- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35349
- نادىر
- 19
- يازما
- 1765
ئۆسۈش
63.37%
|
مۇراجئەتنامە
ئەسكەرتمە: تۆنۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدە ئولتۇرسام بىر تېلېفۇن كەلدى. قارشى تەرەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ باشلانغۇچىتىكى رەسىم ئوقۇتقۇچۇم قادىر مۇئەللىمنىڭ قىزى ماھىنۇر ئىكەن. 2013-يىلى قادىر مۇئەللىمنىڭ ئەمدىلا توي قىلغان ئوغلى قەيسەرجان << قان ئىشلەش توسقۇنلۇققا ئۇچىراش كېسىلى>> گە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان تا مۇشۇ كۈنگىچە جەمئىي بىر يېرىم مىليون يۈەن پۇل خەشلەپ بولغانلىقىنى تونۇش بىلىشلەردىن ئاڭلاپ تۇراتتىم. ھەمدە نەچچە كۈندىن << ئۇيغۇرغول فوتوسۈرەتچىلىرى>>، << ئۇيغۇرغول خەتتاتلىرى>>، << ئامان بول ساقام >> قاتارلىق ئۈندىدار توپلىرىدا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قىلىۋاتقان ئىدۇق. بىراق، ئىئانە توپلاش ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك داۋاملاشماي ئىچىم بەكمۇ سىقىلىپ تۇرغاندا سىڭلىم ماھىنۇر تېلېفۇن قىلىپ، مۇمكىن بۇلسا باغداش مۇنبىرىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان<< مۇراجىئەتنامە >> نى چىقىرىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى. ھەمىمىزگە مەلۇم مۇشۇ كۈنلەردە نىمىشقىكىن ئاغرىق-سىلاقلار بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەرخىل ھەر شەكىلدىكى مۇراجىئەتنامىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ. بىراق، تېگى-تېگىدىن ئاقكۆڭۈلۈكنى ئۆزىگە ئەنئەنە ۋە ئۈزۈلمەس ئۇدۇم قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان خەلقىمىز مۇھتاجلارنى تاشلاپ قويمىدى. ئەتىراپىمىزدا << مېھرىبان ئانىلار >>، << مېھرىبان ئاتىلار >>، << تامچە >>، << بىلىپ >> دېگەندەك خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ پاك ئىنسانىي مۇھەببەتنى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ھەر بىر ئىنسان بالىسى سۆيۈنمەي قالمايدۇ. ئاللا ئىگەم ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! بىزنى مېھرى-مۇھەببەتتىن ئايرىمىسۇن! مۇھتاجلارنىڭ تىلىنى قىسقا قىلىپ، يۈرىكىنى زېدە قىلمىسۇن! ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! ياردەم قىلىشقا قۇربىمىز يەتمىگەنلەر ياخشى تېلەكلىرىمىزنى قالدۇرساقمۇ ساۋاپتۇر. بىر ئانىنىڭ جەمئىيەتكە ئوغلىنى داۋالىتىش، ئۇنى ساقايتىۋېلىش ئۈچۈن مۇراجەتنامە يازمىقى ئاسانمۇ؟! قەيسەرجاننىڭ ئانىسىنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار:
ياخشىمۇ سىزلەر؟ مەن قومۇل 13-دېۋزىيە ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايگۈل موسا بولىمەن. ئائىلىمىزدە 5 جان بار بولۇپ، قىزىم ياتلىق بولغان، كىچىك قىزىم ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆيدە خىزمەت كۈتىۋاتىدۇ. ئوغلۇم قەيسەرجان قادىر (30 ياش، مۇقىم خىزمىتى يوق.) 2012-يىلى 11-ئايدا ئوغلۇمنىڭ جىگىرىدىن چاتاق چىقىپ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدا 3300 يۈەنلىك داۋالىنىپ قايتىپ كەلدى. 2013 -يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى تۇيۇقسىزلا بۇرنىدىن توختىماي قان كېلىپ، قومۇل بىڭتۈەن قىزىل يۇلتۇز دوختۇرخانىسىغا ئاپارساق، ئۈرۈمچىگە يوللاپ بەردى.شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىدىكى 1-دوختۇرخانىدا دوختۇرلار قايتا-قايتا تەكشۈرەش ئارقىلىق << قان ئىشلەش توسقۇنلۇققا ئۇچىراش كېسىلى >> دەپ دىئاگىنور قويۇپ، يىلىك كۆچۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداق قىلىپ جەمئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك 70 نەپەردىن ئارتۇق ئادەمدىن ئوخشاش قان تىپى، قان پىلازمىلىرىنى تېپىپ تەييارلاش ئارقىلىق، ئوپراتسىيە شارائىتى يارىتىپ 2013-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتىسيىسى قىلدۇردۇق. ھازىرچە ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىدى. ئوغلۇمنىڭ قان سېستىمىنى نورماللاشتى، ساقىيىشىدا ھەر ھالدا ئۈمىد بار.
2012-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغا قەدەر، دوختۇرخانىغا تاپشۇرغان داۋالىنىش پۇلى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، جەمئىيەتتىن قان پىلازمىسى تېپىش، دوختۇرخانە سىرتىدىن ھەر خىل دورىلارنى سېتىۋېلىش ۋە باشقا چىقىملار ئۈچۈن يەنە 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلدۇق. ئۇ جەرياندا ئۆيدە بار پۇللارنى ئىشلىتىپ يەتمىگەندە ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن قەرز ئېلىپ داۋالىتىپ كەلدۇق. ھەتتا ئۆزىمىز ئولتۇرىۋاتقان ۋە ئوغلۇمغا ئالغان ئۆيلەرنىمۇ سېتىپ بولدۇق. ھازىر تۇرىدىغانغا ئۆيىمىز يوق بولغانلىقتىن چوڭ قىزىمنىڭ ئۆيىدە سىغدىلىشىپ ياشاشقا مەجبور بولدۇق.
ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئوغلۇمدا بۈگۈنگىچە بىر نەچچە قېتىم ئۆچەي يەكلەش، تېرە يەكلەش، ئۆپكە ياللۇغلىنىش ۋە زۇكامداش كۆرۈلۈپ ئىزچىل داۋالىتىۋاتىمىز. مەسلەن: بىر قېتىم زۇكام بولۇپ قالسىلا 150 مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا داۋالىنىش پۇلى كېتىدۇ. يەنى ھاۋاسى ساپلاشتۇرۇلغان ئۆيدە قارىمىساق ئاسانلا زۇكامداپ قالىدۇ. لېكىن، بىزدە ھازىر نەدىمۇ ئۇنداق شارائىت ۋە ئۆي بولسۇن!
يېقىندا يۈرەك پارەم ئوغلۇمنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن يەنە قان كېلىپ كەتكەچكە يەنە ئۈرۈمچىدە داۋالىتىۋاتىمىز. بىراق، بۇ قېتىملىق داۋالىنىش ئىنتايىن قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. ئوغلىمىزنىڭ داۋالىتىش تۈگىمەي تۇرۇپلا قايتۇرۇپ كېلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلىۋاتىدۇ. پۈتۈن مال-بىساتىمىزنى سېتىپ تۈگەتتۇق! نۇرغۇن قەرىزلەرگە بوغۇلدۇق...
ئاخىرىدا كۆپ قېتىم ئويلىنىش ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ۋە جەمئىيتىمىزدىكى بارلىق مېھرىبان ئاتا-ئانىلارغا ئۇشبۇ مۇراجەتنامىنى يېزىشقا مەجبور بولدۇق. سىزلەرنىڭ ياردەم قولىڭىزلارنى سۇنۇپ، بىز دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتىشىمىزگە، ئوغلۇم قەيسەرجاننى تېزراق ساقايتىۋېلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىڭىزلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
2015-يىلى1-ئاينىڭ7- كۈنى قومۇل
قەيسەرجاننى داۋالاشقا كەتكەن چىقىملار تىزىملىكى:
---
---
ئەگەر قەيسەرجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز قېرىندىشى ماھىنۇرغا تېلېفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقلىشىش تېلېفۇنى: 13379710647
|
|