- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 14:57
1. قومۇلدىكى كونا بىنالارغا پاخ پاخ چاپلاش تۇرى قومۇلدا داۋاراڭ سېلىنىۋاتقىلى بىر قانچە يىل بولدى 2008 -يىلى مەن باجامنىڭ قىزىل يۇلتۇز ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئۆيىگە ھېيتىلاپ چىققىنىمدا بىڭتۇەن شەھەرچىسى بولغان بۇ قىزىل يۇلتۇز شەھەرچىسى (دايىڭفەن ) ئەتراپىدىكى كونا ئۆيلەرنىڭ بىر يولدىلا ھەممىسىگە پاخ پاخ چاپلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. ھەم شۇكۇندىن بۇيان مېنىڭ ئىسىىسمايدىغان ئۆيۇمگە قاچان پاخ پاخ چاپلاش نۆۋىتى كىلەر دەپ ئارزۇ قىلدىغان بولدۇم . قومۇلدىكى دىمىكراتىك ئىشلار دىگەن يازمامدا بۇ ئارزۇيۇمنى يازمىغا قىسىتۇرۇپ قويغان ئىدىم ../thread-21714-1-1.html
2.ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۇكرى بۇ ئىش بىزنىڭ بىنادا ئالدى بىلەن ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئىگەمنىڭ ئىرادىسى ،ئاندىن قالسا قومۇلدىكى ھەر قايسى خەلقپەرۋەر ھۆكۆمەت خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ، 2014 -يىلى يازدا ئەمەلگە ئاشتى ، يەنى بىزنىڭ زاۋۇتنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىغىمۇ پاخ پاخ چاپلىماقچى بولدى . بىڭتۇۋەندە بىر يولدىلا ئورۇنلانغان پاخ پاخ چاپلاش ئىشى بىزدە مانا موشۇنداق يىلىمۇ يىل كۇتۇش ئارقىلىق بارا بارا ئەمەلگە ئېشىۋاتقان ئىدى . قومۇل شەھرىدىكى نۇرغۇنلىغان كونا بىنادىكى ئائىللەر مانا موشۇ ھۆكۆمەتنىڭ پاخ پاخ چاپلاش تۇرىنىڭ ئۆزىگە كىلىشنى كۇتۇپ قار ياققان كۇنلەردە ئۆيلىرىدە دىرىلدەپ ئولتۇرغاندۇ .
3.ئۆزەمگە كەلسەم مېنىڭ ئۆيۇم زاۋۇت تەرپىدىن 2000 -يىلى سېلىنغان .پاخ پاخ چاپلاش سىياسىتىگە ئۇلگۇرمىگەن ئۆي ئىدى . ئامما لېكىن بالام تۇغۇلغان ئاشۇ يىللاردا ئۆينىڭ سوغۇقلىقىنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدىم جۇمۇ .بالام ئاشۇ يىلى قىشتا ئايىغى چىقىپ يالاڭ ئاياغ سوغۇق ئۆيدە ئۇياندىن بۇيانغا دوڭ دوڭ دوڭ يۇگرەيدۇ ، پايپاق كەيگۇزۇپ قويسام ، چۇچۇلۇپ يۇزۇمگە قارىتىپ ئاتىدۇ .ئايىلىم بىلەن ئىككىمىز نىمە قىلىشمىزنى بىلمەي تۇرۇپ كىتىمىز .يا بۇ يېڭى ئايىقى چىققان بالىنى باغلاپ قويغىلى بولمىسا ، ئۇ ئازاپلىق قىشنى ھەرگىز ئۇنتىمايمەن ،ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى تۇتسام مۇز چىقاتتى . مەنلا توڭلىسام مەيلىتى ، ئەمما يۇرۇگۇمنىڭ پارىسى بولغان بالام قىزىرىپ كەتكەن تۇمشۇقىنى خىرت خىرىت قىلىپ ئۆيدە چېپىپ يۇرۇشنى كۆرۇش مەن ئۇچۇن ئازاپ ئىدى . شۇ ئاي شۇ كۇنلەردە ھەتتا ھۆكۆمەتنىڭ پاخ پاخ چاپلىشنى كۇتۇپ ئولتارماي ئۆزەم بىر ئىككى تۇمەن كەتسىمۇ ئۆز ئۆيۇمنىڭ ئەتىراپىغا بولسىمۇ چاپلىتىۋالاي دەپمۇ ئويلاپ كەتكەن يەرلىرىم بار ، ئەمىليەتتە خىزمەتداشلىرىمنىڭ دىيىشچە قومۇلدا مەلۇم بىر بىنانىڭ بىرىنىچى قەۋىتىدە ئولتۇرىدىغان بىر جۇپ بۇۋاي مۇماي راستىنلا ئۆزى پۇل چىقىرىپ بىرىنىچى قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ سىرتىغا پاخ پاخ چاپلاتقان ئىكەن .
4. تىلىگەن تاپار دىگەندەك 2014 -يىلى بالام بەش يېرىم ياشقا كىرگەندە ئاخىرى بۇ نۆۋەت بىزنىڭ زاۋۇت بىناسىنىڭ ئائىللىكلەر بىنالىرىغا كەلدى . ئالتىنچى ئايدا پاخ پاخ چاپلاشنى باشلىغان بۇ لىڭتاسما ئەترەتنىڭ ئىشى 11ئايدىمۇ تۇگۇمىدى . پاخ پاخ چاپلاش باشلىنىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن مېنىڭ ئۆيۇمنىڭ قۇياش ئىنىرگىيىلىك مۇنچامدىن بىر تامچىمۇ سۇ چۇشمەس بولدى . شۇنداق قىلىپ زاۋۇتتىن ئىبارەت يەرلىك خاقانلىققا گەپ قىلىشقا ئايالىمنىڭ تېلفۇن ئۇرۇشىنى لايىق تاپتىم .ئايالىم بۇ ئىشنى زاۋۇت ئشىچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ باشلىقىغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئۇچ كۇن ئىچىدە بۇ ئىشنى پۇتتۇردى ، ئەسلىدە پاخ پاخ چاپلىغۇچىلار قۇياش مۇنچىمىزنىڭ ئۇچ ئەينەك توخمىقىنى سۇندۇرىۋەتكەن ئىكەن . بۇئىشقۇ زاۋۇت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆڭۇل بۆلىشى بىلەن پۇتكەن بولدى .
5. ئەمما ھاۋا تەڭشۇگۇچىمىزنىڭ يەتتىنچى ئاي رامزاندا ئسسىق پۇرلىىشى ئەرۋاھىمنى قىرىق گەز ئۇچۇردى .بۇ ئىشمۇ پاخپاخ چاپلىغۇچىلار تەرپىدىن بىر ساقىغان سۇ نورىنى بۇزۇۋېتىشتىن بولغان ئىكەن .بولمىسا ھاۋا تەڭشىگۇچمۇ رامزاندا ناھايىتى خوش يېقىۋاتقان ئىدى . باشقا چاغدىغۇ ئېچىپ كەتمەيمەن بۇ ئوقەتنى. مۇزدەك ھاۋا ئادەمگە ئىككى ئۇچ سائەتلىك ئۇيقۇ بېغىشلايىتتى .شۇنىڭ بىلەن ئىپتارغىمۇ ئۇلىشىۋالاتتىم دەيمەن . بۇ ئوقەتنى ھازىرغا قەدەر ئوڭشاپ بەرمىدى . يەنە ئشىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقىغا تېلفۇن ئۇرۇدىغان ئىشمىكىن بىلىمىدىم .
6. يەنە قوياش مۇنچىمىزنى سۆكۆۋەتتى . بىنانىڭ تۆپىسىگە پاخ پاخ چاپلايمىز دەپ مۇنچىمىزنى سۆكۆۋەتتى .ئەمما چاپلاپ بولۇپ ئورنىتىپ بەرمىدى . بۇ يىل قىش مۇنچىمىز سۆكۆكلۇك ھالەتتە بىنانىڭ ئۇستىدە تۇرۇپتۇ . بۇنداق مەسئولىيەتسىز پاخ پاخ چاپلىغۇچىلارنى كۆرمەپتىكەنمەن .تېخى بۇ تۇرنىڭ ھۆكۆمەت زاۋۇت ، شەخىس ھەمكارلىقىدىكى تۇر بولۇپ قالغىنى .
7. مەسئوليەتسىز پاخ پاخ چاپىلىغۇچىلار بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئاسىتىغا يەر ئاستى ئۆيلىرىنى ئېچىپ بەرمىدى دەپ پاخپاخ چاپلىمىدى .ئەسلىدە زاۋۇت تەرەپتىن بىر نازارەتچى ھەممە يەر ئاستى ئۆيلىرنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئېلىپ ئۆزى نازارەت قىلىپ تۇرۇپ يەر ئاستى ئۆيلىرىنى ئېچىپ بەرگەن بولسا يېرىم كۇندە پۇتۇدىغان ئىش ئىدى ، ئەپسۇس بىنادىكى ساپاسى تۆۋەن خوشنىلار ئۆز يەر ئاستى ئۆيلرىىدىكى "بايلىقلىرىدىن "ئەنسىىرشىپ يەر ئاستىغا پاخ پاخ چاپلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرىنىچى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ھەققى بولغان يەر ئاستىدىكى سوغۇقتىن پاناھلىنىدىغان پاخ پاخ چاپلاش ئەمەلگە ئاشمىدى . مەن بۇ خىل خوشنىدارچىلىقتىن قاتتىق نەپرەتلەندىم ، مەنلا بولسام خەق نىم بولسا مەيلىغۇ دەيدىغان بۇ ئىديە زاۋۇت ئشىچىلىرىنىڭ ساپاسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى . زاۋۇت تەرەپمۇ نازارەتكە ئادەم بەلگىلىمەي پاخ پاخ چاپلىغۇچىلار ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىۋەردى .بىر كۇنى مەن ئۇلارنىڭ پاخ پاخ چاپلاپ ئۇستىگە مىخ قاقىدىغان يەرگە مىخ قاقمايلا سىمونىت لايدا سۇگاۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ قالدىم ۋە بىزنىڭ قەۋەتتكى ئشىچىلار ئۇيۇشمىسدا ئىشلەيدىغان تەتەينى چاقىرىپ چىقتىم ، تەتەينىڭ ئارلىشىشى بىلەن ئۇلار قالغان يەرگە مىخ قاقىدىغان بولدى ، بۇرۇنقى مىق قېقىپ تۇراقلاشتۇرمايلا سۇگۇۋەتكەن جايلىرى شۇ پېتى قالغان بولدى .
8.قارىغاندا ھۆكۆمەت خەلق ئۇچۇن تۇر مەبلەغ سىياسەت ئاجراتقان بىلەن نازارەتنى چىڭ تۇتمىسا قالغان ئىشلارمۇ بىكار ئىكەن دىگەن ئويغىمۇ كەپ قالدىم .
9.بىز بۇ ئشى باشلىنىپ ئككىنىچى ئيىدا شەخىسىتىن تۇتۇشقا تىگىشلىك ھەممە پۇلنى نەق تۇتۇپ بولغان بولسىمۇ ،ئەمما دېرىزىلەرنى يېڭىلاش ئالتىنچى ئايدىن باشلاپ ئۆلچەپ سىزىپ ، ئالماشتۇرامسەن ئالماشتۇرمامسەن دەپ ئالتە قېىتىم سوراپ ، ئالماشتۇرۇمەن دەۋىرىپتىمەن ، ئەمما پۇتۇن ياز بويى دېرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇش يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ دەبدەبىلىك خەلققە نەپ يەتكۇزۇش تۇرى بەش ئالتە قولدىن ئۆتۇپ موشۇنداق بىر ياز ئىشلىسىمۇ "تۇگۇمەيدىغان " ھالەتكە قالغانمىش .ئەھۋال مانا شۇنداق دېرىزىمىز تا ھازىرغىچە ئالماشتۇرۇلمىدى ، ھاۋاداندىن چىققان چاتاقنى ئوڭشىمىدى ، قوياش مۇنچىمىز بىنانىڭ تۆپىسىدە سۆكۆكلۇك ھالەتتە باھار كەلسە بۇ ئىشلار يوق بولامدۇ ،ياكى ئوڭشالمامدۇ بۇنى ئۇقمايمەن .
10 .ئەڭ ھەجۋى يېرى پاخ پاخ چاپلاش ئىشى گويا قىش كىلىپ تۇگۇمىگەن قۇرلۇشلاردەك يۇغان ئىشتەك ، تۇيۇقسىز توختاپ قالدى .پەقەت بىر بىنانىڭ يان تەرىپى قالدۇرۇپ قويۇلدى . قومۇلنىڭ پاخ پاخ چاپلاشقا مەسئول ئورگان كادىرلىرى چېنىققاچ شەھەر ئايلانما يولىنىڭ ئېلىكتىر ئىنىرگىيە يېڭى كەنتىنىڭ (دىيەنلى شىن سۇن ) شەھەر ئايلانما يولىغا ئۆتكەن تەرەپتىن قارىسا ئىلىكتىر ئىنىرگىيە يېڭى كەنتىدىكى بىر پىشىگە پاخ پاخ چاپلانمىغان بىنا ئۆيلىرىنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ . دىمەك بىزنىڭ زاۋۇتنىڭ پاخ پاخ چاپلاش ئىشىدا نۇرغۇن ئىشلار باھارغا قالدۇرۇپ قويۇلدى . قېنى پۇلىسىنى تۆلەپ بولغان دېرىزىلەر ئالماشتۇرۇلامدۇ ؟مېنىڭ ھاۋا تەڭشۇگۇچۇم ياسىتىپ بىرىلەمدۇ .قۇياش مۇنچامنىڭ ھالى قانداق بولۇپ كەتتىكىن ، (بىزنىڭ بىنادا جەمئى تۆت قوياش مۇنچىسىنى سۆكۆپ تاشلاپ قويۇپتۇ ) بۇ ئىشلارنى ئايىغىمىزدىن شامال ئۆتۇپ تۇرسا داۋاملىق تورداشلارغا رىۋايەت تەرىقىسىدە سۆزلەپ بەرگۇم بار .
رەسىملەر توردىن چۇشۇرۇلگەن پەقەت پايدىلنىش قىممىتى بار
|
|