- تىزىملاتقان
- 2015-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 63
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
21%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! باغداش مۇنبىرىدىكى ئاكا-ئاچاشلار،قېرىنداشلار!
مەن تۇرمۇشۇمدا ئايالىم ئىككىمىز ئارىسىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلىدىن باغداش مۇنبىرىدىكى ھەر بىر تورداشلاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم . تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاكا-ئاچاشلارنىڭ ماڭا مەسلىھەت بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن.
ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئۆتسەم.
مەن 2007-يىلى 7-ئايدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى 9-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئىمتاھاندىن ئۆتكەندىن كىيىن 10-ئاينىڭ ئاخىرى مارالبېشى ناھىيسىنىڭ ئاقساقمارال يىزىسىدىكى بىر توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم . ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن 2013-يىلى 11-ئايغىچە 6 يىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم . يېشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ئاتا-ئانام تۇرمۇشلۇق بولۇشۇم توغرىسىدا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلدى . 2012-يىلى ئۆيدىكىلەرنىڭ تونۇتۇرۇشى بىلەن ئانام تەرەپتىن ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار بىر تۇققىنىمىزنىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىزدىشىپ ئۆتتۈق . بۇ ئارلىقتا ھەر ئىككىمىزدە بىر-بىرىمىزنىڭ مىجەز-خاراكتىرىگە قارىتا ئاز بولمىغان چۈشەنچىلەر پەيدا بولدى . ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئىككىمىزنىڭ پىكىردە بىردەكلىككە كىلىشى بىلەن 2013-يىلى 9-ئايدا توي قىلدۇق . ئايالممۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن قەشقەر شەھەر ئىچىدە مەلۇم بىر ئورۇندا خىزمەت قىلدى . تويدىن كىيىن مىنىڭ خىزمىتىم مارالبېشىدا ، ئايالىمنىڭ خىزمىتى قەشقەر شەھەر ئىچىدە بولغاچقا تۇرمۇشىمىزغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .
شۇ سەۋەپتىن ئائىلە ۋە تۇرمۇش ئۈچۈن مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ يېنىپ كەلدىم ۋە بىر مەزگىل ئۆيدە بولدۇم . 2014-يىلى 3-ئايلاردا تۇنجى بالىمىز 2 ئايلىق بولغاندا ئايالىمنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتتى . ئارلقتا بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مەنمۇ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر شىركەتتە ئىشلەشكە باشلىدىم . كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن كومپىيۇتېردا ئانچە-مۇنچە ئويۇن ئوينىغاچ لاتارىيە سېتىۋالدىم . مىنىڭ لاتارىيە سېتىۋىلىشىمغا ئايالىم قارشى ئىدى . مۇشۇ تەرىقىدە ئارلىقتا بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى ئايالىم دوختۇرخانىغا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكىلى بارسا ، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئايالىمنىڭ يەنە بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . شۇ ئىشتىن كىيىن ئايالىم ئاجرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇرۇنقىغا ئوخشاش كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينايدىغان ، لاتارىيە سېتىۋالىدىغان ئىشلارنى توختاتتىم . ئايالىمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچقا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرسىلا مىنىڭ غورۇرۇمغا تىگىدىغان ، مىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى كۆپ دەيدىغان بولۇۋالدى . شۇنداق بولسىمۇ ئايالىمنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئاجرىشىش خىيالىم بولمىغاچقا ، ئارلىقتا بىر مەزگىل ئۆتسە كەيپىياتى ياخشا بولۇپ كىتەر دىگەن ئۈمۈتتە سەۋىر تاقەت قىلىپ كەلدىم . لىكىن 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئايالىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتكەنچە 2 ھەپتىدىن كۆپرەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىۋالدى . ( ئايالىمنىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆيىمىز چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قارىشىپلا تۇرىدۇ ) يېڭى يىل كىرگەندىن كىيىن ئايالىمنىڭ ئۆيىگە چىقىپ چوڭلاردىن ھەم ئايالىمدىن ئەپۇ سوراپ ئۆيگە ياندۇرۇپ كىردىم . ئايالىمنى ياندۇرۇپ كىرگەندىن كىيىن ئارىمىزدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتنى تۈگۈتۈش ، ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئايالىمغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كۆپ تىرىشچانىلق كۆرسەتكەن بولساممۇ ، ئايالىم داۋاملىق مىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىۋەردى . شۇ سەۋەپلىك ئايالىمنىڭ دىگەن بىر ئېغىز سۆزىگە چىداپ تۇرالماي ئايالىمغا قول تەككۈزۈپ سالدىم .
شۇ ئىشتىن كىيىن ئايالىم ئەمدى سەن بىلەن ھەرگىز ئۆي تۇتمايمەن ، ئاجراشقىنىم ئاجراشقان دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە ئۆيگە كىرمىدى .
نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيتىنى بىجىردىغان ئورۇنغا بېرىپ ، ئەگەر نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولسا ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىن بىرسى ئاجرىشىشقا قوشۇلمىسا يەنىلا نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيتىنى بىجىرگىلى بولامدۇ ؟ دەپ سورىسام چوقۇم ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ قوشۇلغاندىلا ئاندىن نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيتىنى بىجىرگىلى بولىدۇ ، بىر تەرەپ قوشۇلمىسا ئاجرىشىش رەسمىيتىنى بىجىرگىلى بولمايدۇ دىدى . بۇ ئەھۋالنى ئايالىمغا تېلفۇندا دىسەم ئۇنداق بولسا سوتقا ئەرز قىلىمەن دەيدۇ .
مىنىڭ ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ ئائىلىمىزنى بۇزۇش مەخسىتىم يوق ، ئايالىمنىڭ ئۆيىدىكىللىرىمۇ ئايالىمغا ئاجراشماسلىق توغرىسىدا كۆپ نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماپتۇ .
تۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمىدىم . شۇڭا ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ماڭا يول كۆرسىتىشىنى ئۆتۈنۈپ مۇنبەرگە بۇ تىمىنى يوللىدىم . مۇنبەردىكى بارلىق ئاكا-ئاچا ، ئىنى-سىڭىل قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىق مەسلىھەتى بولسا يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ دىگەندەك ، مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان نەسىھەتلىرىنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشۇمدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەل قىلىپ كىتەلىسەم ، قېرىنداشلاردىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم .
|
|