قەدىمىي يۇناننىڭ ھەر قايىسسى دەۋىرلىرى
1.سىكلادىس مەدەنىيىتى
سىكلادىس مەدەنىيىتى ( ياكى سىكلادىس دەۋرى ) ئېگىي دېڭىزىدىكى سىكلادىس تاقىم ئاراللىرىدا پەيدا بولغان دەسلەپكى برونزا مەدەنىيىتى بولۇپ ، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3300-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىغىچە داۋاملاشقان ، لېكىن ئارخېئولوگىيەدە بايقالغان بۇ دەۋىرگە تەۋە ئەڭ دەسلەپكى دېھقانچىلىق ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ .
سىكلادىس مەدەنىيىتى مەرمەردىن ياسالغان ئادەم ھەيكىلى بىلەن دۇنياغا داڭلىق . بۇنداق ھەيكەللەر ئاساسەن قەبرىلەردىن تېپىلىدۇ ، كۆپىنچىسى يالىڭاچ ئاياللارنىڭ ھەيكەللىرى بولۇپ ، قۇرۇلمىسى ئاددىي . ھەيكەللەرنىڭ ئېگىزلىكى كىچىكلىرى نەچچە ئىنگىلىز سۇڭىدىن چوڭلىرى ئادەم بويىچىلىك . ھازىرغىچە بۇ ھەيكەللەرنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى ئېنىق ئەمەس . ھازىر ئافىنادا سىكلادىس مەدەنىيىتى سەنئەت مۇزېيى بار .
2.مىنوس مەدەنىيىتى
مىنوس مەدەنىيىتى ئېگىي دېڭىزى رايونىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت بولۇپ ، قەدىمىي يۇناندا بارلىققا كەلگەن . مىنوس مەدەنىيىتىدىن بۇرۇنقى برونزا دەۋرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1450-يىلىغىچە سوزۇلىدۇ . بۇ مەدەنىيەت راۋاجلانغان ئاساسلىق رايون كىرىت ئارىلىغا مەركەزلەشكەن .
مىنوس دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبەسى قەدىمىي يۇنان ئەپسانىسىدىكى كىرىت پادىشاھى مىنوس . ⅩⅩئەسىرنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيە ئارخېئولوگى ئارتور ئېۋېنىس گرېتسىيىدىكى كىنوسوستىن قەدىمىي ئوردا خارابىسى( يەنى ھازىرقى كىنوسوس ئوردىسى مۇزېيى ) نى قېزىپ چىققاندىن كېيىن ، بۇ ئوردا ئەپسانىلەردىكى مىنوس خانىدانلىقىنىڭ سىرلىق ئوردىسى دەپ قارالدى . شۇڭا ئېۋېنىس بۇ خارابىلىك ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەتنى مىنوس مەدەنىيىتى دەپ ئاتىدى . لېكىن كىشىلەر ئەپسانىلەردىكى مىنوسنىڭ بىر ھەقىقى مىنوس ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ . مىنوسلۇقلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم . لېكىن قەدىمى مىسىرلىقلارنىڭ " Keftiu “ دەپ ئاتىغىنى ۋە ساملارنىڭ " Kaftor " ياكى “ Caphtor “ دەپ ئاتىغىنى ھەممىسى مىنوس دەۋرىدىكى كىرىت ئارىلىنى كۆرسىتىدۇ .
مىنوسلۇقلار دېڭىز سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 1700-يىللىرىدىن ئىلگىرىلا كۆرۈنەرلىك تەشكىلىي ھالەت شەكىللەنگەن ، بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئالاھىدىلىك قىلغان مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . كۆپلىگەن تارىخچىلار ۋە ئارخېئولوگلار مىنوسلۇقلارنىڭ برونزا دەۋرىدە مۇھىم بولغان قەلەي سودىسىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان دەپ قارايدۇ : قەلەي ۋە سىپرۇس ئارىلىدا ئىشلىنىدىغان مىسنىڭ قېتىشمىسى برونزا ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ . لېكىن كېيىنچە برونزا قوراللىرىنىڭ ئورنىنى خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان تۆمۈر قوراللىرىنىڭ ئېلىش جەريانى دەل مىنوس مەدەنىيىتىنىڭ خارابلىشىش جەريانى بىلەن ماس كېلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مىنوسلۇقلار يەنە زەپە سودىسى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ، زەپە ئېگىي دېڭىزى رايونىدىن چىقىدىغان بىر خىل تەبئىي گېنى ئۆزگەرگەن مەھسۇلات ، بۇنىڭ ماددىي ئىسپاتىنى تېپىش ناھايتى تەس ، لېكىن سان تورىنىدا " زەپە يىغقۇچى " ناملىق بىر داڭلىق تام رەسىمى بار . بۇ خىل سودا شەكلى بەلكىم بىر مەزگىل كېيىنكى مەستىكى سودىسى ۋە تېخىمۇ كېيىنكى قارىمۇچ سودىسىغا قارىغاندا مىنوس مەدەنىيىتىدىن بۇرۇنلا بار بولۇشى مۇمكىن . لېكىن ئارخېئولوگلار تېخىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك سودىلارنىڭ ئىسپاتىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ، مەسىلەن : ساپال ، مىس ، قەلەي ۋە كۆپ مىقداردىكى ئالتۇن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى . ھەر قايىسسى جايلاردىن بايقالغان مىنوسلۇقلار ئىشلىگەن بۇيۇملار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى ، مىنوسنىڭ يۇناننىڭ ئۆزىدىكى مىتسېنېئان مەدەنىيىتى ، سىپرۇس ئارىلى ، سۈرىيە ، كىچىك ئاسىيا ، مىسىر ، ئىبىرىيە يېرىم ئارىلى ۋە مىسسوپوتامىيە بىلەن بولغان سودا تورى بار .
ئۇلارنىڭ تىلىغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، ئادەتتە Eteocretan دەپ ئاتايدۇ ، ئۇيغۇرچىغا مىنوس تىلى دەپ تەرجىمە قىلىنغان . ئۇلار بەلكىم ھازىرغىچە سىرى ئېچىلمىغان يىپسىمان يېزىق A نى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن . كېيىنكى مەدەنىيىتىدە ، مىتسېنېئان مەدەنىيىتى كىرگەچكە يىپسىمان يېزىق B نى ئىشلىتىشكە ئالماشقان بولۇپ ، بىر خىل دەسلەپكى ھالەتتىكى گرېك تىلى ھەرىپلىرى ئارقىلىق ئىشلارنى خاتىرلەشكە باشلىغان . يىپسىمان يېزىق B نىڭ سىرى 1950-يىللاردا ئېچىلغان ، لېكىن يىپسىمان يېزىق A نىڭ سىرى ھازىرغىچە يېشىلمىدى . شۇڭا بىز يەنىلا بۇ شانلىق مەدەنىيەتكە چوڭقۇرلاپ چۈشەنچە ھاسىل قىلالمايمىز .
بىر تالاش-تارتىشلىق خۇلاسە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى ، مىنوس مەدەنىيىتى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە كىرىت ئارىلى پەقەت ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا دۇچار بولمىغان .
3.مىتسېنېئان مەدەنىيىتى
مىتسېنېئان مەدەنىيىتى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 1600-يىللاردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1100-يىللارغىچە ) يۇنان برونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت بولۇپ ، ئۇ پېلوپوننىس يېرىم ئارىلىدىكى مىتسېنېئان شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان . بۇ قەدىمىي يۇناننىڭ برونزا دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر مەزگىل بولۇپ ، ھومېر داستانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن يۇنان ئەدەبىياتى ۋە ئەپسانە تارىخى مۇشۇ مەزگىلنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان .
4.زۇلمەتلىك دەۋىر
زۇلمەتلىك دەۋىر ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 1200-يىللاردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 800-يىللارغىچە ) يۇنان تارىخىدىكى دورىيانلار تاجاۋۇز قىلغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅢئەسىردىكى مىتسېنېئان مەدەنىيىتى ھالاك بولغاندىن تارتىپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸئەسىر ، يەنى يۇناننىڭ بىرىنچى شەھەر دۆلىتى قەد كۆتۈرگەن ۋە ھومېر داستانىغىچە بولغان دەۋىرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ دەۋىر دەل يۇناننىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدىن قۇلدارلىق جەمىيەتكە ئۆتۈش دەۋرى بولۇپ ، تارىختا " قەھرىمان دەۋرى " دەپ ئاتىلىدۇ .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 1200-يىللار ئەتراپىدا يۇنان زۇلمەتلىك دەۋىرگە كىرگەن بولۇپ ، بۇ دەۋىرنىڭ تارىخىغا ئائىت ئاساسەن ھېچقانداق ماتېرىيال يوق . ئارخېئولوگلار بۇ دەۋىردە ئوتتۇرا شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ مەدەنىيىتى يوقالغان دەپ قارايدۇ . مىتسېنېئان مەدەنىيىتىنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايلىرى ۋە شەھەرلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان ياكى تاشلىۋېتىلگەن .
[ مەنبە : ۋىكىپېدىيە ئەركىن ئېنسىيكلوپېدىيەسى ، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى ]
داۋامى بار... |