدىكى بەزى مەزمۇنلار بەزىلەرنىڭ بىر يەرلىرىگە تېكەتكەندەك قىلغىنى بىلەن ھازىرقى شارائىتقا ئۇيغۇن يېزىلغان دەپ قارايمەن،چۈنكى ئادەم بىلەن ئىشەكنى،توڭگۇزنى،ئىتنى پەرق قىلالماي ياشاۋەرسەك،مۇشۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەرمۇ شۇلاردەك بوپ كىتىدۇ-دە،دۇنيادا ئۇيغۇر بولمايدۇ،پەقەت ئۇيغۇردىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر تۈركۈم ھايۋانلار بولىدۇ.... |
|