- تىزىملاتقان
- 2014-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 679
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
35.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BURGA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 01:26
<<... تۆت مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر بىر «ئالتۇن قائىدە» نى باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق قائىدە، دەپ تەلىم بېرىپ كەلدى. ئەمما، گەرچە كىشىلەر بۇ پەلسەپىنى ئەخلاقلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر توغرا قائىدىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قانداق بىر قانۇنىيەتكە ئاساسلانغانلىقىنى چۈشەنمەي كەلدى. بۇ ئالتۇن قائىدىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
1. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
2. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
3. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ....>>
__ بىلىمخۇمار
*******************************
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
* دادامدىن ماڭا قالغىنى ئۇنىڭ ئۈگۈنىشكە بېرىلىش، تىرىشىپ كىتاب ئوقۇش،تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزئارا ياراشتۇرۇپ قويۇش، ئەپۇ سورمايدىغانلاردىن ئاغرىنماسلىق، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ،جان-جانىۋارلارنى ئاسراش ئادىتى. دادامنىڭ كەسپىگە كەلسەك ،كارخانىچى ئىدى.مەن بولسام ئوقۇتقۇچى .
دادامنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى ئېيتقىنى ئىسىمدە : كىشىلىك دۇنيا تەجرىبە قۇبۇل قىلىش جەريانى ئەمەس،ياكى باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئەينەن قۇبۇل قىلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى، قايتا سىناق قىلىش، تەجرىبە يەكۈنلەش جەريانىدۇر.
ماقالىدىكى يېڭى مەزمۇنلاردىن رازى بولدۇم.پەقەت تۈۋەندىكى ئىككى قائىدە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلدىم ،خاتالىق بولسا سەمىيمى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار.
<<ئالتۇن قائىدە>> مەزمۇنىغا كەلسەك،<< 1. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ>>
1-قائىدە بۇيىچە بولغاندا ، ئوغلىڭىزغا سىنىڭ تاللىشىڭ ۋە قىزىقىشىڭ نىمە دەپ سورىمستىنلا، <<سەن مەندەك بولىشىڭ كېرەك >> دىيىش لازىممۇ؟ ياكى كارخانىچى بولماقچى بولساڭ مەندەك بول،دۆلەت باشلىقى بولماقچى بولساڭ شىجىپىڭدەك بول،ئالىم بولماچى بولساڭ بىلىمخۇماردەك بول ... دەپ ئىلغار ئادەم، ئىش -ئىزلاردىن نەمۇنە ئېلىش تورىسىدا يول كۆرسىتىش كېرەكمۇ؟
* مېنىڭچە ، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلاق قارىشى، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنياغا بولغان تۇنۇشى،دۇنياغا كېلىش مەخسىتى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ھالال ياشاش؛ ھەرخىل قاراش، ئەقىدىگە ئىگە كىشىلەر توپى بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان بولۇش ئادىتىگە تەسىر كۆرسەتسە، ئۇلارنىڭ قانداق كەسىپ، قانداق ئورۇندا توھپە يارىتىشى ئۇنىڭ تىرىشىشى قىزىقىشىغا باغلىق.
2-قائىدىمۇ ماتىماتىكىدىكى <<ئالتۇن بۆلۈش نوقتىسى >> دەك مۇتلەق ئەمەس .بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە. بىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىز جەريانىدا باشقىلار ئۈچۈن ياخشى سۆز قلىپمۇ،ياخشى ئىش،ياردەملەرنى قىلىپ بېرىپمۇ،توغرا يوللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپمۇ تەشەككۇرغا ئىرىشەلمەي پىشانىمىزغا يەيدىغان،تەتۈر ئۈنۈمگە ئىرىشىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئەگەر بۇ قائىدە مۇتلەق توغرا بولىدىغان بولسا،جىنايەتمۇ ، جازامۇ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى.
بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئىلگىرىكى بىر ماقالىسىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيىسىگە يىتىش ئۈچۈن، << تېخنىلوگىيە ،تېخنىىكا، ماتىماتىكا،بىئولوگىيە>> پەنلىرىنى ئۈگۈنىش كېرەك دەپ يازغانىكەن. 80-يىللاردا يۇرتىمىزدا تەبىئىي پەن ئۈگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.كېيىنچە مەن ئۇنى بىراز تەس كۆرۈپ، ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇدۇم.تەبىئىي پەنگە ھېلىمۇ ئىشتىياقىم بار . ۋاختى يار بەرسە، بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئۇ پەنلەرنى ئۈگىنىش ئۇسۇللىرىنى ،تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسا.
|
|