قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 6

ئورخۇن ئابىدىلىرى تۈركىمىدىن ---- كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

9

دوست

4652

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1356
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 03:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلتىگىن مەڭگۈ تېشى

    بۇ مەڭگۈتاش تۈرك خاقانى ئېلتەرىش خاقاننىڭ كىچىك ئوغلى كۈلتىگىننىڭ قەبرىسىگە قويۇلغان. كۈلتىگىن 731-يىلى 27-فېۋرالدا 47 يېشىدا ۋاپات بولغان. مەڭگۈ تاش 732-يىلى ئورنىتىلغان.
   كۈلتىگىن مەڭگۈ تېشى 3.25مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەرمەر تاشقا ئويۇپ يېزىلغان. بۇ مەڭگۈ تاشتىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈلتىگىننىڭ ئاكىسى  بىلگە خاقان بايان قىلغان(ئەسلى ئىسىمى موغۇلىيان) مەڭگۈتاشتىكى بايانلارنى كۈلتىگىننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېگىن يازغان.مەزكۇر پۈتۈكتە بىلگە خاقاننىڭ ئاكا-ئۇكا، قېرىنداش – ئۇرۇقلىرىغا ، خەلقىگە مۇراجەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئادىشىشى نەتىجىسىدە تۈرك خەلقىگە كۆپلىگەن كۈلپەتلەرنىڭ كەلگەنلىگى بايان قىلىنىدۇ. تۈركىيلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى، خوشنا بولغان تاۋغاچلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ھىلە – مىكرى نەتىجىسىدە خەلىقنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەسرەت – نادامەت بىلەن بايان قىلىنىدۇ.
   بۇ بايانلارنى بىلگە خاقاننىڭ تۈرك خەلىقلىرىگە قارىتىپ ئېيىتقان چوڭقۇر مەنىلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان يۈرەك سۆزى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. خاقاننىڭ بۇ مۇراجىتىنىڭ مەخسىدى بولسا ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئۆزارا جاڭجاللارغا خاتىمە بېرىش ۋە تىنىچ- ئىتتىپاق ياشاشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت.
كۈلتېگىن ئەپسانىۋىي شەخىس سۈپىتىدە داستانلاردىكىدەك باتۇر،  دانا قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. بەدىئىيلىگى نۇقتىسىدىن ئۆز دەۋرىدە يۈكسەكلىك بىلەن يېزىلغان بۇ پۈتۈك تۈركىي خەلىقلەر يازما ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرىتكە بولغان.

    كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشى
   پەلەكتەك خۇدادىن بولغان تۈرك دانا خاقانى بۇ تەخىتكە ئولتۇردۇم، كەينىمدىكى ئىنى- جىيەنلىرىم، ئوغۇللىرىم، قان- قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، ئوڭدىكى شاداپىت بەگلەر، سولدىكى تارخانلار، بۇيرۇق بەگلىرى، ئوتتۇز توققۇز ئوغۇز بەگلىرى، خەلقى بۇ سۆزلىرىمنى ياخشىلاپ ئۇق، قۇلاق سېلىپ ئاڭلا!
ئالدىڭدا--- كۈنچىقىشقا، ئوڭغا--- كۈن يۈرىشىگە، كەينىڭگە--- كۈن پېتىشقا، سولدا --- تۈن ئوتتۇرىسى(شىمالدا)غىچە بولغان خەلىقلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قارايدۇ. شۇنچە خەلىقنى يىغدىم، ئۇلار ئەمدى ياۋۇز ئەمەس. تۈرك خاقانى ئۆتۈكەن يىشتا تۇرسا  ئەلدە تەشۋىش يوق. شىمالغا --- شايتۇڭ چۆلىگىچە لەشكەر تارىتتىم، دېڭىزغا ئازلا قالدىم، جەنۇپتا توققۇز ئارسان قەبىلىسگىچە لەشكەر تارىتتىم، تىبەتكە ئازلا قالدىم، غەرىپتە سىردەريادىن كېچىپ ئۆتۈپ، تۆمۈر دەرۋازىغىچە لەشكەر تارىتتىم، شىمالدا يار بايىرقۇ يېرىگىچە لەشكەر تارىتتىم، شۇنچە يەرلەرگە يۈرۈش قىلدىم، ئۆتۈكەن يىشتا ياخشى ھاكىم يوق ئىكەن دۆۋلەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان جاي ئۆتۈكەن يىش ئىكەن. بۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، تاۋغاچلار بىلەن مۇرەسسەگە كەلدىم، ئالتۇن- كۈمۈش، يىمەك- ئىچمەك، يىپەكنى ھەددى- ھىساپسىز بېرىۋاتقان تاچغاچ خەلقىنىڭ سۆزلىرى شىرىن، يىپەك كىيىمى نەپىس ئىكەن، ئۆزىگە يىراق خەلىقلەرنى شىرىن سۆزلىرى ۋە يىپەك كىيىملىرى بىلەن  ئالداپ ئۆلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن، ياخشى خوشنى بولغىنى بىلەن ياۋۇزلۇقنى ئۇ يەردە ئۈگىنىدىكەنسەن.. ياخشى دانا كىشىنى، ياخشى ئىلىملىك كىشىنى يولاتمايدىكەن، بىرەر كىشى ئاداشسا ئۇرۇق ئەۋلادى، ھەتتا خەلقىگىچە قويۇشمايدىكەن، شىرىن سۆزلىرى بىلەن نەپىس يىپەكلىرىگە ئالدىنىپ كۆپلىگەن تۈرك خەلقى ئۆلدۈڭ، ئەي تۈرك خەلقى يېرىمىڭ جەنۇپتا---- چۇغاي يىشتا، توغ، ئېلتان چۆلىنى مەنزىل قىلاي دىسەڭ، تۈرك خەلقىنىڭ ئايرىملىرىنى ئۇ يەردە ياۋۇزلار پىشۇرۇدىكەن. يىراق بولسا، ناچار يىپەك بېرىدۇ، يېقىن بولسا ياخشى تون دەپ شۇ ھالەتتە پىشۇرۇدىكەن. ئىلىمسىزلەر ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يېقىنلىشىپ، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلدى.
   شىمالغا بارساڭ، ئەي تۈرك خەلقى---- ئۆلىسەن! ئۆتۈكەن يىشقا ئورۇنلىشىپ، كارۋان ئەۋەتىپ تۇرساڭ ھېچقانداق تەشۋىش يوق، ئۆتۈكەن يىشنى مەنزىل قىلساڭ دۆۋلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ تۇرالايسەن،  ئەي تۈرك خەلقى باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىسەن! سەمىمىي بىلەن سەمىمىي ئەمەسنى ئايرىمايسەن، كىم ئۈنلۈكرەك سۆزلىسە، سەمىمىينىمۇ تونۇمايسەن. شۇنداقلىقىڭ سەۋەبىدىن تەربىيە قىلغان خاقانىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ھەر تەرەپلەرگە كەتتىڭ، ئۇ يەرلەردە پۈتۈنلەي غايىپ بولدۇڭ، نام- نىشانسىز كەتتىڭ، ئاشۇ يەرلەردە قالغىنىڭ تىرىشىپ – تىرمىشىپ زورىغا يۈرگەن ئىدىڭ، تەڭرى  پاناھىغا ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئىستىداتىم، بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن سىلەرگە خاقان بولدۇم، خاقان بولۇپ، چېچىلىپ كەتكەن نامرات خەلىقنى ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم، نامراتلارنى باي قىلدىم، ئازلارنى كۆپەيتتىم. ياكى بۇ گەپلىرىم يالغانمۇ؟ تۈرك بەگلىرى، خەلقى بۇنى ئاڭلاڭلار! تۈرك خەلقىنى توپلاپ دۆۋلەت تۇتىشىڭلارنى بۇ جايدا تاشقا ئويۇپ يازدىم، قانداقلا سۆزۈم بولسا، مەڭگۈتاشقا ئويۇپ قويدۇم، ئۇنڭغا قاراپ بىلىڭلار ، تۈركنىڭ ئەمدىكى خەلقى، بەگلىرى، مال- دۇنيانىلا بىلىدىغان، كۆزىگە پەقەت مال- دۇنيالا كۆرۈنىدىغان بەگلەر--- سىلەر گۇمراھسىلەر! مەن مەڭگۈتاشقا ھەممىسىنى ئويۇپ يازدىم، تاۋغاچلاردىن نەققاش ئەكەلدۈرۈپ نەقىشلەتتىم، مېنىڭ نۇتقۇمنى بۇزمايدۇ.
      تاۋغاچ خاقانى ئۆز نەققاشىنى ئەۋەتتى، كۈلتېگىنگە زىيارەتگاھ ياساتقۇزدۇم، ئىچى- تېشىنى مەخسۇس نەقىشلەتتىم. ئابىدە تاش ئورناتقۇزدۇم، تاشقا كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم، ئون ئوق ئەۋلادىغىچە، تاتقىچە بۇنى كۆرۈپ بىلىڭلار! بۇ زىيارەتگاھ بولغاچ، مەقبەرە مۇشۇ يەردە بولسۇن.  شۇنداق گۈزەل جايغا مەڭگۈتاش ئورناتقۇزدۇم، پۈتۈك پۈتكۈزدۈم،  ئۇنى كۆرۈپ بىلىڭلار ! بۇ پۈتۈكنى پۈتكۈچى--- كۈلتېگىننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېگىندۇر.
يۇقۇرىدا كۆك ئاسمان، پەستە قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنسان بالىلىرى پەيدا بولغان، ئىنسانلار ئۈستىدىن ئاتا- بوۋام بۇمىن خاقان، ئىستەمىن خاقان خاقان بولۇپ ئولتۇرغان. ئۇلار خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلقىنىڭ دۆۋلىتىنى، - قانۇنلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشقان. رئۇايە قىلىپ ئولتۇرۇشقان.
     تۆت ئەتراپ پۈتۈنلەي دۈشمەن بولۇپ، قوشۇن تارتىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالغان، بېشى بارنىڭ بېشىنى ئېگىپ تازىم قىلدۇرغان، تىزى بارلىرى تىزلانغان، شەرىقتە قەدىرقان يىشقا، غەرىپتە تۆمۈر دەرۋازىغىچە ئورۇنلاشقان، قەدىرقان بىلەن تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىگە- چاقىسىز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن، تۈركلەر ئەسلىدە شۇ تەرىزدە ياشىغان، ئۇلار دانا ۋە باھادىر خاقانلار بولۇپ، ۋەزىرلىرىمۇ دانا ۋە باھادىرلاردىن ئىكەن. بەگلىرى ۋە خەلقى ساددا ئىكەن. شۇڭلاشقا دۆۋلەتنى شۇ ئۇسۇلدا تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن. دۆۋلەتنى باشقۇرۇپ، قانۇن تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ئۆزلىرىمۇ شۇ تەرىزدە ياشاپ، ۋاپات بولۇشقان. ھازىدارلار كۈن چىقىشتىن، بۆكلۈكلەر، تاۋغاچ، ئاۋار، تىبەت، رىم، قىرغىز، ئۈچ قۇرىقان، ئوتتۇز تاتار، تاتان، قىتابى دىگەن خەلىقلەر كېلىپ ھازا تۇتۇشقان شۇنداق مەشھۇر خاقان ئىكەن. ئوغلىمۇ خاقان بولغان بولۇپ، ئىنىسى ئاكىسىنى ، ئوغلى دادىسىنى تارىتماي، تەخىتكە جاھىل خاقان ئولتۇرغان ئىكەن، ۋەزىرىمۇ بىلىمسىز، قورقۇنچاق ئىكەن.
       بەگلىرى، خەلقى ئىنساپسىز بولغانلىقتىن، تاۋغاچلار تويماس، ھېلىگەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاكا- ئۇكىنى بىر – بىرىگە كۈشكۈرتۈپ، بەگلەرە بەلەن خەلقىنى بىر – بىرگە چېقىپ، تۈرك دۆۋلىتىنى ئىگەللىگەن. خاقانلىق قىلىۋاتقان خاقانىنى يوقاتقان. بەگ بولىدىغانلار تاۋغاچلارغا ئوغۇللىرى بىلەن قۇل بولدى، چىرايلىق قىزلىرى چۆرە بولدى، تۈرك بەگلىرى تۈركچە ئىسمىنى تاشلاپ، تاۋغاچ بەگلىرىنىڭ ئىسىمىنى قوبۇل قىلدى، تاۋغاچ خاقانىغا قارام بولدى، ئەللىك يىل قارا كۈچى ۋە مېھنىتىنى سەرىپ قىلدى، شەرقتە بۆلۈكلەر خاقانىغىچە لەشكەر تارتىپ بەردى، تاۋغاچ خاقانىغا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئېلىپ بەردى، تۈرك پۇقراسى، بارچە خەلىق شۇنداق دەپتۇ---- دۆۋلەتمەن خەلىق ئىدۇق، دۆۋلىتىمىز نەدە قالدى؟ كىمگە دۆۋلەتنى ئىگەللەپ بېرىۋاتىمەن؟ دەيدىكەن، خاقانلىق خەلىق ئىدۇق، خاقانىمىز قېنى؟ قايسى خاقانغا كۈچىمىزنى سەرىپ قىلىۋاتىمىز؟ ئاخىرى شۇنداق قىلىپ، تاۋغاچ خاقانىغا قارشى چىقىپتۇ، قارشى چىقىپ قوغلىنىپ يەنە قەددىنى تىكلەشنى ئۈمىد قىلىپ، يەنە تۇتۇلۇپتۇ، شۇنچە كۈچىنى چىقىرىۋاتقان تۇرۇپمۇ، تاۋغاچ خاقانى تۈركلەرنى قۇرۇتۇشنى ئويلايدىكەن، شۇنداقلا ئۇنى قۇرۇتۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن، ئەمما يۇقۇرىدا تۈركنىڭ ئاسمىنى، يەر – سۇلىرى شۇنداق دەپتۇ: تۈرك خەلقى يوقالمىسۇن دەپ، خەلىق بولسۇن دەپ ئاتام ئېلتەرىش خاقاننى، ئانام ئەلبىلگە خاتۇننى تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، مەرتىۋىسىنى كۆتۈرگەن ئىكەن، ئاتام ئون يەتتە ئەر بىلەن چەتكە چىقىپ كېتىپتۇ، چەتتە يۈرۈپتۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ، شەھەر سىرتىدىكى تاغقا چىقىپتۇ، تاغدىن پەسكە چۈشۈپتۇ، يىغىلىپ، يەتمىش جەڭچى بوپتۇ. تەڭرى كۈچ قۇدرەت بەرگەچكە خاقان ئاتامنىڭ لەشكەرلىرى بۆرىدەك، دۈشمەنلىرى قويدەك ئىكەن. شەرىققە، غەرىپكە يۈرۈش قىلىپ يۈرۈپ، يىغىلىپ يەتتە يۈز ئەر بوپتۇ، دۆۋلىتىنى، خاقانىنى يوقاتقان خەلقىنى، چۆرىگە ئايلانغان، قۇلغا ئايلانغان خەلقىنى، تۈرك ھاكىمىيىنى قولدى بەرگەن خەلقىنى ئاتا – بوۋىلىرىم ئۆز قانۇن – نىزاملىرى بىلەن باشقۇرۇپتۇ، تەشكىللەپتۇ. يابغۇنى، شادنى شۇ ۋاقىتتا تەيىنلەپتۇ، جەنۇپتا تاۋغاچ خاقان، شىمالدا باز ۋە توققۇز ئوغۇز دۈشمەن ئىكەن، قىرغىز، قۇرىقان، ئوتتۇز تاتار، تاتن، قىتابىيلارنىڭمۇ ھاممىسى دۈمەن ئىكەن، خاقان ئاتام شۇنچىلىغان دۈمەنگە تەڭ تۇرۇپ، قىرىق يەتتە قېتىم لەشكەر تارىتقان، يىگىرمە قېتىم جەڭ قىلغان، تەڭرى قوللىغانلىقتىن دۆۋلىتى بارنى دۆۋلەتسىز، خاقانى بارنى خاقانسىزلاندۇرغان، دۈشمىنى ئەل قىلغان، تىزى بارنى تىزلاندۇرۇپ، بېشى بارنىڭ بېشىنى ئېگىپ تازىم قىلدۇرغان. شۇ تەرىقىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ۋاپات بولغان. خاقان ئاتامنىڭ قەۋرىسىگە بىرىنچى بولۇپ باز خاقاننىڭ بال دەرىخى تىكىلگەن، ئاشۇ ھۆكۈمەتكە تاغام خاقان بولۇپ ئولتۇردى، خاقان تاغام خەلقىنى تۈزەپ، ئۇلارغا تەربىيە قىلدى،كەمبەغەلنى باي قىلدى.
      تاغام خاقانلىق قىلغان مەزگىلدە مەن تاردۇش خەلقى ئۈستىدە شاد ئىدىم، خاقان تاغام بىلەن شەرىققە --- يېشىل ئوغۇز (خۇئاڭخې) غا، شايتۇڭ تۈزلەڭلىگىگىچە لەشكەر تارتتۇق، غەرىپتە --- تۆمۈر دەرۋازىغىچە لەشكەر تارىتتۇق، كۇگمەندىن ئۆتۈپ، قىرغىزغا لەشكەر تارتتۇق، جەمى يىگىرمە بەش قېتىم لەشكەر تارتىپ، ئون ئۈچ قېتىم جەڭ قىلدۇق، دۆۋلىتى بارنى دۆۋلەتسىزلەندۈردۇق، خاقانى بارنى خاقانسىزلاندۇردۇق، تىزى بارنى تىزلاندۇردۇق، بېشى بارنى تازىم قىلدۇردۇق. تۇرگەش خاقان تۈركىمىز ئىدى، بىلمەي ئاداشقانلىقى ئۈچۈن خاقانى ئۆلدى. ۋەزىر، بەگلىرىمۇ ئۆلدى، ئون ئوق خەلقى مۇشەققەت كۆردى، بوۋىمىز، ئەجدادلىرىمىز باقۇرغان يەر- سۇ ئىگە- چاقىسىز قالمىسۇن دەپ، ئەز خەلقىنى يۆلەپ كەلدۇق، جەڭ قىلدۇق، ئەز خەلقىگە بارىس  بەگ ئىدى، ئۇنىڭغا خاقان ئۇنۋانىنى بىز بەردۇق، سىڭلىم خاقانزادىنى بەردۇق، ئۆزى ئاداشتى، ئۆلدى، خەلقى چۆرە، قۇل بولدى، كۇگمان يېرى ئىگىسىز قالمىسۇن دەپ ئاز قىرغىزنى يۆلەپ، يېرىنى قايتۇرۇپ بەردۇق، شەرىقتە قەدىرقان يىشتىن ئۆتۈپ، خەلىقنى شۇ تەرىقىدە ئورۇنلاشتۇردۇق، شۇ تەرىزدە تۈزەتتۇق. غەرىپتە قانغۇ تارمانغىچە تۈرك خەلقىنى شۇ تەرىزدە ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇ ۋاقىتلاردا قۇل قۇللۇق، چۆرە چۆرىلىك بولغان ئىدى.
شۇ تەرىقىدە ئىگە بولغان دۆۋلىتىمىز، قائىدە- قانۇنلىرىمىز بار ئىدى، تۈرك ئوغۇز بەگلىرى، ئەي خەلىق ئاڭلاڭلار! ئۈتىمىزدە ئاسمان، ئاستىمىزدا يەر بولمىغان بولسا، ئەي تۈرك خەلقى دۆۋلىتىڭلارنى ، ھۆكۈمىتىڭلارنى كىم بۇزدى؟ ئۆكۈن، پۇشايمان قىل، تەقدىرىڭ ئۈچۈن تەربىيە قىلغان دانا خاقانىڭغا ، يىمىرىلگەن، قولدىن كەتكەن ياخشى دۆۋلىتىڭگە پۇشايمان قىل! ئۆزۈڭ ئاداشتىڭ، ئارىغا يامانلارنى كىرگۈزدۈڭ! قوراللىق نەدىن كېلىپ تارقىتىۋەتتى؟ نەيزىلىك نەدىن كېلىپ سۈرگۈن  قىلدى؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن يىشكە باردىڭ، شەرىقتە قەدىمىڭ يەتكەن يەرگە باردىڭ، غەرىپكىمۇ قەدىمىڭ يەتكەن يەرگە باردىڭ، ئەمما بارغان يېرىڭدە ياخشىلىق شۇ بولدىكى، قېنىڭ سۇدەك ئېقىپ، جەسىدىڭ تاغدەك دۆۋىلەندى. بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭ قۇل بولدى، چىرايلىق قىزلىرىڭ چۆرە بولدى. بىلىمسىز، يامانلىقىڭدىن خاقان تاغام ئۆلۈپ كەتتى.
      ئۇنڭغا بېغىشلاپ قىرغىز خاقانىنىڭ دەرىخىنى تىكتىم. تۈرك خەلقىنىڭ نامى، داڭقى يوقالمىسۇن دەپ خاقان ئاتام بىلەن ئانام خاتۇن مەلىكىنى يۇقۇرى مەرتىۋىلىك قىلغان تەڭرى مېنىمۇ خاقان قىلىپ ئورناتتى. مال، يىلقىلىق خەلىققە خاقان بولدۇم، ئىچى ئاشسىز، ئۈستى يالىڭاچ، ياۋۇز، يامان خەلىقنىڭ ئۈستىگە ئولتۇردۇم، ئىنىم كۈلتېگىن بىلەن سۆزلەشتۇق: ئاتىمىز ۋە تاغىمىز بارلىققا كەلتۈرگەن تۈرك خەلقىنىڭ نام – نىشانى يوقالمىسۇن دەپ، كېچىسى ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزى ئولتۇرمىدىم. ئىنىم كۈلتېگىن ۋە ئىككى شاد بىلەن بىرلىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم، شۇ تەرىقىدە بىرلەشكەن خەلقنى ئوت بىلەن سۇدەك قىلمىدىم. مەن خاقانلىققا ئولتۇرغاندىن كىيىن، تەرەپ – تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن خەلىق ئاچ – يالىڭاچ، يالاڭ ئاياق قايتىپ كەلدى. خەلىققە تەربىيە قىلاي دەپ ئويلاپ، شىمالدا ئوغۇز خەلقىگە، شەرىقتە قىتايىن، تاتابى خەلقى تەرەپكە، جەنۇپتا تاۋغاچ بىلەن كۆپ لەشكەر تارتىپ ئون ئىككى قېتىم ئۇرۇشتۇم. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن تەڭرىنىڭ قوللىغانلىقى، نەسىۋەمنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈۋاتقان خەلىقنى تىرىلدۈردۈم، يالىڭاچلارنى كىيىملىك، كەمبەغەللەرنى باي قىلدىم، ئاز خەلىقنى كۆپەيتتىم، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلدىم. تۆت تەرەپتىكى خەلىقلەرنى پۈتۈنلەي ئەل قىلىپ، بىر – بىرىگە دوست قىلدىم. مېھنىتى ۋە كۈچىنى بېرىدىغان شۇنداق ھاكىمىيەتكە ئېرىشكەندىن كىيىن، ئىنىم كۈلتېگىن ۋاپات بولدى. خاقانئاتام ئۆلگەندە ئىنىم كۈلتېگىن يەتتە ياشتا ئىدى، ئون يېشىدا ئۇمەيدەي خاتۇن ئانامنىڭ بەختىگە ئىنىم كۈلتېگىن ئەر دىگەن نامنى ئالدى. ئون ئالتە يېشىدا خاقان تاغامنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزىۋالدى، ئالتۇن چۆپ سوغدىلىرى تەرەپكە لەشكەر تارىتتۇق، تارمار قىلدۇق، تاۋغاچ، ئوڭ تۇتۇقتىن بەش تۈمەن قوشۇن كەلدى، ئۇرۇشتۇق، كۈلتېگىن يۈگۈرۈپ ئېتىلدى، ئوڭ تۇتۇق يول باشچىسىنىڭ ياراق تۇتقان قولىنى تۇتتى. يىگىرمە بىر يېشىدا چاچا سانغۇنغا قارشى ئۇرۇش قىلدۇق، ئەڭ ئالدىدا تالقان چۇرنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى، بۇ ۋاقىتتا ئېتى ئۆلدى، ئىككىنچى قېتىم ئشبەرە يەمتەرنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى، ئۇ ئاتمۇ ئۆلدى، ئۈچىنچى قېتىم يىگىن سېلىگ بەگنىڭ چورۇق ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى، ئۇ ئاتمۇ ئۆلدى، باش كۆزىدىن يۈزلەرچە يائوقى ئۇچۇپ ئۆتتى، يارىقى بىلەن ئۆزىنى قوغدىغاچقا بىرسىمۇ تەگمىدى. ئۇ لەشكەنى يوق قىلدۇق، بۇنى تۈرك بەگلىرى ياخشى بىلىسىلەر. ئۇنڭدىن كىيىن يار بايىرقۇلى دۈشمەن بولدى، ئۇنى پاراكەندە قىلىپ ، يارغۇن كۆلدە تارمار قىلدۇق. ئۇلۇغ ئېركىن ئازغىنە يىگىتلىرى بىلەن قېچىپ كەتتى. كۈلتېگىن يىگىرمە ئالتە يېشىدا قىرغىز تەرەپكە لەشكەر تارىتتۇق، نەيزە بويى قارنى يېرىپ مېڭىپ، كۇگمەن يىشكە كۆتۈرۈلۈپ بېرىپ، قىرغىزنى ئۇيقۇدا باستۇق. خاقانى بىلەن سۇنگە يىشتا جەڭ قىلدۇق، كۈلتېگىن بايىرقۇنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى، بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۇردى، ئىككى ئەرنى ئارقىمۇ ئارقا  نەيزىلىدى. ئاشۇ ھۇجۇمدا بايىرقۇنىڭ ئاق بايتىلىنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويدى. قىرغىز خاقانىنى ئۆلتۈرۈپ، دۆۋلىتىنى ئالدۇق. شۇ يىلى تۇرگەش تەرەپكە، ئالتۇن يىشقا كۆتۈرۈلۈپ، ئىرتىش دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ، تۇرگەش خەلقىنى ئۇيقۇدا باستۇق. تۇرگەش خاقاننىڭ لەشكەرلىرى بورۇچۇدا بوراندەك چاپتۇرۇپ كەلدى، جەڭ قىلدۇق، كۈلتېگىن باشغۇ ناملىق بوز ئاتنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى. جەڭگە كىرىپ، تۇرگەش خاقاننىڭ ۋەزىرىنى، ئەز تۇتۇغىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتتى. خاقانىنى ئۆلتۈرۈپ، ئېلىنى ئالدۇق. ئاددىي تۇرگەش خەلقى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى. ئۇ خەلىقنى تابارغا ئورۇنلاشتۇردۇق. قايتىپ بېرىپ، سۇغداق خەلقىنى تۈزىتەي دەپ، سىردەريادىن كېچىپ ئۆتۈپ، تۆمۈر دەرۋازىغىچە لەشكەر تارىتتۇق. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاددىي تۈرگەش خەلقى دۈشمەن بولغان كېڭراس تەرەپكە كەتتى. بىزنىڭ ئاتلىرىمىز ئورۇق، يەملىرى تولۇق ئەمەس ئىدى. ئالپ ئەر بىزگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى خاپا بولۇپ كۈلتېگىننى ئارراقلا ئەر بىلەن ئىزلىتىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئالپ شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىپتۇ، قارا تۈرگەش خەلقىنى شۇ يەردە ئۆلتۈرۈپ، ئەسىرگە ئاپتۇ. قايتىشىدا قۇشۇ تۇتۇق بىلەن جەڭ قىپتۇ، ئۇنىڭ جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئائىلىسىنى، ھېچنەرسىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئېلىپ كەپتۇ.
كۈلتېگىن يىگىرمە يەتتە ياشلىرىدا قارلۇقلار ياتلىشىپ، دۈشمەن بولۇپ كەتتى. بىز ئۇلار بىلەن تامغىدۇق بېشىدا جەڭ قىلدۇق، كۈلتېگىن بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ ئالپ شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى، دۈشمەننىڭ ئىككى جەڭچىسىنى ئارقىمۇ- ئارقا نەيزىلىدى. بىز قارلۇقنىمۇ ئالدۇق. ئەز خەلقى دۈشمەن بولدى. ئۇلار بىلەن قارىكۆلدە جەڭ قىلدۇق. بۇ ۋاقىتتا كۈلتېگىن ئوتتۇز بىر ياشتا ئىدى. ئۇ ئالپ شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ئۇ ئات شۇ ۋاقىتتا ئۆلدى. ئىزگىل خەقىمۇ ئۆلدى. توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۆز خەلقىم ئىدى، ئارىمىزدا پىتنە – پاسات تولغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەن بىزگە بولدى.  بىر يىلدا بەش قېتىم جەڭ قىلدۇق. باشتا تۇغۇ شەھرىدە جەڭ قىلدۇق. كۈلتېگىن ئەزمىننىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ جەڭ قىلىپ، ئالتە ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى، قوشۇن ھۇجۇم قىلغاندا يەتتىنچى جەڭچىسىنى قىلىچ بىلەن چاپتى. ئىككىنچى قېتىم قۇشلەگەكتە ئەدىز بىلەن جەڭ قىلدۇق. كۈلتېگىن ئەز دەيدىغان يىگىتنىڭ كۈلرەڭ ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلىپ، بىر جەڭچىنى نەيزىلىدى، توققۇز جەڭچىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ چېپىپ ئۇردى، ئەدىز خەلقى ئاشۇ يەردە ئۆلدى. ئۈچىنچى قېتىم ئوغۇز بىلەن جەڭ قىلدۇق، كۈلتېگىن ئەزمەننىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى، دۆۋلىتىنى قولغا ئالدۇق. تۆتىنچى قېتىم چۇش بېشىدا جەڭ قىلدۇق، تۈرك خەلقى مادارىدىن كەتتى، يامان بولىدىغان بولدى، بۇرۇنكېلىپ قالغان لەشكىرىنى كۈلتېگىن قوغلاپ، قەھرىمان ئون جەڭچىسىنى تۇنگا تېگىننىڭ ھازىسىدا قورشاپ ئۆلتۈردۇق. بەشىنچى قېتىم ئازغانتى قەدەزدە ئوغۇز بىلەن جەڭ قىلدۇق، كۈلتېگىن ئەزنىڭ كۈلرەڭ ئېتىنى مىنىپ ھۇجۇم قىلدى. ئىككى جەڭچىسىنى ئۆلتۈردى، شەھەرگە قايتىپ بارمىدى، ئوغۇزنىڭ لەشكەرلىرى شۇ چاغدا ئۆلدى، ماغى قورغاندا قىشلاپ باھاردا لەشكەرلىرىمىز بىلەن ئوغۇز تەرەپكە ئاتلاندۇق، كۈلتېگىن ئائىلە ئەزالىرىمىزنى باشلاپ ئوردىغا كاتتى. دۈشمەن ئوغۇز ئوردىنى باستى، كۈلتېگىن ئۇغسىزنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ توققۇز جەڭچىنى ئۆلتۈردى، ئوردىنى بەرمىدى، ئانام خاتۇن،  كىيىنكى ئانىلىرىم، ئاچا- سىڭىللىرىم ھايات قالسا چۆرە بولاتتى، ئۆلۈپ كەتسە جەسەتلىرى چۆلدە قالاتتى. كۈلتېگىن بولمىغان بولسا پۈتۈنلەي شۇنداق بولاتتى. ئىنىم كۈلتېگىن ۋاپات بولدى، ۋۇجۇدۇم ئەلەم چەكتى.  كۆرەر كۆزۈم كۆرمەيۋاتقاندەك، بىلەر ئەقلىم بىلمەيۋاتقاندەك بىلىندى، جېنىم ئازاپتا قالدى، دۇنيانى تەڭرى ياراتقان، ئىنسانلارنى ئۆلىدىغان قىلىپ ياراتقان.  شۇنداق ئەلەم تارتتىم، كۆزگە ياش، كۆڭۈلگە يىغا كەلگەندە قايتا غەم يىدىم، قايتا قايغۇردۇم. ھازىدار بولۇپ قىتايىن، تاتابى خەلقىنى باشلاپ ئۇدەر سانغۇن كەلدى، تاۋغاچتىن ئىسيى لىكاڭ كەلدى، بىر تۈمەن يىپەك ۋە ئالتۇن كۈمۈش كەلتۈردى، تىبەت خاقانىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بىرى كەلدى، غەرىپتىكى سوغد، بارچاقار، بۇقاراق ئۇلۇس ۋە خەلقىدىن ناڭ سانغۇن، ئوغۇل تەرخان كەلدى. ئون ئوق ئوغلۇمدىن، تۇرگەش خاقانىدىن ماقاراچ تامغىچى، ئوغۇز بىلگە تامغىچى كەلدى. قىرغىز خاقانىدىن گەردۇش ئىنانچۇ چۇر كەلدى،  مىمار، نەقىشلەنگەن پۈتۈكتۈش ياسىغۇچى تاۋغاچ خاقانىنىڭ جىيەنى چاڭ سانغۇن كەلدى.
   كۈلتېگىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى ۋاپات بولدى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ھازىسىنى ئۆتكۈزدۇق، قەۋرىسى، نەقىشلىرى، پۈتۈك تېشىنى ماتمۇن يىلىدا يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە پۈتۈنلەي تۈگەتتۇق، كۈلتېگىننىڭ قەۋرە تېشىدىكى بۇ نەقىشنى تۇيغۇن ئېلتەبىر كەلتۈردى، شۇنچە پۈتۈك پۈتكۈچى--- كۈلتېگىننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېگىندۇر، يىگىرمە كۈن ئولتۇرۇپ، بۇ تامغا ۋە بۇتاشقا مەن يوللۇغ تېگىن پۈتتۈم، پاناھ تىلىگۈچى ئوغلانىڭىزغا، يۆلەنچۈكىڭىزگە قىيىنچىلىقتا تەربىيە قىلاتتىڭىز، ۋاپات بولدىڭىز، تەڭرى ياشاتقۇچىدۇر.

0

تېما

2

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 20:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەسلىكىمىزدە بار
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

524

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3938
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 10:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ يەشمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرىتمەپسىز،بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكىمۇ؟
مەڭگۈ تاش تىكىستىدە تىلغا ئىلىنغان ‹‹تۈمۈر دەرۋازا››نىڭ ئورنى توغرىسىدا مەلۇماتلار بولسا بىلىۋالساق.

0

تېما

0

دوست

2219

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17306
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 12:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹تۆمۈر دەرۋازا › نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟

0

تېما

0

دوست

284

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32937
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 21:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   سۇنماس تارىق....ئېگىلمەس   ھەقىقەت ...

16

تېما

9

دوست

4787

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1410
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 09:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە ھەشقاللا...باغداشدا مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ !
تۆمۈر دەرۋازىنى ھىلىقى سىپىلمىكىن دەپ چۈشەندىم. لىكىن قارىسام سىر دەرياسى دەپ تۇرىدۇ...ھەيرانمەن !

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2644
توردىكى ۋاقتى: 746
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 11:10:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر دەرۋازا ئەسلى تۆمۈر قاپقا دېيىلىشى كېرەك. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا تۆمۈر قاپىغ بولۇپ، ئۇ تۆمۈر ئىشىك، تۆمۈر دەرۋازا دېگەن مەنىدە. ئورنى غەربىي تەڭرىتاغ رايونى، يەنى ھازىرقى سەمەرقەنت ئەتىراپىدا. ئۇ ئىككى تەرىپى ئېگىز تاغ بىەلەن قورشالغان تار بوغۇزدىن ئىبارەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )