كەلگۈسى ئىسلاھاتتىكى بەش چوڭ توسالغۇ لاڭ شەنپىڭ دولان تەرجىمىسى
جۇڭگونىڭ ئىسلاھتى شۇنچە ئاسانمۇ؟ ھەرگىزئۇنداق ئەمەس؛ پېقىرنىڭ قارىشىچە 3-ئومۇمىي يېغىندىن كېيىنكى ئىسلاھات ئالدىبىلەن تۆۋەندىكىدەك بەش چوڭ توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ توسالغۇ ئۈنۈملۇك پەسەيتىلسە، تىكلىنىيىلىك بىرلىككە كەلگەن ھوقۇق سىستېمېسىنى ئۈنۈملۈك كۆچەيتكىلى بولىدۇ، بۇدۆلەت خەۋپسىزلىگى كومىتېتى ۋە ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بىرنچى چوڭ توسالغۇ: ئوتتۇرا قاتلام بيۇروكرات گورۇھ « قارار » ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن، پېقىرنىڭ قارىشىچە يوقۇرى قاتلامنىڭ پىكرى بىردەك بولغان، تۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرالارئومۇميۈزلىك قوللىغان. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى گورۇھنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى ئاجىزلايدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەرخىل ھوقۇق توسالغۇسى تەبىئى ئازلاپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلەپ، جەمئىيتەت بىلەن ئىقتىساد ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپ، پۇقرالار بىلەن كارخاننىڭ ئىش بېجىرىشى ئاسانلاشسا ئەلۋەتتە خۇشال بولىدۇ. بىراق كۆپقىسىم مەمۇرىي ھوقۇقتىن ئايرىلغان ئوتتۇرا قاتلام بيۇروكرات گورۇھلار، جەزمەن ئىسلاھاتتىكى ئەڭچوڭ تۇسالغۇ؛ بۇلارنى يوشۇرۇش بىھاجەت، بۇخىل ئەھۋالنىڭ يۈزبېرىشى نۇرمال ئەھۋال، چۈنكى ھوقۇقنىڭ ئالاھىيدىلىكى تەرەققىياتنى چۈشەپقويۇش ئەمەس. ئوتتۇرا قاتلام بيۇروكرات گورۇھ ھەرخىل تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئىگەللەپ تۇرغان كىشىلەردۇر، ئۇلار قانداق تۇسالغۇ بولىدۇ؟ پېقىرنىڭ قارىشىچە، ئۇلار قولىدىكى ھوقۇقتىن ۋازكەچمەيدۇ ياكى سىياسەتنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ سىياسەت ئاشكارا تۇرسا، پارتىيەمىزتاراتقۇنى باشقۇرىدىغان تۇرسا، تاراتقۇلار سىياسەتنى قايتا-قايتا تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە سىياسەتنى جانلىق ئىجرا قىلمىغان ھۆكۈمەت ئورنىنى يۈزخاتىرە قىلماي ئاشكارىلاش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىگە سەلقاراشقا بولمايدۇ، پارتىيەتاراتقۇلارنى باشقۇرغاچقا، بۇخىل نازارەتمۇ ئۆز قۇلىدا بولىدۇ؛ ئۇندىن باشقا يەنەئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رىۋېزىيە سىستېمېسى بارغۇ؟ داۋاملىق تەكشۈرۈش كېرەك،تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ، ھوقۇق بولمىساچىرىكلىك بولمايدۇ، قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتىش ئۈچۈن، ئوچاقنىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىش كېرەك. ئىككىنچى چوڭ تۇسالغۇ: مەمۇرىي ھوقۇقنى ئىگەللىگەن كەسپىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلار پېقىرنىڭ كۆزۈتىشىگە ئاساسلانغاندا ھەق ئېلىپ كىنىشكە بېجىرىش، تەربىيەلەش، باھالاپ مۇكاپاتلاش، يېغىن ئېچىش قاتارلىق ئىشلارنى،ھۆكۈمەت ھوقۇق بەرگەن ئاتالمىش كەسپىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلاربېجىرىدىكەن، بۇ ئورۇنلار نېمىش قىلىدۇ؟ ھەق ئېلىپ كېرىم قىلىدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى ئەمەلدىن قالسا، ئۇلارنىڭ ھەق ئېلىپ پۇل تاپىدىغان ھوقۇقى تەبىئىلا يوقايدۇ، شۇڭا ئۇنى 2-رەتكە تىزدىم. بۇ ئورۇنلار كىچىك بولسىمۇ لىكىن كارخانىغاكەلتۈردىغان ئاۋارىچىلىقى ھەرگىز كىچىك ئەمەس، بۇنداق ئورۇنلار بەكلا كۆپ. مەن ھەرقايسى جايلاردا لىكسىيە سۆزلىگەندە، كارخانچىلارنىڭ ئەڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى ئاشۇ ئورۇنلار بولۇپ، ھەممىسى ھۆكۈمەت نامىنى سۇيئىستىمال قىلىدۇ. تەربىيەلەشنى ئېلىپ ئېيىتساق، ھۆكۈمەت ئۆزقارمىقىدىكى تەربىيەلەش ئورنىنى، قىزىلباشلىق ھۆججەت ئارقىلىق قوللاپ، قانداقتۇر « تەربىيەلەشكە قاتناشمىسا يىللىق تەكشۈرۈشتەلاياقەتسىز بولىدۇ» دېگەندەك قالپاق بىلەن كارخانىلارغا ئاۋارىچىلىق تاپىدۇ. بۇخىل تەشكىلات كىچىك بولسىمۇ سانى كۆپ بولۇپ، كارخانىلارغا توختاۋسىز كاشىلا پەيداقىلىدۇ. ھۆججەتتە « ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بېجىرىشكەتىگىشلىكىنى ئىمكانقەدەر ئىجتىمائى تەشكىلاتقا تاپشۇرۇش كېرەك » دەپتۇ، پېقىرنىڭ ئەنسىرەيدېغىنى دەل مۇشۇگەپ، مەسىلىنىڭ ھالقىسى ئىجتىمائى تەشكىلاتنىڭ بېجىرىشىگەقانداق تاپشۇرۇش كېرەك؟ ناۋادا ھۆكۈمەت يەنەھوقۇق بەرسە، كارخانىلارنى تېخىمۇنەسباسىدۇ، شۇڭا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىگىشلىكنى چوقۇم ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ سىياسەتنى بۇرمىلاپ پۇل تېپىشىغا قەتئى يول قويماسلىق تەكلىۋېنى بېرىمەن، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ئومۇميۈزلىك تەرتىپكە سېلىش كېرەك دەپ قارايمەن. ئۈچۈنچى چوڭ توسالغۇ: ئەمەلدار بىلەن سودىگەربىرلەشكەن مونىپول كەسىپتىكى مەنپەئەتدار گوروھ بۇ مەنپەئەتدار گوروھنىڭ توسالغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇشاشتۇرۇش تۈزۈمىگە تۇسالغۇبولۇپلا قالماي بەلكى مۇتەخەسىسى ۋە تاراتقۇلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ قارشى تۇرالايدۇ؛قانداق قىلىش كېرەك؟ پەقەت مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججىتىگە تايىنىپ، بۇشاشتۇرىدېغان ساھەنى ئاشكارىلاپ، تاراتقۇلار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ نازارىتىگە تايىنىش كېرەك. تۆتىچى چوڭ توسالغۇ: يەرلىك قورۇقچىلىق يەرلىك قورۇقچىلىق دېگەن نىمە؟ بىرى يەرلىك بازارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، يەنەبىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتۇر. بۇتوسالغۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئەڭتەس، سەۋەبى ھەممىسى يەرلىك ھۆكۈمەت،يەنە يەرلىك خەلق قورۇلتېيىمۇ بار، ئۇلار يەرلىك قانۇن-نىزام چىقىرىش ھوقۇقىغائىگە. < يەرلىك ئالاھىيدىلىك > دېگەن بۇ ئاتالغۇ، ئىسلاھات سىياسىتىنى يۇشۇرۇنچە ئۆزگەرتىۋەتتى، بەلكى ئاشۇلار ئىسلاھاتتىكى ئەڭچوڭ توسالغۇبولسا كېرەك، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنى مەنمۇ بىلەلمىدىم. مەن پەقەت شۇنى ئەسكەرتىمەنكى-تۆۋەن قاتلام پۇقرالار ۋە پۇقراۋى كارخانىلار بۇنۆۋەتلىك ئىسلاھاتتىكى ئەڭچوڭ ئاممىۋى ئاساستۇر، شۇنداق ئىكەن مەركىزى ھۆكۈمەت ئۆزى كونتورۇل قىلغان تاراتقۇ ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى دادىل ئىشلىتىش كېرەك. بەشىنچى چوڭ توسالغۇ: ۋاقتى ئۆتكەن قانۇن-نىزاملار بۇقېتىمقى شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى قورۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بەزى كىشىلەر سودا رايوننىڭ كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەقسەت نېمە؟ سەۋەبى بىزنىڭ بەزى قانۇنلىرىمىز ئىسلاھاتقاتوسالغۇ بوپقالغان، قورقۇنچلىقمىكەن؟ شۇڭا ۋاقتى ئۆتكەن بەزى قاتمال قانۇن-نىزامنى تۇسالغۇ قاتارىغا كېرگۈزدىم. نېمە ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتۈش مەسىلىسى مەۋجۇت؟ چۈنكى بىزنىڭ قانۇن چىقىرىشىمىز قاتمال، قارىسا قانۇننىڭ مەزمۇنى كۆپ، بىراق كۆپ قىسمى ئاساسەن كېرەككە كەلمەيدۇ. قانداقتۇر، ئومۇمىي پىرىنسىپ، ھەرخىل مەزمۇن دېگەننى كىشى كۆرسە چۈشەنمەيدۇ، نەچچىيۈز ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، كېرەككە كېلىدىغىنى ئاران بىرنەچچى ماددا. قانۇن ئوقۇغان بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، قانۇن چىقىرىش80-يىللاردا ياخشى ئىكەنتۇق، ھەردەرىجىلىك خەلق قورۇلتايلىرى قارار،بەلگۈلىمىلەردىكى ئۇچرىغان كۆپلىگەن ئەمىلىي مەسىلىنى ھەلقىلىپ، خەتمۇ-خەت قاراپ چىقىپلا قالماي بەلكى بەزى قارارنى يولغا قويۇشتىن توختۇتۇپ قويغان، بۇ تەرىپى ئامېرىكىغائوخشاپ قالغان. مىنىڭ تەكلىۋىم،ھازىرقىدەك ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، خەلق قورۇلتېيى دائىمى كومتېتى 80-يىللارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە، ئىسلاھاتقا توسالغۇبولۇدىغان قانۇن-نىزامنى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان قانۇن-نىزامنى سىستېمېلىق تەرتىپكە سېلىشى لازىم.
|