- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3174
- نادىر
- 0
- يازما
- 120
ئۆسۈش
39.13%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaprak18 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 00:45
تىمىڭىزنىڭ بېشىدا ؛ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! باغداش مۇنبىرىدىكى ئاكا-ئاچاشلار،قېرىنداشلار! دەپ باغداش مۇنبىردىكىلەردىن ئەھۋال سوراپ ؛ شۇڭا ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ماڭا يول كۆرسىتىشىنى ئۆتۈنۈپ مۇنبەرگە بۇ تىمىنى يوللۇدۇم دەپ ئۆزىڭىزنىڭمۇ بىر ئىشلارغا تازا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغان زىيالى ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارلاپ قويۇپسىز . گەپنىڭ قىسقىسى ئايالىڭىز نىىمشقا سىزنىڭ غورۇرىڭىزغا تىگدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ ؟ سىزدە خوتۇنىڭىزنىڭ گەپلىرىى ئاسانلا غورۇرىڭىزغا تىگدىغان ئاجىزلىق ھالقا زادى نەدە تازا بىر ئويلۇنۇپ بېقىڭ . ئەركىشى دىگەن سىرىتتا قىلدىغان ئىشمىز پەقەت تۈگەپ كەتكەندىمۇ ئۆيدە خوتۇن كىشىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالساق بولمايدۇ ئىنىم . ئۆزىگە يېقىن ئەمەس كۆڭلىگە يېقىن تۇرۇشقا تىرشىڭ . يېنىدا بولمىسىڭىز ئەسلەپ تۇردىغان بولسۇن ، ۋاختىدا ئۆيگە قايتالمىسىڭىز تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال سورايدىغان بولسۇن . كۈندىزى يىراق تۇرۇڭ كىچىسى ئالاھىدە يېقىن تۇرۇڭ . گەپلىرىڭىزنى كاللامنىڭ يىتشىچە تەھلىل قىلسام ئائىلەڭلەردە ئىختىزادى قىيىنچىلىق دەيدىغان نەرسە مەۋجۈت ئەمەسكەن . دىمەك خوتۇنىڭىزنىڭ يىمەك- ئىچمەك كىيىم -كىچەك دىگەندەك ئىتىياجلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ. ئەمما ئەڭ يامىنى ئىناق ئائىلنىڭ ئاساسلىق ئۇلى بولغان ھىسيات (ئەر -ئاياللىق تۇرمۇش ) ئىھتىياجىنى قاندۇرالماپسىز . ئايال كىشى دىگەننىڭ پىسخولوگىيسى قاتمال بولدۇ . ھىسيات - كۈينۈش . سىردىدىش دىگەندەك ئۆز جۈپتىدىن بەرھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرالمىغاندا ئاسانلا تىركىدىغان ،چېچىلغاق بوپقالغاندىن سىرىت . يىلنىش ، ئۈتۈنۈش ، يول قويۇش دىگەنلەر كار قىلمايدىغان ئاشۇنداق جىدەلخور بوپ قالىدۇ . خۇلاسا كاللام سىز مۇشۇ ئەڭ چوڭ يەردىن كەتكۈزۈپ قويۇپسىز . كۆڭلىنى چىگپ قويۇپسىز . سىزگە بىردىغان مەسلەھەتىم ؛ئايالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم قېشڭىزغا قايتۇرۇپ كىلىشكە كۆزىڭىز يەتسە ، قايتۇرۇپ كىلىپ بىر مەزگىل ئۆيدە ئارام ئېلىشقا ئۈندەپ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسنى ئۈزۈپ تاشلاپ كۈندىزى قەتئى كۆزگە كىرۋالماي . كۈندۈزلۈك خىزمەتلىرىڭىزنى تۈگۈتۈپ قېشىغا كىرگەندە كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىرىڭ .گەپ سۆزدە ئىش ھەركەتتە بوش تۇرماي ئايالىڭىز ئالدىدىكى ئەرلىك ئورنىڭىزنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ . ئەمدى قېشىمغا كەلمەيدىكەن دىسىڭىز بۇ قېتىمقى نىكاھنى بىر قېتىملىق ئاچچىق ساۋاق ئورنىدا ئۆتكىزۋىتىپ ئۆزىڭىزنى ۋە ئايالىڭىزنى قىينىماي ۋاختىدا بىر- بىرىڭلارغا ئورۇن بوشتۇپ بىرىڭلار . شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تۇرمۇشلۇق بولغىچە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىىچە ۋاقىت يالغۇزلۇقتا ئۆتۈپ كىتىدۇ شۇ چاغدىلا مەسلەھەت سورمايمۇ كىيىنكى تۇرمۇشقا داغدام قەدەم باسقىدەك بوپ كىتسىلەر . چۈنكى نىكاھتىن كىيىنكى يالغۇزلۇقتا مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىر -بىرىنىڭ قەدرى ئۆتلىدۇ . ئائىلنىڭ قەدرى ئۆتلىدۇ ئەنە شۇندىلا تۇرمۇش ئىشىغا قانداق مۇئاملە قىلىشنى . خوتۇن ئەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى . ئەر ئائىلگە قانداق مەسئۇل بولۇشنى ، بەخىتلىك بىر ئائىلنىڭ قۇرغۇچىللىرى بولغان ئەر -ئايال بۇ ئىككى باش پۇرسۇناژنىڭ ئائىلدىكى ئورنى ، ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇريىتى نىملەرنى چوقۇم قىلىش نىملەرنى قەتئى قىلماسلىق دىگەندەك مۇھىم نوختىلارنى
ھىس قىلىپ يىتسىلەر . |
|