گىپىدە تۇرالمىغان ئىنتىرنىت «چوڭاملىرى» .گۈرۈچفون(شياۋمى):بىز ھەرگىزمۇ تۆۋەن باھالىقيانفۇن ياسىمايمىز
2012-يىلى 4-ئايدا سياۋمى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈن ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا بىرنەچچە كۈن بۇرۇن توردا شياۋمى 899 يۈەنلىك ئەرزان پۇللۇق يانفۇن ياسىماقچى دىگەن گەپ تارقىلىپتۇ،بۇنىڭ ھەممىسى ئۆسەك سۆزلەر ،شياۋمى ھەرگىزمۇ تۆۋەن باھالىق يانفۇن ياسىمايدۇ ،بىز پەقەت يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفۇنلا ياسايمىز ،دېدى بىراق ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپلا شياۋمى شىركىتى799 يۈەنلىك قىزىل گۈرۈچ يانفۇنىنى بازارغا سالدى.
2.سۇنىڭ شىركىتى:تور سودىسى بىزنىڭ ئاساسلىق يۆلىنىشىمىز ئەمەس ئەمەلىي دۇكاننى ئاساس قىلىمىز. 2010يىلى 3-ئايدا سۇنىڭ شىركىتىنىڭ باش لېدىرىجاڭ جىندۇڭ :تورسودىسى سودا ساھەسنىڭ ئاساسىي لىنىيىسىگە توغرا كەلمەيدۇ،تورسودىسىنىڭ كەلگۈسى يوق ،سۇنىڭ تورسودىسىغا كىرمەيدۇ دەپ جار سالدى. بىراق بۇ زات ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپلا شىركەتكە ئۆزىنىڭ شەخسىي پاي ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇپ تۆت مىليارددىن ئارتۇق پۇل بىلەن سۇنىڭنى ئېلىكترونلۇق سودا ساھەسىگە باشلاپكىردى.
3.جىڭدۇڭ تورى:بىز ھەرگىز كىتاب ساتمايمىز 2010-يىلى 2-ئايدا جىڭدۇڭنىڭ باش لېدىرى مۇنداقدەپ جار سالدى:جىڭدۇڭ تورى بەش يىلغىچە كىتاب ۋە ئۈن-سىن ساھەسىگە قول تىقمايدۇ. بىراق بۇ زاتمۇ گىپىدە تۇرماي ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندە كىتاب ۋە ئۈن-سىن ساھەسىگە قول تىقتى،ھەمدە شۇيىلى پۈتۈن جۇڭگونىڭ مۇشۇ ساھەدىكى پارچە سېتىش ئۇمۇمىي مىقدارىنىڭ 16.5%نى ئىگەللىدى.
4. 360 گۇرۇھى:بىز ھەرگىز ۋىروسخور ياسىمايمىز 2007-يىلى 7-ئايدا 360گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز ھەرگىز ۋروسخور ياسىمايمىز،بىخەتەرلىك قاراۋۇلى پەقەتلا ۋىروسخورنىڭ تۇلۇقما قىسمى. بىراق بۇ زاتمۇ گىپىدە ئۇزۇن تۇرالمىدى،ئارىدىنبىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ زاتمۇ ۋىروسخور ياساپ ھەقسىز تارقىتىپ پۈتۈن جۇڭگونىڭ بازىرىنى ئىگەللەپ بولدى.
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ
كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
|