قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىلانىتلار ئەركىسى: يەرشارىدىن باشلانغان قىسمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

10

دوست

714

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 09:06:52 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پىلانىتلار ئەركىسى
1-قىسىم يەرشارىدىن باشلانغان قىسمەت
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)

     سامان يولى گالاكسى سىستېمىسى، 10351-يىلى باھار ئېيىنىڭ بىر كۈنى، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى داۋاملىق يەرشارىغا ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ كەلمەكتە، شەرقى مىردىئان 75 گىرادۇس بىلەن 76 گىرادۇس ئارلىقىدىكى مەلۇم جايدا سۈپسۈزۈك سۇلۇق كۆل بۇيدىكى مەجنۇنتاللار مەيىن شامالدا يىنىك لەپىلدەۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يىقىنلىغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمجىتلىق بۇزۇلىدى ۋە بۈركۈت شەكلىدىكى بىر ئالەم كېمىسى كۆل بۇيىغا قوندى. كېمە ئىچىدىن چىرايى نۇرانە، چوڭ ئويما كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچ بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت چىقىپ كەلدى. ئۇ تۆت ئەتراپقا ئەستايدىل نەزەر تاشلاپ، قاراشقا بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. يىگىت كۆل غەربىدىكى توغراقلىقتىكى چىغىر يولغا قاراپ ماڭدى. چىغىر يولدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدا چىمەن دوپپا كەيگەن بىر قىز پەيدا بولدى. جۈپ كۆزلىرى خۇددى مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلۇق كۆلدەك، چېھرىدىن مىھر-ئىللىقلىق يىغىپ تۇرىدىغان بۇ گۈزەل قىز ناتۇنۇش يىگىتنى كۆرۈپ يىنىك، تېز قەدەملەر بىلەن يىگىتتىن يىراقلىشىشقا تەمشەلدى. يىگىت بولسا دەرھاللا قىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ سۆز باشلىدى:'ئىغىر ئالمىسىڭىز سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بۇلامدۇ ؟!'. قىز يىگىتتىن بىرخىل سەمىمىيەت ۋە ياخشىلىقنى ھىس قىلدى بولغاي ئۇنىڭغا جاۋابەن باش لىڭشىتتى.
يىگىت:'بىزنىڭ بىر كۆك قۇتىمىز مۇشۇ ئەتراپتا چۈشۈپ كەتكەنتى، سىز بۇ توغرىسىدا بىرەر نەرسە ئاڭلىدىڭىزمۇ؟'.
قىز:'كۆك قۇتا؟ ئۇستىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنمۇ؟'.
يىگىت ھاياجانلانغان ھالدا:'توغرا، توغرا'.
قىز ھەيرانلىق ئىچىدە:'ئۇ قۇتىنى ئىزدەپ نىمە قىلىسىز؟ ئاۋۇ ئالەم كېمىسى ۋە كىينىشڭىزدىن قارىسام بۇ يەرلىك(يەرشارىلىك) ئەمەسسىز، سىز قانداقسىگە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيسىز؟'.
يىگىت:'بىز كۆپ خىل تىللارنى بىلىمىز. ئۇ قۇتا بىزنىڭ تەۋەرۇككىمىز ئىدى، ئادەملىرىمىز مۇسۇما پىلانىتىدىن يۇپۇق پىلانىتىغا يۆتكەش جەريانىدا بىزگە قارشى كۈچلەرگە ئۇچراپ قىلىپ، كۆپ ھەم كۈچلۈك بولغان قارشى تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ سامان يولى گالاكسى سىستېمىسىغا كەلگەن ھەم قۇتىنىڭ  قارشى كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەرشارنىڭ مۇشۇ رايۇنىغا توغرا كىلىدىغان بوشلۇقتىن قۇتىنى تاشلىۋېتىپ ئۆزى قارشى كۈچلەرنى  باشلاپ باشقا ياققا كىتىپ قالغان. مەن شۇ قۇتىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كىتىش ۋەزىپىسى بىلەن بۇيەرگە كەلدىم.'
قىز:'ئۇنداقتا سىز پەرىشتە  گالاكسى سىستېمىسىدىكى ئىككى پىلانىتتا ياشايدىغان كىشىلەردىن ئىكەنسىزدە؟'(قىزنىڭ بۇ توغرىسىدا ئوقىغان ۋە بىلىدىغانلىرى كۆپ بولغاچقا ئانچە ھەيران قالمىغان ئىدى.)
يىگىت جاۋابەن بېشىنى لىڭشىتتى. قىز سۆزنى داۋام قىلىپ:'راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بۇتا بىزنىڭ ئۆيدە.'
يىگىت:'قانداق قىلىپ؟!'. قىز:'مېنىڭ بەش ياشلىق ئوغلۇم ئوغۇز دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتقاندا ئۇ قۇتىنى تېپىۋېلىپ ئۆيگە ئاپىرىپتىكەن. مەن نەدىن ئالغانلىقنى، نىمە سەۋەبتىن ئەكەلگەنلىكىنى سورىسام، ئوغلۇم پەقەت قىزىقىپ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە قۇتىنى مېنىڭ قېشىمغا ئەكەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.'
يىگىت مەمنۇنلىك بىلەن:'بەك ياخشى بولدى، قۇتا تېپىلدى، رەھمەت سىزگە.'

ئىككەيلەن قىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى، ماڭغاچ يىگىت يەنە سۆز باشلىدى:'ئىسمىم مالىك، سىزنىڭ؟'. قىز جاۋابەن:'زۆھرە'، ۋە سۆزنى داۋاملاشتۇرۇپ:'سىلەرنىڭ چىراي شەكىلىڭلار ۋە ئىسمىڭلار بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە تىلىمىزنىمۇ شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز.'.
مالىك چۇشەنچە بىرىپ:'بىز بۇ ئوخشاشلىقلارنى بۇرۇنلا بايقىغان. مۇسۇما، يۇپۇق پىلانىتىدىكىلەر بىر قەۋىمدىن ، بىزنىڭ ئالىملىرىمىز ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلق سامان يولى سىستېمىسىدىكى يەرشارىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنى سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھەرقايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىزنىڭ  كەلگۈسى پىلانلىرىمىز ئىچىدە سىلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە بۇ ياخشى پىلان.'
زۆھرە دەرھاللا :'ئۇنداقتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھىچقانداق پەرقىڭلار يوقما؟ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدىگەن چەكسىز ھە!'
مالىك؛'پەرقىمىز بار، بىز ئۇزۇنراق ياشايمىز، بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىمىز بار. بىزنىڭ ئېتىقادىمىزمۇ بىر، توغرا، ئالاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ. ئوخشىمىغان ئىككى گالاكسى سىستېمىسىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ جەھەتتىن ئوخشاش يارتىلىشىغا قاراڭ.'

ئۇلار پاراڭلاشقاچ زۆھرەنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قالغان ئىدى. قىزنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلار ھەرخىل چىرايلىق نەقىشلىك دەرۋازىدىن قەدەم تاشلاپ گۈزەل ھويلىغا كىردى. زۆھرە يىگىتنى ئىچىگە كىرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى، ئەمما مالىك ۋەزىپىسىنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. چېچەن زۆھرە قۇتىنى ئىلىپ چىقتى، ئارقىسىدىن بوتىلاق كۆز، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈردىغان ئوغۇز مالىك ئالدىغا كىلىپ قول ئىلىپ كۆرۈشتى. مالىك ئوغۇزنى كۆرۇپ خۇددى بىر چاقنىغان ئۈمىد يۇلتۇزنى كۆرگەندەك بولغان ئىدى، ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشتى. لىكىن تۇيۇقسىز گۆكىرگەن ئاۋاز ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىرقانچە قاغاسىمان ئالەم كېمىسى زۆھرەنىڭ ئۆيى تەرەپكە يىقىنلىشىۋاتاتتى، يىگىت دەرھاللا 'شۇملۇق، ئۆكۈز پىلانىتىدىكىلەر' دېگىنىچە ئۇلار بىلەن  ئۆي ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى. زۆھرە:'ئۇلار سىلەرگە قارشىلار شۇمۇ؟'. مالىك:'دەل ئۆزى، مۇشۇك كۆز گالاكسىسى، ئۆكۈز پىلانىتدىكىلەر، ئۇلار نۇرغۇن پىلانىتلارنى بۇلاپ-تالاش، ۋەيران قىلىش قاتارلىق جىق ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بىزگە كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، مۇشۇ قۇتىغا تاينىپ بىزگە زەربە بىرىش پىلانىدا. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز.'.

قاغاسىمان ئالەم كېمىسى زۆھرە ئۆيىنى بىر ئوققا تۇتقاندىن كېيىن، ئۆي ئەتراپىغا قوندى، كېمە ئىچىدىن بىر توپ نىقابلانغان بەستلىكلەر چۈشۈپ ئۆينى قورشىدى. بۇنى كۆرگەن مالىك، زۆھرە بىر-بىرگە قارشىپ بىردەم شۈك بۇلۇشتى. زۆھرە سۆز باشلىدى:'ھازىر پەقەت بىرلا ئامال بار، يەنى سىز ئوغۇزنى ئىلىپ بىزنىڭ يەرئاستى مەخپىي يولىمىز ئارقىلىق بىز كەلگەن توغراقلىققا بېرىپ ئالەم كېمىڭىزگە چىقىپ بۇ يەردىن كېتىش.'. بۇنى ئاڭلىغان مالىك دەرھاللا:'سىزچۇ؟ بۇنداق قىلساق سىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەن بىلەن باراۋەر. بىز ئەزەلدىن مەرتلىكىنى ئەزىزلەپ كەلگەن، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمىز.' دەل شۇ پەيىتتە ئۆكۈزلىكلەر ئۆيگە قاراپ ئوق ئاچتى. زۆھرە:'ۋەزىپىڭىزنى ئويلاڭ، ئۇچىمىز تەڭ تۈگەشكەندىن سىلەرمۇ بولسا قۇتۇلساڭلا، مېنىڭ ئوغۇزدىن باشقا يىقىنىم يوق، ئۇنىڭ ئۇستىگە كېمىنى ھەيدەشنى بىلمىسەم. بىرىمىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئازىراق بولسىمۇ قىچىش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرشىمىز كېرەك. ' زۆھرە گىپىنى دەپ بۇلۇپلا تارتمىدىن ئۆزنىڭ قۇرالىنى ئالدى-دە پۇتىغا بىر پاي ئوق ئۈزدى ۋە مالىكقا:'ئەمدى ماڭمىساڭلا ھەممىمىز تەڭلا ھالاك بۇلىمىز.' دەپ ۋارقىراپ يەرئاستى يولىنى كۆرسەتتى ئارقىدىنلا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئوق ئاتتى. مالىك ئوغۇزنى كۆتۈرۈپ زۆھرەگە قارىدى زۆھرە ئۇنىڭغا خۇددى بىر قەيسەر پەرىشتە  بۇلۇپ كۆرۇندى. زۆھرە چەكسىز ئانىلىق مىھىرى ۋە قىيماسلىق نەزىرىدە ئوغۇزغا قاراپ:'خەيىر جان-جىگەر ئوغلۇم، تەقدىر مۇشۇنداقكەن، ئاللاھقا تاپشۇردۇم.' دېگىنىچە ئازاپ-ھەسىرەتلىرىنى يۇشۇرۇپ مەردانىلىك بىلەن ئۇلار بىلەن خوشلاشتى. ئوغۇز بولسا .ئانا دەپ تولغىنىچە مالىكنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن مەخپىي يولغا كېرىپ كەتتى ۋە مەخپىي يولدا قويۇلغان تېز-كېزەر ھارۋا بىلەن ھەش-پەش دېگۈچە توغراقلىقتىكى چىقىش ئىغىزىغا كىلىۋالدى. ھەم ئالەم كېمىسىگە چىقىپ كۆككە ئوڭۇشلۇق كۆتۈرۈلدى. مالىك ۋە ئوغۇز بوشلۇقتا ئۆينىڭ  ئوتتا لاۋۇلداپ كۆيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىدىن مارجان-مارجان ياشلار تاراملاشقا باشلىدى. مالىك كېمىنى نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرەتتە سالدى-دە دەقىقىدە كۆزدىن غايىپ بولدى.

1-قىسىم تۈگىدى.
2-قىسىمدا ئوغۇزنىڭ پەرىشتە گالاكسىسىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلايسىز.

2014-12-30
نەنجىڭ.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2690
توردىكى ۋاقتى: 910
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:52:46 |ئايرىم كۆرۈش
  ئالامەت ڧانتازىيە ...............
  مۇشۇنداق يازمىدىن بىرى ئەختەم ئۆمەرنىڭ بىر كىتاۋىدىن ئەھمىيەتلىك .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30196
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 19:02:22 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرۇنمۇ بەك قىزىقاتتىم بۇنداق ئەسەرلەرگە ھازىرمۇ ئوخشاش   رەخمەت سىزگە

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6124
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:01:24 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرۇن بىر ئۇيغۇر يازغۇچى يازغان فانتازىيىلىك كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم ، يىلانلىقمۇ نىمىتى ، ئەمما مەزمۇنى ئېسىمدە ... شۇنداق ياخشى يېزىپتىكەن . فانتازىيىلىك ھېكايىلەرمۇ ئادەمگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ !  جاپا چكىپسىز ...

0

تېما

0

دوست

543

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33017
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:54:23 |ئايرىم كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشىڭ تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇ ساھە كەم بۇلۇپ كىلىۋاتقان،،،مۇشۇنداق فانتازىيلىك ھىكايىلەرنى يازىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇندىن كىيىن يەنىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

16

تېما

23

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 800033
تۆھپە : 801356
توردىكى ۋاقتى: 1509
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا كېڭەيتىش ماھىرى تەشۋىقات ماھىرى تېما ماھىرى پەخىرلىك ئەزا مۇنەۋۋەر مەسئۇل مۆھتىرەم ئەزا پىشقەدەم ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى تۆھپىكار باشقۇرغۇچى نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:41:23 |ئايرىم كۆرۈش
پىلانىتلار ئەركىسى   دىگەن تېمىنىڭ كەينى ئايرىپ تېما قىلىنىپ يوللۇنۇپتىكەن ئىنكاس پىكىرنىڭ چېچىلىپ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەسلى تىېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يۆتكەلدى

- مۇنبەر مەسئۇلىدىن



پىلانىتلار ئەركىسى
2-قىسىم پەرىشتە  گالاكسىسىدە تاپشۇرۇلغان تۇنجى ۋەزىپە
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)


10352-يىلى، ئوغۇزنىڭ پەرىشتە گالاكسىسى يۇپۇق پىلانىتىغا كەلگىنىگە بىر يىلچە بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ بۇ پىلانىتنىڭ مەركىزى شەھرىدە مالىك بىلەن بىرگە تۇراتتى. ئەمدى ئوغۇز بۇ يەرنىڭ تەربىيلەش يېشىغا توشقان بۇلۇپ، مالىك ئۇنى بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى تەربىيلەش مەركىزىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدى. بۇ پىلانىتتا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلار پىلانىت خاقانى ۋە ھۆكۇم گۇرۇپپا ئەزالىرى كىڭەش يېغىنى ئىچىپ قارار چىقىرىلىدىغان بۇلۇپ، بۇلار ئوغۇزنىڭ ئانىسىنىڭ مەردانە ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار ئىدى، شۇڭا مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن ئوغۇزنىڭ بۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ھەممە ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىگە ئىگە قىلىدىغان پىرگۇراممىنى(گىن ياخشىلاش پىرگۇراممىسى) ماقۇللىدى. ئەگەر ئوغۇز بۇ ئىقتىدارلارغا ئىگە بولسا مۇشۇ پىلانىت كىشلىرى بىلەن تەڭ ئومۇر كۆرەلەيتتى.

ئوغۇزنىڭ قان سېستىمىسى بۇ پىلانىتتىكىلەر بىلەن بىرخىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوغۇز دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۇتۇپ گىن ياخشىلاش پىرگۇراممىسىنىڭ بىرىنجى قەدىمى باشلاندى. ئەتە ئوقۇش باشلىنىدۇ دىگەن كۈنى كەچتە ئوغۇز مالىك بىلەن ئۆي ئۆگزىسىدە ئولتۇرۇپ گۈزەل كېچە ۋە يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلۋاتاتتى، ئوغۇز ئوڭ بىلىكىدە يىنىك بىر ئېچىشقان ئاغرىقنى سەزدى ۋە نەزىرى ئوڭ بىلىكىدىكى غىڭشىققا (بۇ بۇ پىلانىتتىكى بىر ھاشارات) چۈشتى. ئارقىدىن يەڭگىل بىر پۈۋلەپ غىڭشىقنى ئۇچىرىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن مالىك ئوغۇزغا:'ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسەڭمۇ بۇلاتتىغۇ، نىمىشقا پۈۋلەپ ئۇچۇرۋىتىسەن؟'
ئوغۇز تاتلىققىنە ئاۋازى بىلەن:'ئانام ماڭا ھەرقانداق مەۋجۇداتقا سەمىمىي بۇلۇش، ئامال بار ئازار بەرمەسلىك، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ھاياتىغا ئەڭ چۇڭقۇر مېھىر بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دىگەن، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆز ھاياتىمنى سۆيگەندەك پوزىتسىيىدە بۇلىشىم لازىم، شۇڭا ئۇنى پۈۋلەپ ئۇچۇرۋەتتىم. مېنىڭ كەلگۈسىدە بارلىق مەۋجۇداتنى يامانلىقتىن ئاسىراپ ياخشىغا باشلايدىغان بىر كىشى بولغۇم بار.' دەپ جاۋاب بىرىدۇ. مالىك كىچىك ئوغۇزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۈنسىز رەۋىشتە ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭدىكى ئەقىل، جاسارەت، ئىچ-ئىچىدىكى ياخشىلىقتىن سۆيۈنگىنىچە ئوغۇزغا بىرھازا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ.
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى يېتىپ كەلدى، بۇ ئاددىي، ئۆزگىچە بىر مۇراسىم ئىدى، پەقەت مۇدىرنىڭ بىرنەچچە جۈملە گىپى بىلەن ئاخىرلىشاتتى. ئوغۇز يېڭى ساۋاقداشلىرى بىلەن رەتلىك قاتار تۇرۇپ مۇدىر سۆزلىرىنى ئاڭلىماقتا، مۇدىر يۇپۇق پىلانىتنىڭ ھەممە جەھەتتىن گۈزەللىكىنى،  ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋال بىرلىكتە ئىناق بۇلۇش، ئۆز-ئارا مىھر-مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان بۇلۇشقا، ئاندىن ئەقىل-ئىدراك، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان تەسەۋۋۇرغا باي، يېڭىلىق يارىتىش رەھى ۋە ئالىيجانابلىق رەھى بولغان كەڭ قوساق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەيدىغانلىقىنى دەپلا مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسى بىلىم تەربىيلەش پەقەت 3 يىلدىلا تاماملىنىدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچى بىر پىرگۇرامما دەرىس شارائىتىغا ئىگە بۇلۇپ كۈندە پەقەت ئىككى سائەت دەرىس قۇبۇل قىلىپ باشقا ۋاقتلاردا ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئىش كۆرسە بۇلىدىغان بۇلۇپ، 3 يىل تۈگىگەندىن كىيىن ئىپادىسى ۋە قىزىقىش-ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ھەرخىل كەسىپ-خىزمەت بۆلەكلىرىگە بۆلۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيلىنىش ۋە ۋەزىپىدە بۇلىدۇ، ئاندىن بۇ تەربىيلىنىش ۋەزىپىلەردە لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن رەسمىي ھالدا خىزمىتىنى باشلايتتى.


كۈنلەر ئايلارغا، ئايلار يىللارغا ئۇلىشىپ ئوغۇز بۇ 3 يىللىق ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كىلىپ قالغان ئىدى. تاماملايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر پائالىيەت يەنى 'تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش' پائالىيتىگە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئوغۇز دوستلىرى شاكىر ۋە مالامەت بىلەن بىر تاغ چوقىسىغا چىقىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ چۇڭقۇر نەپەسلەرنى ئىلىپ ئۈچەيلەن تەڭلا:'ۋاھ نېمىدىگەن گۈزەل-ھە!' دېيىشپ بىر-بىرگە قاراشتى. شاكىر ئۆزى خۇش-چاقچاق، ئاقكۆڭۈل ئوغۇل، مالامەت بولسا ئۇماق ھەم زېرەك بىر قىز، بۇ ئىككسى ئوغۇز 3 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئەڭ يېقىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرى ئىدى. بۇلار بۇتاغ چوقىسىدا مەڭگۈ مەيلى نىمىش بولسۇن بىر-بىرنى قوللاپ ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولىدىغان قىيامەتلىك دوستلاردىن بولۇشقا ۋەدىلەشتى.
پائالىيەت ئاخىرلىشىپ بالىلار ھەرخىل يۇقىرى دەرىجىلىك بۆلۈملەرگە تەقسىملەندى، شاكىر بىلەن مالامەت پەرۋىش بۆلىمىگە تەقسىملەندى، ئوغۇز تەتقىقات بۆلىمىگە تەقىسىم قىلىندى. بىراق ئوغۇز نەق مەيداندا تەقسىماتقا ئېتىراز بىلدۇردى ۋە قوغداش بۆلىمىدىكىلەر تەرپىدىن تۇتۇپ ئەكىتىلدى. مالىك ھۆكۈم گۇرۇپىسىدىكىلەر بىلەن ئۇزۇن كېڭىشىش ئارقىلىق ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان بىر ئۆزگەرتىش قىلىپ ئوغۇزنى قايتىدىن مالىك بىلەن بىر بۆلۈمگە يەنى ئالەم-ئاۋىياتسىيە بۆلىمىگە تەقسىم قىلدى.


تەقسىماتتىن كىيىن ئوغۇز بىر مەزگىل مالىك بىلەن ئالەم كېمىسىدە نەزىرىيە بىلىمى ۋە ئەمىلىي مەشىق (پىراكتىكا) قىلدى. مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كىيىن مالىك ئەزالىرى ۋە ئوغۇزنى ئىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۈرلدى. ئوغۇز زور ھاياجان بىلەن يۇپۇق  پىلانىتنىڭ تارتىش كۈچىدىن خالى بۇلۇپ يەنە بىر قىتىم ئالەم بوشلۇقىنى سەييارە قىلدى. يۇپۇق پىلانىت ئەتراپنى چارلىغاچ كونا ئەزالار ھەرخىل ساۋات، بىلىملەرنى ۋە ئۆزنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلارنى سۆزلەپ ماڭدى. مالىك ھەممەيلەنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ مۇھىم بىر سۆز قىلدى:'ئالەم-ئاۋىياتسىيە بۆلۈمىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش بىزدىن يۈكسەك مەسئولىيەت، ساداقەت، ئۇنۋىرسال بىلىم ۋە يۇقىرى ساپا تەلەپ قىلىدۇ. بىز بىر كوللېكتىپ، شۇڭا ھەربىر ئەزادا كوللېكتىپ روھى ۋە ئۆزنى بېغىشلاش روھى بۇلىشى كېرەك.'. بۇ گەپلەر ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى، بۇلۇپمۇ ياش ئوغۇزنىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالدى.
كېمە چارلىغۇچ سىستېمىسىدىن تۇيۇقسىز چىققان:'گالاكسى كوردىناتى مەنپى 45 گىرادۇس يۆلىنىشتە بىر ئۇچار جىسىم بايقالدى.'دېگەن ئاۋاز ھەممىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. مالىك:'ئۆز ئورنىڭلارغا بىرىڭلار، كېمە جىددى ھالەتكە كىرسۇن.' دېگەن بۇيرۇقنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامەلۇم جىسىم تەرەپكە قاراپ ئۇچتى. بارغانسېرى يىقىنلاپ ئۇ جىسىمنى ئېنىق كۆرىشكە باشلىدى. مالىك دەرھاللا:'مۇشۇك كۆز گالاكسىسى بىرلەشمە ئارمىينىڭ چارلىغۇچى ئالەم كېمىسى، تېز ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىڭلار.'دەپ كېمىنىڭ تەڭشەش ھالىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئەزالارنى تەكشۈردى. تۇيۇقسىز ئوغۇز:'قارشى تەرەپ بىزگە ئوق ئۈزدى.'دەپ ۋارقىردى.مالىك:'كېمىنى ئوڭغا 50 گىرادۇس قىيسايت.'دەپ بۇيرۇق قىلدى. بىراق 'گۈم' قىلغان ئاۋاز بىلەن كېمە قاتتىق سىلكىندى، ئوغۇز تېز ئىنكاسى بىلەن كېمىنى يەنە ئوڭغا 15 گىرادۇس بۇراپ ئارقىدىن كەلگەن ھۇجۇدىن كېمىنى ساقلاپ قالدى. مالىك يانچە يىقىلىپ بېشىنى ئىشكاپقا ئۇرۋالدى لىكىن يىنىكلا يارلاندى خالاس. دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ باش ئۇرۇنغا كىلىپ قارشى تەرەپكە ھۇجۇم باشلىدى. ئۆزنىڭ تەڭ كېلەممەسلىكىنى بايقىغان دۇشمەن كېمىسى ئەڭ تېز سۈرەتتە قېچىپ كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى. مالىك بولسا يىنىك بىر ئۇھ تارتىپ كېمىنى يۇپۇق پىلانىتىغا قايتۇرۇشقا بۇيرىدى.

ھەش-پەش دېگۈچە ئوغۇزمۇ 21 ياشقا كىرگەن يىگىت بۇلۇپ كەتتى. ئۇ ھازىر ئالەم-ئاۋىياتسىيە بۆلۈمىدىكى بىلىم ۋە كۈچ قاتارلىق ھەرجەھەتتىن يېتىلگەن، ئۆزگىچە تەپەككۇرگە ئىگە چىرايى ئانىسى زۆھرەنى تارتقان كىلىشكەن بىر 'سەركەردىگە' ئايلانغان ئىدى. ئوغۇز تەربىيلەشنى تۇلۇق تاماملىغاندىن كىيىن ئۆزنىڭ ئەخلاق ۋە ئىش-ھەرىكەتىدە تۇۋەندىكى پەلسەپىلىك قائىدىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغان ئىدى-يەنى:' 1. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
  2. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
  3. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.'
ئۇ بۇقائىدىلەرنى توغرا چۈشىنىپ ئۆز ھەركىتىدە قىلالىغاچقا ھازىر ئۇنى كوپچىلىك كىشى ياقتۇراتتى. مالىك ۋە ھۆكۇم گۇرۇپىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوغۇز يېڭى بىر ئالەم  كېمىسىنىڭ كاپىتاننى بولدى.
دەل مۇشۇ پەيتلەردە ئۆكۈز پىلانىتىڭ مەخپىي ئالاھىدە خادىمى يۇپۇق پىلانىتى كىشىلىرى قىياپىتىدە كىلىپ يۇپۇق پىلانىتىدە جانلىقلىرىغا ئازاپ ھاسىل قىلىدىغان بىرخىل ۋىروسنى پەيدا قىلىپ بايقىلىپ قىلىپ ئۆلىۋالغان ئىدى. يۇپۇق پىلانىتىدىكى ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ كىسەل ۋىروسىغا پەقەت سامان يولى گالاكسىسىدىكى يەرشارىدىلا ئۆسىدىغان 'شۇمبۇيا' دەيدىغان ئۆسۈملۈكتىن ئايرىلىپ چىقىدىغان مادىنىڭ شىپا قىلىدىغانلىقىنى تىپىپ چىقتى. خاقان ۋە ھۆكۈم گۇرۇپپىسى 'شۇمبۇيا' ۋەزىپىسىنى ئوغۇزغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى. ئوغۇز يەرشارىغا(شۇمبۇيا دەل ئۇنىڭ كىندىك قىنى تۆكۈلگەن يەردە ئىدى) بېرىپ شۇمبۇيا ئۇرۇقىنى ياكى يېلتىزنى ئىلىپ كەلسىلا، يۇپۇق پىلانىتىدا تەتقىق قىلىپ ئۆستۇرۇپ كۆپەيتكىلى بۇلاتتى.
ئوغۇز 22 يېشىدا تۇنجى ۋەزىپىسىنى قولغا ئىلىپ بۈركۈت سىياقىدىكى ئالەم كېمىسىنى ھەيدەپ تۇلۇق ئىشەنچ ۋە ۋۇجۇدى ھاياجانغا تولغان ھالدا ئەزىز ئانا ماكانىغا قاراپ يولغا چىقتى.


2-قىسىم تۈگىدى.
3-قىسىمدا ئۇغۇزنىڭ ۋەزىپە ۋاقتىدىكى ۋە كىيىنكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلايسىز...
2015-1-18
نەنجىڭ.  
  

0

تېما

10

دوست

714

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:23:24 |ئايرىم كۆرۈش
bagdax1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 12:41
پىلانىتلار ئەركىسى   دىگەن تېمىنىڭ كەينى ئايرىپ تېما ق ...

بۇنى ئۆزەم يېزىپ ئۆزەم ئوقۇيمەنمۇ؟؟؟؟ بۇبىر يىڭى ھىكايە تۇرسا، يىڭى تىما سۇپىتىدە چىقىشى كېرەك ئەسىلى

0

تېما

10

دوست

714

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:27:49 |ئايرىم كۆرۈش
bagdax1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 12:41
پىلانىتلار ئەركىسى   دىگەن تېمىنىڭ كەينى ئايرىپ تېما ق ...

مەن يەنە قايتا يولىدۇم، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشڭلارنى سۆرايمەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )