ئېلانغا ئىشەنمەڭ ، ئېلانسىز يۈرمەڭ
يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار ، تور ، تېلىۋېزىيە قاتارلىق ۋاستىلەردە جىنسىي ئېلانلار ، بولۇپمۇ پەرزەنىت كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش ھەققىدىكى ئېلانلار بەكلا يامراپ كېتىۋاتىدۇ ، رايونىمىزدىكى بىردىنبىر كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇيغۇر تېلىۋېزىيىسى بولغان شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 2- 5- 9 - قاناللىرىدىمۇ بۇ خىل ئېلانلار كۆپىيىپ تېلىۋېزورنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە خاتىرجەم كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى ، بۇلارغۇ مەيلى ، شىنجاڭ بازارلىرىنى قاپلىغان مالايسىيانىڭ ھەرخىل ئىچىملىك ، يېمەكلىكلىرى تېلىۋىزورنى بىر ئالدى ، يەنە تېخى مالايسىيەنىڭ قايسى بىر ئىچىملىكىنى ئىچىپ بەرسە تۆتكېزەك بالا تاپالايدىغانلىق توغرىسىدىكى تېتىقىسىز لاۋزا ئېلاننى ئۇيغۇرلىرىمىز ئىشلەپمۇ ئۈلگۈردۇق . خوش ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى بالا تۇغالمايۋاتامدۇ ؟ ئۇيغۇر ئەركەكلىرى بالا تاپالمايۋاتامدۇ؟ تېلىۋىزوردىكى بۇ ئېلانلارنى كۆرسىڭىز خۇددى پۈتۈن ئەر ئايال پەرزەنتلىك بولالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز .
بۇلارمۇ ئاز كەلگەندەك قۇمۇل تېلىۋېزىيە ئىستانسىسنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدا تېخىمۇ بىمەنىلەرچە ئاللىقانداق بىر ھىندىستاننىڭ جىنسىي ھېھسىيات دورىسىنڭ ئېلانى چىقتى، بۇ ئېلاننى كىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇۋاۋاتقانلىقىنى دېمىسەممۇ قۇمۇل خەلقىگە ئايان .
ئېلان - تاۋار سېتىشتىكى بىر تەشۋىقات ۋاستىسى خالاس ، ھازىرقى تىببىي ئېلانلار تېتىقسىزلىشىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغانلا دورا ئېلانى كەم باشقا ھەر قانداق دورا ئېلانى چىقىپ بولدى ، قىسقىسى ئېلاننىڭ كۆپلىكىدىن ، مۇھىمى لاۋزا تېتىقسىزلىقىدىن ، بىمەنىلىدىكىن خەلقىمىز ئاللىبۇرۇن زېرىكىپ كەتتى دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە ............
بەزىبىر چولپانلىرىمىز لاۋزا ئېلانغا تولا چىقىۋېرىپ ئاللىبۇرۇن خەلق ئارىسىدىكى ئوبرازىنى يوقىتىپ بولدى ، نېمىشقا مۇشۇ ئېلاننى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق ، قىسقىسى مەيلى چولپانلار بولسۇن ، مەيلى تېلىۋېزىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسۇن پۇل ئالدىدا ۋىجدان ، غۇرۇر دېگەنلەرنى يوقىتىپ بولدى ، چۈنكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھەممىدىن مۇھىم نەتىجە ئەمەسمۇ ...
ئەمدى گەپ ، ئېلانغا ئىشەنمەڭ ئېلانسىز يۈرمەڭ ، بولۇپمۇ تىببىي ئېلانغان ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ ، دورا بىلەن كېسەل ساقايغان بولسا دوختۇرخانا ئاللىبۇرۇن ۋەيران بولغان بولاتتى ، ئىچىملىك ئىچكەنگە قۇۋۋەتلىك بولۇپ تۆتكېزەك بالا تاپالىغان بولسا مالايسىيالىقلار ياپونىيىگە بېرىپ داۋالىنىپ يۈرمەيتتى ...
بولدى ، ئەمدى بۇنداق ئېلانلار تېلىۋېزىيىدىن يوقالسۇن . |