ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىدا ياشاڭ ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر (ئاپتور شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشى ئۆز سەزمىگەن ھالدا روھىنى باشقىلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ قويىدۇ، ئۇلار شۇ چاغدا ئۆز خاسلىقىنى بىلىپ بىلمەي يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشىماي قالغانلىقىنى سېزەلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان مۇھىتتا ياشاشقا، ئۆزلىرى قىزىقمايدىغان كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلار بىلەن زورۇقۇپ شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
باشقىلار قانداق ئويلىنىپ قالار دېيىش كۆپىنچىمىزدە ئاسانلا شەكىللىنىدىغان پىسخىكا ھالەت. مەسلەن «مەن يىغىنلاردا پىكىر قىلسام بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلسام باشقىلار مېنى ئاتىكاچى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەن دەپ قالىدۇ»، «بۇ كىيىمنى كەيسەم باشقىلار زاڭلىق قىلىدۇ»، «مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۇرۇپ، كوچىدا سودا قىلسام باشقىلار نېمە دەپ ئويلار» دېگەندەك ئويلاردا بولۇپ، كۆڭۈل خاھىشى بويىچە ياشىيالمايۋاتقان، ھەتتا «قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال» دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ غايىسىدىن ۋاز كېچىپ، خاتا قىلغانلارغا ئەگىشىپ كېتىدىغانلارنى دائىم ئۇچرىتىمىز.
پىسخىكىسى ساغلام، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان كىشىلەر ھەمىشە ئېقىنغا ئەگىشىپ كېتىپ قالمايدۇ، ئۆز پىكىر – كۆز قاراشلىرىدا چىڭ تۇرالايدۇ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلالايدۇ، تۈرلۈك سىناقلارنى قوبۇل قىلالايدۇ، بارماقچى بولغان جايلىرىغا ئۆز ئىخىتىيارىي بويىچە بارالايدۇ. بەزىدە ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا مەسلىھەت سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەردىن مەسلىھەت سورايمىز، بىزگە مەسلىھەت بېرىدىغانلار ھەممىلا يەردە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، قوشنىلىرىمىز، خىزمەتداشلىرىمىز، ئەل – ئاغىنە، بۇرادەرلىرىمىز بىزگە توختىماي مەسلىھەت بېرىدۇ، ئۆز – ئىدىيە كۆز قاراشلىرىنى بىزگە زورلاپ تاڭىدۇ، ئاشۇنداق چاغلاردا بىز ھوشيار بولمىساق، ئاسانلا ئۆزىمىز ئۇزاقتىن بۇيان تاللىۋالغان توغرا يولىمىز تېيىپ كېتىمىز – دە، مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىمىزدىن ئېزىپ كېتىمىز.
ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ مەرتىۋىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنى تەنقىد قىلدىغانلار، تۈرلۈك ئىجابىي ياكى سەلبىي باھا بېرىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. ئۆلۈك ئىتنى ھېچكىم تەپمەيدۇ، يېتىۋالغانلار يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. بەزىدە «باشقىلارنىڭ تەنقىد ئوبىكتىغا ئايلانغىنىڭىز» نىڭ ئۆزى «سىزگە باشقىلارنىڭ ھەۋەس قىلدىغانلىقىنى» بىلدۈردۇ. باشقىلار قانداق ئويلىنىپ قالار دەپلا مېڭىۋاتقان توغرا يولىدىن توختاپ قېلىش، قىلىۋاتقان مۇھىم ئىشىدىن قول ئۈزۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى بىزگە مەسلىھەت بېرىۋاتقان كۆپىنچە «مەسلىھەتچىلەر» كۆپ ھاللاردا بىزنى چۈشەنمەيدۇ، ئىشنىڭ بېشىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئوتتۇرىسىنى كۆرۈپلا يۈزەكى باھا بېرىدۇ. تەربىيە كۆرگەن، بىلىملىك مەسلىھەتچىلەر باشقىلارغا مەسلىھەت بەرگەندە، ئۇلارغا بىر قانچە خىل تاللاشنى بېرىپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن خالىغان بىرىنى تاللاش ياكى بۇرۇنقى ئۆز كۆز – قارىشى بويىچە ئىش قىلىش توغرىسىدا يول كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ مەسلىھەت ئالغۇچىغا مەلۇم بىر يولنى تاللاپ بەرمەيدۇ، بۇنداق قىلىش مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ كېيىن ئىشلىرىدا مەغلۇب بولسا مەسلىھەت ئالغۇچىدىن ئاغرىنماسلىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، مەسلىھەت ئالغۇچىنى تەجرىبە – ساۋاق يەكۈنلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
نۇرغۇن پىسخولوگلار بىزگە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق روھىي ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. مەسلەن، بىرەر ئوڭىشسىزلىققا ئۇچراپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ياكى تەنقىدىگە ئۇچرىغىنىڭىزدا بېشىڭىزنى تۆۋەن سېلىپ، مۈكچىيىپ، بىچارىلەرچە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەستىن، قەددىڭىزنى رۇسلاپ پاكىز يۈرسىڭىز، ئىمكان بار كۈلۈمسىرەپ باقسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىردىنلا تىتىك ھېس قىلىپ، مەغلۇبىيەتنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتەلەيسىز، يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭ دەۋاتقان گەپلىرىمۇ كاللىڭىزغا ئاسانلىقچە تەسىر قىلمايدۇ، مۇبادا باشقىلارنىڭ چالغان دۇمبىقىغا ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز، راستىنىلا باشقىلار دېيىشىۋاتقاندەك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان قالمايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ بېقىڭ.
شۇڭا دەيمەنكى، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيادا بىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ، باشقىلارنىڭ دۇنياسىدا ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىدا ياشاشقا تىرىشىڭ، چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئەڭ پەخىرلىنىشقا تېگىشلىك تەرىپى ئۇنىڭ خاسلىقىدۇر، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەم ئۈچۈن غايىسىدىن ۋاز كېچىش ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىقتۇر، غايىڭىزدىن خالىغانچا ۋاز كېچىشىڭىز، سىزنى مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ.
|