قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2103|ئىنكاس: 15

ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﻯ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32983
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 20:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﻯ




    ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﻯ: ئەركىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلەردىن: 1 ـ ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى بېغىشلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈن ياخشى بولغانلاردۇر.(ئىبنى ماجە رىۋايىتى)يەنى سىرتتا ناھايىتى ياخشى ئەخلاقلىق بولۇپ، ئايالىغا قاتتىقلىق، قوپاللىق قىلىدىغان كىشى ياخشى كىشى دېيىلمەيدۇ. بەلكى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئايالىغا، پەرزەنتلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇلارغا ئەڭ مېھرىبان بولغان كىشىلا ياخشى كىشى بولالايدۇ.2 ـ ئايالىنىڭ ئازارلىرىغا، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى ئۇنىڭ بەزى يېقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمىشە مېھىر ــ شەپقەتلىك بولۇشى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاياللىرىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك مېھرى ـ شەپقەتلىك كىشىنى كۆرمىدىم.“3 ـ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى ھەرۋاقىت سۆز ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى.4 ـ ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورۇرلۇق بولۇشى. ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى قەدىرلىشى، ئائىلىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن غاپىل بولۇپ قالماسلىقى. لېكىن ئايال كىشىنى كۈنلىدىم دەپ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، بەدنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا، كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئى قىلغان.5 ـ ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا ـ ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تورغۇزۇشى، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسە ـ كېرەكلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، ئايالىغا قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ پۈتۈن يۇكلىرىنى يۇكلىمەسلىكى لازىم. چۈنكى كېلىن ئۇلارنىڭ خىزمەتچىسى ئەمەس، بەلكى شۇ ئائىلىنىڭ ھۆر ئەزاسىدۇر. بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلاردا بالىلارنى ئۆيلەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئايرىم ئۆيگە چىقىرىپ، مۇستەقىل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئادىتى بەكمۇ ئاز.
      بەزىلەر بۇ ئىشتا ئىمكانىيەتنىڭ يوقلىقىنى ــ ئىقتىسادىي تەرەپتىن قولىنىڭ قىسقىلىقىنى باھانە قىلىشى مۇمكىن. بۇمۇ ئۆزۈر بولالمايدۇ. ھازىر دۇنيا تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ بۇرۇنقىدىن بېيىدى. ئۆيلەنگەن يېگىتلەر ئەگەر مۇستەقىل تۇرمۇش قۇرىمەن دېسە بۇنى قىلالايدۇ. بالىلار مۇستەقىل ئۆي تۇتمىغاندا كېلىن بىلەن قېيىن ئانا ۋە يەڭگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ئەر ـ ئاياللىق تۇرمۇشقا ئەلۋەتتە زىيان يەتكۈزمەي قالمايدۇ. كۆپىنچە قېيىن ئانىلار ۋە بەزى يەڭگىلەر كېلىننى ياقتۇرمايدۇ، بەزى ئاڭسىز قېيىن ئانىلار ئۇنىڭ بالىسى بىلەن بولغان مۇھەببىتىگە ۋە يېقىنلىقىغا قىزغىنىدۇ، ھەدەپ كېلىندىن كەمچىلىك ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئۇلار كېلىندىن ئازراق ئېيىبنى تاپقان ھامان ئۇنى بالسىغا مۇبالىغە بىلەن چېقىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھۇزۇرلۇق ئۇۋىسىنى بۇزۇشقا ئورۇنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوپچى ئۆيدىكى ھايات ھۇزۇرسىز بولىدۇ. قىسقىسى، يىڭى توي قىلغان بىر جۇپلار ھەرۋاقىتتا بىر ـ بىرى بىلەن ئەركىن كۆڭۈل ئېچىشىپ، ئازادە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشالمايدۇ. پەقەت كىچىدىلا بىر ـ بىرىنى كۆرىدۇ. بۇ نېمە دېگەن ئۇڭايسىزلىق؟ تەبىئىيكى، ئايال كىشىنى كىشىلەر كېچىسى بىرگە بولۇش ئۈچۈنلا ئالمايدۇ.
    مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشى ئارقىلىق ئائىلىنىڭ رۇناق تېپىشى ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئەر ـ ئاياللار بىر ـ بىرىگە بولغان ئىخلاسىنى ۋە سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىشىپ تۇرىشى لازىم. ئۆيلەنگەنلەر ئايرىم تۇرمۇش قورۇپ مۇستەقىل بولمىغاندا، ئۇلار ھەرۋاقىت ئازادىلىك ھېس قىلالمايدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ كىچىك رايونلىرى ۋە يېزىلىرىدىكى كۆپىنچە ئۆيلەردە ئايرىم مۇنچا بولمىغاچقا كىشىلەر بىر چىلەك سۇنى بېشىدىن قۇيۇپلا ئالدىراپ يۇيۇنىدۇ. چېچى ھۆل بولۇپ قالغان ئايال كىشىنى كۆرسە، ئۇنى ئېيىپلايدىغان ئادەتمۇ بار. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىلىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ۋە ئىسلامىي ھەم مىللىي قائىدە ــ يوسۇنلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، پاسكىنا بىر مىللەتنىڭ چىركىن مەدەنىيىتى ئاستىدا كىرلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئادەتتە يۇيۇنۇپ، پاكىز يۆرۈشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلالمايۋاتىمىز. بىزدە ”پەقەت جۇنۇپ بولغان ئادەملا يۇيۇنىدۇ“ دەيدىغان قالاق ئېتىقاد بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە پاكىزىلىق ۋە تازىلىق ئۈچۈن يۇيۇنغان قىزلارنى، كېلىنلارنى يامان ئىش قىلغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ ئۇلارغا گۇناھ ئارتىشقا ئىزدىنىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئېرى سەپەرگە چىقىپ كەتكەن بەزى كېلىنلار ئايلىق ئادىتىدىن پاكلانغانلىقى ياكى پاكىز، خۇشپۇراق بولۇشى ئۈچۈن يۇيۇنسا، ئۇلارنى چۇقۇم يامان ئىش قىلغان ئوخشايدۇ، ئۇنداق بولمىسا يويۇنمىغان بولاتتى دەپ چۇشىنىپ، ئۇلارغا گۇناھ ئارتىشقا ۋە ئەرلىرىگە يالغان ياۋۇداق سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى چېقىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھۇزۇرلۇق تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنىدىغانلارمۇ بار. بۇ سەۋەبتىن، جۇنۇپ بولغانلارمۇ يۇيۇنۇشتىن قورقىدىغان، ھەتتا بالاغەتكە يېتىپ قالغان قىز ـ ئوغۇللار ئېھتىلام سەۋەبى بىلەن گاھىدا يويۇنۇشقا تېگىشلىك بولۇپ قالغانلىرىدىمۇ، ئاتا ـ ئانىسىدىن ھايا قىلىپ يۇيۇنالمايدىغان ئادەتلەرمۇ بار.بىز ئۇيغۇرلار ئۆي سالدۇق دەپ ئىسراپخورلۇق بىلەن چوڭ ئاسماق ئايۋانلىق ئۆيلەرنى سېلىشقا شۇنچىلىك زىيادە چىقىملارنى قىلىمىزكى، ئوغۇل ــ قىزلار ئايرىم ياتىدىغان، ئايرىم ئىشىكلىك ئۆيلەرنى كۆپرەك سېلىشقا ۋە پاكىزىلىقنىڭ ھەم ساغلاملىقنىڭ ۋاسىتىسى بولغان ــ تەرەتـخانا بىلەن مۇنچا سېلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيمىز. رۇسلار كاپىر مىللەت تۇرۇپ، ئۇلار ئۆي سالسا ئەڭ ئاۋۋال مۇنچىسىنى ۋە تەرەتـخانىسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن ئۆينىڭ باشقا سارايلىرىنى سېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندىمۇ ئەڭ ئاۋۋال مۇنچىسى بىلەن تەرەتـخانىسىنى تاللايدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ”پاكىزىلىق ئىماننىڭ يېرىمى“، ”پاكىزىلىق ئىماندىن“ ۋە ”ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ، پەقەت پاكلىق بىلەن قىلغان ئەمەللەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ“ دەيدىغان ئىسلامىي قائىدە ـ پرىنسىپلارنى ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆگەنگەن تۇرۇپ، پاكىزىلىققا ئەھمىيەت بېرىشتە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىۋاتىمىز. مۇنچىسى ۋە تەرەتـخانىسى پاكىز ۋە جايىدا بولمىغان ھەرقانداق ئۆي ــ يېتەرسىز ئۆيدۇر. تەرەتـخانا بىلەن مۇنچا پاكىز بولمىسا ئادەم خالىغان ۋاقىتتا تازىلىق قىلالمايدۇ. جۇنۇپ بولغان كۈنلەردە بىر چوگۇن ياكى بىر چىلەك سۇ بىلەن ئالدىراپ يويۇنغانلىق تولۇق پاكىزىلىققا ياتمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى كىرلار چىقمايدۇ. ئادەم جۇنۇپ بولغان ۋاقتىدا يۇيۇنۇشى پەرز. ئەمما جۇنۇپ بولمىغان بولسىمۇ، سىرتتا ئىشلەپ كىرىپ تەرنىڭ پورىقىنى يوقىتىش ياكى كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشتا پاكىز بولۇش مەقسىتى بىلەنمۇ، ئاز دېگەندە، ئىككى ـ ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرۇشى زۆرۈردۇر. جۈمە، ھېيت ۋە مېيىت نامازلىرىغا، توي ــ تۆكۈنلەرگە، نەزىر ـ چىراغلارغا ۋە باشقىمۇ ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە يۇيۇنۇپ، پاكىز كىيىم كىيىپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ بېرىش سۈننەتتۇر.
      ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھقا قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشى قەلبنىڭ پاكلىقى ۋە بەدەن بىلەن كىيىمنىڭ پاكىزىلىقىغا باغلىقتۇر. پاكىز بولمىغان كىشىنىڭ ئىبادەتلىرىمۇ ۋە دۇئالىرىمۇ قوبۇل بولمايدۇ. ئىسلام دىنى مەدەنىي ۋە تەرەققىياتپەرۋەر بىر دىندۇر. ئۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرۋاقىت گۈزەل، كۆركەملىك، خۇشپۇراق يۈرۈىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭمۇ ئېرىنىڭ تۈشىكىگە كېلىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، ئۆزىگە خۇشپۇراق چېچىپ كېلىشى بەكمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى ئاياللار كۈندۇزى تاماق ئېتىش، ئۆي سۈپۈرۈش ۋە بالىلىرىنىڭ كىيىملىرىنى، تەرەتلىرىنى تازىلاش جەريانىدا كىرلىشىدۇ، قازان بېشىدا تۇرۇپ تەرلەيدۇ. بەزى ئاياللار سىرتتا ئىشلەپ تەرلەيدۇ ۋە چاڭ تۇزانلىشىدۇ. بۇلار يويۇنماستىن شۇ پېتى بىلەن ئەرلىرىنىڭ قوينىغا كىرسە، ئەرلىرى ئۇلاردىن سەسكىنىدۇ، ھەتتا نەپرەتلىنىپ قالىدۇ. ئايالىدىن كۆڭلى ئېچىلمىغان ئەر تالاغا قاراپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئىپپىتىنى بۇزىدۇ.
     ئاياللار ئەگەر ھەر ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇنۇپ، ئۆزلىرىگە خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى چېچىپ ياتىدىغان بولسا، ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا ھەۋىسى كېلىدۇ. ئۇلارنى ياقتۇرىدۇ. ساغلاملىق جەھەتتىنمۇ ھەر ئىككىسىگە پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا ـ ئەر ئاياللارغا ۋە بالىلارغا يۇيۇنۇپ پاكىز يۈرۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئۆيدە ئايرىم مۇنچا بولىشى شەرتتۇر. تەرەتـخانىنى ئمكان قەدەر سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان قىلىپ ياساش كېرەك. تەرەتـخانىدا سۇ بولسا ھەم تازىلىق ھەم ئىستىنجا ئىككى ئىش بىر ۋاقىتتا ھەل بولىدۇ. مەلۇمكى، سۇ پاكلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. 6 ـ ئايالىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مېھرىنى تولۇق ئادا قىلىشى. چۈنكى بۇ، ئايال كىشىنىڭ نىكاھ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن ھەققىدۇر. 7 ـ ئايالىنىڭ نەفەقىسىنى كېمەيتمەستىن ۋە ئىسراپ قىلماستىن ياخشى ئادا قىلىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئۆز ئەھلىگە ساۋابنى كۆزلەپ نەفەقە قىلغان كىشى سەدەقىنىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى) 8 ـ ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى ــ ناماز، روزا، زىكىر، دۇئا ۋە باشقىلار قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنلىشىغا ئۈندىشى، ياردەم بېرىشى.9 ـ ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ ئۆزگەرتىشى، ئىمكان قەدەر ئايالىنى ئۇرماسلىقى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر.“ (ئىبنى ماجە رىۋايىتى) ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى چارە ۋە ئەڭ قاتتىق جازا ۋاقىتلىق ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماسلىقتۇر.10. ئايالى تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ئۇنى تۇغماسلىققا مەجبۇرلىماسلىقى.11 ـ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى چۇشىنىشى. ئەگەر ئايالى ئۇنى ھاجىتىگە رىغبەتلەندۇرسە رەت قىلماسلىقى.12 ـ ئايالىنىى ھېقىر كۆرمەسلىكى، ھاقارەتلىمەسلىكى، ئۇنى ياكى تۇغقانلىرىنى مەسخىرە قىلماسلىقى.13 ـ ئايالىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ياردەملىشەتتى. 14 ـ بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك بولۇشى، ھەممىنىڭ ھەققىنى ئوخشاش ئادا قىلىشى. 15 ـ ئايالى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى.
      يوقىرىدا ئېيتىلغان 15 تۈرلۈك ھەق ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم مۇھىملىرىدىن ئىبارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىسىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمانلارغا مۇنداق دەپ تەۋسىيە قىلغان: ”بىلىڭلاركى! ئايالىڭلارنىڭ ئۈستىدە سىلەرنىڭ ھەققىڭلار باردۇر. سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىمۇ ئاياللىرىڭلارنىڭ ھەقلىرى باردۇر. سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىكى ھەققىڭلار ئۇلارنىڭ سىلەرگە خىيانەت قىلماسلىقى ۋە سىلەر يامان كۆرىدىغان بىرسىنىڭ ئۆيۇڭلارغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى. بىلىڭلاركى، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلىرىنى (ۋە باشقىمۇ ئېھتىياجلىرىنى) تولۇقلاپ بېرىشىڭلاردۇر (مۇسلىم رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇھەدىسىدە، ئەر ـ ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بىر ـ بىرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلەرنى ئىجمالىي ھالدا بايان قىلغان. بۇ ھەدىستىن مەلۇم بولغاندەك، ئەر كىشىنىڭ ئايالىدىكى ئەڭ چوڭ ھەققى، ئېرىنىڭ ئىپپىتىنى ۋە نومۇسىنى ساقلىشى، ئېرىگە خىيانەت قىلىپ ئىككىنچى شەخس بىلەن ئالاقە قۇرماسلىقىدۇر. ئېرىگە خىيانەت قىلغان ئايال ئېرىنىڭ ھەققىگە خىيانەت، دىنىمىزغا جىنايەت قىلغان بولۇپ، ئۆزىنى نابۇت قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ ئېرىدىكى ھەقلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئايال كىشىنىڭ ئېرى ياقتۇرمايدىغان بىرسىنى ئۆيىگە كىرىشكە يول قويۇشىنى قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. ئېرى بولمىغان ۋاقتتا قانداقلا بىر يات ئەركىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە يول قويماسلىقى ئايرىم بىر قائىدە، ئەمما ئېرى بولمىغان ۋاقتتا ئېرى ياقتۇرمايدىغان ياكى ئېرى بىلەن ئاداۋىتى بولغان بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە يول قويۇشى ئەر ـ خوتۇنلۇق تۇرمۇشىغا ئەڭ زىيانلىق بىر ئىشتۇر. چۈنكى مۇنداق ئەھۋاللاردا، ئەر كىشى كۆپىنچە، ئايالىدىن شۇبھىلىنىدىغان ۋە يامان گۇمان قىلىدىغان كەيپىياتلاردا بولىدۇ. ھەتتا ئىنسان بەزىدە ئايالىنى ئۇ ئايالىنىڭ تاغىسىنىڭ ياكى ھاممىسىنىڭ بالىلىرىدىنمۇ كۈنلەپ، ئۇلارنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىدىن شۈبھىلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەر ئۆزى بولمىغان ۋاقىتتا، مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئايالى بىلەن يالغۇز قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەرنىڭ ئايالىنى ھەر ۋاقىت مۇھاپىزەت قىلىشى، شۈبھىلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئايالىغا مەھرەم بولالمايدىغان يات ئەرلەردىن ئۇنى ئوزاقلاشتۇرۇشى ئۇنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. مۇنداق ئىشلارغا كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. كۆپلىگەن ئائىلە جېدەللىرى، ئۇرۇش ـ ماجىرالار، ئايرىلىشلار مۇشۇنداق كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1856

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 589
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 17:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت قېرىدىشىم،

0

تېما

0

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32505
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 19:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتېپسېز بۇرادەر  ھەقېقەتەن ياخشې تېما بوپتۇ

0

تېما

1

دوست

3076

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 900
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 20:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

5

تېما

0

دوست

5460

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 1221
توردىكى ۋاقتى: 744
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 22:54:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
《ئايالىنىڭ نەفەقىسىنى كېمەيتمەستىن ۋە ئىسراپ قىلماستىن ياخشى ئادا قىلىشى》  بۇ  نەفەقىسى  نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟  بىلدىغانلار تەلىم بىرىڭلار

0

تېما

0

دوست

533

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32733
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 23:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش خراجتىنى كورستىدو

0

تېما

0

دوست

533

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32733
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 23:46:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشونداق تمىلانى كوپره ك يوللىساڭلا بوپتىكه ن ،ئاللا رهمه ت قىلسون
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )