ئەلى قۇرباننىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا سۆزلىگەن لېكسىيىسىگە كىچىككىنە قىستۇرما
بۈگۈن ئۈندىدارىمىزنى قاپلىغان«ئەلى قۇرباننىڭ مەركەزدىكى لېكسىيە فىلىملىرى»نىڭ 1-2-قىسىملىرىنى كۆرۈپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پسىخولوگىيە پېنىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىگەن بۇ لېكسىيىنى بۇنداق چاۋاك ھەم قىزغىنلىق ئىچىدە ئاڭلىغانلىقىنى، ھەم ئەلى قۇرباننىڭ پسىخولوگىيەدىكى نۇرغۇن مۇرەككەپ كەسپى ئاتالغۇ ھەم نەزىرىيىلەرنى بۇنداق ئاممىباپ ،يومۇرۇستىك تىل ھەم مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەنلىگىنى كۆرۈپ،ئەلى ئىنىمىزنىڭ دىيارىمىزدىكى پسىخولوگىيە قىزغىنلىقىنى يەنە بىر يېڭى بالداققا كۆتۈرگەنلىگىدىن («مېنىڭ پسىخىكام»ناملىق پلاستىنكىسى بىلەن بىر بالداق كۆتۈرگەن دەپ قارايمەن) مەمنۇن بولدۇم. ھەقىقەتەن نۇرغۇن پسىخىك مەسلىھەتچىلەر كىشىلەرنى ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلسىمۇ،ئۆزىگە بۇنداق ئىشىنىدىغان پسخىك مەسلىھەتچىنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتتىم دېسەم بولىدۇ. ئەسلى بۇ فىلىم شۇ ئاڭلىغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولسا،ئاۋارە بولۇپ ئىنىمىزنى "ماختاش" ھاجەتسىز ئىدى. بىراق بۇ فىلىم بەكلا كەڭ تارقىلىپ كەتكەچكە، بەزىلەرگە «ئوزۇقلۇق» بولسا،يەنە بەزىلەرگە «زەھەر» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ يازما ئەلى قۇربانغا ئەمەس مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەنلەرگە ئاتاپ يېزىلدى. مەن ئەزەلدىن تەنقىدنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەم كۆپ ئىشلەتمەيمەن. لېكىن تەنقىدنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىم ئىلمىي خاتالىقلارغا سۈكۈت قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەلى ئىنىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەردىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن بىر قانچە كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىلمىي مۇلاھىزە يۇرگۈزۈشنى توغرا تاپتىم.
1. پىسىخولوگىيە ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك خاتالىقلار «ھەممە ئادەمنىڭ بەدەن ۋە روھى ئوخشاش» بەدەننىڭ ئوخشاشلىقىغا پىكىر بايان قىلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.بىراق بۇ يەردە ئېيتىلغان «روھ»ئەگەر پسىخىكىغا قارىتىلغان بولسا، ئۇ ھەرگىز ئوخشاش بولمايدۇ ،مېڭە پسىخىكا پەيدا بولىدىغان ئورگاندىنلا ئىبارەت(بۇ لېكسىيىدە دىيىلگەن بەدەن قىسمىغا تەۋە)،ئۇنىڭدىكى «تەرجىمە»قابىلىيىتىمۇ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىك.ئەگەر پسىخىكا(لېكسىيىدىكى روھ) ئوخشاش بولسا،ئۇنى بىر ئىلمىي پەن قاتارىدا تەتقىق قىلىۋاتقان كەسپداشلىرىمىز نىمە توغرۇلۇق ئىزدىنىۋاتقاندۇ.پسىخىكىنىڭ ماھىتى ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبىكتىپ سەيئىلەرگە بىلدۈرگە سوبىكتىپ ئىنكاسىدىن ئىبارەت،بۇنىڭ بىرسى كام بولسا پسىخىكا شەكىللەنمەيدۇ.بۇ دىگەنلىك ئادەمدە بەدەن، پسىخىكا ھەم مەدىنىيەت مۇھىتى بولغاندا ئاندىن پسىخىكا شەكىللىنىدۇ دىگەنلىك. لېكسىيىنىڭ بېشىدىلا كەسپىي ئاتالغۇلار پۈتۈنلەي قالايمىغانلاشتۇرۇلغان. ۋونت 1871-يىلى گېرمانىيىدە پسىخولوگىيە تەجىربىخانىسىنى قۇرۇپ بۇ پەننى پەلسەپە پېنىدىن ئايرىپ چىققاندىلا مىللەت پسىخولوگىيىسى(ئورتاقلىق) ۋە شەخسىيەت پسىخولوگىيىسى(ئايرىمىلىق)مەۋجۈتلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇندىن ئېتىۋارەن پسىخولوگىيىدىكى ھەرقانداق تەرەپدارلارنىڭ نەزىرىيىسى بۇ ئىككى تەرەپنى چەتكە قاقمايدۇ.ماسلوۋ گۇمانىزىمدا ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپ پەرقى بولغان ئېھتىياج قاتلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ مەلۇم بىر جۈملىسىنى’ئىنسان پىسىخىكىسى(روھ دەپ سۆزلەنگەن) ئوخشاش‘دەپ ئىسپاتلاشقا ئىشلىتىش پۈتۈنلەي خاتا. ئىنسان پسىخىكىسى ئورتاقلىققا ئىگە ھەم زور ئىندىۋىدۇئاللىققىمۇ ئىگە(لېېكسىيىنىڭ كەينىدە بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ). ”پسىخولوگىيە “ھەرگىز دىھقان تىلى بولماستىن،كەسپى ئاتالغۇ.مەرھۇم ۋاھىت ئەپەندىم ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىدە بۇ ئاتالغۇنى ئىلمىي چۈشەندۈرگەن. ھەم كېيىنكى پسىخولوگلارمۇ مۇشۇنداق ئاتاشنى توغرا تاپقان، چۈنكى”روھ “سۆزى ئويغۇر تىلىدا كۆپ خىل مەنالارغا ئىگە.ئەلى قۇربان گەرچە دىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيەسىنى ناھايىتى ئوبرازلىق چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ،بىر پەننىڭ كەسپى ئاتالغۇلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى بويىنچە خالىغانچە بۇرمىلىشى توغرا ئەمەس،ئەمىلىيەتتە دائىم سۆزلىنىدىغانABC نەزىرىيىسىنى باشقىلارغا ئوخشاتماي سۆزلەيمەن دەپ، پسىخىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ھالقىلىق ئاتالغۇنى بۇرمىلىۋەتكەن .ئۇنداقتا مەركىزى ئىدىيە ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈلسىلا بولدىغۇ دىيىشىڭىز مۈمكىن. توغرا ئەگەر توغرا ئاتالغۇنى قوبۇل قىلسىڭىز،تۇرمۇشىڭىزدىكى ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاڭلىغىنىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز.ئەكسىچە بولغاندا پەقەت بىرلا نوقتىنى بىلەلىشىڭىز ھەتتا زور خاتالىق سادىر قىلىشىڭىز مۈمكىن. ”يوشۇرۇن ئاڭ “ھەرگىز ”ئەقلىي يەكۈن“ ئەمەس ،ئۇ بىر ئاڭسىز ھالەت، ئەگەر ئۇ”ئەقلىي يەكۈن“ ئارلاشتۇرغان ھالەت بولسا،ھەرگىز”يوشۇرۇن“سۆزى بىلەن ئاتالمىغان بولاتتى.بۇ ئاتالغۇ گەرچە پۈتۈنلەي تولۇق يېشىلىپ بولالمىسىمۇ،ئۇنىڭ ئاڭسىز ھالات ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز،ئەقىل ئاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى.شۇڭا بۇ خىل چۈشەندۈرۈش پۈتۈنلەي خاتا دەپ قارايمەن.
2. تارىختا ئېتىراپ قىلىنىپ بولغان روھىيىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ئايلانغان تارىخىي شەخسلىرىمىزنى”بولدى“ قىلىش مەسىلىسى مەن لېكسىيەنى ئاڭلاش جەريانىدا نۇرغۇن چەتئەللىك ئالىملار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىدىغان ماختالمىلارنى ئۇچراتتىم.مېنى ئويلاندۇرغىنى ناتىقنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغلىرىنى موزېيغا ئەكىرىپ قويۇپ ،چەتئەللىكلەرنى ئۇلۇغلاشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى بولدى. نىمىشقا ئۇلارنى”بولدى“قىلماي، ئۆزىمىزنىڭ پەخىرلىك ئالىملىرىمىز مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى”بولدى“ قىلىمىز؟ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغلىرىنى ئېتىراپ قىلىش زىددىيەتلىك بىر ئىشمۇ؟شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى نەدىن كەلگەن؟ ياكى بۇ ئېغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋرىشنىڭ نەتىجىسىمۇ؟بىر قۇۋم ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى ۋە تارىخىدىن پەخىرلەنمىگەندە مەڭگۈ ھەقىقى ئىشەنچكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئەسلىمىزنى بىلىش ۋە ئۇنى قەدىرلەش، ھازىرقى زامان ئىلغار مەدىنىيەتنى قوبۇل قىلىپ ئىلگىرلەش بىلەن توقۇنۇشمايدۇ. قايسى تەرەققى قىلغان دۆلەتتە ئالىملىرىنى ئۆتمۈش دەپ ”بولدى“قىلىۋەتكەن دەلىل باركەن؟ئەگەر ئالدىنقىلارنىڭ نەتىجىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ ئىلگىرلىسەك ھەم ئۇلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئارتۇرۇپ تۆھپە يارىتالىساق ھەقىقى ئىجتىمائى قىممەت ياراتقان بولىمىز.ئەلى ئىنىمىز يېزىۋاتقان كىتابىنىڭ ئىچىگە ئۆزىدىكى «قوشنامنىڭ قوش كۆرىنەر ئېففىكتى»نى قوشۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەردە مېنى ھەم قايىل قىلغان ھەم ئويلاندۇرغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى ئىنىمىز پسىخولوگىيىلىك تەربىيە (ئۆزىگە ئىشىنىش تەربىيىسى)ئۈچۈن مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ تەتقىقاد بۆشۈگى بولغان مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا بېرىپ ئۆزىنى بۈيۈك ئالىملىرىمىزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ غەلبە قازانغىنى بولدى. لېكسىيەنىڭ قالغان مەزمۇنلىرىغا چېلىنغان چاۋاكلارغا مەن قايىل، بىراق مۇشۇ يەرگە چېلىنغان چاۋاك بارلىق چاۋاكلارنى يۇيىۋەتتى دەپ ئويلايمەن.ئۆز كەسپىنى ھەم ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقان ئالىملىرىمىزنى قوغدىيالمىغان ،ھەتتا ئۇلارنى قوغداشنىمۇ ئويلاپ قالماي،ئۇلارنىڭ ئىسمى ھەزىلگە ئايلاندۇرۇلۇپ،ئادەمنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان رەۋىشتە سېلىشتۇرما قىلىنسا خامۇشلارچە چاۋاك چېلىپ ئولتۇرغان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چالغان چاۋىكىنىڭ نوپۇزىدىن گۇمانلىنىش كېرەكمۇ يوق؟ ئەلى ئىنىمىزنىڭ شۇنچە تەييارلىق بىلەن بەرگەن تەربىيىسىدىن ئۇلارنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى يۇقتۇرىۋېلىشىغا ئىشىنەلەمدۇق؟ناۋادا ئۇلار ئەلىنىڭ پاراڭلىرىنى سەھنىىدىكى تالانتلىق كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىنىڭ قىزىقچىلىقىدەك بىر ئىش دەپ قاراپ چاۋاك چالغان بولسا بۇ باشقا بىر گەپ. ئىنىمىزنىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغىنىغا ئىشىنىمەن، بىراق ئۇنىڭ نۇتۇق جەريانىدىكى پوزىتسىيەدىن «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت ئىككى تەۋەررۈك كىتابقا يېقىن يوللاپ باققىنىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. ناۋادا ئۇ ئالىملىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇغان بولسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا تىلى كۆيگەن بوللاتتى.
3.لوگىكىلىق خاتالىق مەسىلىسى بۇنداق كەڭ تارقىلىدىغان لېكسىيىلەردە ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئۆتمىگەن مەزمونلار يەڭگىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا بولمايدۇ.مەسىلەن،’ق‘ھەرپى ئۇيغۇرلاردىلا بار،بۇ بەكلا مەسئۇلىيەتسىز خۇلاسە، يېنىمىزدىكى قازاق مىللىتىنىڭ ئىسمىدىلا’ق‘تۇرۇپتىغۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەپ،پارىس تىللىرىدىمۇ بار.يەنە ئۇيغۇر مىللىتىدىن شۇنچە كۆپ ئالىم چىقسا ئەقىللىق ھىساپلانماي،’ق‘تاۋۇشىنى چىقىرالىغان تىلدىكى ئەۋرىشىملىق ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن ئەقىللىق بولسا بۇنداق خۇلاسىنىڭ ئىلمىلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. قىستۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر جىددىي مەزمۇن،بەزى نەرسىلەرنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ،يەنە بەزى نەرسىلەرنى قالايمىغان سېلىشتۇرۇش لوگىكىلىق خاتالىق ھىساپلىنىدۇ.مەسىلەن،بوي ئىگىزلىگى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مىقتارى ئوخشىمىغاچقا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن ئەلى ئىنىمىزنىڭ ئېنگىلىسچە ۋە پسىخولوگىيە بىلىمىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنى موزېيغا ئەكىرىۋېتىپ ئورنىغا ئۆزىنى دەسسىتىش ئىستىگى مېنىڭ سەل غەزىۋىمنى قوزغاپ قويدى.”ئۇلار بىلگەننى مەن بىلىمەن،ئەمما مەن بىلگەننى ئۇلار بىلمەيدۇ “بۇنداق ئىشەنچ مېنى ھەيران قالدۇردى.گەرچە ئەلى بىلەن ئۇلارنى سېلىشتۇرۇشنى ئالىملىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت دەپ رەت قىلىپ تۇرساممۇ،لېكىن ئەلى ئۇلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇش تاماسىدا بولغاچقا ۋە ئۇنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادە قىلغاچقا بۇ يەردە ئامالسىز سېلىشتۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇرمەن.يەنە بىر تىلنى پىششىق بىلىش نوقتىسىدىن سېلىشتۇرغاندا، مەھمۇت قەشقەرى <<دىۋانى لوغەتىت تۈرك>>(تۈركى تىللار دىۋانى >>شۇ زاماندىكى ئەرەپلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش ۋە تۈركلەرنى چۈشۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەرەپ تىلىدا يېزىپ چىققان.بەلكىم ئەلى بىر كۈنلىرى ئېنگىلىز تىلىدا ئېنگىلىز تىلى دۇنياسىدىكى كىشىلەر ئېتىراپ قىلغۇدەك بىر پارچە ئەسەر يازالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرەر پارچە ئەسەرنى ئېنگىلىز تىلىغا يۇقۇرى سەۋىيەدە تەرجىمە قىلىپ ئېنگىلىز تىلى دۇنياسىغا تونۇشتۇرالىسا بەلكىم سېلىشتۇرغىدەك ئەڭ كىچىك بولسىمۇ بىر دەسمىگە ئېگە بوپتۇ دەپ ئويلىشىم مۈمكىن.پسىخولوگىيىلىك بىلىملىرىنى سېلىشتۇرغاندا،”قۇتادغۇبىلىك “”تۈركى تىللار دىۋانى “”پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى “قاتارلىق ئەسەرلىرىمىزدىكى سېستىمىلىق پسىخولوگىيە بىلىملىرىنى(«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېسىتېتى ئىلمى ژورنىلى»2014-يىللىق1-سان ”مەدىنىيەت پسىخولوگىيىسىدىن ئۇيغۇرلانىڭ يەرلەشمە پسىخولوەىيىسىگە نەزەر “دىن ئېلىندى)چۈشەنگەن بولسىدى ئۆزىنىڭ قەدىمقى ئالىملىرىمىزدىنمۇ 300يىل كېيىن قالغىنىدىن ئەپسۇسۇلانغان ، ئەگەر ئالىملىرىمىزنىڭ بىلىمىنىلا ئەمەس پەزىلىتىنىمۇ قوشۇپ ئۈگەنگەن بولسا، ئاڭلىغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرگەن بولاتتى
4.باشقىلارنىڭ بىلىم ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق مەسىلىسى ”ئەگەر سەن كەمبەغەل تۇغۇلغان بولساڭ،ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس.بىراق كەمبەغەل ئۆلۈپ كەتسەڭ،ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ “بۇ بېلگەيتىسنىڭ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق سۈزى،بىراق لېكسىيىدە ’مېنىڭ‘قىلىپ ئىشلىتىلگەن.بۇنداق باشقىلارنىڭ بىلىم ھوقوقىنى مېنىڭ دەپ ئىشلىتىۋېلىش ھەرقانداق يازما ياكى نۇتۇقلاردا چەكلىنىدۇ. بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقارقى قۇرلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بىلىش خەرىتىسى بىلەن كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ نىيىتىمنى ھەر خىل چۈشىنىشى مۈمكىن. شارنى كۈچەپ پۈۋلىسە ئېتىلىپ كېتىدىغىنىنى بىلىمەن. شۇڭىمىكىن بۇ لېكسىيىدىن ئەلى ئىنىمنىڭ بىر ئوچۇم كاللىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ چاۋىكى تەرىپىدىن ئېتىلىپ كېتەي دىگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، كاللام بولدى قىل دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسىمۇ، قەلبىم بۇنىڭغا كۆنمەي قەلىمىمنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. دىيارىمىزدىكى ئېھتىياج پسىخولوگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىشىنى كۈتىۋاتىدۇ.ئەگەر بۇ يۇلتۇزلار خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخى سىنىقىدىن ھەم ئىلمى پسىخولوگىيە پېنىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتەلمىسە تېزلا ئېقىپ كېتىشى مۈمكىن.مەن يەنىلا ئەلى قۇرباندىن ئىبارەت يۇلتۇزۇمىزنىڭ ئاقىللار چاۋاكلىرى ئارىسىدا مەڭگۈ چاقنىشىنى ئۈمۈت قىلىپ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
باشقۇرغۇچىدىن ئەلى قۇربان لىكسىيەسىنىڭ سىن فىلىمىنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسى
|