- تىزىملاتقان
- 2012-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2103
- نادىر
- 1
- يازما
- 102
ئۆسۈش
3.43%
|
ئىلھام مۇئەللىم ھەققىدىكى يازمىڭىزنى ئوقۇپ، ئىلھام مۇئەللىم ھەققىدىكى ئەسلىمەم ئويغاندى. 2005-يىلى ئىلھەم مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان 120 ئوقۇغۇچىنى بىرلەشمە سىنىپ قىلىپ ئالىي ماتېماتىكا دەرىسى ئۆتتى. ئويلاپ بېقىڭلار 120 ئوقۇغۇچىنى بىر يوغان سىنىپقا سولاپ دەرس ئۆتسە ئىنتىزام قانچىلىك بولماقچىتى-دەيسىلەر؟ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قسسمى ماتېماتىكىدىن قېچىپ ئىجتىمائىي پەنگە قېچىۋالغان يارام ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغاندىكىن سىنىپ تازا ۋاسا ۋاسساڭ قايناق بازارغا ئوخشاپ كەتتى. بىر كۈنى ئىلھام مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى بىردىنلا سەكسەنگە چىقتى بولغاي. ئادەتتە خەنزۇچىنى تازا راۋان سۆزلىمىسىمۇ، لېكىن تېز تېز سۆزلىگەچكە بەك چېنىپ كەتمەيتتى. بىردىنلا گېپىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ « مەن مۇشۇ ئىجتىمائىي پەن كەسپىلىرىگە بولۇپمۇ، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان بالىلارغا دەرس بېرىشتىن قاچاتتىم . نەچچە قېتىم تەلەپ قىلساممۇ ھەرقايسىڭغا دەرىس ئۆتۈش خاپىلقىدىن قۇتۇلالمىدىم.فاكۇلتېتنىڭ قاراىنى ئۆزگەتىشكە ئامال قىلالمىدىم. دەرىد ۋاقتىدا رومان ئوقۇپ، شېئىر يېزىپ نېمە پايدىمۇ ئېلىشىشارسەن؟ ھەممىنىڭ بىر توپ يارىماسلار، شېئىر قوشاق دېگەننى مەخسۇس پۇل تۆلەپ، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان بىر ئىشقۇ، كوچا، سورۇنلاردا شېئىردىن ئوت چىقىرۋېتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈشسەڭ نېمىمۇ قىلىشىسارسەن» دېگەندەك بىرمۇنچە ھاقارەتسىمان گەپلەرنى قىلىپ بىرمۇنچە كايىدى. « ناھەقچىلىققە چىدىمايدىغان، بىر قانچە « باتۇر» يىگىت » بۇلۇڭ -بۇلۇڭدىن گەپ تىشىپ مۇئەللىمنى چۆكۈرۈشكە باشلىدى. « بىز جاھاننىڭ خوجىلىرى، ئەمەلدار بولىمىز. داڭلىق شائىر يازغۇچى بولىمىز. ........ قاچان قارىسا ھېساب ئىشلەپ ئولتۇرىدىغان باشلانغۇچنىڭ بالىلىرى ئەمەس بىز........» پەستە ئولتۇرغان باشقا بالىلار خىرىلداپ كۈلۈشەتتى. بىر ئادەم نەچچە يۈز كۆز، ئېغىزغا بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي. « بولدى جىم، دەرسىنى باشلايلى » دېگىنىچە دەرسنى باشلاپ كەتتى. بۇرۇندىنلا يوقلمىنى چىڭ تۇتىدىغان بۇ تەلەپچان مۇئەللىم شۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي يوقلىما قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ مەۋسۇم ئاخىرىغا بارغاندا، 120نەچچە ئوقۇغۇچىدىن 30 نەچچىلا بالا دەرسىكە قاتنىشىدىغان بولدى. ئەڭ ئاخىرى كۈنى مۇئەللىم دەرسكە قاتناشقانلارنى ئاخىرىقى بىر قېتىم يوقلىما قىلدى.. مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا 90 نەچچە بالا تىزىپ قويغاندەك ياماق ئىمتىھان تەقدىرىگە مۇپتىلا بولغان ئىدى. |
|