كىتاب يىلىنىڭ تۇنجى قەدەملىرىنى قانداق پىلانلىدىڭىز؟ ئارتۇچ
بىزدە «ئەتىگەندە نىمە يىسەڭ كەچتە شۇ »دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار، يىللاردىن بىرى بۇ سۆزنىڭ قەدىرى ئەمەلىيتىمىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتقاچقا 2015- يىلى كىتاب يىلىنىڭ تۇنجى كۈنىنى مۇنداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىم .
كىتاپ يىلىنىڭ مەن باسىدىغان تۇنجى كۈنى سەھەر ئورنىمدىن تۇرۇپ قىرىنداشلىرىمىنىڭ يىڭى يىلىنى ۋە كىتاب يىلىنى قۇتلۇقلايمەن.ئۇلارغا كىتاب ھەققىدە بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش تەشەببۇسۇمنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن. ھاۋا سەل سىرتقا چىققۇدەك بولغۇچە ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كىلىۋاتقان «تارىخى رەشىدىيە»ناملىق كىتابنى ئوقۇشىنى باشلايمەن.ئىككى سائەت ئەتىراپىدا كىتاب كۆرۈپ بالامنى ئەگەشتۈرۈپ كىتاب سېتىۋالغىلى چىقمەن.مەن«تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى»، «مۇۋاپپىقىيەت دەستۇرى»،«ئالتە شەھەر خاتىرلىرى»،«ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز پىلانلاڭ»قاتارلىق كىتابلارنى سىتۋىلىشنى ئويلاپ تۇراتتىم.يۇقارقى كىتابلارنى سېتىۋىلىش بىلەن بىرگە بالام تىخى كىچك بولغاچقا ئۇنىڭغا رەسملىك چۆچەك كىتاب ئىلىپ بىرىمەن. كىتابلارنى ئويگە ئاپپىرىپ قويغاچ بىر قانچە يىتىم -يىسىر بالىلارغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان كىتابلارنى ئىلىپ پاراۋانلىق مەكتەپ ۋە شۇ بالىلار بىلەن كۆرۈشىشنى دىيشىپ قويغان جايغا بارىمەن.ئۇلارغا بۇ كىتابلارنىڭ جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن ياخشى كۆڭۈللۈك ئاكاش ۋە ھەدەشلەرنىڭ يىڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە ئۆزلىرىگە بەرگەنلىكىنى،ئوبدان ئوقۇشى كىرەكلىكىنى جىكىلەپ قايتىمەن. كىلىپ بىر قانچە كىتابخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كىتاب يىلدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىرىنى ئورتاقلىشىمەن. يىڭى يىل سوغىسى سۈپىتىدە بىر قانچە قىرىنىدىشىمغا كىتاب سوۋغا قىلىمەن. (بەلكىم مەنمۇ يىڭى يىللىق سوۋغا كىتاب تاپشۇرىۋىلىشىم مۈمكىن) ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆيۈمگە كىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بىر قانچە ئوقۇغۇچۇم بىلەن كىتابخانامدا كۆرشىمەن، ئۇلار بىلەن يىڭى يىلىنى بىللە تەبىرىكلىگەچ كىتاب ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرىمەن.ئاۋۋال ئۇلارغا تەييارلاپ قويغان يىڭى يىللىق سوۋغام-كىتابنى بىرىمەن.ئاندىن ئۇلارغا كىتاب ئىشكابىمدىن ئۆزلىرى ياقتۇردىغان كىتابلارنى ئارىيەت ئىلىش پۇرسىتى بىرىمەن ۋە ئۇلارغا ئەشۇ كىتابىدىن تەسىرات يېزىپ كىلىشنى ئورۇنلاشتۇرىمەن.ئوقۇغۇچىللىرىمنى ئۇزىتىپ بولغاندىنكىيىن ھازىرغىچە 5 سان ئىشلىنىپ ئاڭلىتىلغان تورداشلارنىڭ ،ئۈندىدارداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرشىپ كىلىۋاتقان «كىتاب ھەققىدە پاراڭ»رادىئو پىروگىراممىسىدىن بىر سان ئاۋازغا ئالىمەن. ئەتسى تور تاراتقۇللىرى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارغا يەتكۈزىمەن.
كىتاپ يىلىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى سىز قانداق باسماقچى قەدىرلىك قېرىندىشىم،يىلنىڭ بىشى باھاردىن ،ئىشنىڭ بىشى سەھەردىن دىگەندەك يىڭى يىل كۈنى ھەممىمىز ئارام ئالىمىز .شۇڭا سىزمۇ 2015-يىلى كىتاب يىلىنىڭ تۇنجى قەدىملەرنى مۇنداق بىسىپ بىقىڭ.
بەلكىم يىڭى يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇرۇشقا بىرشىڭىز مۈمكىن.ئويلاپ بىرىڭ،ئويلىنىپ بىرىڭ ،سىزنىڭ تەبرىكلىگۈدەك نەتىجىڭىز بارمۇ-يوق؟كىتاب سېتىۋىلىش ھەقىقىي تەبىركلىگۈدەك ئىشتۇر.شۇڭلاچقا يىڭى يىلدا ئولتۇرشقا ئالدىرىماي بىرەر پارچە بولسىمۇ كىتاب سېتىۋىلىڭ.
ئەسلەپ بىقىڭ، ئۆتكەن يىلدا سىز بىرەر پارچە كىتاب ئوقۇپسىزمۇ؟بۇ يىلىنى يەنە كىتاب ئوقۇماي كۈتىۋلماقچى ۋە ئۆتكۈزمەكچىمۇ سىز؟ئۇنداق قىلماي بىر پارچە كىتابىنى ئوقۇشىنى باشلاڭ.
ئۆمىرىڭىزدە سىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغان بولشىڭىز مۈمكىن.ئەمما ئەسلەپ بىقىڭ،يىراق-يىقىنلىرىڭىزغا كىتاب تەۋسيە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟شۇڭلاچقا يىڭى يىلدابىر پارچە كىتابنى بولسىمۇ باشقىلارغا تەۋسيە قىلىپ قويۇڭ.
ئەسلەپ بىقىڭ ،ئۆتكەن بىر يىلدا باشقىلارنىڭ ئالاھىدە كۈنلىرىدە نىمە سوۋغا قىپسىز؟ئۇنىڭ ئىچىدە كىتاب بارمۇ –يوق؟ئەمىسە بۇ يىل قانداق قىلماقچى؟يىقىنلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈن،توي مەرىكىسى،كەسپى بايرىمى قاتارلىقلاردا كىتاب سوۋغا قىلشنى ئۇنۇتماڭ.بۇنى يىڭى يىل كۈنى باشلاڭ.(مەنمۇ شۇنداق قىلمەن)
ئەگەر سىز بىزنىڭ ئىزباسارلىرىمىز سۆيۈملۈك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسىڭىز يىڭى يىل كۈنى باللىرىڭىزنى دەل كىتابخانىغا باشلاپ بىرىڭ.بالىلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان كىتابلارنى ئالسۇن.بالىلارغا يىڭى يىللىق سوۋغىڭىز كىتاب بولسۇن.بىباھا كىتابلىرىمىز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپدىن ئوقۇشسىز قالمىسۇن! (سۆيۈملۈك قېرىندىشىم ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ سىز ئۈچۈنمۇ يىڭى يىللىق پىلان تۈزۈپ قويدۇم.بۇنى بىر كۈن ئىچىدە ئورۇنلاپ بولۇڭ دىمەكچى ئەمەسمەن،قالدى گەپ سىز قالدى !)پىلانلىرىم ئىجىراسىنىڭ نازارەت نەتىجىسى نۆل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ناۋادا بۇ تىمام تەستىلىنىپ قالسا يىڭى يىلىنىڭ ئىككىنجى كۈنى پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىمنى تىما ئاستىدا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن. خەيرى-خوش كونا يىل نىملا دىگەنبىلەن،نىملا قىلغان بىلەن سەن كىتپ قالدىڭ،ئەمما ئۆمىدكە تولغان يىڭى يىل ھەمىمىزنىڭ ئاۋيلاپ قەدەم ئىلشىمىزنى كۈتمەكتە ! ھۆرمەت بىلەن : قېرىندىشىڭلار رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ (ئۈندىدار : artuq77) 2014-يىل12-ئاينىڭ29-كۈنى |