- تىزىملاتقان
- 2014-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 57
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
19%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ياخشىمۇسىلەر.ماڭا جىددىي قانۇندىن ياردەم كىرەك بوپ قالدى.ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
بىزنىڭ ناھىيىدىكى يىزا ئامانەت كوپىراتىپىدىن مىنىڭ نەۋرە ئاكام 4يىل ئاۋۋال،ئۆزى ۋە باشقا دوسلىرىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ئىككى دوستى نامىدا 50مىڭدىن 100مىڭ،ئۆزى 100مىڭ ئايرىم ۋە 50مىڭ ئايرىم قەرز ئالغانىكەن.بانكا قەرز بەرگەن چاغدا ھېچتىن ھېچ بىر پۇڭ كىرىمى يوق(ئاكام يەككى تىجارەتچى ئىدى .يەنى ئېلىپ ساتار بولۇپ ،كىرىمى توغرىسىسدا ئىسپات كۆرسىتەلمەيتتى )ھەم چوڭ تىپتىكى يۈرەك ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ ،بانكا تەرەپ بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە بوشەن ئالدىغان يىرىگە كىسەل يوق ،دىگەندەك يىزىپ ئۇنىڭغا قەرز بەرگەنىكەن 2011-يىلنىڭ ئاخىرى ئاكام ئۆلۈپ كەتتى .ئاكامدىن پەقەت كىنىشكىسىنى دادۈي بىجىرىدىغان بولۇپ كىلىشكەن بىرنەچە يۈز مو قۇملۇق يەر قېپقالنىدى .شۇنىڭ بىلەن بانكا تەرەپ كىلىپ ،بىزنىڭ چوڭ ھاممامنى (ئاكامنىڭ ئاپىسى)نى قەرز قايتۇرۇشقا قىستىدى ،ھاممام بىچارە بىر ئاماللارنى قىلىپ قەرز قايتۇردى ،كىيىن بۇلتۇر 2013-يىلى 7-ئايدا ئاۋۇ ئىككى ئادام نامىدا ئالغان 100مىڭ كوينىڭ ۋاقتى توشقان بولۇپ ،ھاممام ئامال يوق قايتۇرمىدى .ھەم تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ بۇ يىل ئالدىنقى ھەپتە ئا بىر ئادەمنىڭ نامىدا ئالغان 50مىڭ كوينى قايتۇردى .بۇ پۇلغا ئەينى يىلى مىنىڭ ئاپام كېپىل بولغان بولۇپ ،قەرز ۋاقتى توشۇپ تۆلىۋاتقىچە بولغان بىر يىلدىن ئوشۇق مەزگىلدە ئاپامنىڭ مۇئاش كارتىسى بانكا تەرەپتىن توڭلىتىپ تۇرۇلغانىدى ،ھاممام ئاۋۇ 50مىڭ كوينى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئەسلى ئېچىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئاپامنىڭ كارتىسى تېخى ھازىرغىچە ئېچىلمىدى ،بانكىنى ئىزدەپ بارساق ،بانكىدىن ئاپامغا «سىز ،بىزگە ئەگەر ئاچىڭىز بۇ پۇللارنى تۆلىمىسە ،مەن چوقۇم بىر كۈن كېچىڭمەي تۆلەيمەن دەپ ۋەدىنامە يىزىپ بەرمىسىڭز ،سىزگە كارتىنى ئېچىپ بىرەلمەيمىز »دەپ يوق شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۋاتىدۇ ،بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟ئاپامنىڭ كىپىل بولغان قەرزى تۈگىگەن تۇرۇقلۇق بانكىنىڭ بىزگە مۇشۇنداق يولسىز تەلەپنى قويۇشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟ قانۇندا مۇشۇلارنى باشقۇرىدىغان بەلگىلىمە بامۇ ؟
دوستلارنىڭ ماڭا جىددىي ياردەم بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،بەك جىددىي لازىم ئىدى .رەھمەت.
|
|