قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1018|ئىنكاس: 19

بايلىق چۈشۈم ۋە رىياللىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32900
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايلىق چۈشۈم ۋە رىياللىق

(بەدۆلەت)

  گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمىدىم، قانداق بۇلۇپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ قالغىنىمدىن باشلاي.
   كىچىكىمدىن مۇزىكىغا ئوتتەك ئىشتىياقىم بار ئىدى،ھەم مۇشۇ ئىشتىياقنىڭ تۈرىتكىسىدە ئۆزلىگىمدىن مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەندىم،ئۆزۇمچە ئۇ چاغلاردا مۇزىكىنى خېلى ياخشى چالاتتىم ،شۇنداق قىلىپ شۇ چاغدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇيۇم بۇيىچە داڭلىق بىر مۇزىكانىت بۇلۇپ چىقىش ئۇچۇن،ئەڭ ئاخىردا سەنئەت ئىنىستوتىغا ئىمتىىھان بەردىم،ئۇقۇش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشتىم،لىكىن بۇ پۇرسەتنى تۇتۇش 18ياشلىق بىر ئۇغۇل بالا ئۈچۈن مۇمكىن بولماي قالدى،چۈنكى مەن ئۇقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ تۈنجى يىللىق پۇلى ئونمىڭدىن ئاشىدىكەن، ئۇقۇش پۇلى شۇ چاغدىكى ئائىلە شارائىتىمىزنىڭ چىقىم سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كىتىپتىكەن،كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، پۇرسەتتىن مەھرۇم قالغىنىملا ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى توپتوغرا ئون يىل ئەتىراپىدا  ئۆگۈنۈشۈمنى قوللاپ،ھەر بىر تەلىپىمنى رەت قىلماي شارائىت ھازىرلاپ بىرىپ ،ئەڭ ئاخىردا دادامنىڭ ياكى بۇلىدۇ ياكى بولمايدۇ دىگەن قارارىنى ئاڭلىيالمىدىم،بۇ ماڭا بەك ئېغىر كەلدى،ھازىر چۈشەنسەم شۇ چاغدا دادام چۇقۇم مەندىنمۇ بەك ئازاپلانغان پۇشايمان قىلغان بۇلىشى مۇمكىن.مىنىڭ دادام ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ئانچە ماھىر ئەمەس،لىكىن ئۇ ماڭا بارلىق مىھىر مۇھابىتىنى بەرگەن،مەن شۈنداق دادامنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن،رەخمەتلىك دادامنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي،بۇ قېتىمقى ئۇقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بۇلۇش ماڭا پۇلنى تۇنۇتۇپ قويدى،چۈنكى يالغۇز بالا بولغىنىم ئۇچۇن ئاغىناق چوڭ بولغان ئىدىم،نە ئامال؟ئاخىرى تەن بەردىم ۋە ئىككى ئايدىن كىيىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۋىرسىتىىدىن چاقىرىق كەلدى،لىكىن ئويلىماپتىكەنمەن بۇقېتىمقى ئۇقۇشتىنمۇ مەھرۇم قالدىم ،چۈشىنىپ قالدىڭىز ھەقاچان ،يەنە شۇ پۇل...  ئائىلىمىزدىكى پۇللارنى بانكا قەرىز سۈيلەپ كىلىپ ئەپ كىتىپتىكەن ئەمەسمۇ، بۇقېتىم كۆڭلۈم بەك ئازار يىدى ،دادامدىن ئاغرىندىم،پۇلغا شۇ چاغدىكى ھىسىياتچان تەپەككۈرۈم بىلەن ئۆچمەنلىك نەزىردە قارىدىم...چۇقۇم پۇل تېپىپ يەرگە تىزىپ قۇيۇپ ئۇستىدە سەكرەيمەن دەپ ئويلىغانتىم، ھاھاھا....،ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كىتىمەن ،ئەلۋەتتە ھازىر پۇلنى ئۇستىگە چقىپ سەكرەش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ جانلىق پايدىلىنىش ئۈچۈن تاپىمەن.

ئەمدىكى گەپ پۇلنى قانداق تاپىمەن؟
    ئىككى قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن كىيىن ئۇقۇشتىن رايىم ياندى،بىراق دادامنىڭ كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ قىلغان«بالام كۈزۈمنىڭ ئۇچۇق ۋاقتىدا ئۇقۇۋېلىڭ!»دىگەن سۆزى ئۈچۈن ئىككىنچى يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۈچ ئاي قالغاندا مەكتەپكە قايتىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم.ھەم شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىگە ئۇقۇشقا كىردىم. بۇقېتىم ئاپامنىڭ سىرىتقا چىقىپ ئىشلەپ تېپىپ كەلگەن پۇلى بىلەن تۈنجى يىللىق ئۇقۇش پۇلۇمنى تاپشۇردۇق،گەرچە كەسىپكە تاللىغان ئارزۇلىرىمنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ،كاج تەلىيىم  مەن بۇرۇن ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر كەسىپكە ئۇقۇشقا ئەپ كىردى،نىمە ئىلاج ؟ئۇقۇۋەردىم. تەييارلىقنى خېلى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ،كەسىپكە كىردىم.مۇشۇ ۋاقىتلاردا ھاياتىمدا بۇرۇلۇش بولدى.چۈنكى يېقىن  بىر دوستۇمنىڭ تەۋىيىسى بىلەن شۇنداق بىر كىتاب بىلەن تۇنۇشتۇم،ئاستا ئاستا تەپەككۈرۈمدە ئۆزگىرىش بۇلۇشقا باشلىدى،پۇلنى چۈشۈنۈشكە باشلىدىم،توختىماستىن ئويلىناتتىم...بەزىدە پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى    شۈنداق ئاددىيلىشىپ كەتتكەندەك تۇيىلاتتى،لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى خىيال ئىچىدە بۇلىۋاتاتتى،مەيلى نىمە بولسۇن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ كىتاب ئۈقۈدۇم،كىتابخانىلاردىن كىتاب سېتىۋېلىپ ئۇقۇدۇم،ئۆزۇم پايدىسى بار دىگەنلىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئۇقۇدۇم،ئۇقۇش پۇلۇمنى مەكتەپكە كام تاپشۇرۇپ ئاشۇرۋالغان قىسىمىغا كىتاب سېتىۋېلىپ ئۇقۇدۇم،دوسلار بىلەن يىغىلىپ قالغان سۇرۇنلاردامۇ ئاغزىمدىن ئىگىلىك توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر كۆپرەك چىقاتتى،ئۈزۈمگە نىشان بەلگىلەيتىم يۇ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم، مالىيە ئىقتىساد ئۈنۋېرسىتىنىڭ مۇئەلىمى سۆزلىگەن بىر قىتىملىق لىكسىيەسىدىن كىيىنكى پائالىيىتىدە  كىتابتا ئۇچراشقىنىمدىن بەكرەك يىقىن ئارلىقتا ئاكسىيە بىلەن ئۇچراشتىم،كىچىكىمدە كۆرگەن كىنولاردا پاي چەكنى ئاجايىپ تەسۋىرلىۋىتەتتى،لىكىن مەن شىنجاڭ ئاكسىيەسىنىڭ تىجارەت زالىدا ھىساپ ئاچقاندا كىنولاردىكىدەك بۇنداق تەسۋىرنى كۆرمىدىم.ھىساپنىغۇ ئاچتىم لىكىن 2008.يىل خوڭيۇن  ئاكسىيەسىدە ھىساپ ئاچقىچىلىك ئارلىقتا بىر قېتىممۇ سودا قىلىپ  باقماپتىمەن چۈنكى مەندەك بىر سىتودىنتتا مەبلەغ سالغىدەك پۇل نىمە ئىش قىلسۇن، شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپ ئۇقۇشىنى تۇلۇق كۇرۇس بىلەن ئۇقۇشقا تاللىنىپ مەخسۇس كۇرۇس بىلەن تاماملاپ  پۇتتۇردۇم.... نىمىشقا دىسىڭىز ئۈزۈم ياختۇرغاننى ئۆگىنىپ قىزىقمىغاننى ئۆگەنمىگەندىكىن مەكتەپمۇ شۇنىڭغا ماس جازا بىرىپ قۇيىدىكەن،سىنىپ كۆچەلمىدىم،يەنە مەكتەپتىن چىكىندۈرۈش گىرداۋىغا بېرىپ قالدىم،مەكتەپنىڭ ئاخىردا بەرگەن پۇرسىتى بىلەن،فاكولتىت ئالماشتىم،بۇ فاكولتىتتا پەقەت مەخسۇس كۇرۇسنىلا تاماملىغىلى بۇلاتتى،مىنى بىر خوش قىلىپ بۇ فاكولتىتتا  پۇل مۇئامىلە كەسپى بار ئىكەن ،لىكىن مىنىڭ شۆفىنىم(ئۇقۇش نۇمۇرى) بۇ كەسىپكە يەتمەيدىكەن،خۇددى تۈنجى قېتىم ئارزۇيۇمغا پىلانسىز تۇرمۇش دەخلى قىلغىنىدەك،ما كەسىپكىمۇ ئۆگىنىپ ئېپ قويمىغان شۆفىن تاقاشتى،قانداق قىلاي ئەمدى،ئالدىمغا كەلگەن «كۆمپىيوتىر قوللىنىشچانلىقى»كەسپىنى ئۇقۇپ ئۇقۇشنى تاماملىدىم.ئۇقۇشقۇ تۈگىدى ھىلىقى ئۇستىگە چىقىپ دەسسىمەكچى بولغان پۇللار تېخى قۇلۇمدا يوق ھەم ئۆزۇم پەخىرلەنگىدەك بىر نەتىجىمۇ يوق، نىمىشقا دىسىڭىز مەن ھەقىقى تىرىشچانلىق كۆرسەتمەپتىمەن،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئاتىماپتىمەن.ھىچنىمىگە پۇشايمان قىلمىساممۇ شۇ ئالتۇن ۋاقىتلىرىمدىن ياخشى پايدىلانمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن

     شۇنداق قىلىپ مەكتەپقۇ پۇتتى،مەكتەپ پۇتتۇرۇشتىن بىر يىل بۇرۇن مائاشلىق دادام بىز بىلەن مەڭگۈلۈك   خوشلاشقان ئىدى.ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بۇرۇنقى بەڭۋاشلىقىمنى تاشلاپ مەسئۇلىيەتچان بولمىسام بولمايتى،شۇنداق قىلىپ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ئىككى ئايدىن كىيىن ساقچىخانىدا ياردەمچى ساقچى بۇلۇپ ئىشقا كىردىم،بۇ يەر پۇل تېپىش توغرىسىدا ئىش ئېلىپ بىرىلىدىغان ئۇرۇن ئەمەس ئىدى،شۇنداقتىمۇ ماڭا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، مىنى باي قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ سېتىۋالغان كىتاپلىرىمنى ۋاقىت چىقسىلا قۇلۇمغا ئېلىپ كۈرۈپ تۈردۇم،ئەلۋەتتە ساقچىخانىدىكى تۆت ئايلىق مۇنتىزىم ھەربى مەشىق مىنىڭ بۇرۇنقى كۆڭلۈمنىڭ  ئىقتىيارىغا ئەگىشىپ ئىش قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان ئەركە خارەكتىرىمدىكى بوشاڭ ئىرادەمنى خېلى چىنىقتۇرۇپ قويغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە تۆت ئايدىن كۆپرەك ئىشلىگەندىن كىيىن،بىر قېتىملىق مائاش  ماجراسى تۈپەيلى،تۆت ئايلىق مائاشقا 600سوم ئېلىپ ئاستا ئايرىلدىم ۋە بىر مەزگىلدىن كىيىن مەن بىلەن  بىرگە خىزمەتتىن يېنىپ چىققان سابىق خىزمەتتىشىمنىڭ تەكلىبى بىلەن،يەنە بىر قېتىم كۈزۈمنى ئېچىپ كىلىش ، باي بۇلۇش ئۇچۈن بايلىق چۈشۈمنى ئېلىپ بېيجىڭغا سەپەر قىلدىم،بۇيەردە تاماشانىڭ قىزىقى بولدى،تۈنجى قېتىم بېيجىڭغا كىلىشىم بولغاچ خېلى يۈرەكزادە بولدۇم،بېيجىڭدىكى تۈنجى تەسىراتىم،ئۇ يەردىكى قۇرلۇشلار ماڭا بەك چوڭ بىلىندى .شۇ چاغدا غەربى پويىز ئىستانسى،مەركىزى ھەربى كومىتىت بىناسى ماڭا  مەن كۆرگەن قۇرلۇشلار ئىچىدە ئەڭ چوڭى بىلىندى،قالغان يەرنى كۈرۈپ بولغۇچىلىق ئالدىمغا  چىققان سابىق خىزمەتتىشىمنىڭ دوستى مىنى يەنە پويىزغا سېلىپ باۋدىڭغا ئاپىرۋەتتى،بۇ يەردە ھاياتىمدىكى ئەڭ قىزىق ئىشنى كۈرۈپتىمەن،بۇ يەردە مىنىڭدەك باي بۇلۇش ئارزۇسىدا ياشاۋاتقان جۈپ كۆزلەر تازا باكەن، بۇ كۆزلەر بىلەن ئۇچۇرشىشتىن بۇرۇن سابىق خىزمەتتىشىم تۇرغان ئۆيگە كىرىپ سىرلىق بىر جايغا كىرىپ قالغاندەكلا بۇپ قالدىم،ئۆي شۈنداق كونا،ئۆي ئىچىدە كامىدىمۇ ئون نەچچە جۈپ ساپما كەش،لىكىن بۇلارنىڭ  ئىگىسى ئۆيدە يوق،يەنە كىلىپ بىر ئۆيگە ئوغۇللار كىلىش مەنئى قىلىندۇ دەپ يىزىپ قۇيۇلغان ئىدى،ھەيران بۇلۇپ سورالغان سوئاللىرىمنىڭ جاۋابى پەقەت كىيىن بىلىپ قالىسەن بىلەن ئاياقلاشتى،ئىشلا تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كەتتى.سىرىتقا تاماققا چىقتۇق،ئاندىن بازار ئايلىنىپتىمىز،كۈننى كەچ قىلىپ ئۆيگە  قايتتۇق،ئۆيگە قايتا كىرگەندە ساپماكەشلەرنىڭ ئىگىللىرى قايتىپ كەلگەن ئىدى،ئون نەچچە قۇمۇللۇق  ئويغۇر قېرىنداشلار...،تۇيۇقسىز پەيدا بۇپ قالغان ما قېرىنداشلار مىنى تېخىمۇ گاڭگىرتىۋەتتى،ھەممىسىنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى،مىنى زىرىكتۈرمەي ھەرخىل ئۇيۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ،ماڭا خيال قىلغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى،سەككىز كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان ئۆيدە ئون نەچچە ئادەم يەرگە سېلىپ قۇيۇلغان بالىلار باغچىسىدىكىدەك سۇلىياۋ كىرىشتۈرمە ماتىراس ئۇستىدە قارىت ئويناپ تاماق ۋاقتىغا ئۇلىشىپتىمىز،كەچلىك تاماقنى قۇرۇق مىفەن بىلەن لوبو سەيكەن دىمەي  ئۆزىنى خەنزۇ تىلىدا  تەرتىپلىك تۇنۇشتۇرۇشتىن كىيىن تۇيۇقسىز كىرگەن بىر قىز بالا رەھپەرنىڭ(ئۇلار شۇنداق ئاتايدىكەن) باشلاپ بىرىشى بىلەن يىيىشكە باشلىدۇق.تاماق ئارلىقىدا ئۇلار يۇمۇرنى باشلىۋەتتى،مىنى تىل قابىلىيىتىگە قايىل قىلىپ سۆزلىگەن خەنزۇچە يۇمۇرلىرىنى بىر چۈشۈنۈپ بىر چۈشەنمەي مۇرەككەپ ھىسىيات ئىچىدە زورىغا كۈلۈپ ئاڭلاپ ئولتادىم،تاماقنى يەپ بۇلۇپلا مىنى كۈتىۋالغىلى چىققان بالا ماڭا دەرس ئۇتۇپ بىرىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە مەن دىققەت قىلمىغان ئاق تەرپى كۆرسىتىلىپ تامغا چاپلانغان رەسىمگە خەت يىزىپ دەرسىنى باشلىۋەتتى،دەرس تېمىسىنى كۈرۈپ ھەيران قالدىم،«ئۈچ چوڭ سودا قانۇنىيىتى» ما گەپ مەندەك ئىقتىسادىي بىلىمگە ھىرىسمەن،پۇل تېپىش قىزغىنلىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشىۋاتقان ئوت يۇرەك ياشقا بەك  خوش ياقتى.دەرىس مەزمۇنى ماڭا بەك ياخشى بىلىندى،بۇلۇپمۇ 21.ئەسىردىكى سودا قانۇنيىتى«تاۋار-----سېتىش تورى-----ئىستىمالچى»بۇ يەردىكى سېتىش تورى مۇقىم دۇكان بولماستىن بەلكى ئادەملەر   ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تورى ئىكەن.شۈنداق قىلىپ بىر پۇل تېپىش يولى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندەك  بولدى.دەرىسنى پۇتۇن دىققىتىم بىلەن ئاڭلاپ تۇگەتتىم،بۇ چاغدا ئىككى كۈنلۈك پويىزدا تۈز ئولتۇرۇپ تارتقان يولنىڭ ھارغىنچىلىقى مىنى ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلىتىپ قۇيايلا دىگەنتى،سابىق خىزمەتتىشىمنىڭ   پۇتۇمنى يۇيىۋېلىش تەكلىۋى بىلەن، ئۇ تەييارلاپ قويغان ئىسسىق سۇغا پۇتۇمنى چىلاپ شۇنداق راھەتلەندىم،ماۋۇ   ئاداش غەيرىلا بۇپ قالدىمۇ يا چوڭ شەھەردە بەك كۈيۈمچان بۇپ كەتتىمۇ،پۇتۇمنى يۇيۇپ قويغىلى تەگدى،ما قىزىقچىلىقنى كۆرە...... يىگىتلىك غورورۇم بىر ئەركەكنىڭ ئالدىمدا يۈكىنىپ پۇتۇمنى يۇيۇپ قۇيۇشىنى كۆتەرمەيتى،قولىنى ئىتتىرۋەتتىم،قارىسام ئادەمنى خىجىل قىلىپ پايپىقىمنى يۇيۇپ قۇيۇپتۇ تېخى،ھەي توۋا..
        ئاباي دەرىس ئاڭلىغان ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە ئەقلىمنى لال قىلىپ كەلگەندىن بۇيان سەككىز كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆينىڭ ھىچقانداق  يىرىدە كۈرۈنمىگەن يوتقاننىڭ ئىچىدە تۇققۇز بالا باشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تىخما تىخما بۇلۇپ ياتاتتى،ھەر ھالدا ماڭىمۇ بىر ئۇرۇن بار ئىكەن،مەنمۇ ياتتىم ،ئويدىكىلەر بىر بىرلەپ   «بىر مىلىيۇن» پۇلى بولسا قانداق خەجلەيدىغىنىنى ئېيتىپ گۈزەل ئارزۇلىرىنى دىيىشكە باشلىدى،  بەزىللىرىنىڭ ئىسىل ماشىنا،بەزىللىرىنىڭ گۈزەل نازنىن،بەزىللىرىنىڭ .... ئىشقىلىپ ھەممىسىگە پۇل كىتىدىغان ئىشلا ئىكەن.مەندىمۇ ئۇلاردىن قېلىشمىغىدەك ئارزۇلار بار ئىدى،مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ھەركەتلەندۈرۈش كۈچى بولغان شىركەت قۇرۇش ئارزۇيۇمنى ئوتتۇرغا تاشلىدىم،مىنىڭ بۇ ئارزۇيۇم مىللى كارخانىچىلىقىمىزنىڭ  يول باشچىسى ھەممىمىز بىلىدىغان رادىل ئابلا ئەپەندىدىن كەلگەن ئىدى،شۇ گۈزەل ئارزۇلار ئىچىدە ئاستا   ئۇيقىغا كىتىپتىمەن.
     ئەتىسى ئەتىگەندە كۈزۈمنى ئېچىپ قارىسام ھىلىقى بالىلار يوتقان بىلەن بىرگە ئاللا  قايانغا غايىپ بۇپ كەتكەن ئىدى،سورىغان سۇئالىم يەنە شۇ «بىلىپ قالىسەن» بىلەن ئاياقلاشتى،ئەتىگەنلىك ناشتىنى خۇيزۇ ئاشخانىسىدا قىلىپ بۇلۇپ،ئىشقا چۈشۈش ئۈچۈن كونا بىر بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەلدۇق،بىر ئۆيدىن ناخشا ئاۋازى چىقىۋاتاتتى،شۇ ئۆيگە كىرىپ قالمىسام بۇلاتتى دىگەنسىرى دەل شۇ ئۆيگە كىردۇق،ئوي ئىچىدە لىق ئادەم،كامىدىمۇ ئەللىكتىن ئاشاتتى،ئىتتىرىپ ئېلىپ مېڭىپ يۇرۇپ ئەڭ ئالدىدىكى بىر  قاتاردىن ئۇرۇن ئالدىم،مىنىڭ ئالدىمغا ئالغىلى چىققان بالا ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆزىنى خەنزۇچە تۇنۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ناخشىدىن بىرنى ئېتىۋەتتى،ئارقىدىنلا يېڭى كەلگەن دوستىمىزنى قارشى ئالايلى دەپ مىنى كۆرسەتتى،ما ئىشنى...مەن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كىتەي دەپ ئوتتۇرغا چىقتىم،كىرگەندە تازا دىققەت قىلالماپتىكەنمەن،ئوي ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى خەنزۇ يولداشلار ئىكەن،يەنە مەن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن ئويغۇر بالىلارمۇ بار ئىكەن،ئاساسەن ياشلا بولۇپ ،مەن ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن  ماڭا ئالقىش دىگەننى ياغدۇرۋەتتى،مەن تۈنجى قېتىم مەن ئۈچۈن چېلىنغان چاۋاقلارنىڭ مانداق ئادامنى چۈچىتىۋەتكىدەك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم،بىر نىمىلەنى قىلىپ ئۆزۇمنى خەنزۇچە بۇلۇش بۇلموشىغا تۇنۇشتۇرۇپ ، قورۇنۇپ يۇرۇپ ناخشىدىن بىرنى ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئېيتىپ بىرىپ جايىمغا كىلىۋالدىم،ئۇزۇن ئۆتمەي   رىياسەتچىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ئۆيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان «ئالى بىۋاستە مال سېتىش خادىمى»بىزگە غەلبە قازىنىش جەريانىنى ئورتاقلىشىپ بەردى،مەن بۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن ئانچە مۇنچە ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم،بۇ يىگىىتنىڭ ئورتاقلىشىشىدىن كىيىن رىياسەتچىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بۇيىچە دىرىكتۇر دەرىجىسىگە  يەتكەن ئايلىق كىرىمى 40000يۇەندىن ئاشىدىغان بىر خەنزۇ قىزچاق غەلبە قىلىش تارىخىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلىندى،بۇ چاغدا كىچىك زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چۇقان سۆرەن سېلىشقا باشلىدى،توۋلاشلا...قول زەخمىلەنگىدەك چاۋاق چېلىشلا...يۇرىكىمنى تىتىرتىۋەتتى.بۇ دىرىكتۇر قىزچاق گەپكە ئۇستىكەن.
        شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك پائالىيەت ئاياقلىشىپ چۈشتىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى سابىق خىزمەتتىشىم ۋە دوستى بىلەن بىرگە بازار ئايلانغىلى تەگدۇق،ئۇلار مىنى موتوسىكىلىت ساتىدىغان يەرگە ئاپىرىپغاندىن كىيىن يەنە بىر دوستىمىز 420مىڭ يۇەنلىك موتوسىكىلىتنى ماڭا كۆرسىتىپ، پۇل تاپقاندىن كىيىن بۇ موتوسىكىلىتنى ئېلىپ كەلگۈسىدە سالماقچى بولغان داچىسىنىڭ ئالدىدىكى فونتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئورنىتىپ قۇيىدىغىنىنى ئېيىتتى،ماڭا بەك كۈلكىلىك بىلىندى،چۈنكى مەن تېخى پۇل تاپمىغان بىلەن،شۇچاغدا ئاللا قاچان شەكىللىنىپ بولغان تەپەككۈر شەكلىم بىلەن ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلمايتىم،بەلكى پۇلنىڭ 10%تىنى كاللامغا،40%تىنى مۇقىم مۈلۈككە،20%تىنى  باشقا ئوبۇروتچانلىققا ئىگە سودا تۈرلىرىگە سالاتتىم،10%تىدىن پايدىلىنىپ شىركەت ئاچاتتىم،قالغان  20% تىنى زاپاس پۇل قىلىپ ئېلىپ قۇياتتىم.
       چۈنكى      مىنىڭ شۇ چاغداكاللامدا ئاللا قاچان كىرىم چۇقۇم چىقىمدىن چوڭ بۇلۇش كېرەك،چۇقۇم كىرىم ئەپ كىلەلەيدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك دەيدىغان ئۇقۇم شەكىللىنىپ بولغان ئىدى.شۈنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى بۇيىچە بىر كۈنلۈك خىزمەتنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق،قوساقنى يەنە تۇنۈگۈنكى ئۇسۇل بۇيىچە توقلىۋالغاندىن كىيىن يەنە دەرىسنى باشلىۋەتتۇق،مەن دەرس ئاڭلاۋاتىمەن ئارقىمدىكى بالىلار دولامنى تۇتۇپ قۇيىۋاتىدۇ،دەرس يەنە تۆنۈگۈنكى  دەرس،قىزىق كۈندە مۇشنى سوزلەۋىرەمدۇ؟سوئالىم يەنە بىلىپ قالىسەن بىلەن ئاياقلاشتى،بۇقېتىم ئۇلار سۆزلىگەن مەھسۇلاتىنىڭ ئىستىمالچىنىڭ قۇلىغا يىتىپ كەلگىچە بولغان ئارلىقتىكى ھالقىلارنى قىسقارتىپ، مەھسۇلاتنى بىۋاستە ئىستىمالچىنىڭ قۇلىغا يەتكۈزگۈچى بولغان نامەلۇم«ئېكىس» يەنى بىۋاستە مال ساتقۇچى قىسىمىنىڭ «بازاردىكى ھەسسىلىنىش قانۇنىيىتى----ئېغىزدىن ئېغىزغا ئورتاقلىشىش -----مۇناسىۋەت تورى»دىگەن يەرلىرىدىكى نامەلۇم «ئېكىس» تۇنۈگۈندىن بىرى دىقىتىمنى تارتىپ كەلگەن ئىدى،ئۇلار ئۆتكەن بۇ دەرىسنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنچى سودا قانۇنىيىتى يەنى بىۋاستە سېتىش سودا شەكلىنى مەن بۇرۇن  كىتاپلاردىن ئۇقۇغان،چۈشەنچەممۇ بار ھەم ئىزچىل بىۋاستە مال سېتىشنى ياخشى بىر مەكتەپ دەپ قارايمەن،ئەلۋەتتە سىزنىڭ تۈنۈشتۇرغۇچىڭىز باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خالايدىغان ئادەم بولسىلا،بۇ سودا شەكلى ئىچىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزدا گەپ يوق،ئەسلى گەپكە كەلسەك مىنى ئويلاندۇرۇپ قويغان نامەلۇم«ئېكىس»مەندەك بىر ئىزدىنىشچان خارەكتىردىكى بالىنى ئويلاندۇرۇپلا قويغان ئىدى،سورىغان سوئالىم يەنە بىلىپ قالىسەن بىلەن ئاياقلاشقان ئىدى،ئۈچىنچى كۈنىمۇ ئاتالمىش خىزمەتنى ئاياقلاشتۇرۇپ يەنە شۇ دەرسنى سوزلىگەندىن كىيىن مەن تۇيۇقسىز ئەڭ ئاخىرقى ئىستىمالچىنىڭ دەل مەن ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىپ قالدىم،مەن ئۇلار ئېتقان مالنى سېتىۋالغاندىن كىيىنلا،ئاندىن پۇل تېپىش شەرىپىگە يەنى ئۈزۈمگە ئوخشاش مالدىن ئىككىنى تاپساملا،يېتىپ يۇرۇپ پۇل تاپىدىغان شەرەپكە ئىرىشىدىكەنمەن،يەنى نامەلۇم «ئېكىس»قا ئۆزگىرەلەيدىكەنمەن،ما ئىشنى كۆرە بۇ يەرگە پۇل تاپىمەن دەپ كىلىپ ئىستىمالچىغا ئايلىنىپ قالغىنىم نىمىسى،ماڭا سابىق خىزمەتتىشىمنىڭ قىلغان بۇ چاقچىقى ئېغىر كەلدى،قانداق قىلىش كېرەك،يۇرتتىن پۇل  تاپىمەن دەپ چىقىپ ئەمدى يۇزۇمنى داپتەك قىلىپ قايتىپ كەتكىلى بولمىسا ھەم ئۇلارنىڭ مىنى بەگدەك   كۈتۈپ مۇلازىمەت قىلىشى مىنىڭ ئاخىرقى ئىستىمالچى بولغىنىم ئۈچۈنكەن.زادى نىمىگە ئۇچقاپ قالغىنىمنى  بىلىش ئۇچۈن تورخانىغا كىرىپ ئىزدىنىپ باقتىم،ئۇلار ئېتقان بىۋاستە مال سېتىشنى مەن كىتاپلاردىن ياخشى سودا ئەندىزى دەپ چۈشەنگەن،بۇنداق ئالدامچىلىق ۋاستىسى قوللىنىشى زادى نىمە ئۇچۇن؟
     توردىن ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلار دەۋاتقان بىۋاستە مال سېتىشنىڭ كۆپ قاتلاملىق بىۋاستە مال سېتىش يەنى شاقلىتىپ سېتىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم،ھازىر دۆۋلىتىمىزدە قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقان،بىۋاستە مال سېتىش سودىسى بىلەن شۈغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بار شىركەتلەرنىڭ بولسا تاق قاتلاملىق بىۋاستە مال سېتىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم،شۈنداق قىلىپ ئارقىدا يەنە نىمە ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مالنى ئېلىپ تورغا ئۇلاندىم،لىكىن ئاستىمدىن سېتىش تورى ئۇزارتمىدىم،چۈنكى ئويلىغىنىم ئامال قىلىپ بۇ ياقتىن باشقا قانۇنلۇق سودا پۇرسىتى تېپىپ باي بۇلۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى،شۇنداق قىلىپ بۇ يەرگە  يېڭى يېڭى ئىستىمالچىلار ئۇلار ئاڭلىغان چوڭ شەھەردە ئىشلەش پۇرسىتى ئۈچۈن كىلىۋەردى ئادەم سانى قىسقىغىنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا مەن كەلگەن ۋاقىتتىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى،ئادەم كۆپ بولغاچ بىر بۈلۈك تور باشقا شەھەرگە كۆچتى، باۋدىڭدا بىر ئويغۇر ئاشخانىسىدىكى بىر نەچچە ئويغۇرلار ۋە  كوچىدا ئاندا ساندا ئۇچقاپ قالىدىغان يۇرتىمىزنىڭ يۈزىنى تۇكۇپ يۇرىدىغان سەرگەندان بالىلاردىن باشقا  كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلارنى ئۇچقاتقىلى بولمايتى،لىكىن ما ئاتالمىش يېڭىچە سودا قانۇنىيىتى يامانكەن بۇ  شەھەرگە يۇزگە يېقىن ئۇيغۇرنى قىسقاغىنە ۋاقىت ئىچىدە تۈكىۋەتتى،ئۇچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتنى ئېيىغا 250يۇەن ئەتراپىدا چىقىم بىلەن قامداپ،كۈندە قۇرۇق مىفەن بىلەن لوبو سەي يەپ ئاتالمىش خىزمەتنى ئىشلەپ ئۆتكۈزۈپتىمەن،2008.يىل دۆۋلىتىمىز ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۇستىگە ئالغاچقا بېيجىڭغا يۇز نەچچە  كىلومىتىر كىلىدىغان بۇ شەھەردە ئامانلىق خېلى كۈچەيتىلگەن ئىدى،ساقچىلار پات پات تەكشۈرەتتى ۋە تۆتىنچى ئايلارنىڭ ئاخىرى چىرايلىق نەسىھەت قىلپ يۇرتىمىزغا قايتىشنى،ھەممىزنىڭ ئاساسەن ئالى مائارىپ تەربىيەسى ئالغىنىمىزنى چۈقۇم ياخشى خىزمەت تاپالايدىغىنىمىزنى ئېيتىپ قوللىرىمىزغا پويىز بېلىتى ئېلىپ بىرىپ يۇرتىمىزغا يولغا سەپ قويدى.
       شۇنداق قىلىپ يا پۇل يوق ھەم ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي ئاجىزلاپ كەتكەن ھالدا بايلىق چۈشۈمنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ئويگە قايتىشقا يۇز چىدىمىغاندىكىن قايتىشقا بولمىسا،مۇشۇ يەردە يەنە باي بۇلۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدۇم، ۋە بىرگە قايتىپ كەلگەن ماڭا ئوخشاش ئۆيگە قايتىشقا يۈزى چىدىمايۋاتقان سابىق خىزمەتتاشلىرىم بىلەن چىقىپ خىزمەت ئىزدىدۇق،بۇ يەردە كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ خېلى بولدى چۈنكى مەن چاقچاق كۆتەرگەن بىلەن  بەزى باللارغا چاقچاق ئېغىر كىتىپتۇ،ئالماقنىڭ بەرمىكى بار دەپ ئالدانغىنىنى بىلگەن نۇرغۇن بالىلار ئۆزىگە چاقچاق قىلغانلارغا بەدەل تۆلەشنى ئېيتىۋاتاتتى،مەنپەت تورى بولغانكىن بەدەل تۆلەش تورىمۇ بۇلىدىكەن،  كىم كىمنى ئىزدەيدۇ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچىرغانلار.......؟،بولدى بۇ گەپنى مۇشۇ يەردە تۈگىتەي،شۇنداق قىلىپ مۇقىم خىزمەت تاپالمىساقمۇ ئانچە مۇنچە پارچە پۇرات ئىشلارنى تېپىپ قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈردۇق،لىكىن بۇنداق بۇلىۋەرسە بولمايتى،چۈنكى بىزنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئۇرۇمچى دىگەن پۇلى   بارغا ئۈرۈمچى،پۇلى يوققا ئۈلۈمچى دەپ چاقچاق قىتېپ قۇياتتۇق،ئەلۋەتتە ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى    تۆت،بىزنىڭ بۇماكاندا ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆپ،ھەم ئىشچان، تىرىشچان.لىكىن مەن باشقىلاردەك تىرىشمىغان ئوخشايمەن،كۈنلۈكچى بۇلۇپ ئىشلەپ ئاخىردا ئاران يەنە شۇ بايلىق چۈشۈمنى ئېلىپ يۇرتۇمغا ئاران ئۇلىشىۋالدىم...

     شۇنداق قىلىپ يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بېكار يۈرۈشكە بولمايتى،بۇيەردە قانۇنلۇق بىۋاستە مال سېتىش شىركىتىدە ئىتىبار باھالىق ئەزا كارتىسى بىجىرگەندىن كىيىن،دۇكانسىز سودامنى باشلاپ كەتتىم،  ئۆزۈم ئۇزۇقلۇقلىرىنى ئىستىمال قىلدىم،چۈنكى مەندە ئېغىر ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كۈرۈلگەن ئىدى، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشىكەن،ماڭا راۋۇرۇس مەنپەت قىلدى،شۇڭا ئىشەنچىلىك ھالدا     باشقىلارغا تەۋىسىيە قىلدىم،ئالدىدا دوسلىرىم ،يېقىنلىرىم،ئۇرۇق تۇققانلىرىمدىن باشلىدىم،قول ئىلكىدە بارلىرى ئانچە مۇنچە ئېلىپ مىنى قوللاپ بەردى،ھازىرقى ئايالىم،شۇ چاغدىكى قىز دوستۇمنىڭ ياردىمىدە ،باشقىلارغا نىسپەتەن بۇلۇپمۇ كىچىك ئاغىرغاندا دوختۇرنى ئىزدەشكە كۈنۈپ كەتكەن كىشىلەرگە خېلى قىممەت بىلىنىدىغان بۇ ماللارنى شىركەت تەلىپى بۇيىچە قىرىق نەچچە مىڭ يۇەنلىك سېتىپ بىۋاستە مال ساتقۇچى دەپ ئاتالدىم،ئەمىلىيەتتە بۇ سودىدا شىركەت مىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتىبارلىق خېرىدار دەپ ئاتايتى ۋە   ئۆزۈمنىڭ ئىستىمالى ۋە باشقا مەن تەۋىسىيە قىلىىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئىستىمال توپىنىڭ ئۇمۇمى ئىستىمال مىقتارىغا ئاساسەن شىركەتتىن قايتۇرۇلغان ئىستىمال مۇكاپاتىغا ئىرىشەتتەم،ھەر ھالدا بۇ شاقلىتىپ سېتىش ئەمەس ئىدى،چۈنكى بۇيەردە دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلار بۇلۇپ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى،شىركەتنىڭمۇ بىۋاستە مال سېتىش ئىجازەتنامىسى بار بۇلۇپ،تىلۋىزىيە ئېلانلىرى بار ئىدى،ۋە بىۋاستە مال سېتىش شىركەتتىلىرى ئىچىدە دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىككىنچى ئۇرۇندا ئىدى،شۇڭا بۇيەردە يالغانچىلىق قىلىپ باشقىلارنى ئالداپ يىراقتىن چاقىرتىپ ئەپ كىلىش يوق ئىدى،پەقەت قەرەللىك ھالدا ساغلاملىق لىكسىيەلىرى ئۇيۇشتۇرلۇپ تۇراتتى،بۇرۇن ئىشلىتىپ مەھسۇلاتلارنى ئىتىراپ قىلغانلىرىمىز كىيىنكى  ئىستىمالچىلارغا مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىكىنى سوزلەپ چۈشەندۈرەتتۇق ۋە بۇنىڭ بىر ئىشتىن سىرىت ھەپىلىشىپ قويغاندا، ھەم ساغلاملىقتىن ئۇتىدىغان ھەم بارا بارا ئاز تولا كىرىم يارىتالايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتۇق،ئىش قىلىپ بۇ ماڭا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر مەكتەپ بولدى چۈنكى مەن بۇ   يەردە دىپلوم ئالمىغان بىلەن خېلى كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىۋالغان ئىدىم،ئاز تولا كىرىممۇ بولدى،لىكىن مەن  بۇنىڭغا قانائەت قىلمايتىم،چۈنكى مىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت ياراتقۇم بار ئىدى،شۇڭا مەن باشقا بىر شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىپ،يۇرتتا تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدىم.
       ئەمما يېڭى مەسىلىلەر   تۇغۇلدى،چۈنكى مەن بۇ شىركەتنى ئىنتىرنىت تورىدىن كۈرۈپ ئانچە كۆپ چۈشىنىپ كەتمەيلە توختام  ئىمزالىغان ئىدىم،شۇ چاغدا مەن شىركەت قۇرۇپتۇ دىسىلا،قۇرغۇچىلارنى ھورمەتلەيتىم ۋە ئىشىنەتتىم،بۇ شىركەتنىڭمۇ قۇرغۇچىسىنى ھۆرمەتلىدىم ،ئىشەندىم ،چۈنكى بۇ شىركەتنى  قۇرغان ئويغۇر يىگىت ماڭا خىلى  ياخشى سوزلەرنى قىلىپ ياراتقۇچىنى يات ئىتىپ سۆزلىگەن ئىدى،بىراق بۇ يىگىت ئاخىردا گىپىدە تۇرالماسلىقنى باشلىۋەتتى،ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئون مىڭ يۇەن،يەنى كىلىپ قۇلىدا مال يوق، ئويغۇرچە سودا تور بىتىدىكى ماللار پەقەت تاۋباۋدىكى ماللارنىڭ ئۇلانمىسى،ھىچقانداق مۇلازىمەت ئەندىزى  يوق،بۇ شىركەت پەقەت ئارلىقتىكى ئۇچۇر تۇنۇشتۇرغۇچى خالاس،شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ ياقتىكى مالنى ئىگىسىگە بىۋاستە تاپشۇرىۋاتقان ماڭا نىسپەتەن مەسىلىلەر دۆۋلىنىپ كىلىشكە باشلىدى،چۈنكى باھاسىنى ئەرزان دەپ ئۆز سودا تور بىتىگە تۇنۇشتۇرۇپ قويغان بۇ ماللار ھەقىقەتەن بەك سۈپەتسىز ئىدى،مەن بولسام  بۇ ياقتا يا  ئىناۋىتىمنى تۈكۈش يا سۈپەتسىز ماللارنى پۇلىنى تۆلەپ قايتۇرىۋېلىش بىلەن ئاۋارە،مەن ئۈزۈممۇ تۇتۇپ باقماي ئۇلارمۇ كۈرۈپ باقماي پۇل خەجلىگەنلەرگە ئەۋەتىپ بىرىۋاتقان بۇ مالدىن مىنىڭ ئالىدىغان پايداممۇ مىنىڭ ۋاكالەتچىلىك تەۋەلىكىمدىكى سېتىش مىقتارىغا قارىتا ماڭا مۇكاپات شەكلىدە ئەۋەتىلەتتى، دۇكانغا ئەۋىتىلگەن مەھسۇلاتلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بۇيىچە ئۆز ماركىسىدا ئىشلەپ چىقارغان  مەھسۇلاتلار بولماستىن ئوخشاش كەسىپتىكىلەردىن ۋاستىلىك ئېلىنىپ،سېتىش ھالقىسىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىلگەن باھاسى يۇقىرى،بۇ ياقتا قىلچىلىكمۇ رىقابەت ئەۋزەللىكى بولمىغان ماللار ئىدى،بۇنداق بولسا بۇ سودىدا مىنىڭ موللاق ئېتىشىم ئېنىق،مەن مىڭ جاپادا قەرىز ئېلىپ يۇرۇپ دۇكان ئىجارىسىگىلا مەبلەغنىڭ 60%تىنى ئىشلىتىپ، قالغىنىنى ۋاكالەتچىلىك ھەققى ۋە ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ مائاشىغا خەجلەپ، قۇلۇمدا تۇزۇك ئوبىروت مەبلەغنىڭ يوقىدا ئېلىپ بىرىۋاتقان بۇ سودىدا ئارقامغا يانسام بولمايتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت بىلەن ئۆزۈمنىڭ سودا تەسەۋۇرۇم توغرىسىدا پىكىرلەشتىم،چۈنكى مەن 2010.يىلدىن باشلاپلا تور سودىسىنى ئاپتۇنۇم رايۇنىىمىز ئىچىدە ئېلىپ بىرىشقا بۇلىدىكەن دىگەن قاراشقا كەپ بولغان ئىدىم،مەن بۇ يىگىتكە ئۇنىڭ قۇلىدىكى يۇشۇرۇن بايلىقتىن پايدىلىنىپ داۋاملىق ۋاكالەتچى كۆپەيتىش،ھەربىر ۋاكالەتچىلىك نوقتىسىنى بىر كۆرگەزمە نۇقتىسى قاتارىدا ئىشلىتىش ۋە مال سىناش ئورنى قىلىش ھەم مال پۇلىنى مۇشۇ      ئۇرۇندا تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى تور بىكەت قىلىش بىلەن بىرگە شۇ ۋاكالەتچىلىك نوقتىسى ئاساسى رول ئېلىش ،ماللارنىڭ سۈپەتلىكىنى،باھاسى مۇۋاپىقلىرىنى تاللاپ چىقىپ سودا تور بىكىتىگە قۇيۇش،مۇشۇ ئارقىلىق مۇئامىلىدارنى جەلىپ قىلغاندىن كىيىن،يۇرتلار ئارا ئۈزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى،ۋاكالەتچىلىك تورىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئارا يەتكۈزۈش،ئاخىردا شىركەت ئېلان تەشۋىقات،ۋە ماللىرىنى تور سودا سۇپىسىغا قويغۇچىلاردىن ئىرىشىدىغان مۇلازىمەت ھەققىدىن كىرىم مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،  ۋاكالەتچىلەر بولسا سىتىش مىقتار مۇكاپاتى،مال باھا پەرقى،ۋە خالىغانلار شىركەتكە پاي قۇشۇپ شىركەت پايدىسىدىن تەڭ مەنپەتلىنىش، دىگەندەك تەسەۋۇرۇمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.
        يىگىت قىزىقتى ۋە شۇ بۇيىچە ئىش تۇتۇشقا قارار قىلغانلىقىنى ئېيىتتى،دىگەندەك ۋاكالەتچى كۆپەيتىشكە كىرىشتى ۋە ۋاكالەتچىلەرنى تەربىلەشنى باشلىۋەتتى،پىلانغۇ زور لىكىن ئويلىماپتىمەن،ۋاكالەتچىلەرنى بۇلىشىغا يىغىپ ئاخىرىدا،يىگىتكە نىم بولدى بۇ پىلان باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتتى،يىغىلغان ۋاكالەتچىلىك ھەققى بىلەن قەرىز قايتۇرۇپتۇمىش، شىركەتنى ماڭغۇزۇشقا قۇلىدا مەبلەغ قالماپتۇمىش،يەنە ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە كونا يولدا مىڭىشنى باشلىۋەتتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا پىلان مەغلۇپ بولدى،مەن بۇ يىگىتتىن ئۈمىتسىزلەندىم،ئۈزۈم بۇ پىلاننى    ئىجرا قىلماقچى بولدۇم،ۋە ھاياتىمدىكى بىرىنچى شىركىتىمنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندىم،شىركەتنى پۇل تىجەش ئۇچۇن تىزىملاتقان مەبلەغ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلش ئىشىنى بوغالتىرلىق مۇلازىمەت شىركىتىگە      قىلدۇرغاندىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۈزۈم قىلىدىم،بۇ جەرياندا شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ خېلى پىشىپ قاپتىمەن،شۇنداق قىلىپ يەنە قەرىز ئېلىپ شىركەتنى قۇرۇپ چىقتىم،گەدەنگىچىلىك قەرىز بۇپتىمەن،شۇڭا قاتتىق تىرىشمىسام بولمايتى ،بولمىسا ئىشىم چاتاق....شۇنداق قىلىپ شىركەتنى قۇرۇپ چىقتىم،ئەمدى بۇ شىركەتنى قانداق ماڭدۇرۇپ نىشانىمغا يىتىمەن،بۇ چاغدا مەن چۇقۇم شىركەتنى پايدا ياراتقۇزمىسام بولمايتى،لىكىن ھازىر ئويلىسام ئىشلارنى بەك قالايمىقان پىلانلاپتىمەن...لىكىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن .  شۇنداق قىلىپ شىركەتنىڭ ئاساسىي تىجارەت نىشانىنى ھۇكۇمەت سېتىۋىلىشقا قاراتتىم،لىكىن بۇنىڭدا قۇلۇمدىكى مەبلەغ ئازلىق قىلاتتى،چۈنكى ھۇكۇمەت سېتىۋېلىشىدا مىقتار كۆپ بولغان بىلەن مەبلەغنىڭ ئوبۇرۇتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتى،مۇنداقچە ئېيتقاندا نىسى ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچ ،قۇلىمىزدىكى  ئازغىنا مەبلەغ ئۈكسۈپ قالاتتى،شۇڭا روزىغارلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتىم،مەقسىتىم شىركەتنىىڭ زورىيىشىنى    ئىلگىرى سۇرۇش ئۈچۈن ئىدى،تۇنجى قېتىم پاي بازىرىغا كىردىم،ئازراق زىيان تارتىۋالدىم،خەلىقئارا پېرۋوت بازىرىغا كىردىم پاي بازىرىدا تارتقان زىياننى ئۇچ ھەسىلەپ قايتۇرۋالدىم،ۋاھ ما ئىشنى مەن خېلى ئىشەنچىمنى تېپىۋالغاندەك بۇلۇپ،داۋاملىق بۇ بازاردىن ئاساسەن پايدا ئېلىپ ئاز تولا مەبلەغ جۇغلىۋالدىم.  
        چۈنكى ئۇقۇغان كىتاپلىرىم ماڭا ئەس قېتىپ قالغان ئىدى،شۇنداق قىلىپ سودام خېلى يامان ئەمەس يۈرگىلى تەگدى،ئەمدى ئاساسى مەقسەتنى شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا قاراتمىسام بولمايتى،شۇڭا ئۈزۈم نەچچە پېرۋوت سودا سۇپىسى ئارىسىدىن تاللاپ يۇرۇپ نوختا قويغان مەلۇم سۇپىنى مەبلەغ سېلىش ۋاستىچىم قىلىپ تاللىدىم،چاڭشادىكى مەلۇم مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى مىنىڭ بىۋاستە سېتىش سودا  ئىشلىرىمدىكى ھەمكارلاشقۇچۇمنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەن،بۇياق ئۇ ساۋاقدېشىنىڭ ياخشى تەرپىنى،ئادىمىلىكىنى تەرىپلەپ بەرگەچكە،ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇن ئالاقىسى قىلىپ دەسلەپكى چۈشەنىچ ھاسىل قىلدىم،ۋە ئۇنىڭ شىركىتىگە ئازغىنە مەبلەغنى كۆپەيتىش ئۇچۇن ھاۋالىگە تاپشۇردۇم،دەسلەپ ئايلىق پايدا نىسپىتىمىز 30% ئەتىراپىدا بولدى،كىيىن تاپقان پۇلنىڭ مودى شىركىتىنىڭ ئامىركىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى چۈشۈرۋېتىشى بىلەن بىر كېچىدىلا يوقىغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۋالدىم،راس ھىساۋاتىمدىكى سودا ئارخىپىدا شۇنداق  كۈرۈلۈپ تۇرۇپتۇ،ما زەربە ماڭا سەل ئېغىر كەپ قالدى يەتمىش نەچچە مىڭ سوم پۇل مۇشتاقلا يوق بولدىما...كاللامدىن ئۆتمىدى .شىركەت بىلەن تۈزۈشكەن توختامىمىز بۇيىچە 40%تۆلەمگە ئىرىشتىم،چۈنكى پايدىغىمۇ 30%  بۇيىچە شىرىك بولغانكىن تۆلەم بەردى،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار مىنىڭ ئىشەنچىمگە ئىرىشتى،تۆلەمدىن ئىرىشكەن يىگىرمە نەچچە مىڭ يۇەن پۇلغا يەنە يۈز مىڭ يۇەن قۇشۇپ بۇ بازارغا يەنە كىردۇق،ئاساسى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى خەلىقارالىق ئالتۇن تۈرىگە قاراتتۇق(لوندون ئالتۇنىغا)،چۈنكى شۇ چاغدا ئالتۇن باھاسى ھە دەپ ئۇسىۋاتاتتى،ئويلىمىغان يەردىن بۇدا مال مىقتارىنى توغرا كۆنتىرول قىلالمىغاچ كاپالەت سوممىمىز بازارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ تەۋرىنىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەي قۇلىمىزدىكى مال مەجبۇرى  ساتقۇزىۋىتىلدى،ۋە بۇ دەسمىدىنمۇ ئايرىلدىم،قانداق قىلىش كېرەك،يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ دەپ،يەنە مەبلەغ جۇغلاپ زىياننى ئىزلىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ يەڭنى تۈردۈم ۋە ئىككى يۈز ئەللەك مىڭ يۇەن پۇلنى بازارغا ئەپ كىردىم ،بۇدا مەبلەغنى ئۈزەم بىۋاستە باشقۇردۇم،سەكسەن مىڭ يۇەن ئەتىراپىدا ئىزلىغاندىن كىيىن بازاردىن چىكىنىش خىيالىغا كەلدىم ۋە ۋاستىچى سۇپا بىلەن ئالاقىلاشتىم،ئۇلار پۇلنى چىقىرۋالىدىغىنىمنى ئاڭلاپلا بانا سەۋەپ دىگەننى تۆكىۋەتتى،يۈرىكىم سەل ئېغىپ تۇراتتى،ۋاكالەتچى بولغان چاڭشادىكى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتىم،ھىلىقى مىنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش دىرىكتۇرۇم مىنى ھازىر پۇرسەتنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىگە ئەگەر مۇشۇ قېتىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسام بۇ پۇلنىڭ ئۇچ ھەسسە ئەتىراپىدا كۆپىيدىغانلىقى توغرىسىدا،ئوزىنىڭ خۇسۇسى ھىساۋاتىدىكى بىر ئايلىق سودا ئارخپىنى ئەۋەتتىپ ماڭا خىزمەت ئىشلىدى،مەن ئۇنىڭ بىر ئايلىق پايدىسىنىڭ 600مىڭ يۇەندىن ئاشقانلىقىنى كۈرۈپ چەكچىيىپ كەتتىم،مانا بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم دەرس،مەن ئۇنىڭغا ھىساۋاتىمنى باشقۇرۇشقا بەردىم،ئۇ يەنە ئوتتۇز مىڭ يۇەن تېپىپ سەپلەپ قويدى،كۆڭلۈم ئازراق ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى.مەن ئەمدى ئۇنىڭغا پۇلنى چىقىرۋالىدىغىنىمنى ئېيتىپ بارلىق سودىنى توختىشىش تەلىپىنى قويدۇم.
     ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى،ئۇ بىر ئاخشامدىلا ئەڭ چوڭ مىقتاردا سودا ئېلىپ بېرىپ ،قالايمىقان ئېلىپ سېتىپ ھىساۋاتىمدىكى پۇلنى 60مىڭ يۇەن قۇيۇپ قۇيۇپتۇ،ئىشەنمەيلا قالدىم،ئۇنى قەتتى ئەرىز قىلىش نىيتىگە كەلدىم،قالغان پۇل ئۇخمايلا قالدىم ئاپتۇماتىك بانكا ھىساۋاتىمغا كىرىپتۇ،ئوغىرى بولساڭ ئىنساپلىق بول دىگەن مانا،ھەم ئۇنىڭ تېلفۇنى ئىتىلدى يېنىپ ئالاقىلىشالمىدىم،بېيجىڭدىكى ساۋاغدىشىدىن ئىز دىرىكىنى قىلدىم،جاۋابى بولمىدى،شىركىتىنى توردىن ئاختۇردۇم،ئاخىردا بۇ شىركەتنىڭ تاشقى پىرۋوت 110تورى تەرپىدىن ئالدامچى سۇپا دەپ بىكىتكىنىنى بىلدىم،ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا دەپ ئەمدى  ئەلەكموللا دىيىشتىن باشقا ئامال قالمىدى،شۇنداق قىلىپ گەدەنگىچىلىك قەرىزگە بوغۇلدۇم،شىركەتنى ماڭدۇرۇشقا كىتىدىغان ئوبىروت مەبلەغتىنمۇ ئايرىلدىم.ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم دەرس مەڭگۇ ئىسىمدىن چىقمايدىغان ئاچچىق ساۋىقىم بۇلدى،لىكىن مەن بۇلارنىڭ ھىچقايسىغا پۇشايمان قىلمايمەن،پەقەت ۋاقتىمدىن ياخشى پايدىلىنالمىغىنىمغا پۇشايمەن قىلىمەن.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئۆزۈممۇ روھى جەھەتتىن تۈگىشىپ كەتتىم،شىركەتنى داۋاملىق ماڭدۇرۇشقا كۈچىنىپ باقتىم،مۇھىمى مەندە جۈرئەت قالمىغان ئىدى،ئاخىرى شىركەتنى بىر دوستومغا ئۈتۈنۈپ بەردىم،ئۆزۇم نەچچە ئاي ئەتراپىدا ئۆيدىن سىرىتقا چىقماي بىكىنىپ يۈردۈم،كۈنلەر بۇنداق ئۈتىۋەرسە بولمايتى،ئاخىرى سىرىتقا چىقىپ خىزمەت ئىزدىدىم، ئۈزۈم تەربىيلىنىش پۇرسىتى بار،كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىمەن دىگەن شىركەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىردىم، چۈنكى مەن ئۈزۈمنىڭ ئېھتىياجىنىلا ئويلۇشۇپ شىركەتنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھۈكۈمەت كەسپى ئۇرۇنلىرىغا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتتۈم،نىمىشقىدۇ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر يىرىدىن بىر چاقىرىق مىنى يەنە ئىگىلىك تىكلەشكە چاقىرۋاتقاندەك بىلىنەتتى،ئاخىردا يۇز  تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ،مەلۇم ئاكسىيە شىركىتىگە خىزمەت ئىلتىماس قىلىش خىتى ئەۋەتتىم،بۇدا ئۇلار ماڭا پۇرسەت بەردى،يۇز تۇرانە سىناقتىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۈتۈپ،خىزمەت پۇرسىتىگە ئىرىشتىم،ھازىرغىچىلىك مۇشۇ ئۇرۇندا خىزمەت قىلىۋاتىمەن،بۇ ئۇرۇندا بايلىق چۈشۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرسام دەيمەن ،ئەلۋەتتە كەلگۈسىدە كۆڭلۈمگە پۈككەن پىلانلىرىم بار، مەلۇم بۇرۇچ مەسئۇلىيەتلىرىم بار.يەنە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان كۆپ نەرسىلەر بار..گەپنى مۇشۇ يەردە  توختۇتۇپ تۇرسام......


      بۇلارنى ئورتاقلىشىشىمدىكى سەۋەپ،ھەممەيلەننىڭ باي بۇلۇش ئارزۇسى بار بەلكىم بۇ يولدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە ئۇچقىغان بۇلىشى مۇمكىن،مەيلى نىمە بولسۇن ئالدىغا قاراپ مېڭىش كېرەك. سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى رىئاللىق سىزنى رازى قىلالىشى ناتايىن،ئەمما نارازى بۇلۇپ ئولتاغاندىن ئالدىغا قاراپ ماڭغان  ئەۋزەل،ئەڭ مۇھىمى رىئاللىق بىلەن ئارزۇ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىۋېلىش كېرەك،،،



    يۇقارقىلارنى ئۆز تىلىمغا ئايلاندۇرۇپ يىزىپلا كەتتىم ،بەلكىم ئىملا خاتالىقى ۋە گىراماتكىلىق خاتالىقلار بۇلىشى مۇمكىن،ئەيىپكە بۇيرىماستىن،تەنقىت- تەكلىپلىرىڭلارنى بىرىشىڭلارنى سورايمەن

2014.يىل   28.نويابىر  

0

تېما

0

دوست

1340

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 15:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە نەچچە قېتىم بۇرنۇمغا يەپ،نەچچە قېتىملاپ ئاچچىق ساۋاقلارغا ئىرىشتىم.....نەچچە قېتىم يېقىلىپ نەچچە قېتىم ئورنۇمدىن تۇردۇم،ماڭا يەنىلا ئۈمۈتۋارلىق،جaسۇرلۇق ھەمراھ بۇلۇپ كەلدى،ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەمنى يۇقۇتۇم قويمىدىم،،ھامان بىر كۈنى مۇۋاپىققىيەت قازىنىدىغانلىقىمغا چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن يۈردۈم..

مۇۋاپپىقىيەت دىگەن ئاتالمىش بىر يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل ئەمەس،چىققىلى بولمايدىغان داۋان ئەمەس..ئۇ پەقەت غايىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى،ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنىڭ رىئاللىقتا پەيدا بۇلىشى خالاس،،بىز مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەس دەپ چۈشىنىۋالساق بولمايدۇ...مۇۋاپىقىيەتكە خۇشال-خۇرام يۈرۈپمۇ يەتكىلى بولىدۇ..مۇھىمى سىزنىڭ پۇزىتسىيەرىڭىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32900
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 15:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atlanjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 15:28
مەنمۇ مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە نەچچە قېتىم بۇرنۇمغا يەپ،ن ...

رەخمەت،مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتىمەن،مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈمگە بىرىلگەن يىتىلىش پۇرسەتى دەپ قارايمەن،

0

تېما

0

دوست

335

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7115
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 95
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:24:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يول ماڭغانسىرى ئېچىلدۇ ..................

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىزچىللىق +ساۋاق +پۇرسەت تۇتۇش=......................!

1

تېما

2

دوست

4737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 19:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاشقى سودا،پىرېۋۇرت ساھەسىگە ھەر قانداق ئادەم كىرەلەمدۇ؟يەنى ئادەتتىكى ئىشچى خىزمەتچىدىن تارتىپ شىركەت دىرىكتۇرىغىچە

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 21:17:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 19:00
مۇشۇ تاشقى سودا،پىرېۋۇرت ساھەسىگە ھەر قانداق ئادەم كى ...

كىرمەڭ   ،بۇ   بىر  تەس    سودا

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 21:17:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 19:00
مۇشۇ تاشقى سودا،پىرېۋۇرت ساھەسىگە ھەر قانداق ئادەم كى ...

كىرمەڭ   ،بۇ   بىر  تەس    سودا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )