قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1014|ئىنكاس: 4

پۇشكىننىڭ نادىر ھېكايىسى-ئېتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32801
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 10:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتىش
ھېكايە
ئا.س.پۇشكىن(روسىيە)


    بۈيۈك رۇس شائىرى ئالىكساندىر سېرگىۋىچ پۇشكىن(1799-1837) ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئىجابىي ھاياتىدا«يېۋگېنى ئونىگىن» ،«سىگانلار»، «پولتاۋا»،«مىس چەۋەنداز»، «باغچا ساراي فونتانى» قاتارلىق ئۆلمەس داستانلارنى، رۇس ھاياتىنىڭ ئەڭ كەڭ ۋە ئۆتكۈر دراماتىك مەنزىرلىرى يارىتىلغان«بورس گودونوف»،«موسارت ۋەسالىرى» قاتارلىق ئاجايىپ درامىلارنى، شۇنداقلا مەزمۇن كەڭلىكى ۋە بەدىئىي يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «كاپىتان قىزى»، «دوبروۋىسكى»، «قاغىنىڭ ماتكىسى» قاتارلىق رومان، پوۋېسىتلارنى يېزىپ، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ پۈتۈن بىردەۋرلىك تەرەققىيات تارىخىنى ياراتتى. ئۇنىڭ «بىلىكىن قىسىسىلىرى» كىتابىغا كىرگەن ھېكايىلىرى پۇشكىننىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بەدىئىي قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئۇنى ھېكايىچىلىق ئىجادىيتىنىڭ دۇنياۋى ئۇستىسىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىنۋاتقان «ئېتىش» ناملىق ھېكايىسى رۇس مىللىي خاراكتېرىنىڭ بەكمۇ نازۇك ۋە يارقىن بىر تىپى يارىتىلغان، پۇشكىن پىروزىسىنىڭ ئىجادىي، بەدىئىي پەللىسىنى تېخىمۇ روشەن يورىتىپ بىرىدىغان قالتىس ئەسەردۇر.

    بىز كەنىتتە تۇراتتۇق.ئوفىتسېرنىڭ ھاياتى ھەممىگە مەلۇم: ئەتىگەندە ھەربىي مەشىق، پوللىك كوماندىرنىڭ ئۆيىدە ياكى يەھۇدىي قاۋاقخانىسىدا چۈشلۈك تاماق، كەچتە مەي ئىچىش، ياكى قارتائويناش. بۇ كەنىتتە بىرەر ئىشرەتخانا ياكى تاماشاخانا يوق ئىدى. بىزبىر-بىرىمىزنىڭكىگە توپلىنىپ كەچلىكىمىزنى ئۆتكۈزەتتۇق. بىزنىڭ ئۈلپەتچىلىكىمىزدەھەربىي بولمىغان پەقەت بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ يېشى ئوتتۇز بەشلەردە بولۇپ، بىزئۇنى چوڭ بىلىپ ھۆرمەت قىلاتتۇق. ئۇ كۆپ ئىش كۆرگنى ئۈچۈن ھەممە تەرەپتىن بىزدىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەمكىن مىجەزى، قەيسەر خاراكتېرى، ئاچچىقتىلى بىز ياشلاردا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ھاياتى بەكمۇ غەلىتە ئىدى.ئۇنىڭ ئۆزى رۇسقا ئوخشىسىمۇ لىكىن ئىسىمى ئەجنەبىيچە ئىدى. بىر چاغلاردا ئۇئارمىيدە خىزمەت قىلىپ ئوبدان كۈن كەچۈرگەنىدى. ئۇنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىشى، بۇيىراق كەنىتكە كۆچۈپ كىلىپ يالغۇزلۇقتا باياشات كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرنى ھېچكىم بىلمەيىتتى. ئۇ قىسقا قارا پەلتۇ كىيىپ دائىم ياياق يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئىشىكى پولكىمىزدىكى ھەممە ئوفىتسىرلەر ئۈچۈن دائىم ئوچۇق ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىيدىن بوشىغان خىزمەتكارى تەييارلايدىغان كۈندۈزلىك تامىقى ئىككى ياكى ئۈچ خىل بولۇپ،شاھپانىسكى ھارىقى مول ئىدى. ئۇنىڭ بايلىقىنىمۇ، كىرىمىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيىتتى، بۇ ھەقتەسوراشقىمۇ بىرەر كىشى جۈرئەت قىلالمايىتتى.ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت كىتابلىرى ۋە بىر مۇنچە رومانلىرى بار ئىدى. ئۇ، بۇ كىتابلىرىنى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىغائارىيەت بىرەتتى. لېكىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىگىچە بىرەر قېتىممۇ سورىمايىتتى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى تاپانچا ئېتىشنى مەشىق قىلىش ئىدى. ئۆينىڭ تاملىرى ئوقتىن ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايىتتى.ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىردىنبىر زىننىتى خىلمۇ خىل تاپانچىلار ئىدى. ئوق ئېتىشتا ئۇئاجايىپ ماھارەتكە ئېرىشكەنىدى. مۇبادا ئۇ بىرەر كىشىنىڭ بېشىغا نەشپۇت قۇيۇپ ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولسا، پولكىمىزدىكى ھەر قانداق بىر كىشى ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغابېشىنى تۇتۇپ بىرەتتى. بىز ئۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە دوئىل توغرىسىدا سۆزلىشەتتۇق.سىلىۋىئو بۇنداق گەپلەرگە ئۇنچە قىزىقمايىتتى. بىز:«دوئىلغا چىققانمۇ سىز؟» دەپ سورىساق، ئۇ خالا-خالىماس ھالدا «ھە،چىققانمەن» دەپ قوياتتى، لېكىن تەپسىلاتىنى زادى ئېيىتمايىتتى. بۇنداق سوئاللارنىڭ ئۇنىڭغا ياقمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.بىز بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك ماھارىتى بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان بولسا كېرەك، دەپ ئويلايىتتۇق. ئۇنىڭدا ۋەھىمە ۋە قورقۇشتىن ئەسەر يوق ئىدى. لىكىن تاسادىپىي يۈز بەرگەن بىر ھادىسە ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى.

       بىر كۈنى بىزنىڭ ئوفىتسىرلاردىن ئون كىشى سىلىۋىئونىڭ ئۆيىدەچۈشلۈك تاماق يىدۇق. ۋىنو ئادىتىمىز بۇيىچە بەكمۇ كۆپ ئىچىلدى. بىر چاغدا بىز ئۆي ئىگىسىدىن قارت ئېچىپ بىرىشنى سورىدۇق. ئۇ دەسلەپ ئۇنمىدى، كېيىن ئۈستەلگە ئەللىك يۈەن قۇيۇپ ئولتۇرۇپ قارتا ئېچىشقا باشلىدى. بىز ئۇنى ئورىۋالدۇق. ئۇيۇن بەكمۇقىزىپ كەتتى. ئۇيۇن ۋاقتىدا سۆزلىمەي جىم ئولتۇرۇش سىلىۋىئونىڭ دائىملىق ئادىتى ئىدى. ئەگەر ئۇيۇندا نازارەتچى خاتا ساناپ قويسا ئۇ كېمىنى دەررۇ تۈزەپ، ئارتۇقىنى يېزىپ قۇياتتى. بىز ئۇنى ئوبدان بىلەتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيۇننى خالىغىنىچەباشقۇرىشىغا دەخلى قىلمايىتتۇق.
ئارىمىزدا يېقىندا پولكىمىزغا ئەۋەتىلگەن بىر ئوفىتسېر بارئىدى. ئۇ ئويۇن ئۈستىدە ھەردەم خىيال بۇلۇپ، ھېسابنى توغرا قىلالماي قالدى.سىلىۋىئو ئادىتى بۇيىچە بورنى ئېلىپ ھېسابنى توغىرلاپ يېزىپ قويدى. ئوفىتسېر ئۇنى يېڭىلىشتى دەپ ئويلاپ ئۆز ھېسابىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. سىلىۋىئو ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي قارتلىرنى ئېچىۋەردى. ئوفېتسىر تاقەتسىزلىنىپ ئۆچۈرگۈچنى ئالدى-دە، نەزىرىدە ناتوغرا كۆرۈنگەن رەقەملەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. سىلىۋىئو بورنى ئېلىپ ئۈچۈرۈلگەن سانلارنى قايتا يېزىپ قويدى. ۋىنو، ئۇيۇن ۋە بۇرادەرلەرنىڭ كۈلكىسىدىن قىزىشىپ كەتكەن ئوفىتسېر ئۆزىنى قاتتىق ھاقارەتلەنگەن ھېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈستەلدىكى مىس شامداننى ئېلىپ سىلىۋىئوغا ئاتتى. سىلىۋىئو ئۆزىنى چاققان چەتكە ئېلىپ ئۈلگۈرگىنى ئۈچۈن شامدان ئۇنىڭغا تەگمىدى. بىز ھەممىمىز جىددىيلىشىپ كەتتۇق. سىلىۋىئو ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەپتىن ئاقارغان ۋە كۆزلىرى چاراقلىغان ھالدا ئوفىتسېرغا قاراپ دېدى:
-مەرھەمەت جاناب، ئۆيدىن چىقىڭ، خۇداغا شۈكرى قىلىڭكى، بۇ ئىشمىنىڭ ئۆيۈمدە بولدى.
     بىز بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزئۈچۈن، بۇرادىمىزنى سۆزسىز ئۆلدى دەپ ھېسابلىدۇق. ئوفىتسېر ئۆي ئېگىسىنىڭ خورلىغىنى ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى-دە،چالۋاقاپ چىقىپ كەتتى، ئۇيۇن يەنە بىر نەچچە مىنۇت داۋام قىلدى. بىز ئۆي ئىگىسىنىڭ نائىلاج ئويناۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق. سىرىتقا چىقىپ ئوفىتسېرنىڭ ئىش ئورنىنىڭ تېز ئارىدا بوش قالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەم غۇلغۇلا قىلىشىپ،ئۆيلىرىمىزگە تارقىلىشتۇق.
    ئەتىسى ئەتىگەنلىك مەشىقتە بىز بىچارە ئوفىتسېر تىرىكمىدۇ دەپ ئېچىنىشىپ تۇرغىنىمىزدا دەل ئۇنىڭ ئۆزى كىلىپ قالدى. بىز بۇ سۇئالىمىزنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەردۇق. ئۇ سىلىۋىئو ھەققىدە «ھازىرچە ھېچقانداق خەۋەر ئالمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ھال بىزنى ھەيران قالدۇردى. بىز سىلىۋىئونىڭ ئۆيىگە باردۇق.
ئۇنى ھويلىدا، دەرۋازىغا يېپىشتۇرۇلغان قارتنىڭ تۇزىغا ئوق ئۈزۈۋاتقان ھالدا كۆردۇق. ئۇ بىزنى ئادەتتىكىچە قارشى ئالدى. ئاخشامقى ھادىسەتوغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى. ئۈچ كۈن ئۆتتى، ئوفىتسېر تېخىچىلا تىرىك ئىدى.بىز بىر-بىرىمىزدىن «ئەجەبا، سىلىۋىئو دوئىلغا چىقمامدىكەن؟» دەپ سورىشاتتۇق.ھەقىقەتەنمۇ سىلىۋىئو دوئىلغا چىقمىدى. ئاددىيلا بىر ئىزاھقا قانائەتلىنىپ ئوفىتسېر بىلەن يارىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ياشلاردا سىلىۋىئوغا نىسبەتەن يامان پىكىر پەيدا بولدى. ئادەتتە ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەزىلىتى باتۇرلۇقتا دەپ بىلىپ كەلگەن بۇ ياشلار بۇنداق چاغدا جاسارەتسىزلىك قىلىشنى زادىلا كەچۈرمەيىتتى.شۇنداق بولسىمۇ ھەممە نەرسە ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ، سىلىۋىئونىڭ بۇرۇنقى ئابرويى يەنە ئەسلىگە كەلدى.
    تەبىئەت رومانتىك تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولغانلىقىدىن ھاياتى سىرلىق تۇيۇلىدىغان ۋە قانداقتۇر بىر سېھىرلىك ھېكايىنىڭ قەھىرمانى بولۇپ كۈرۈنىدىغان بۇ ئادەمگە مىنىڭ ئىخلاسىم بەكمۇكۈچلۈك ئىدى. ئەمما ئاشۇ  كېچىسى يۈزبەرگەن كۆڭۈلسىز ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ھۆرمىتى خىرەلەشتى. مەن ئۇنىڭ يۈزىگە قاراشتىن ئۇيات ۋە خورلۇق ھېس قىلاتتىم. سىلىۋىئو بەكمۇ ئەقىللىق ۋە سەزگۈرئادەم بولغانلىقىدىن مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭ قانداقلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ ھال ئۇنى رەنجىتەتتى. مەن ئۇنىڭ مەن بىلەن شۇ ھەقتە سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنى بىر-ئىككى قېتىم سىزىپ قالدىم. ئەمما مەن بۇنى بىلمەسكە سېلىپ يۈرۈۋەردىم.
      سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى بىزنىڭ پولك ئىشخانىسى ئوفىتسېرلاربىلەن تۇلۇپ كىتەتتى. بەزىلەر پۇل، بەزىلەر خەت، بەزىلەر گېزىت-ژۇرنال كۈتەتتى.ئادەتتە خەتلەر شۇ يەردىلا ئېچىلىپ، يېڭىلىقلار نەق مەيداندا ئېيتىلاتتى. بۇنداق چاغدا پولك شىتابى ئادەمگە تولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كىتەتتى. سىلىۋىئونىڭ خەت-چەكلىرىمۇ ئادەتتە بىزنىڭ پولك ئارقىلىق كىلەتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پولك ئىشخانىسى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت بەردى. ئۇ بەكمۇ تاقەتسىزلىك بىلەن خەتنى ئاچتى.ئۇ خەتنى كۆرۈپ ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى. ئۆز خەتلىرى بىلەن بولۇپ كەتكەچكەئەتراپتىكى ئوفىتسېرلار ھېچنىمىنى سەزمىدى.
    -جاناپلار،-دېدى سىلىۋىئو،- مىنىڭ دەرھال كېتىشىم كېرەك بولۇپ قالدى. بۈگۈن كېچىسى يولغا چىقىمەن. مەن سىلەرنى مىنىڭ ئۆيۈمدە ئاخىرقى قېتىم مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. مەن سىزنىمۇ كۈتىمەن،-دەپ داۋام قىلدى ئۇ ماڭاقاراپ،- جەزمەن كىلىڭ!
ئۇ گىپىنى تۈگىتىپ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. بىز ھەممىمىزسىلىۋىئونىڭكىگە توپلانماقچى بولۇپ خوشلىشىپ تارقىلىشتۇق. مەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتاسىلىۋىئونىڭكىگە كەلسەم پۈتۈن پولك ئوفىتسېرلىرى دېيەرلىك شۇ يەردە ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە نەرسە نىمىلەرگىدۇ قاچىلانغان بولۇپ، ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن تاملار يالىڭاچ ئېدى. بىز ئۈستەل ئەتراپىغا كىلىپ ئولتۇرۇشتۇق. ئۆي ئىگىسىنىڭ كەيپى جايىدا ئىدى. كۆپ ئۆتمەستىن ئۇنىڭ خۇرسەندىچىلىكى ھەممىمىزگە تەسىر قىلدى.بوتۇلكىلار ھەر ۋاقىت ۋاقىلداپ ئېچىلىپ، ئىستاكانلار كۈپۈكلىنىپ، تىنماي ۋىشىلدايىتتى.
     بىز بولساق سەپەرچىگە كۈچىنىپ ئاق-يول ۋە بەخىت-سائادەت تىلەيىتتۇق. يېرىم كىچە بولغاندا ئۈستەل ئەتراپىدىن تۇردۇق.سىلىۋىئو ھەممە بىلەن قىزغىن خەيىرلەشتى. چىقىپ كىتىۋاتقان چېغىمدا ئۇ قولۇمدىن تۇتۇپ توختاتتى ۋە «سىزبىلەن سۆزلەشمەكچىمەن» دېدى ئاستا. مەن قالدىم.
ئىككىمىز ئۈندىمەستىن تۇرۇپكىلىرىمىزنى شوراپ ئولتۇرۇشتۇق.سىلىۋىئو نېمە ئۈچۈندۇر پەرىشان بولۇپئۇنىڭ خۇشچاقچاقلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى . ئۆزى مەيۇس،رەڭگى ئاپئاق ئاقارغان بولۇپ كۆزلىرى چاراقلاپ يېنىپ تۇراتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان قويۇق تۈتۈن بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى شەيتانغا ئوخشىتىپ قويغانىدى.بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن سىلىۋىئو جىمىلىقنى بۇزۇپ:«بەلكى بىز بۇنىڭدىن كېيىن زادىلا كۆرۈشەلمەسمىز،-دېدى،-جۇدالىق ئالدىدا مەن سىز بىلەن سۆزلەشمەكچىمەن.باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز.لېكىن مەن سىزنى قەدىرلەيمەن. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە بىرەر خاتا پىكىرنىڭ قېلىشى مەن ئۈچۈن بىر ئازاب». ئۇ توختىدى ۋە تارتىپ بولغان تۇرۇپكىسىغا تاماكا تولدۇرۇشقا باشلىدى.مەن يەرگە قارىغىنىمچە جىم ئولتۇرۇۋەردىم.
-ئاشۇ تەلۋە مەست R دىن قىساس ئالمىغانلىقىم سىزگە غەلىتە تۇيۇلغاندۇ،-دېدى ئۇ،-سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى،قورال تاللاش ھوقۇقى مەندە بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتى دائىم مىنىڭ قولۇمدا بولۇپ،مىنىڭ ھاياتىم بولسا پۈتۈنلەي خەۋىپسىز ئىدى. مەن ئۆزۈمنى بۇنداق تۇتۇۋېلىشىم پۈتۈنلەي ئالىيجانابلىقتندەپ چۈشەندۈرسەممۇ بولاتتى، لېكىن مەن يالغان سۆزلەشنى خالىمايمەن. ئەگەر مەن ئۆز ھاياتىمنى ھېچقانداق تەھدىتتە قالدۇرماي Rنى جازالىيالىسام ئىدى، ئۇچاغدا ئۇنى زادىلا كەچۈرمىگەن بولاتتىم.
مەن ھەيران بولۇپ سىلىۋىئوغا قارىدىم. ئۇنىڭ بۇ گېپى مىنى خىجىللىقتا قالدۇردى. سىلىۋىئو سۆزىنى داۋام قىلدى:
-دەل شۇنداق، مېنىڭ ئۆزۈمنى روھەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقاھەققىم يوق. ئالتە يىل بۇرۇن مەن بىرسىدىن شاپىلاق يىگەنمەن. ئۇ دۈشمىنىم تېخى تىرىك.
مەن بۇ ئىشقا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم.
-سىز ئۇنىڭ بىلەن دوئىلغا چىقتىڭىزمۇ، ياكى باشقىلار ئارىغاكىرىپ سىلەرنى كىلىشتۈرۈپ قويدىمۇ؟-دەپ سورىدىم مەن.
-مەن ئۇنىڭ بىلەن دوئىلغا چىقتىم،- دەپ جاۋاپ بەردى سىلىۋىئو،-مانا بۇ ئاشۇنىڭدىن قالغان خاتىرە.
ئۇ ئورنىدىن تۇردى ۋە زەر پۈپۈكلۈك قىزىل شەپكىسىنىئېلىپ بېشىغا كىيدى. ئوق پىشانىدىن ئىككى ئىلىك يۇقىرنى تېشىپ ئۆتكەنىدى.
     -مېنىڭ ئارمىيىدە ئالاھىدە قىسىمدا خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسىز،-دەپ داۋام قىلدى سىلىۋىئو،- مىنىڭ مىجەزىم سىزگە مەلۇم. مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلاردىن يۇقىرى تۇرۇشقا ئادەتلەنگەنمەن. بۇ ياشلىقىمدىن قالغان بىركونا كىسەل. بىزنىڭ زامانىمىزدا جىدەلخورلۇق بىر مودا ئىدى. بىز ئىچىكىۋازلىقىمىزبىلەن ماختىناتتۇق. مەن شائىر دىينىس داۋىدوف مەدھىيلىگەن مەشھۇر ئىچەرمەن بورسوفنىمۇ «داد» دىگۈزۈۋىتەتتىم. بىزنىڭ پولكتا ھەر ۋاقىت دېگۈدەك دوئىل بولۇپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ياكى گۇۋاھچى، ياكى ئىشتىراكچى بولۇپ قاتنىشاتتىم. دوسىتلىرىم مىنى ھۆرمەت قىلىشاتتى. لېكىن پولكنىڭ تېز-تېز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان باشلىقلىرى بولسا مېنى بىر بالا-قازا دەپ بىلەتتى.
    مەن خاتىرجەم ھالدا شۆھرىتمدىن زوقلىنىپ يۈرەتتىم. شۇ ۋاقىتتابىزنىڭ پولكقا دۆلەتمەن ۋە ئىسىلزادە ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان بىر يىگىت كەلدى.ئۆمرۈمدە بۇنداق بەخىتلىك ئادەمنى كۆرمىگەنىكەنمەن! ياش،ئەقىللىق، كېلىشكەن،خۇشچاقچاق، جاسارەت كۆرسىتىشتە بىپەرۋا، ھېسابىنى ئۆزى بىلمەيدىغان ۋە ھىچقاچان تۈگىمەيدىغان دەبى-دۇنيا ئىگىسى بولغان بىر پۇلدار ئادەمنى كۆز ئالدىڭىزغاكەلتۈرۈڭ. شۇنداقلائۇنىڭ بىزدە قانداق تەسىر قالدۇرۇشىنى تەسەۋۇر قىلىڭ. ئۇپەيدا بولۇپ مىنىڭ ئادەتلەنگەن ئۈستۈنلىكىم تەھدىتكە ئۇچىردى. ئۇ مىنىڭ داۋرىڭىمنى ئاڭلاپ مەن بىلەن دوست بولۇش يولىنى ئىزدىدى. بىراق مەن ئۇنى سوغۇق قارشى ئالدىم.ئۇ بولسا ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمەي مېنىڭ يېنىمدىن كەتتى. مەن ئۇنى بەكمۇيامان كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ پولكتىكى ۋە ئاياللار ئىچىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتى مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەشكەكىرىشتىم. مىنىڭ يېزىپ ئەۋەتكەن ھەجىۋى شېئىرلىرىمغا ئۇمۇ شېئىر بىلەن جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈتمىگەندە ھەممە چاغدا مىنىڭدىن ئۆتكۈر ۋە كۈچلۈك بولۇپ چىقاتتى. ئۇ ماڭا ئاچچىق چاقچاق قىلاتتى، مەن بولسام غەزەپلىنەتتىم. نىھايەت بىركۈنى پولك پومىشچېكنىڭ ئۆيىدە بولغان بەزمىدە مەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئاياللارنىڭ دىققىتىنى، بولۇپمۇ مەن بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن بىر بەگزادە خانىمنىڭ نەزەر-ئىتبارىنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن زادىلا چىدىمىدىم.ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قۇلىقىغا بىر زەھەرخەندە گەپ قىلدىم. ئۇ تولغىنىپ كەتتى ۋەغەزەپ بىلەن يۈزۈمگە بىر شاپىلاق سالدى. بىز قېلىچلىرىمىزنى يالىڭاچلاپ بىر-بىرىمىزگە تاشلاندۇق. خانىملار ھوشىدىن كىتىپ يىقىلىشتى. بىزنى جامائەت ئايرىۋېلىشتى. بىز ئاشۇ كېچىنىڭ ئۆزىدىلا دوئىلغا چىقىشنى كىلىشتۇق.
      سەھەر پەيتى ئىدى. مەن ئۈچ گۇۋاھچىم بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن ئورۇندا دۈشمىنىمنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتىم. باھار قۇياشى كۆتۈرۈلۈپ ئىسسىق قىزىتىشقا باشلىدى. مەن ئۇنى يىراقتىن كۆردۈم. ئۇ ھەربىي فورما كىيگەن ۋە قېلىچ تاقىغان بولۇپ، بىر گۇۋاھچىسى بىلەن بىللە كىلىۋاتاتتى. بىز ئۇ كىلىۋاتقان تەرەپكەماڭدۇق. ئۇ شەپكىسىگە تولدۇرۇلغان گىلاسنى بىر قولى بىلەن تاللاۋاتقان ھالدا بىزگەيېقىنلاشتى. گۇۋاھچىلار بىزگە ئېتىشىش ئارلىقىنى ئۆلچەپ بىرىشتى. مەن بىرىنچى بولۇپ ئوق ئۈزۈش ھوقۇقىغا ئىرىشتىم. لېكىن مەن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىمدىن توغرا نىشانغا ئالالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ بىرىنچى بولۇپ ئېتىش ھوقۇقىنى ئۇنىڭغابەردىم. دۈشمىنىم رازى بولمىدى. ئاخىرى چەك تارتىشقا توغرا كەلدى. بىرىنچى بولۇپ ئوق ئۈزۈش نۆۋىتى ئۇنىڭغا، يەنى ئەبەدىي بەختىيار بولىدىغان ئامەتلىك كىشىگەچىقتى. ئۇ نىشانغا ئېلىپ ئېتىۋىدى ئوق شەپكەمنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. نۆۋەت ماڭاكەلدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتى مىنىڭ قولۇمدا ئىدى. مەن بىرەر قورقۇش ۋە بىئارام بولۇش ئالامىتىنى ئىزدەپ ئۇنىڭ چىرايىغا دىققەت بىلەن تىكىلدىم. ئۇ بەتلەنگەن تاپانچائالدىدا توغرا تۇرۇپ، شەپكىسىدىكى پىشقان گىلاسلارنى خاتىرجەم تاللاپ ئاغزىغاسالاتتى-دە شۈمەلگەن ئۇرۇقلارنى مەن تەرەپكە قارىتىپ كۈچەپ تۈكۈرەتتى. ئۇنىڭ مۇنداق بىپەرۋالىقى مىنىڭ تېخىمۇ غەزىپىمنى كەلتۈرىۋەتتى. ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان مۇنداق يارامسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن؟ ئويۇمغابىر ياۋۇز پىكىر كەلدى. تاپانچىنى نىشاندىن پەسكە چۈشۈردۈم-«قارىغاندا سىز ھازىرئۆلۈش نىيىتىدە ئەمەسكەنسىز،- دېدىم ئۇنىڭغا،-مەرھەمەت قىلىپ ناشتىڭىزنى قىلىۋىرىڭ. مەن سىزگە ئەمدى دەخلى قىلمايمەن».
-سىز ھازىر نىمە قىلسىڭىزمۇ ماڭا دەخلى قىلغان بولمايسىز،-دېدىئۇ پەرۋاسىز ھالدا،-مەرھەمەت قىلىپ ئېتىۋىرىڭ. ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىز، ئېتىش نۆۋىتى ئەمدى سىزنىڭكى. مەن خىزمىتىڭىزگە ھەرقاچان تەييارمەن.
مەن گۇۋاھچىلارغا بۈگۈن ئاتمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن دوئىل تۈگىدى.مەن خىزمەتتىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلدىم. شۇنىڭدىن بىرى ئۆچ ۋە قىساس توغرىسىدا ئويلىمىغان بىر كۈنىممۇ بولمىدى. ئەمدى مانا مەن كۈتكەن ئاشۇپەيت كەلدى.
سىلىۋىئو ئەتىگەن كەلگەن خەتنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ماڭائۇزاتتى. كىمدۇر بىرى ئۇنىڭغا موسكىۋادىن خەت يېزىپ، بىر مەشھۇر زاتنىڭ تىز ئارىداياش ۋە گۈزەل بىر قىزغا ئۆيلەنمەكچى بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
-سىز بۇ مەشھۇر زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بايقىغانسىز،-دېدىسىلىۋىئو،- مەن دەرھال موسكىۋاغا بارىمەن. قېنى كۆرەيچۇ، بۇ جاناب تويى ئالدىدىمۇھېلىقى ۋاقىتتىكىدەك ئۆلۈمنى گىلاس يەپ تورۇپ پەر ۋاسىز كۈتۈۋالالامدىكىن؟
    سىلىۋىئو شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى. شەپكىسىنى ئۈستەلگەئاچچىق بىلەن ئورۇپ، خۇددى قەپەستىن بوشىغان يولۋاستەك ئۆي ئىچىدە قەھىرلىك مېڭىشقا باشلىدى. مەن قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدىم.بىر-بىرىگە زىت بولغان غەلىتە ھېس-تۇيغۇلار مىنى بىئارام قىلاتتى. خىزمەتكار كىرىپ ھارۋىنىڭ تەييار بولغانلىقىنى ئېيىتتى. سىلىۋىئو قولۇمنى قاتتىق قىستى. بىزسۆيۈشۈپ خوشلاشتۇق. ئۇ ئىككى چامادان قۇيۇلغان ئەپچىل ھارۋىغا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى. چامادانلارنىڭ بىرىگە ئۇنىڭ تاپانچىلىرى، يەنە بىرىگە بولسا ئۇنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاچىلانغانىدى.
     بىر نەچچە يىل ئۆتتى. ئائىلىۋى شارائىتىم مىنى مەلۇم بىرناھىينىڭ ئانچە ئاۋات بولمىغان بىر كەنتىگە كۆچۈپ كىتىشكە مەجبۇر قىلدى. مەن دائىم ئىلگىرىكى قىزغىن، لېكىن پەرۋاسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلىرىمنى ئەسلەپ،ئاستا ئۇھ تارتىپ قوياتتىم. مەن ئۈچۈن ئەڭ قىيىن بولغىنى كۈز ۋە قىش كىچىلىرنى يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئىدى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە كەنت ئاقساقىلى بىلەن گەپلىشىپ، ئىش بىلەن ئۇياق-بۇياققا بېرىپ ياكى ئىگىلىكىمنى ئايلىنىپ ئانچەقىينالماي ئۆتەتتىم. ئەمما قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدىمۇ بولدى، تاقىتىم-تاق بولۇپئۆزۈمنى نەگە قۇيۇشنى بىلمەي قالاتتىم. ئىشكاپلارنىڭ ئاستى بىلەن ئامبارنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن تېپىلغان بىر نەچچە كىتاب ئۇقۇۋەرگەنلىكىمدىن يادا بولۇپ كەتتى.ئامبارچى ئايال كېرىلوۋنا بىلىدىغان ھەممە چۆچەكلەرنى بىر نەچچە قېتىمدىن ئاڭلاپ بولدۇم. ئاياللارنىڭ ناخشىلىرى ئەمدى ماڭا زېرىكەرلىك تۇيۇلىدىغان بولدى. ئانچەشېرىن بولمىغان شارابنى ئىچىشكە باشلىۋىدىم، بېشىمنى ئاغىرىتتى. توغرىسىنى ئېيىتسام غەم- قايغۇدىن ئىچەرمەن بولۇپ كىتىشتىن، يەنى ئۆزىمىزدە كۆپ تېپىلدىغان كەسپىي مەسىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشتىن قورقتۇم. سۆھبىتى كۆپىنچە ئەسنەش ۋە ئۇھتارتىشتىن ئىبارەت بولغان بىر نەچچە ئىچەرمەندىن باشقا تۈزۈكرەك قوشناممۇ يوق ئىدى. ئۇلار بىلەن بىرگە بۇلۇشقا قارىغاندا مېنىڭ يالغۇزلۇقىم ياخشى ئىدى.
مېنىڭدىن تۆت چاقىرىم نېرىدا، گىراف خانىمى B غا قاراشلىق زور بىر زىمىن بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدا پەقەت ئۇلارنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسىلا ياشايىتتى. گىراف خانىم بولسا ئۆزىنىڭ بۇ جايىغاپەقەت بىر قېتىم، يەنى ئەرگە تەگكەن يىلى كىلىپ بىر ئايغا يېقىن تۇرغانىدى.
    مېنىڭ تەنھالىقتا ئۆتكەن ھاياتىمنىڭ ئىككىنچى يىلى «گىرافخانىم يازنى ئېرى بىلەن يېزىسىدا ئۆتكۈزىدىكەن» دىگەن خەۋەر تارقالدى. دىگەندەك7-ئاينىڭ بېشىدا ئۇلار كىلىشتى.ئوچۇقىنى ئېيتىشىم كىرەككى، ياش ۋە چىرايلىق خانىمنىڭيېزىمىزغا كىلىشى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. سەبرىم تۈگەپ كۆرۈشۈشكە ئالدىردىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ كەلگەن يەكشەنبە كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن، زاتى ئالىيلىرغايېقىن قوشنا ۋە ئىتائەتمەن قۇل ئىلەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قۇيۇش مەقسىتىدە ئۇلارتۇرۇشلۇق جايغا قاراپ يولغا چىقتىم.
    خىزمەتكار مىنى گىرافنىڭ خانىسىغا باشلاپ كىردى. ئۆزى بولسامىنىڭ كەلگەنلىكىمنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. ئازادە خانا تۈرلۈك-تۈمەن بېزەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. تاملارنىڭ يېنىدا كىتاب بىلەن تولغان ئىشلاپلاربولۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل بىرونزا ھەيكەللەر قۇيۇلغانىدى. مەرمەر پىچ ئۈستىگە چوڭ تاش ئەينەك قويۇلۇپ، پولغا يېشىل موۋوت ۋە گۈللۈك گىلەملەرسېلىنغانىدى. مەن گىرافنىڭ چىقىشىنى يىراق ۋىلايەتتىن كىلىپ مىنىستىرنىڭ قۇبۇلىنى تاقەتسىز كۈتۈپ تۇرغان دەردمەن ئادەمدەك قانداقتۇر بىر خىل ھاياجان ۋە ئەندىكىش ئىچىدە كۈتتۈم. بىر چاغدا ئىشىكلەر ئېچىلىپ، ئوتتۇز ئىككى ياشلار چامىسىدىكى كېلىشكەن بىر كىشى كىرىپ كەلدى. گراف ئوچۇق چېھرى ۋە خۇش مۇئامىلە بىلەن ماڭايېقىنلاشتى. مەن دەرھال تېتىكلىشىپ، ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرماقچى بولۇپ تۇراتتىم، لېكىنگراف ئالدى بىلەن گەپ باشلىدى. بىز ئولتۇرۇشتۇق. ئۇنىڭ ئەركىن ۋە ئازادە گەپقىلىشى مىنىڭ قورۇنۇشۇمنى بىردەمدىلا تۈگەتتى. مەن ئەسلى ھالىمغا قايتىپ، گرافقاقايتا سەپسېلىپ قاراۋاتقان چېغىمدا خانىغا بىردىن گراف خانىم كىرىپ كەلدى. ئۇھەقىقەتەن بەكمۇ گۈزەل ئىدى. گراف مىنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇردى. مەن ئۆزۈمنى خاتىرجەمتۇرۇشقا ھەر قانچە ئۇرۇنساممۇ، ئوخشاشلا بىر خىل قولايسىزلىق ھېس قىلاتتىم. ئۇلارمىنى ياخشى قوشنا ھېساپلاپ، تەكەللۇپسىز مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشىمئۆچۈن ئۆز ئارا سۆزلەشتى. بۇ ئوتتۇرىدا مەن ئۇ ياقتىن-بۇ ياققا يۈرۈپ، كىتاب ۋەسۈرەتلەرنى كۆردۈم. مەن سۈرەتلەرنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن. ئەمما ئۇلاردىن بىرىمىنىڭ دىققىتىمنى بەكمۇ جەلىپ قىلدى. بۇ سۈرەتتە شىۋىتسارىينىڭ بىر مەنزىرسى تەسۋىرلەنگەنىدى. لېكىن مىنىڭ دىققىتىمنى تارىتقىنى ئۇنىڭدىكى سەنئەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىككى ئوق بىلەن بىر جايدىن تېشىلگەنلىكى ئىدى.
-نېمىدىگەن ياخشى ئاتقان-ھە، دېدىم مەن گرافقا قاراپ.

-شۇنداق،-دەپ جاۋاپ بەردىئۇ،-ھەقىقەتەن ياخشى ئېتىلغان. خوش، سىز مۇشۇنداق ئاتالامسىز؟

-يامان ئەمەس ئاتىمەن،-دېدىممەن، گەپنىڭ مىنىڭ ئۈستۈمگە كۆچكىنىدىن خۇشال بولۇپ،- ئوتتۇز قەدەم ئارلىقتا ھەرقانداق قارتنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيمەن.

-راسىتتىنلىما،-دېدى گرافخانىم سۈيۈنۈپ،-سەنچۇ ئەزىزىم، ئوتتۇز قەدەم نېرىدىن قارىتقا تەگكۈزەلەمسەن؟

-كېرەك بولسا سىناپكۆرىمىز،-دېدى گراف،-بىر چاغلاردا ياخشى ئاتاتتىم. مانا تۆت يىل بولدى، قولۇمغاتاپانچا ئالغىنىم يوق.

-ئۇنداق بولسا مەن سىز بىلەن قول باغلىشىمەنكى، زاتى ئالىيلىرى،- دېدىم مەن،-سىز ھازىر يىگىرمە قەدەمئارلىقتىمۇ قارتقا تەگكۈزەلمەيسىز. چۈنكى تاپانچىنى كۈندە ئېتىپ تۇرۇش كېرەك. مەنپولكىمىزدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەنلەرنىڭ بىرى ھىسابلىناتتىم. بىر كۈنى تاپانچامنىرېمونىتقا بېرىپ، بىر ئايغىچە قۇلۇمغا قورال ئالمىدىم. كېيىن يىگىرمە بەش مېتىرئارلىقتا نىشانغا قويۇلغان بىر بوتولكىغا تۆت قېتىم ئوق ئۈزۈپمۇ تەگكۈزەلمىدىم.ياق، زاتى ئالىيلىرى، مەشىققە زادى ئىتبارسىز قاراشقا بولمايدۇ. مەن كۆرگەن بىرئەڭ ياخشى مەرگەن ھەر كۈنى مەشىق قىلاتتى. ھېچ بولمىغاندا چۈشلۈك تاماقتىن كىيىنئۈچ قېتىم ئاتاتتى. بۇ ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئىچىدىغان بىر قەدەھ مەيدەك ئادەت بولۇپكەتكەنىدى.

گراف بىلەن گراف خانىم مىنىڭئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قىزىپ سۆزلەپ كەتكەنلىكىمدىن خۇرسەن ئىدى.

-ئۇ قانداق ئاتاتتى،دەپ سورىدىگراف قىزىقىپ.

-قالتىس ئاتاتتى، زاتىئالىيلىرى،-دېدىم قىزىشىپ،-مۇبادا ئۇ ئۆينىڭ تېمىغا چىۋىن قۇنۇپ قالسا، سىزكۈلۈۋاتامسىز گراف خانىم، يالغان ئېيىتقان بولسام خۇدا ئۇرسۇن، ئۇ خىزمەتكارىغاتاپانچىنى ئېلىپ كىلىشىنى بۇيرۇيىتتى. كېيىن ئوقلانغان تاپانچىنى قولىغا ئېلىپچىۋىننى ئېتىپ تامغا كىرگۈزۈۋىتەتتى.

-تەئەججۈپ!-دېدى گراف،-خوش،ئۇنىڭ ئىسىمى نېمە ئىدى؟

-سىلىۋىئو ئىدى زاتىئالىيلىرى.

-سىلىۋىئو؟-گراف ئولتۇرغانئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى،- سىز سىلىۋىئونى تۇنۇمسىز؟

-نېمىشقا تۇنۇماي زاتىئالىيلىرى،-دەپ جاۋاب بەردىم مەن،-ئۇ مىنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى. سىلىۋىئو بىزنىڭپولكقا خۇددى كونا دوسىت-بۇرادىرىمىزدەك قىزغىن قوبۇل قىلىنغانىدى. مانا بەش يىلبولدى، ئۇنىڭ  ھېچ خەۋىرى بولمىدى. زاتى ئالىيلىرىمۇئۇنى تۇنۇيدىكەنسىز-دە.

-تونۇيتتىم،-دېدى گىراف،-ياخشىتۇنۇيتتىم. ئۇ سىزگە دېگەنمىدى؟ ياق،دېمىگەندۇ بەلكىم. ئۇ سىزگە

بەكمۇ ئاجايىپ بىر ۋەقەنىئېيتىپ بەرگەنمىدى؟

-بىر بەزمىدە قانداقتۇر بىرساياق ئۇرغان شاپىلاقنى دىمەكچىمۇ سىز زاتى ئالىيلىرى؟

-ئۇ سىزگە ئاشۇ ساياقنىڭئىسىمىنى ئېيتىپ بەرگەنمىدى؟

-ياق زاتىئالىيلىرى،دېمىگەنىدى. ئاھ زاتى ئالىيلىرى،-دەپ داۋام قىلدىم مەن، ئىشنىڭ تەكتىنىسىزىپ قېلىپ،-ئەپۇ قىلىڭ، مەن بىلمەپتىمەن. ئاشۇ زات سىز بولۇپ يۈرمەڭ يەنە؟

-مەن دەل ئاشۇ ساياق،-دېدى گراف كەيپى ئۇچقان ھالدا،-بۇتېشىلگەن سۈرەت بولسا بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچىرشىشىمىزنىڭ يالدامىسى.
-ئاھ،ئەزىزىم،-دېدى گراف خانىم،-تەڭرى ھەققى ئۆتۈنەي، بۇھەقتە گەپ قىلماڭ. ئاڭلىسام يۈرىكىمنى ۋەھىمە باسىدۇ.
-ياق،-دەپ ئېتراز بىلدۈردى گراف،-مەن ھەممىنى ئېيتىپ بېرىمەن.بۇ مېھمان مېنىڭ ئۇنىڭ دوستىنى قانداق رەنجىتكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئەمدىئۇنىڭ ئاخىرىدا مەندىن قانداق ئۆچ ئالغانلىقىنىمۇ بىلىپ قالسۇن. گراف كىرىسلوسىنىمەن تەرەپكە سۈردى. مەن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ھېكايىسىنى ھەۋەس بىلەنئاڭلىدىم:
-بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن ئۆيلەندىم. بىرىنچى شىرىن ئاينى مەنمۇشۇ يەردە، مۇشۇ يېزىدا ئۆتكۈزدۈم. ھاياتىمنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك چاغلىرىمۇ ۋە ئەڭئېغىر دەملىرىمۇ مۇشۇ يەردە ئۆتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز ئىككىمىز ئاتلىق سەيلىگە چىقتۇق.قايتىشىمىزدا خۇتۇنۇم  مىنگەن ئات نىمەئۈچۈندۇر ئورنىدا ئايلىنىپ ماڭماي قويدى. ئۇ قورقۇپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ماڭا بېرىپ،ئۆيگە ئۆزى پىيادە كەتتى. مەن ئالدىدىراق يىتىپ كەلدىم. ھويلىدا بىر سەپەرھارۋىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. خىزمەتكارلار ماڭا بىر ئادەمنىڭ ئىسىمىنىئېيىتماي، ئىشى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىنى ساقلاپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېيىتتى. مەنئۆيگە كېرىپ، ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن غەلىتە بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئۇ ئاشۇ يەردەتاش مەش ئالدىدا ئولتۇراتتى. مەن ئۇنى تۇنۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم.
-سەن مىنى تۇنۇيالمىدىڭمۇ گراف،-دېدى ئۇ تىترەك ئاۋاز بىلەن.
-ھوي،سىلىۋىئو،-دەپ ۋارقىرىدىم مەن.
راستىنى ئېيىتسام غەزەپتىن مىنىڭ چاچلىرىم بىردىن تىك بولۇشقاباشلىدى.
-توغرا شۇنداق،-دەپ داۋام قىلدى ئۇ،-بىلىسەن، ئېتىش نۆۋىتىمەندە قالغانىدى. مانا ئەمدى تاپانچامنى بوشاتقىلى كەلدىم. قانداق تەييارمۇ سەن؟
ئۇنىڭ ئوڭ يانچۇقىدا تاپانچىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئارلىقنىئۆلچەپ خۇتۇنۇم كىلىشتىن بۇرۇن تېزرەك ئېتىشنى ئىلتى،اس قىلدىم. ئۆينىڭ بۇلۇڭىغابېرىپ تۇردۇم. ئۇ چىراغ سورىدى. خىزمەتكارلار شام ئەكىرىپ بېرىشتى. مەن ئېشىكلەرنىئېتىپ ئۆيگە ھېچكىمنى كىرگۈزمەسلىكنى بۇيرۇدۇم. ئۇنىڭ تېزرەك ئېتىشىنى يەنە بىرقېتىم ئىلتىماس قىلدىم. ئۇ تاپانچىسىنى ئېلىپ نىشانغا توغىرلاشقا باشلىدى...مەنسىكۇنىتلارنى سانايىتتىم، سۆيۈملۈك رەپىقەمنى ئەسلەيىتتىم. نىھايەت دەھشەتلىكسۈكۈت ئۆتۈپ كەتتى. سىلىۋىئو بىردىن قولىنى چۈشەردى.
-تاپانچامغا ئوق ئورنىغا گىلاس ئۇرۇقى سالمىغىنىمغائەپسۇسلىنىمەن،-دېدى ئۇ،-ئوق سۈرلۈك نەرسە. ماڭا بۇ ھامان دوئىل ئەمەس، بەلكىئاپئاشكارا بىر قاتىللىق بولۇپ تۇيۇلۇۋاتىدۇ. مەن قۇرالسىز ئادەمنى قارغا ئېلىشنىئۈگەنمىگەنمەن. ھەممىنى يېڭىدىن باشلايلى، چەك تاشلايمىز، كىمگە چىقسا شۇ بىرىنچىبولۇپ ئاتىدۇ.
بېشىم ئايلىنىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ مەن رازى بولمىدىم. لېكىن ئاخىردايەنىلا چەك تاشلىدۇق. چەكنى ئۇ بىر چاغدا مىنىڭ ئوقۇم تىشىۋەتكەن شەپكىسىگە سالدى.ماڭا يەنىلا بىرىنچى نۇمۇر چىقتى. ئۇ مەن زادى ئۇنتۇمايدىغان ئاجايىپ بىر ئىستىھزابىلەن دېدى:
-گراف،سەن بەكمۇ بەخىتلىك ئادەمسەن!
مەن ئۆزۈمنىڭ نىمە بولغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭ مېنى بۇ ئىشقاقانداق مەجبۇرلىغانلىقىنى زادىلا بىلەلمەي قالدىم. لېكىن مەن يەنىلا ئاتتىم. ئوقسىز كۆرگەن مانا بۇ سۈرەتكە تەگدى،-گراف ئوق تىشىۋەتكەن سۈرەتنى بارمىقى بىلەنكۆرسەتتى.
-مەن ئاتتىم،-دەپ داۋام قىلدى گراف،-تەڭرىگە مىڭ مەرتەشۈكرىكى، ئوقۇم تەگمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن غەلىتە بىر قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگەنسىلىۋىئو مېنى قارىغا ئېلىشقا باشلىدى. بىردىن ئىشىكلەر ئېچىلدى-دە، ئايالىميۈگۈرۈپ كىلىپ، چىرقىرىغىنچە قۇچىقىمغا ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇنىڭ پەيدا بۇلىشى مېنىتېتىكلەندۈردى.
-سۆيۈملۈكۈم، كۆرمەيۋاتامسەن، بىز چاقچاقلىشىۋاتىمىزغۇ؟-دېدىمئۇنىڭغا،- نېمىشقا بۇنچە قورقۇپ كەتتىڭ؟ بېرىپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ كەل. مەنسىنى بۇ كونا دوستۇم بىلەن تونۇشتۇرىمەن.
ئايالىم ھامان ئىشەنمەيىتتى. ئۇ قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگەنسىلىۋىئوغا قاراپ:
-ئېيتىڭا، ئېرىم راسىت ئېيتىۋاتامدۇ؟ سىلەر راسىتتىنلائوينىشۋاتامسىلەر،-دەپ سورىدى.
-ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق چاقچاقلىشىدۇ، گراف خانىم،-دەپ جاۋاببەردى سىلىۋىئو،-بىر چاغدا چاقچاق قىلىپ مىنى بىر شاپىلاق ئۇرغانىدى. كېيىن يەنەچاقچاق قىلىپ مۇنۇ شەپكەمنى ئوق بىلەن تەشتى. ھازىر يەنە ئوينىشىپ ماڭا قارىتىپئوق ئۈزگەنىدى، ئوقى خاتا كىتىپ باشقا يەرگە تەگدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ ئويناشقۇمكىلىپ قالدى.
ئۇ شۇنداق دەپ، ئايالىمنىڭ كۆز ئالدىدىلا مېنى نىشانغائالماقچى بولدى. ئايالىم ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا ئۆزىنى تاشلىدى.
-تۇر ئورنىڭدىن، ئۆزۈڭنى خارلىما،-دەپ ۋارقىردىم غەزەپ بىلەن،-سىزبىچارە خۇتۇننى ئازاپلاشتىن توختامسىز، قانداق؟ زادى ئاتامسىز يوق؟
-ئاتمايمەن،-دەپ جاۋاپ بەردى سىلىۋىئو،-مەن بەكمۇ خۇشالمەن.چۈنكى مەن سىنىڭ قورققانلىقىڭنى، ۋەھىمىدىن چۈچۈپ غالىلداپ تىتىرگەنلىكىڭنىكۆردۈم. مەن سىنى ئۆزۈمگە قارىتىپ يەنە بىر قېتىم ئوق ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن قانائەتلەندىم. ئەمدى سەن مېنى ئېسىڭدە تۇتىسەن، سېنى مەن ئۆزۋىجدانىڭغا تاپشۇردۇم.
ئۇ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدى. لېكىن ئىشىك يېنىغا كەلگەندەبىردىن توختاپ مېنىڭ ئوقۇم تەشكەن سۈرەتكە پەرۋاسىزلارچە قارىدى. ئۇنىڭدىن كىيىنتاپانچىسىنى چىقىرىپ نىشاننى كۆزلىمەيلا ھېلىقى سۈرەتكە قارىتىپ ئوق ئۈزدى-دە،ئاستا چىقىپ كەتتى. ئايالىم ھوشىدىن كىتىپ كىرىسلودا ياتاتتى. ئادەملەر سىلىۋىئونىتۇسۇشقا جۈرئەت قىلالماي ئۇنىڭغا ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ئىچىدە قاراپ قالدى. ئۇسىرىتقا چىقىپ ھارۋىكەشنى چاقىرىپتۇ-دە، مەن ئەس-ھۇشۇمنى يىغىپ بولغىچە مېڭىپكېتىپتۇ.
گراف جىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ۋاقىتلاردا باشلىنىشىبىلەن مېنى ھەيران قالدۇرغان ئاجايىپ بىر ھېكايىنىڭ ئاخىرىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇقەھىرمان بىلەن كېيىن مەن ئۇچىرشالمىدىم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سىلىۋىئوگىرېكلارنىڭ تۈركىيىگە قارشى قوراللىق ئىسيانىغا قاتنىشىپ، بىر قانلىق جەڭدەباتۇرلارچە ئۆلگەنمىش.

مەنبە: باھادىر سالۇنى، ئەسلى مەنبە- تەڭرىتاغ ژورنىلى.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانتىرلاش ئارقىلىق مەزكۇر ئەسەرنى يانفۇنىڭىزدىمۇ كۆرەلەيسىز.

bahadirmc二维码.jpg

ھوقۇق بىردەك باغداش مۇنبىرىگە ۋە يوللىغۇچىغا تەۋە! خالىغانچە كۆچۈرمەڭ!


0

تېما

3

دوست

1608

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 18:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولدۇم..رەھمەت سىزگە.  لىكىن ئانچە ياخشىدەك ھىس قىىلمىدىم...ئامان بولۇك....
،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 18:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن .

0

تېما

1

دوست

681

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32599
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 19:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى باشقىچەلا قىلىپ قويدى . ئېسلكەن.

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32727
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 13:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ھىكايىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )