بۇ يازمىنى ئاخىرىدا neghem-qul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 16:00
ۋول سىترىت ۋە ئامىرىكا (2)
نەغەم تۆمۈر
نەقىل: ۋول سىترىتتا ئىككەيلەن بىر قۇتا كونسىرۋانىڭ سودىسىنى قىلىپتۇ، ئۇلار باھانى بارا بارا كۆپەيتىپ قارشى تەرەپكە سېتىپ بېرىدىكەن. ئۇلار ئۈزلۈكسىز سودا قىلىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كونسىرۋانىڭ باھاسى شۇنچىلىك ئۆسۈپ كىتىپتۇكى، ئىچىدىكى بىرەيلەن قىزىقىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كونسىرۋانىڭ ئاغزىنى ئېچىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان سېسىپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. يەنە بىرەيلەن بولسا ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلاپتۇ:‹ نىمىشقا ئاغزىنى ئېچىۋەتتىڭ، كونسىرۋا دىگەن سودا قىلىدىغان نەرسە، يەيدىغان نەرسە ئەمەس!›
--------------------------------------
تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوك 17-ئەسىرلەردە كىچىككىنە بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى، ھازىر بولسا ئاسىيادىكى تەرەققى قىلغان، ئېگىز بىنا ۋە كۆركەم ماشىنىلار بىلەن تولغان زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى.
1996-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تايلاند ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى خۇشاللىقلىرىنى يۇشۇرالماي قالدى، چۈنكى شياڭگاڭنىڭ جۇڭگوغا قايتىدىغان كۈنلىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى. جۇڭگونىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىشى بانكوكنىڭ ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلىنىشىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئىزچىل كەڭچىللىك بىلەن باشقۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان تايلاند پۇل مۇئامىلە بازىرى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتى بىلەن، بىر ئاخشامدىلا دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە ئەگىشىشكە باشلىدى.
تايلاند پۇلىنىڭ پېرىۋوتى ناھايىتى تۇراقلىق بۇلىۋاتاتتى.
چەتئەل مەبلىغى تايلاندقا ئېقىن سۇدەك كىرىشكە باشلىدى.
تايلاند!
تايلاند كارخانىلىرى مەستخۇش بولدى، تايلاند پۇل مۇئامىلىسى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، تايلاند خەلقى تەنتەنىگە چۈشتى...
لىكىن، ئۇلار كۆرۈنمەس بىر قارا قولنىڭ ئۇلارغا قاراپ سوزىلىۋاتقانلىقىنى تېخى پەملىيەلمىگەنىدى.
1997-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تايلاند پۇل مۇئامىلە بازىرىدا بىنورمال كەيپىيات كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ھېچكىم نىمە بولغىنىنى دەپ بېرەلمىسىمۇ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەردە ۋەھىمە ئەۋج ئالدى، بىر قىسىم كىشىلەر غىپ غىپلا قاچتى، كۆپىنچە كىشىلەر بولسا تايلاند ئۈچۈن بەخت تىلىشەتتى.
2-ئايغا كەلگەندە تايلاند بازىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان دولقۇن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاكسىيە بازىرىدا كۈچىيىۋاتقان تايلاند پۇلى تۇيۇقسىزلا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالدى. تەسەللىگە ماھىر تايلاندلىقلار بۇخىل ۋەزىيەت تېزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلىشاتتى.
5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بولسا پۈتۈن تايلاند ساراسىمىگە چۈشتى، خەلقئارا پېرىۋوت بازىرىدىكى بىر مەۋھۇم كۈچ تايلاند پۇلىغا ھەدەپ زەربە بېرىۋاتاتتى. ئۇ خۇددى باتۇر سەركەردىنىڭ ئارمىيە قوشۇنىدەك جاسارەت بىلەن تايلاند پۇلىنى تۆكمە قىلىپ، پاخاللاشتۇرماقچى، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرىدىن پايدا ئالماقچى ئىدى. 5-ئاينىڭ15-14-ئىككى كۈن ئىچىدىلا تايلاند پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى، تايلاند پاي كۆرسەتكۈچى يىل بېشىدىكى 1200 نۇقتىدىن بىراقلا 551 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. پۈتۈن تايلاند داۋالغۇشقا باشلىدى، گەرچە تايلاند مەركىزى بانكىسى سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە پۇل پېرىۋوتىنى كونترول قىلغان بولسىمۇ، لىكىن تايلاند ئاللىقاچان ئېغىر يارىلانغانىدى، پېرۋوت زاپىسى بولسا زور مىقداردا كېمەيگەنىدى.
بۇ يەردىكى پۇلنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە پېرۋوت زاپىسى توغرىسىدا ياندىن بايان قېتىپ ئۆتەي: كۆرۈنمەس قارا قول ئالدى بىلەن كۆپ مىقداردا تايلاند پۇلى ئارىيەت ئالىدۇ ۋە پېرۋوت بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىپ دوللارغا ئالماشتۇرىدۇ. تايلاند غەزىنىسىدىكى دوللار ئازلاپ، ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغاندا بولسا، تايلاندنىڭ پېرۋوت سېستىمىسى يۇقىرى پېرۋوت نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. نەتىجىدە تايلاند پۇلى پاخاللىشىپ پۇلغا يارىماس بۇلىدۇ. كۆرۈنمەس كۈچ بۇ چاغدا ئارىيەت ئالغان تايلاند پۇلىنى قايتۇرىۋىتىپ، قالغان پۇلىنى يانچۇقىغا سالىدۇ.
7-ئاينىڭ 2-كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى 13 يىلدىن بۇيان دوللارغا باغلاپ قويغان پېرۋوت سىياسىتىنى، ئۆزگىرىشچان باشقۇرىلىدىغان پېرۋوت سىياسىتىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى يەنە بىر قېتىم داۋالغۇدى، شۇ كۈنى تايلاند پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى %18 چۈشۈپ كەتتى. پېرۋوت سىياسىتى ئۆزگەرگەن بىر ئاي ئىچىدە تايلاند پۇلى ھەتتاكى ئۆسۈپ باقمىدى. 7-ئاينىڭ 14-23-24-كۈنلىرى 1 دوللار 29.75 تايلاند پۇلى، 32.50 تايلاند پۇلى، 32.63 تايلاند پۇلى قاتارلىق ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۇل پاخاللىقىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا %25 گە يەتكۈزدى.
بىچارە تايلاند خەلقى بىر ئۇخلاپ قوپۇپلا ئۆزىنىڭ نامراتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، بەزىلەر يىغلاشتى، بەزىلەر دۇنيادىن ۋاز كەچتى...تايلاند ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن باشقا 4 مىللىيارد دوللار بايلىقىنى كۆرۈنمەس قولغا تارتقۇزۇپ بولغانىدى.
تايلاندتىمۇ بىر ۋول سىترىت بولۇپ، تايلاندلىقلار بۇ كوچىنى شىلۇڭ كوچىسى دىيىشىدۇ، شىلۇڭ كوچىسىنىڭ ئىككى يېقى بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى بىلەن تولغان، ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان فونتانلار بۇ گۈللىنىش ۋە پاراغەتتىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ، بۈگۈن گەرچە بۇ مەنزىرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، لىكىن ئاللىقاچان 50 دىن ئارتۇق بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋەيران بولغانىدى.
تايلاند پۇلىنىڭ قىممىتى پۈتۈن تايلاند خەلقىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى، كىشىلەر پۇلنىڭ قىممىتى يەنە چۈشۈشتىن بۇرۇن كۆپرەك نەرسە سېتىۋېلىشنى ئويلىشاتتى، بانكىلار، تاللا بازارلار، سودا سارايلار مىغ مىغ ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى...
كۆرۈنمەس قول تېخى تويمىغانىدى، تايلاند پەقەت بىرىنچى بېكەت بولۇپ، ئۇ ئەمدى قۇدرەتلىك قۇلىنى فىلىپپىن، ھىندونوزىيە ۋە مالايسىيالارغا سوزۇشقا باشلىدى. شۇ تەرىقىدە ئۇ شەرقى جەنۇبى ئاسىيانى بىر چۆرگىلەپ چىقتى. 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە فىلىپپىن پۇلى %11، ھىندونوزىيە پۇلى %8، مالايسىيا پۇلى %5، سىنگاپور پۇلى %1.5 چۈشۈپ بولدى، بۇ دۆلەتلەرگە كەلگەن ئومومى زىيان 10 مىللىياردتىن ئېشىپ كەتتى. بۇ تارىختىكى چوڭ ئىقتىسادى كىزىرىسلارنىڭ بىرى---شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىسادى كىرىزىسى ئىدى.
شەرقى جەنۇبى ئاسىيالىقلار غەزەپلەندى! بۇ كۆرۈنمەس قول زادى كىم؟
شەرقى جەنۇبى ئاسىيالىقلار ئورتاق بىر كىشىنى ئەيىبلەشتى-----گىئورگى سوروس.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى سوروس مەيدانغا چىقتى، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بېرما مەسىلىسىدە مالايسىيا ۋە تايلاندقا نارازى ئىكەنلىكىنى، لىكىن نارازىلىقنى بۇ پۇل مۇئامىلە جېڭىنىڭ سەۋەبى قىلىۋالمىغانلىقىنى ۋە كىرىزىسنىڭ سەۋەبچىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. لىكىن سوروس ھەققىدە ئازراقلا تۇنىشى بار كىشىلەر بۇگەپنىڭ راست يالغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالايتتى.
ئۇنداقتا سوروس كىم ؟
سوروس ئىقتىسادشۇناس، شۇنداقلا چوڭ سىياسەتۋاز، ئۇ ۋول سىترىتتىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ بىرى. بۇ 300 مىڭ كىشىنىڭ ھېكايىسى داۋاملىق ھوزۇرىڭىزلاردا بۇلىدۇ. كىيىنكى تېمىدا سوروس بىلەن زۇڭلى جۇرۇڭجىنىڭ قانداق تۇتۇشقانلىقى ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىمىز. ۋول سىترىت ئەتراپىڭىزدىلا، يانچۇقىڭىزغا پەخەس بولۇڭ!
|