2014- يىلىدىكى ھۆل قەغەز ساتىدىغان بالىلار
ئۈرۈمچىنىڭ قىشى بۇ يىل كېچىكىپ كەلدى. قارمۇ ئانچىكىم ياغالمىغانلىقتىن، ئىككى ھەپتە بۇرۇن ياغقان قار ھازىر مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى بىلەن قارامتۇل رەڭگە كىرىپ، قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى ئېلىشقۇدەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى.بۇ مەنزىرە ئاپئاق لىباستىن تون كىيگەن دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان شۇ گۈزەل قىشقائەسلا ماس كەلمەيتتى. ئەمما يېڭى يىل ھارپىسىدىكى قاتتىق سوغۇق جاندىن ئۆتكىدەك بولۇپ، ھەممە ئادەم دۈگدۈيۈپ ئۆيلىرىگە چاپاتتى. - ئاپئاق ئاچا، ئىككى تال ئېلىۋېلىڭ، ئىككىسى بەش كويچەن،شېكەر ئاچا، ناۋاتتەك تاتلىق ئاچا، بۇلبۇل خانىش ئاچا، دۇنيا گۈزىلى ئاچا، ئىككى تاللا قالدى، ئېلىۋېلىڭە بەش كويچەنگىلا بېرىۋېتىمەن. ئوماق ئاچا، گۈزەل ئاچا.... ئەمدىلا بەش ياش چامىسىغا ئۇلاشقان بۇ ئوماق بالىنىڭ ئېغىزىدىن خۇددى تىزىۋالغاندەك كەينى كەينىدىن چىقىۋاتقان ماختاشلارغا قاراپ ھەيران قالدىم، ئەتراپتىكىلەر كۈلۈشتى. يىگىرمە مېتىرچە ئارىلىققا ئالدىمنى توسۇپ،كەينىچە مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. بوپتۇلا، تىلەمچىگە بەرسەممۇ بېرىمەنغۇ، ئالاي ئىككىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھۆل قەغەزدىن مۇشۇ بالىغا قالىدىغان پايدىسى بىر يۈەن بولسىمۇ، شۇنچە جاپادا قەھرىتان سوغۇقتا باشقىلارغا شېرىن شېكەر سۆزلەرنى ياغدۇرۇپ ساتماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس! كونسۇل كوچىسىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، گۈلبەشېكەر تائام رەستىسىدە ھەر كۈنلۈكى ئادەم شۇنداق كۆپ، بىز بارغىنىمىزدا دائىملا مىڭ تەسلىكتە ئورۇن تاپىمىز. بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق بولدى، ئوتتۇرىلىقتا تۆت كىشىلىك ئورۇن بىكار بولۇشىغىلا يۈگرۈپ بېرىپ ئىگەللىۋالدىم. بولمىسا، مەندىن چاققان چىقىپ كېتىدىغانلار بولسا، بىز يەنە قۇرۇق قالاتتۇق-دە! يەپ كېتەلمەيدىغىنىمىزئايان، ئەمما كۆزىمىز ئاچلىق قىلىپ جىقلا نەرسە بۇيرىتىۋاپتىمىز. تاماقلار چىقىپ بولۇشىغا، بىر مەكتەپ يېشىدىكى بالا قولىغا بىر مۇنچە ھۆل قەغەزنى كۆتۈرۈپيېنىمىزغا كەلدى. - ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، ئېۋىلىڭە ئاچا... ھازىرلالازىم بولۇپ قالىدۇ... يېنىمدىكى دوستۇم ئۇ بالىنى گەپكە سالماقچى بولدى: - نېمانداق قىممەت ساتىسەن؟ دۇكانغا كىرسە بىر كويدىن ساتىدۇغۇ بۇنى؟ - ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...- ئەمدى بۇ بالا ماڭا قاراپ يېلىنغىلى تۇردى. - مەن بايىلا پەستىن مۇشۇنداق سېتىۋاتقان بالىلاردىن ئىككىنى ئېلىۋالغان ئىدىم. يەنە ئالسام، ھېلىلا يەنە باشقا بالىلار كەلسە،ئۇلاردىنمۇ ئالسام، ئاندىن مەن بېرىپ دۆڭكۆۋرۈككە ياكى ئوغۇزغان يەر ئاستى بازىرىنىڭ پەلەمپىيىدە ئولتۇرۇپ ساتسام بولىدۇ. شۇڭا باشقىچىرەك ئامال قىلاي! - تاماق يېدىڭمۇ؟ قورسىقىڭ قانداق؟ ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: - ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...-كۆزلىرىدىن شۇنداق بىچارىلىك چىقىپ تۇرىدىكى، قارىغانلىكى ئادەمگە خۇددى، شۇ بىر خالتا ھۆل قەغەز بىرقانچە جاننى قۇتۇلدۇرىۋالىدىغاندەك، ئۇنىڭچە بولسا ئالىيجاناپ بىر كەسپنى قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. - چوڭلار گەپ قىلغاندا، جاۋاب بېرىش كېرەك. قورسىقىڭ ئاچمۇتوق؟- سەل قاپىقىمنى تۈرۈپ، سورىدىم. ئۇ: - مەن تېخى تاماق يېمىدىم، سېتىپ بولسام، قايتىپ يەيمەن. - ئەمسە، بۇ ياقتا ئولتۇرە، ماۋۇلاردىن يېگىن!- ئۇنى تارتقۇچلاپ ئولتۇرغۇزدۇم. ئالدىغا توخۇ پاچىقى، پىسا قاتلىمىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قويۇپ قويدۇم. ئۇ بىردەم ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، تارتىنىپقىراق يېيىشكە باشلىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم. پوسمىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ھەم كىر پىشىپ،تونۇغۇسىز بىر رەڭگە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئوڭ قۇلىقى تەرەپ قاقچىلىك چوڭلۇقتاتۆشۈك ئىدى. شۇنداقتىمۇ چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان پوسمىسى ئاستىدىن يوغان قاراكۆزلىرىدىن نە كىچىك بالىلارغا خاس سەبىيلىك چىقسۇن؟! ئۇنىڭ ئائىلىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيتتىم. بەلكىم، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن شۇنداق سودا قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، ياكى بولمىسا، ئاتا-ئانىسى يوقتۇ... - مەشىق بازىسى تەرەپتە،- ئۇ قولىدىكى توخۇ پاچىقىنى غاجاپ تۇرۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: - ھېلىقى ساقچى مەكتەپ باغۇ؟ شۇنىڭدىن ئۆتىمىز. - ھە، ئۆيۈڭلاردا قانچە ئادەم بار؟ نېمىش قىلىدۇ؟ - دادام، بىزگە ھۆل قەغەزنى توپ بازاردىن ئەكىلىپ بېرىدۇ،ئىنىم ئىككىمىز ساتىمىز. دادام-ئانام باققالچىلىق قىلىدۇ. ئەسلى مۇنداقكەندە، ئەمما، بۇ بالا ئوقۇش يېشىغا ئاللىبۇرۇن توشۇپ بوپتۇ.ئوقۇماي مۇشۇنداق ھۆل قەغەز سېتىپ قاچانغىچە ئۆتىدۇ؟ كىچىك ۋاقتىدىغۇ باشقىلار ئىچ ئاغرىتىپ ئالسۇن، ئون ياشتىن ئاشقاندا، باشقا ئىش قىلاي دېسە، نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ئوقۇمىغان ئادەم بۇندىن كېيىن قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟! ئەتىياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،ئوبدانلا يامغۇر يېغىپ ئۈرۈمچىنى پاك پاكىزە يۇيىۋەتكەنىدى. شەھەرنى يۇيغان شۇيامغۇر سۈيى، كىشىلەر قەلبىدىكى شۇ كىرنى ھەم يۇيىۋەتكەنمىدۇ؟ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قەلبىدەك غۇبارسىز بولۇپ قالغانمىدۇ؟ يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانىسى كەينى يەنى ھەرەمباغ كەينىدىكى ئاباد ساماۋەر شورپىخانىسىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ.مۇشۇ ئادەملەر توپىدا، قازاندىن چىققان ئاچچىق ئارىلاش ھور ئارىسىدىن مېنىمۇكۆرەلەيسىز. يامغۇر ياغقان كۈنلىرى بىز تۆت دوست ساماۋەر شورپىسى ئىچكىلى كېلەتتۇق. بۈگۈنمۇ شۇنداق ھۇزۇر بىلەن تەرلەپ پىشىپ يەۋاتساق، يەنە شۇ ھۆل قەغەزساتىدىغان بالىلار كىرىپ كەلدى. تۆت بالا تەڭ كىردى-دە، بىر بىرىگە رايون بۆلۈشىۋېلىپ، ئەڭ كىچىك بىرى بىز تەرەپكە قاراپ ماڭدى. - ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، ئاكا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە... ياندىكى ئۈستەلدىكىلەر قازاق مىللىتىدىكى ياشلار بولۇپ، ئۇ بالىنىڭ گېپىنىچۈشەنمىگەندەك، قارىماي ئولتۇراتتى. ئۇ بالا بولسا، قازاق ئىكەنلىكىنى ئۇقمامدۇياكى چۈشىنىدۇ دەپ قالدىمۇ، ئەتىمالىم، بايىقى سۆزىنى تەكرارلاۋەردى. بۇ چاغدا،قازاق يىگىت، بۇ بالىنىڭ قولىدىكى قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ، ئۈچ يۈەن پۇل تەڭلىدى. - ئىككىنى بەش كويغا بېرەتتىم ئاكا، ئىككىنى ئېۋىلىڭە. - بولدى، قويساڭشې. ئېككې جارىم يۋانغا بىر قالتا بېر! - ئاكا، ئىككىنى ئېۋىلىڭە. - ساتاسىڭبا، ساتمايسىڭبا؟! شۇنداق قىلىپ، بىرنى ئاران سېتىپ، پۇلىنى يانچۇقىغا سالدى-دە، بىزنىڭئۈستىلىمىزگە يېقىنلا بولغان ئۈستەل تۈۋىدە توختىدى. بۇ ئۈستەلدە ئوتتۇز ياشلارچامىسىدىكى ئالتە ئايال ئولتۇرغان بولۇپ، قارىماققا قاتار چاي سورۇنىدەك قىلاتتى. - ئاچا، ھۆل قەغەز ئېلىۋېلىڭە، ئىككىسى بەش كوي. بەشنى ئونكويغا بېرىمەن، مۇشۇ بەشلا قالدى. - ھەي، سەن نېمىش قىلىۋاتىسەن بۇ يەردە؟ - تۇيۇقسىز بىرئايالنىڭ ھەيرانلىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا دېگەن بۇ سۆزى ھەممەيلەننى ئۆزىگەقاراتتى. بىچارە كىچىك بالا جايىدا تۇرۇپلا قالغانىدى. ئايالنىڭ يېنىدىكىلىرىنېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقرالماي، ئايالدىن سورىدى: - نېمە بولدى ئاداش؟ تونۇمسەن بۇ بالىنى؟ - ۋاي، بۇ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى كېرەمنىڭ ئوغلى، دادىسىئۇقمايدۇ بالىسىنىڭ بۇنداق سودا قىلىپ يۈرگىنىنى! گەپنىڭ ئايىقى چىقىپ بولغۇچە، ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالىلار دۈررىدە يۈگرۈپلاقېچىپ كەتتى. ھە، ئەسلى راستكەندە! ئۇ ئايال، توختىماي سورۇندىكىلەرگە سۆزلەپبېرىۋاتاتتى، سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقلاپ كېتىۋاتاتتى. ئاتا-ئانىسىدىن بىسوراق شۇنداقسودا قىلىۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئاۋاتلىقىيەنە شۇ ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەردىن باشقا، كۆپ ساندىكى ئېلىم-سېتىمنىڭۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. - سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى ئوغۇل بالا، قولىغاھۆل قەغەز سېلىنغان خالتىنى كۆتۈرگەن پېتى، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئېسىلىپ،سودىلىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇلار بىلەن قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقاچقا، بىردەمدىلايېنىمدا ئۈنگەن بۇ ئىككى شاكىچىككە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمىدىم. ئىككىسىئىككى تەرەپتىن قولۇمغا چىڭ ئېسىلىۋالدى، شۇنچە يۇلقۇنۇپمۇ قولۇمنى بوشىتالمىدىم: - ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، مېنىڭكىنى ئېلىڭە، مېنىڭكىنى... - مەن ئەرزان بېرىمەن، ئاچا، مېنىڭكىنى ئېلىڭە... مەن ئۆزۈمچە، بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ئەقىل ئويلاپ تاپتىم: - ھەي، مەن سېنىڭ داداڭنى تونۇيمەن جۇمۇ، ھۆل قەغەز سېتىپيۈرگىنىڭنى داداڭغا دەپ قويىمەن! - ھە شۇنداقمۇ؟ ئەمسە دەپ بېقىڭە، دادىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟ھەي! خان، دەپ بېقىڭە! بۇ كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ ئادەمنى «خان» دەپئاتىشى، ھەم تەڭتۇتەڭ ئېغىز غېرىچلاپ «شوخلۇق» قىلىشى ھەيرانلىقىمنى قوزغاتماستىن،ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويدى. يۈگرىگەن پېتى، ئۇدۇل كەلگەن بىر دۇكانغا كىرىپ كەتتىم-دە، ئۇلارنىڭ يىراقلاپ كېتىشىگە ئۇدۇللاپ چىقتىم. كەينىدىن قارىغۇدەك بولسام، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر قىزغا بايا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى قىلىپ چاپلىشىۋاپتۇ. ئۇ قىزمۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، ئەتراپقا قاراپ ياردەم تەلەپ قىلغاندەك يۇلقۇنۇپ تۇراتتى....
كېلىسەن قولۇڭداقەغەز، قاردا ھەم شىۋىرغاندا، ئۇچىسەن جۇدبوراندا، كۆيىسەن ھەم پىژغىرىمدا. نە ئالۇركىشىلەر سەندىن جۈپ ساتقان ھۆل قەغەزنى، چاپلاشساڭ ئىتتىرىپ يۈرەر بەش سوم دەپ ئېيتقىنىڭدا.
ئاھ،ساتماقئۈچۈن ھۆل قەغەز، تاتلىق تىلى چىققانمۇ؟ سەبىيلىكتىن ئەسەر يوق، دۇنيا غېمىدە قالغانمۇ؟ ئەقلى توشۇپ يۈرەر ئىدى، مەكتەپ قوينىدا بولسا، ۋەسىيدىن سورايبىر سۆز، سودا ئۈچۈنلا تۇغقانمۇ؟ 2015- يىلىغائىككى كۈن قالغان ۋاقىت
|