- تىزىملاتقان
- 2013-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 785
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
57%
|
قارلۇق شىركىتى بىزنىڭ مىللى ئىگىلىك ساھەسى ۋە مەدەنىيەت بازىرىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى، يەنە بىلقۇت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەپ ئىشلىدى! ھەر ئىككى شىركەتكە ھۆرمىتىم چوڭقۇر، يەنە ھەمكارلىشىپ ئىش قىلغىنىڭلارغا بارىكاللا! لىكىن مەن بۇ يازمىنى تەنقىد يۈزىسىدىن يازدىم،
مەن سىلەر بىرلىشىپ ئىشلىگەن "شەخىسلەر" دىگەن ئەپنى كۆرۈپ مەمنۇن بولدۇم،لىكىن بەزى مەزمۇنلارنى ئىددىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەي بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
"شەخىسلەر"نىڭ "مەھمۇد كاشىغەرى" دىگەن كىتابنىڭ 15-بېتىدە ئەسكەر ھەسەن تېگىننىڭ پەرمانىنى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئاڭلايدۇ، 23-بېتىدە بوۋىمىز "تۈركىي تىللار دىۋانى"نى باغداد خەلىپىسىگە سوۋغا قىلغاندا خەلىپە ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ دىۋاننى قوش قوللاپ بېشىدىن ئىگىز تۇتۇپ خەلىپىگە سۇنغان ھالاتتە سىزىلغان.
بۇ زادى نىمە ئىش؟ ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ بولغان چاغدىكى كىشىلەرنى ھوقۇقدارلارغا تىزلانغان ھالەتتە سىزىش ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىسىز ھاقارەت.بۇ بوۋىمىزغىلا قىلىنغان ئەدەپسىزلىك ئەمەس، بەلكى مىللى روھىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت. بەلكى سۆزۈم ئىغىر كەتكەندەك بىلىنىشى مۇمكىن، لىكىن بۇ دىگەن بالىلار ئوقۇشلۇقى،تەلىم-تەربىيە كىتابى. شۇڭا بۇنداق كىتابتا ئەقىدىمىزگە يات ياكى ھاقارەت قىلىنغان ئىشلارنىڭ نورماللاشتۇرۇلىشى پەقەت شۇ قۇلچىلىق ئىددىيىسىنىڭ سىڭىشىنى تىزلىتىپ، ئەۋلادلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە بولغان كۈچلۈك قوغداش ئەقىدىسنىڭ سۇسلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ خالاس.
ئىنسانغا تىزلىنىش بىزلەرگە يات، جۇڭگونىڭ خانلىق تۈزۈم ۋاقتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىنولار بىزلەرگە كىرىپ كەلدى، لىكىن ئۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئەمەس. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى سورىغاندىمۇ ئۇيغۇرلار خانغا تىزلىنىشنى رەت قىلغان ۋە تىزلانماسلىققا خان ماقۇل كەلگەن. لىكىن بۇ بۇنداق قەدەمدە بىر تىزلىنىپ چىقىدىغان كىنولار بىزگە خىلى تەسىر قىلغان چىغى،دوستۇمنىڭ مەندىن بىر ئىشنى ئۆتۈنۈپ رەت قىلىنغىنىدا "مەن ساڭا تىزلىناي" دىگەن سۆزى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە(ئەلۋەتتە،دوستۇمنى بۇ گىپى ئۈچۈن تازا تىللىغانتىم".
شۇڭا قارلۇق ۋە بىلقۇت شىركىتىنىڭ بۇ ئەپنى قايتا بىر تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈپ تەھرىرلىشىنى سورايمەن.
|
|