قىلتاق (ھىكايە) ئابلەتجان تۇراپ
مەلۇم ئىدارىنىڭ كەسپى بۈلۈم مۇدىرى باشقا بىر ئىدارىگە ئالمىشىپ كىتىپ، ئورنىغا يەنەباشقا بىر ئىدارىدىن بۈلۈم مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. يېڭى مۇدىر ئىلگىرىكى كەسپى بۈلۈم مۇدىرىغا قارىغاندا خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ۋە كەسكىن ئىشلەيتى.يېڭى مۇدىر ئىدارىغا كېلىپ بىر ئاي ئۆتمەيلا، كەسپى بۈلۈمدىكى ئون ئادەمنىڭ بۇ يېرىم يىلدىكى كەسپى خىزمەت ئۈنۈمىگە قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يڭى مۇدىرتەكشۈرۈش جەريانىدا بۈلۈمدىكى ھېچكىمگە يۈز-خاتىرەقىلمىدى.ھەتتا ئىدارە باشلىقىمۇ چىڭىراق گەپ قىلمايدىغان ‹‹ئىدارە گۈزىلى›› مېي خېنىم مۇ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە قىلچىمۇ ئاياپ قويۇلمىدى. ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ نازلىق بېقىشى ۋە ھەسەلدەك تاتلىق سۆزلىرى بىلەنلا ئىدارىدا«ئىلغار » لىق نامىنى قولدىن بەرمەي كىلۋاتقان «ئىدارە گۈزىلى » بۇ قېتىم ئوبدانلا قىينىلىپ قالدى. ئىدارە باشلىقىمۇ بۇ ئىشنى ئۇقتىيۇ، تېشىغا تېنمىدى. بۇئىشلار«ئىدارە گۈزىلى » گە قاتتىق ھار كەلدى. «ئىدارە گۈزىلى» قاتتىق ئويلاندى:قانداق قىلىش كىرەك؟ ئىدارە باشلىقىغا دەيمۇ-يا؟ ياق ، بۇنچىلىك ئىشقا باشلىقىنى خىجىل قىلىپ يۈرمەي ، «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۈشىنى قورۇيمەن». شۇنداق قىلىپ ،ئۇ كۆڭلىگە «شىكەر يالتىلغان بومبا» ياساشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلاننى تۈزۈپ قويدى. يېڭى مۇدىرنىڭ مىجەزى گەرچە كەسكىن ۋە ئازراق چۇس بولسىمۇبىراق، ئازراق كۈڭۈلچەك يېرى بارئىدى.يېڭى مۇدىرنىڭ بۇ ئاجىزلىقى «گۈزەل»ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىدى. دۆلەت بايرىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى«گۈزەل» مۇدىرغا تېلىفۇن قىلىپ، ئۇنىڭ بايرىمنى قۇتلۇقلىدى ۋەنازلىنىپ چاقچاق قىلدى: مۇدىر، دەم ئېلىپ بىر كۈن بولا-بولمايلا، ، تۈنۈگۈندىن بىرى سىزنى بەك سېغىنىپ كەتتىم. مېنى بىر مېھمان قىلمامسىز، كېنو كۈرۈپ كەلسەكمۇ ياكى ياخشىراق بىرەر ئاشخانىغا بېرىپ ، تاماق يەپ كەلسەكمۇبولىۋىرىدۇ، بولمىسا، مەن مېھمان قىلساممۇ مەيلى...«گۈزەل»نىڭ تاتلىق گېپى كۈڭۈلچەك مۇدىرنى خۇددى قايناۋاتقان سۇغا سالغان چاقماق قەنىتتەك شۇرىرىدەئىرىتىۋەتتى. مەيلى چىقىپ كىرسەك نېمە بولاتتى...مۇدىرى شۇنداق ئويلاپ يۈرۈپ،ئاشخاننىڭ ئادىرىسىنى «گۈزەل» گە ئېيتىپ بەردى. ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى موھىتى يامان ئەمەس بىر ئاشخانىغا كىردى، تاماق چىققۇچە چاي ئىچكەچ قىزغىن پاراڭلاشتى، بىر چاغدا تاماق چىقىپ ، ئىشتىھا بىلەن يېيىلگىلى تۇردى.سىرىتتىن دەلدەڭشىگىنىچە ئۇدۇللا ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلگەن بۇ «چاقرىتىلمىغان مېھمان» ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇ كىشى ئەسلىدە «گۈزەل»نىڭ يولدىشى بولۇپ،مۇدىر بۇ كىشىنىڭ «گۈزەل» نىڭ يولدىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى. -بۇ مېنىڭ يولدىشىم ،-«گۈزەل» يېنىدىكى ئىرىنى كۆزى بىلەن ئىماقىلىپ . «گۈزەل»نىڭ ئىرى: -ھۇ پاسكىنا، كىم ئىرىڭكەن، مەن سېنىڭ ئېرىڭ بولسام سەن نېمىشقا بۇ نەرسە بىلەن تاماق يەپ يۈرۈيسەن، -دىدىيۇ-سىرىتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.«گۈزەل» كۈرۈنۈشتە بىر ئاز ھۇدۇققاندەك،خىجل بولغاندەك قىلدى، بىراق بۇ ، «گۈزەل»نىڭ ئىرى بىلەن ئالدىن قۇرغان توزىقى ئىدى.مۇدىر بايامقى تاماقلارنى نەگە يىگەنلىكىنىمۇبىلمەي قالدى،تاماقنىڭ يېرىمى مەنسىزلا يېيىلىپ تۈگىتىلدى.مۇدىرنىڭ بېشى بىر چىلەك خام ماي ئىچۋالغاندەك پىرقىراپ قاياتتى. ئاخىرى ھەرئىككەيلەن ئۆز يولىغا قاراپ راۋان بولدى. مۇدىرى ئۆيگە بېرىپمۇ خېلى ئويلاندى،ئەتە نېمە ئىش بولار؟ ئۇنىڭ ئىرى ئىدارىغا بېرىپ ئەسكىلىكمۇ قىلارمۇ؟..... ئەتىسى مۇدىر تەشۋىش ئىچىدە ئىدارە دەرۋازىسىدىن قەدەم بېسىپلا ، تۈنۈگۈنكى پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ، كەينىگە يېنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدىيۇ، بىراق چىقىپ كىتەلمىدى.چۈنكى ئىدارىنىڭ ئىچىدىكى ھەممەيلەننىڭ كۆزى مۇدىرغا تىكىلگەن، ھەتتا «گۈزەل»نىڭ ئىرىمۇ مۇدىر بىلەن ئايالىنىڭ ئىشىنى ئىدارىغا كىرىپ كەلگەن ھەربىر كىشىگە دەپ ئۈلگۈرگەن ۋە مۇدىرنى قاچان كىلەر، دەپ ساقلاپ تۇرغاندەك كۆرنەتتى.«گۈزەل»نىڭ ئىرى دەرۋازىدىن كىرۋاتقان مۇدىرنى كۆرۈپ، بىردىنلا ئېتىلىپ كەلدى. كەينىدىن ئىدارەباشلىقى، باشقا بۈلۈملەرنىڭ مۇدىر ۋە خادىملىرى يۈگۈرۈپ كىلىپ، «گۈزەل»نىڭ ئىرىنى توسىماقچى بولدى. –مېنى قويۇپ بىرىڭلار، ئىرى بار خوتۇنلار بىلەن تاماق يەپ ، نېيتىنى بۇزۇپ، ئىش-پەش تارىتماقچى بولغان مۇشۇنداق ئىستىلى بۇزۇق ، نىجىسلارنىمۇ ھۆكۈمەت ئەتىۋارلاپ،ئىشىلىتىدىكەن، تېخى بۈلۈم مۇدىرىكەن بۇ بۇزۇق. كىلە، ئايالىم بىلەن تاماق يىگلى چىققان پۇت-قولۇڭنى بوينۇڭغا ئارتىپ قوياي. «گۈزەل»نىڭ ئىرى بىر تەرەپتىن ئاغىزىغاكەلگەننى دەپ تىللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇدىرغا قول شىلتايتى.مۇدىر بىر ئىككى مۇشتىنمۇ قۇرۇق قالمىدى. ئاللىكىملەردۇ مۇدىرنى مەسخىرە قىلاتتى، يەنە كىملەردۇ، ئوبدان بوپتۇ، ئالا كۆڭۈللۈك قىلغاندىكىن، دىيشەتتى.يەنە كىملەردۇ، ئىچ ئاغرىتىپ، ئوھ سىناتتى. ئىدارە باشلىقى،باشقا بۈلۈملەرنىڭ مۇدىرلىرى «گۈزەل»نىڭ ئىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ كەتتى. مۇدىرى نىڭ يۈرىكى گويا گال پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشاتتى: ھو پەسلەر، ماڭا توزاقنى خېلى ئوبدان قۇرۇپتىكەن. ھەي....16يىلدىن بىرى شۇنچە تېرىشىپ يۈرۈپ ئاران بىر مۇدىرلىق ئەمىلىگە ئېرىشىۋىدىم، يەنە قولدىن كېتىدىغان بولدى....مۇدىر ئۆز-ئۆزىگە ھەسىرەت بىلەن پىچىرلايتتى.ئۇ بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ چۈشى ياكى ئوڭىلىقىنىمۇ بىلمەي قالدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ ،مۇدىرنىڭ باشقا بىر ئىدارىغا ئادەتتىكى خادىم قىلىپ، يۆتكىۋىتىلگەنلىك خەۋىرى ئىدارىغا پۇر كەتتى. بۇ خەۋەر بەزىلەر ئۈچۈن قايغۇلۇق خەۋەر بولسىمۇ لىكىن، كۆپ قىسىملار ئۈچۈن خۇشاللىق ئىدى. خەۋەر تارقالغان كۈنىلا بىر قىسىم كىشلەر چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، خۇشاللىق ئىچىدە ھېيىت قىلىشتى. بولۇپمۇ، «گۈزەل»ئىشخانىنىڭ دەرىزىسىدىن مۇدىرنىڭ ئىدارىدىن چىقىپ كەتكەندىكى مەنزىرنى يۇشۇرۇن كۈزىتىپ ، مەسخىرلىك ۋە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. |