يېڭى يىللىق سالام، مەن ۋە بايبولدىن!
قەيسەر مىجىت
يىراق قىرلاردىن سالام يوللايمەن، كۆكلەم پەسلىگە تەلپۈنگەن خەلقىم. خىياللىرىمدا، ھەركەتلىرىمدە، رىئاللىقىمدا ھەمدە چۈشۈمدە، ماڭا تەڭداشسىز مەدەتكار خەلقىم. يىڭى بىر يىلغا كۈلۈپ كىرىڭلار، بوپ كەتسۇن تۆكمە ساقلىق-خوشاللىق، قىسقا ھاياتنى سۆيۈپ ياشاڭلار، ياتسىراپ كەتسۇن دۈشمەن- نامراتلىق. مېھىرگە تولسۇن كۆڭۈل بېغىڭلار، باش ئىگىپ تۇرسۇن بايلار ۋە بايلىق!
..... مەن شۇنداق باشلىدىمكى يىڭى يىللىق تىلەكلىرىمنى سىلەرگە خەلقىم، ئۇنىڭ پارچىسى بولغان باغداش ئوقۇرمەنلىرى، ئۇنىڭ پۇشتى بولغان بايبول قوللىغۇچىلىرى!
سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى شۇنداق چۈشۈرگۈم كەلدى. ....
يېڭى يىل ھارپا كۈنى يىقىنلىرىغا يېڭى يىللىق تىلەك تىلەش-كىشىلەرگە ئادەت، بىزمۇ ھەم بۇ ئادەتنىڭ ئىجراچىسى!
كىشىلىك ھايات-بىر يۆلۈنۈشتە ھەر خىل نىشانغا قاراپ ماڭىدىغان پاراۋۇزغا ئوخشايدۇ، بىز ئۇنىڭدىكى ياكى شوپۇر ياكى يول ياسىغۇچى ۋە ياكى يولۇچى، ئەمما ئاز سانلىق كىشىلەردىلا بۇ ئۈچى مۈجەسسەملەنگەن!
بۇ ئاز سانلىق كىشىلەر-كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار غايىنى پۈككەن يولۇچىلاردۇر!
ئۇلار پاراۋۇزنىڭ قايسى يۆلۈنۈشكە مېڭىشىنى باشقۇرىدىغان شوپۇرلاردۇر، شۇنداقلا ئۇلار يەنە پاراۋۇزنىڭ مىڭىشى ئۈچۈن يول ياسىغۇچىلاردۇر!
رىقابەت- ئادەمنى راھەتسىزلەندۈرىدۇ، ئەمما دۇنيا ئەزەلدىن رىقابەتكە تولغان. بۇ رېئاللىق! شۇڭا ھەر ئىشقا تەييارلىغىمىز بولۇشى كىرەك! ھاياتتا مەقسەتلىك سەپەر قىلغۇچىلارغا ئايلانغىنىمىزدىلا-رىقابەتتە ئۇتالايمىز!
دۇنياغا كۆز ئاچقىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان بايبول ناملىق پاراۋۇزىمىز-ئۆتكەن ئايلاردا نىشانىمىزغا قاراپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا سىلجىدۇق! بىز سەمىمىلىكنى يېقىلغۇ، ئىشەنچنى چىراق قىلدۇق، ئاستا ماڭساقمۇ توختاپ قالمىدۇق!
كۆڭلى قاردەك ئاق، ۋۇجۇدى ياخشىلىققا تولغان، غايىلىك كىشىلەر-يەنى ۋۇجۇدىدا ئاشۇ ئۈچ خىل خىسلەت مۇجەسسەملەنگەن كىشىلەر بىزنى قوللىدى، سېپىمىزگە قېتىلدى. شۇ ۋەجىدىن بىز- ئىككى قەيسەر باشچىلىغىدىكى «بايبول» ماركىلىق پاراۋوزغا ئىشەنچ باغلاپ كۆڭلى، سەمىمىيىتى ۋە مەبلىغى بىلەن بىز بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە ئاتلانغان ئەڭ دەسلەپكى قوللىغۇچىلىرىمىزغا -پايچېلىرىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز! ئېسىڭلەردە بولسۇن، سىلەرنىڭ بىزگە ئىشەنگىنىڭلارنى بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىڭلار دەپ بىلىمىز! سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى ئاقلاش ئۈچۈن يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان يىڭى يىلدا سەپىرىمىزنى ئىھتىياتچانلىق پەرىشتىسىنىڭ پەپىلىشىدە دادىللىق بىلەن ئىلىپ بارىمىز! بۇ يىڭى بىر يىلدا بىز ئۆزىمىزنىڭ تېرىشچانلىغى، سىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قوللىشىڭلار ۋە ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن مول ھوسۇللۇق سەپەر قىلالايدىغىنىمىزغا ئىشىنىمىز!
رەھمەت بايبولنى قوللىغان قېرىنداشلار، خانىملار، ئەپەندىلەر! بىز سلەرگە يىڭى يىللىق سالام يوللايمىز! سىلەرنى سېغىنىپ تۇرىمىز، چۈنكى بىز سىلەرنى قەدىرلەيمىز شۇنداقلا چىن دىلىمىزدىن سۆيىمىز!
يىڭى بىر يىلدا ياشلىق روھى، ياشانغانلار پاراسىتى بىلەن ياشاش نىسىپ بولغاي! كۆڭلىمىز يايرايدىغان يىل بىزگە تالىق بولغاي!
مانا بۇ بىزدىكى-بايبول شىركىتىدىكى ھەممەيلەننىڭ يىڭى يىللىق سالامى، مۇقەددەس تېلىكى!
رەھمەت -پېقىرغا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگەن باغداش ئوقۇرمەنلىرى! يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تەشەككۈر بىزنى يىتىلدۈرگەن جانىجان خەلقىم، بۇنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن!
|