- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
مەنمۇ بىر تور قۇرۇتى بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسنى قوللاپ ئۆزەم بىر قاتار كىتاپلارنى تىزىۋالدىم . ئەلۋەتتە تىزىۋېلىش بىلەنلا قالماي ئوقۇدۇم ، ئوقۇش بىلەنلا قالماي ئوقۇغان كىتابىمدىن نىمە تەسىراتقا كەلگەن بولسام ئۇنى ھېچقانداق پەردازسىز ھالدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم . بۇنداق قىلىىشم بىر خىل ئاقكۆڭۇللۇك ئەلۋەتتە خەۋىپ خەتىرىمۇ بار . ناۋادا يازغانلىرىم تورداشلارنىڭ پىسەنتىگە توغرا كەلمەي قالسا ئۇ ھالدا تىل تۇكۇرۇككە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇم كېرەك بولۇپ قالىدۇ .
1. مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل
2.لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا تېخىچە تاپالمايۋاتىمەن بۇ كىتاپنى قومۇل كىتاپخانىدا يوقتەك تۇرامدۇ نىمە
3.ئۇيغانغاندىن كىيىن دىگەن تور رۇمانى نەدىن تېپىشىمىنى ئۇقمايمەن .
4. يەنە ئۇرخان پامۇكنىڭ باشقا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان رۇمانلىرى ،
5. مەمەت ئاۋاق
................
ئەمدى كىتاپ ئوقۇش تەسىراتىنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن كىتاپنى بۇرۇنمۇ بىر يەرلىرىگىچە ئوقۇپ باققان . بۇ كىتاپتا يا مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايىلىرىدىكىدەك يۇمۇر يوق .يا ئىز ئۇيغانغان زىمىنغا ئوخشاش تارىخى ۋەقەلىك ئەمەس ، ناھايىتى شۇ ئوردا رەسساملىىرىنىڭ بىرسى يەنە بىرسىنى ئۆلتۇرۇپ قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ئاندىن يەنە بىر ئۇستاز رەسسام يېزىنە تاغىنىمۇ ئۆلتۇرۇپ قويغان ئوننەچە كۇنلۇك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن .بۇنىمۇ كىتاپنى ئوقۇپ يېرىمىدىن ئۆتكەندە ئاندىن بۇ ۋاقىت ھەقىدىكى بايانلاردىن تېخى نەچچە كۇنلۇك ھاياتلا مۇنداق تەسۋىرلەنگەن ئىكەنتۇق . دىمەك بۇ بىر ئامانلىق قاتىللىق دىلۇسى دىسەكمۇ بولۇدۇ ئەمدى . لېكىن ئاپتۇرنىڭ ئىچكى دۇنيانى تەسۋىرلىشىدىن ھەيرانمۇ قالدىم ، تولىمۇ قىزىقىپمۇ قالدىم ، ۋە بەزىدە ئوقۇۋېتىپ يەنە زىرىكىش ھىسياتىدىمۇ بولدۇم . ئەمما لېكىن يېزىپ قويىدىكەن بۇ ئۇرخان ئەپەندىم ، مەنمۇ باشچىلاپ ئوقۇۋەردىم . ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە شەكۇرەنىڭ ھاياسىز خىياللىرى دىققتىمنى تارتتى . بىردىنلا سەگەكلىشىپ ئوقۇپ كەتتىم . كىتاپنى ئوقۇپ بىردىنبىر كۇلگەن يېرىم دەل سەككىز ياشلىق شەۋكەتنى ئاياللار مۇنچىسىغا ئېلىپ بارغاندا ھېلقى بىرنىمىسى دىڭگىيىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى مۇنچىغا ئاپارماس بولدى دىگەن جۇملىلەر بولدى . ئوقۇپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتىم .
نىمىسنى دەي مېنىڭمۇ بىرنىچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك ، خوشنىمىز نىڭ مەن بىلەن ساۋاقداش ئوغلى ، ماڭا ئاپام ئاخشام مېنى ئۆزى بىلەن بىللە مۇنچىغا ئېلىپ كىردى دىگىنىدە مېنىڭمۇ ئامىۋى مۇنچىغا شۇنداق كىرىپ باققۇم كەلگەن ئىدى ، ئەپسۇس بىزنىڭ ئائىلەدە ئۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاتام مەشكە كۆمۇرنى جىق قالاپ ئاندىن بىزنى بىر بىرلەپ يۇيۇندۇراتتى . ئەمما مېنىڭ يەنىلا ئامىۋى مۇنچىغا بىر بېرىپ باققۇم بار ئىدى ، كىيىن مەھەلىلىمىزدىكى ئۇ مۇنچا چېقىلماستا ئاغىنەم بىلەن بىر كىرگەنمۇ بولدۇق . ئۇزاق ئۆتمەيلا بىنالىشىپ كەتتۇق .
ھەئە مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن بۇ كىتاپتا ئانانىزىم ، شەكۇرەنىڭ ھاياسىز خىياللىرى ، شەكۇرەنىڭ داداسىنىڭ قارانىڭ بىر يەرلىرىگە قاراشلىرى دىگەندەك جىنسىيەتكە ئائىت بايانلىرىنى ئۇچۇرتۇپ قارىغاندا دۇنياۋى رۇمان يېزىش ئۇچۇن موشۇنداق بىرنىمىلەرنى خەق دىققەت قىلغۇدەك ئوچۇق يېزىپ قويۇش شەرت ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . نىملا دىگەن بىلەن كىتاپتىن ناھايىتى كەڭتاشا ھوزۇر ئالغان بولساممۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى شەكۇرەنىڭ ئاغزىنى قالايماقان ئىشقا ئىشلەتكەن تەسۋىرىنى ئويلىساملا بۇ بىر مۇسۇلمان دۇنياسىغا تەۋە مۇسۇلمان يازغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاپقۇ ، يەنە كىلىپ 70 مېليۇن تۇركىيىلىك بۇ كىتاپتىن پەخىرلىنىپ تۇرىدىغاندۇ . يا تۇركىيىلىكلەر مېنىڭ ئسىمىم قىزىلنىڭ ئاخىرقى بىر بابىنى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئوقۇمدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ كەتتىم.
ۋە قايسى بىر چاغلاردا ئابدۇرېھىم ئابلەتخان يازغان چىڭغىز ئايتماتوفقا ئوچۇق خەت دىگەن ماقالىدىكى شەرىق مەدىنيىتى ۋە نوبىل ئەدىبيات مۇكاپاتى دىگەندەك ئۇقۇملارنى چۆرىدەپ ئەسلىيەلىگىنىمچە ئۇ ماقالىنى ئەسلىدىم ،ئەپسۇس بۇ ماقالىنى ئوقۇغانغا بەك ئۇزۇن بولغاندەك تۇرىدۇ .
بۇ كىتاپ مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل ھەقىدىكى كىتاپ ئوقۇش خاتىرلىرىنى ئىزلەپ يازغۇچىلار مۇنبىرىنى بىر چۆرگىلەپ كەلدىم. بىراۋ ھاياجان ئىچىدە قىزىل دىگەن سۆزنىڭ كىتاپتا قانچە يەردە كەلگەنلىكىنى سىتاتا قىپتۇ ، ئەمما مەن جۇڭگو ،جۇڭگولۇق رەسساملار ، جۇڭگولۇق ئۇستىلار دىگەندەك دۆلىتىمىز قىستۇرۇلغان بەت ئابزاس جۇملىلەرگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كەتتىم . شۇنداق يازغۇچىنىڭ جۇڭگۇ قىزىقىشى جۇڭگوغا كىلىشكە مويەن ۋە باشقا جۇڭگولۇق چوقۇنغۇچىلارنىڭ يىغىن مەجىلىس ئېچىپ مۇئەييەنلەشتۇرىشىگە ئېرىشكەن.
يەنە بىر نۇقتا بۇ كىتاپتا رەسساملارغا كەڭ تاشا ئورۇن بىرىلگەن رەسساملىق سەنئىتى تارىخى رەسىم ئوبزورچىلىقى دىگەنلەر كەڭتاشا توختالغان بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن جۇڭگوغىچە يازغۇچى بىمالال قەلەم ئويناتقان بولسىمۇ مەن بىزنىڭ مىڭ ئۆي تاش كېمىر دەيدىغان رەسسىم سىزغان ئۆيلىرىمىزمۇ بار ئىدى ، ئالامەت رەسىملەرمۇ بار ئىدى .بوپتۇ كىلەر قېتىم ئورخانكام قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالسا ئاشۇ مىڭ ئۆيلەردىكى تام رەسىملىرىنىڭ ساق قالغانلىرىنى بىر كۆرسەتسەك بولغۇدەك دەپ قالدىم.بىزنىڭ ئاشۇ بۇتپەرەس ئەجداتلىرىمىزمۇ قىززىقكەن رەسىم دىگەننى تامغا سىزماي مۇنداق خوتەن قەغىزىگە سىزمامدۇ دەيمەندە .
مانا بىر ئامانلىق ئەنزسىدىن بىر دۇنياۋى ئەسەر مەيدانغا كەپتۇ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز بولسا چوڭ چوڭ تارىخلارنى يېزىپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى تۇگۇتۇپ قويايلا دەپ قاپتۇ ، راستىنى ئېيتقاندا ماڭا بەككەم تەسىر قىلغىنى شەكۇرەنىڭ ھاياسىز ئويلىرى ، ۋە يېزىنە تاغىنىڭ قاتىل مىتال سىياھداننى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ قاتىلىىقىنى ئىقرار قىلغان ۋاقتى ھەمدە ئۇنىڭىدىن كىيىنكى تەسۋىرلەر . بىر مۇسۇلمان بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن كىتاپنىڭ ئاخىرقى بابىدىكى جىنسى تەسۋىرلەر ماڭا ياقمىدى . توغرا زوردۇن سابىرمۇ ئىزدىنىشتا شۇنداقراق بىر تەسۋىرنى تەسۋىرلىگەن ئەمما ئۇ دىگەن شىڭشىسەي ، شىڭشىسەي دىگەن يا ئىمانى يا ئىتقادى يوق بىر ئىنسان .
گەرچە يوقۇرقىدەك بىر مۇنچە ئوڭايسىز تەسىرلىرىم بولسىمۇ ئەمما مەن يەنە چىن دىلىمدىن بۇ ئۇرخان پامۇك ئەپەندىمنىڭ بارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇپ باققۇم كەلدى . چۇنكى دۇنياۋى يازغۇچى دىگەن يەنىلا دۇنياۋى يازغۇچىدە ، . مەن يەنە موشۇ مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن كىتاپنىڭ تۇركىيەدىكى زىلزىلىسىنى بىلىپ باققۇم كەلدى . كىتاپ توغۇرسىدىكى نوپۇزلۇق ئوخشىمىغان ئوبزورلارنى كىتاپ بىلەن بىللە ئوقۇش ئارقىلىق ھە تۇركىيەدىكى قېرىنداشلار بۇ كىتاپقا مۇنداق قارايدىكەن ، يەنە مۇنداق قاراشلارمۇ باركەن دەپ كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىمىز تەپەككۇرىمىز نى سىېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتۇق دەيمەن .
بولسا بۇنىڭدىن كىيىنكى دۇنياۋى ئەسەرلەرنى ئۇلارنىڭ تالاش تارتىشلىق ئوبزورلىرى بىلەن بىللە كۆرسەك . ئىلگىرى ماركىسزىمنى بىز ماۋزۇدۇڭنىڭ تەسىراتى ئارقىلىق ۋاستىلىق چۇشەنگەن .نەق ئەسەرنىڭ ئۆزىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز . مانا ئەمدىلىكتە بولسا دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز ، بولسا موشۇ كىتاپنى جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن يەنە بىر ئاز كۇچەپ موشۇ كىتاپ ھەقىدىكى ئوڭچى سولچى ئوبزورلاردىن ئەڭ داڭلىق بىر قانچىسىنى بىللە تەرجىمە قىلىپ كىتاپنىڭ ئەسلىسى ماۋۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قارىشى ماۋۇ دەپ بىراقلا بەھرىمان بولساق .
|
|