- تىزىملاتقان
- 2013-10-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1116
- نادىر
- 0
- يازما
- 67
ئۆسۈش
11.6%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار ! ياخشىمۇ سىلەر ؟ بۇ يىل يەنى 2015 - يىلى ئويغانغان زىيالىلار تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى ، پېقىر بۇ چاقىرىققا تولۇق ئاۋاز قوشۇپ 1 - ئاي ئىچىدىلا ئۆزبەك ئىستانلىق يازغۇچى خەيرىدىن بەگمەتنىڭ < مېھرىبانىم قايدىسەن > رومانىنى تولۇق تاماملاپ تۈگەتتىم ، بۇ رومان شىنجاڭ گۈزەل - سەنئەت نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ئىلىكتۇرۇن ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ، ئاتاقلىق تەرجىمان ئۆبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان روزىمۇھەممەت مۇتەلىپ بولۇپ تىلى بەك گۈزەل پاساھەتلىك ۋەقەلىگى چوڭقۇر تارىخى رومان ھېساپلىنىدۇ ....بۇ روماندا ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقىغا ناھايىتى تونۇش بولغان < مەشرەپ > تەخەللۇسلۇق نامەنگەنلىك شائىرنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ بۇ روماندا يەنە جۇشقۇن شائىر مەشرەپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، دىيارىمىزدىكى ئاپاق خوجا ئوردىسىدىكى قىسمەتلىك ھاياتى جۈملىدىن دىيارىمىزدىكى سەرگەردانلىق كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ كىتاپخانلارنى يالقۇنلۇق شائىرنىڭ ھاياتى ، ئىجادىيىتى ، ئىدىيەسى ھەققىدە ئۆزگىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ ،.......
پېقىرنىڭ بۇ كىتاپتىن ئالغان ئۈزۈندىلىرىم ......
1- شائىر مەشرەپ نامەنگەندە تۇغۇلغان بولسىمۇ نەۋ قىران ياشلىق باھارى بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۆتۈدۇ .....
2- شائىرنىڭ ياشىغان دەۋرى ئاپاق خوجا زامانىسىغا توغرا كەلگەشكە ، ئاپاق خوجىنىڭ ھاياتىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ ......
3- شائىر ياش چېغىدا قەشقەرلىك بىر گۈزەل قىز بىلەن تونۇشۇپ مۇھاببەتلىشىدۇ ، ئاقىۋەت ئاپاق خوجىنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچراپ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ ،....
4- مەشرەپنىڭ كەسپى < قەلەندەرچىلىك > بولغاشقا دىيارىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا بارىدۇ ، ئېشەك بىلەن خوتەن ، يەكەن ، ھەتتاكى ئىلى دىيارىنىمۇ كېزىپ سەيلى-ساياھەت ياكى قەلەندەرچىلىك ۋەياكى دىۋانىچىلىق قىلىدۇ ...شۇ دەۋىردە ئىلىنى ياكى شىمالى شىنجاڭنى سورىغان خۇنتەيجى شاھ ۋە ۋەلى ئەھدى بىلان سۆھبەتتە بولىدۇ ...
5- ئاپاق خوجا دەۋرىدا سەئىدىيە خاندانلىغىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى ئىسمائىل خان بىلەن ئاپاق خوجىنىڭ دىئاگلوگ ۋە سۈيقەسلەر بايان قىلىنىدۇ ،....
6- ساتارىي ئىسىملىك بۇرادىرىنىڭ جاپا -مۇشەققەت ، ھوزۇر -ھالاۋەتتە بىرگە بولۇشتەك ئالى -جاناپ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ ......
7- ئاپاق خوجا بىلەن چىقىشالمىغان مەشرەپ ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئيرىلىپ ئۆز يۇرتىغا كېتىدۇ
8- بالىنىڭ دەردىدە مەشرەپنىڭ ئانىسى تولا يىغلاپ كۆزى كۆرمەس بولىدۇ ۋە مەشرەپ بىلەن دىدارلىشىپ ئۇزۇن .ۆتمەي جان بېرىدۇ .....
9- ھەممىدىن ئېچىنىشلىق يېرى مەشرەپ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگەندە بىر تاللا سىڭلىسى ياتلىق بولىدۇ ، ۋە بىر ئوغۇل تۇغۇدۇ ، مەشرەپ سېغىنىش ئوتۇدا ئۆرتۈنۈپ 5-6 ياشلارغا كىرىپ قالغان جىيەنىنى ئەركىلىتىپ قويسا سىڭلىسى يۈگرەپ كېلىپ بالىنى تارتىپ ئېپ كېتىدۇ ۋە ئاكىسىنى سىلكىپ كايىيدۇ .... بۇ ھال مەشرەپنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ ....
10 - شۇ زامانلاردا ئادەملەر بىر -بىرىنى قەشقەرلىك ، نامەنگەنلىك ، ياكى خوتەنلىكلا دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان .........
11- روماندا يەنە دىيارىمىزدىكى شۇ زامان شائىر گۇمنام خىرقىتى ، سوپى ئاللايار قاتارلىق شائىرلار بايان قىلىنىدۇ ......
12- رومان ئاخىرىدا مەشرەپنىڭ .ۆتكۈر شېئىرلىرى خان ماخمۇتخانغا يارىماي مەشرەپنى دەھشەتلىك دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ ........
بۇ روماننىڭ ۋەقەلىگى تەسىرلىك ، چۈشۈنۈشلۈك ، ئۇيغۇرنىڭ گۈزەل سۆز -ئىبارىلىرى ئىشلىتىلگەن ، ئىككى مىللەتنىڭ قان -قېرىنداشلىغى تەسۋىرلەنگەن ، چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ ...
تۆۋەندە مەشرەپنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك بىر قانچە شېئىرىنى يوللاپ قويدۇم ، ھوزۇر ئالغايسىلەر .......
نامەنگەندىن كېتەر بولسام ، مېنى يوخلار كىشىم بارمۇ ؟
غېرىپلىق شەھرىدە ئۆلسەم ، مېنى يوخلار كىشىم بارمۇ ؟
قېنى قەۋمۇ - قېرىنداشىم ، بۇ يولدا بولسا يولداشىم .
كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم ،مېنى يوخلار كىشىم بارمۇ ؟
مۇھاببەت شەربەتى ئىشتىم ، قازاندەك قاينابان تاشتىم .
بۇ فانىي دۇنيادىن كەشتىم ، مېنى يوخلار كىشىم بارمۇ ؟
توشۇپتۇ باشىمە سەۋدا ، رەمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا ،
ئۆزىگە ئەيلەدى شەيدا ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟
تۇرارگە تاقەتىم يوقتۇر ، يۈرەرگە ھالەتىم يوقتۇر ....
يۈرەكتە ئىشىق ئوتى چوقتۇر ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟
قەرارىم يوقتۇر تۇراي دىسەم ، نەمانگاندا يۈرەي دىسەم ،
جاھاننى سەير ئېتىپ كەزسەم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟
بۇ مىسكىن زارى مەشرەپنىڭ ، كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ ،
بۇ يەردىن باش ئېلىپ كەتسەم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟
يۇقارقى داستاننى مەشرەپ جانىجان سىڭلىسىدىن كۆڭلى رەنجىگەندە يازىدۇ.....توۋەندە يەنە بىر كوپلىت شېئىرىنى ئوقۇپ باقايلى .................
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىۋانە بولدۇم ،
ئەقلۇ -ھوشۇمدىن يىگانە بولدۇم .
تارتسام جاپالەر ، ئۆلسەم كۆيۈڭدە ..
تاپماي مەن ئانى ،جۇيانە بولدۇم ...
كەۋسەر شارابى يادىمغا كەلمەس ،
دەئىل لەبىڭدىن مەستانە بولدۇم ،
كۆردۈم چۈشۇمدە شەمئى جامالىڭ ،
كۆيدۈم ، ياندىم ، پەرۋانە بولدۇم ،
يۇمدىم كۆزۈمنى سەندىن بۆلەكدىن ،
كەشتىم بارىدىن رىندانە بولدۇم ،
مەشرەپكە مەي سۇن كىرسۇن قەدەھكە ،
مەسچىت ئىچىدە بۇتخانە بولدۇم ..........
بۇ شېئىرنى مەشرەپ قەشقەرلىق بىر گۈزەل ھاھىپجامالغا ئاشىق بىقارار بولغاندا يازىدۇ .........
2015 - يىلى 1- ئاي
|
|