- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ قالدىم .ۋە ئېچىپ كۆرۇپ باقتىم . مەن ئاددى بىر ئىنسان ، نۆۋىتى كەلگەندە بىر تورداش بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر بىر يىڭلىق ، ھەر بىر ئىجادىلىق ھەر يۇكىسلىش ناھايىتى تەبىئى ھالدا دىققىتىمنى غىدىقلايدۇ ، چۇنكى مەن ئۇيغۇر .ئەلھەمدۇلىللا . ئەلۋەتتە ئانا تىلىم بولغان ئۇيغۇر تىلغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر يېڭىلىق تېخىمۇ بەك دىققتىمنى قوزغايدۇ ، جۈملىدىن بۇ قېتىم بېيجىڭدا داغدۇغا قوزغاپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئېچىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تارقىتىش سۇپۇسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئۆيۇمدە ئولتۇرۇپلا تەبرىكلىدىم . بۇ نىمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۇيغۇر تور مەدىنيىتى شۇنداقلا پۇتكۇل ئۇيغۇر مەدىنيىتى ئۇچۇن ئېيتقاندىمۇ بىر خەيرىلىك ئىلگىرلەش بولۇپ قالغۇسى .
2. تور تېلۋۇزىيەسنىڭ بەتلىرىنى كۆرۇپ باقتىم . مەدىنيەت بوستانى ۋە باشقا بەزى سەھىپىلەرنى كۆرۇپ سىناق قىلىپمۇ ئۇلگۇردۇم . ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى ئىزدەش ۋە خەۋەرلەرمۇ بىر تور بەتتە بولۇشقا تىگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساسەن ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ مېنى خېلى رازى قىلدى ، ئەلۋەتتە بەزى رازى بولمىغان جايلىرىم ۋە پىكىر تەكلىپلىرىمنىمۇ ئاستىدىكى قۇرلاردا ئاياپ ئولتۇرماي يازماقچى
3. كۆپچىلىككە مەلۇمكى ھەر قانداق بىر يېڭى شەيئى ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن كەڭ تورداشلارنى ئاممىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . مەن بۇ تور بەتنىڭ بىردىنبىر خاسلىقى بولغان تورىمىز پىراگىراممىلىرى دىگەن بېتىنى قىزىقىش ئىچىدە كۆرۇپ چىقتىم ، ناۋادا بۇ تور بەت موشۇ تورىمىز پىراگىراممىلىرى دىگەن بېتىدە يېڭىلىق ۋە خاسلىق ياراتسا بۇمۇ ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ بىر ئۇتۇقى بولۇپ قالىدۇ .
4. جۇغلانما كەمچىلكەن .مېنىڭچە ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېلۋۇزوردا بىرىلگەن نادىر خەلق قىزىقىپ كۆرگەن پىراگىراممىلارنىڭ مەسلەن دىقانلار بېيشى يولى ۋە بىر كىتاپ بىر ئالەم ، تاماق رىسالىسى دىگەندەك پىراگىراممىلارنىڭ نەچچە يىللىق جۇغلانمىسىنى پەيدا قىلالىسا ئۇ ھالدا بۇ خىل جۇغلانما تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ بىر خىل كىلاسسىك ئالاھىدىكى بولۇپ دەمەللىقا تورداشلارنىڭ ئىسىگە كىلىدىغان بولىدۇ .
خەنسوچە تور تېلۋۇزىيەسىنىڭ كام قالغان ئۇچۇر بوشلىقىنى باشقا تور بەتلەر ئاساسەن تولۇقلىيالايدۇ ،دىمەككىم خەنسوچە تورنىڭ ئۇچۇر زاپىسى بەك مول ، ئەمما ئۇيغۇر چە تور دىكى ئۇچۇر زاپىسى دىگەندەك مول ئەمەس ،بولۇپمۇ رادىئو تىلۋۇزىيەدە ئېلان قىلىنغان ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى باشقا تورلاردىن ئاسان تاپالمايمىز ، موشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ مەيدانغا كەلگىنى بىر ياخشى ئىش بولدى . ئەمما يەنىلا شۇ گەپ جۇغلانما كەمچىلكەن .
5. ئۇيغۇر كۆرۇرمەن ، تورداشلار بىلەن يەنىلا ئارلىق ساقلانغان ، يەنى ئىنكاس قايتۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلمىغان ، مەسلەن ئۇيغۇر كۆرۇرمەنلەر ھەر بىر خەۋەرگە ، ھەر بىر پىراگىراممىغا ئۆزىنىڭ نەق مەيداندىكى ئىنكاسى ۋە تەسراتلىرىنى كىچە كۇندۇز چەكلىمىسىز ئوتتۇرغا قويالىسا دىگەن ئۇمۇتنى بەك جىق قىپ كەتتۇق ، خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچسىىمۇ بۇ نۇقتىنى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدى .
بىز ئۇيغۇرچە تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاۋام بىلەن رەھبەرلەر ئارىسدا كۆرۇكلۇك رول ئوينىشىنى بۇ خىل قوش يولىنىشلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ تىزدىن بارلىققا كىلىشىگە تەقەززامىز ، بۇ توغۇرسىدا ئىقتىسات كامچىل ئادەم كامچىل دىگەندەك تۇكى يوق باھانە سەۋەپلەرنى ئاڭلىغىمىز يوق . بۇ دىگەن بېيجىڭدىن داغدۇغۇلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلۋاتقان مەدىنيەت ئاقارتىش ھەركەتلىرى رەسمى مۇكەممەل ئەل رازى بولغۇدەك مەيدانغا كەلتۇرۇشىڭىزلارنى چىن قەلبىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .
6. بىز ئۇيغۇرلاردا ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە سۇغا كىرسەڭ بىلىڭچە دىگەن گەپ بار ، شۇڭا بۇ تور تىلۋۇزىيەسىنى نوقۇل ھالدا تاق يۆلىنىشلىك تارقىتىش ۋاستىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئېچىۋېتىلگەن شۇنداقلا ھەر قانhttp://uyntv.cntv.cn/2014/10/09/VIDE1412824205233193.shtmlداق بىر تورداش كىرىپ ئۆز پىكىرىنى نورمال تەرتىپلەر بىلەن بايان قىلالايدىغان ھالغا كەلتۇرۇشىڭىزلەرنى ئۇمۇت قىلىمەن ، ئۇمۇمەن بۇ يېڭىلىق باشلىنىشتىن بەك خوشال بولدۇم .
|
|