قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9339|ئىنكاس: 115

گۈلەن: قىزىم ۋە دەرىزە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

11

دوست

329

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33614
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 20:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىم ۋە دەرىزە
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
«قىزىمنىڭ ئامېرىكىسى» ناملىق كىتابىمدىن ئارىيە


    مەسئۇدە ئامېرىكىدىكى چاغلىرىدا مىھمانخان ئۆينىڭ سىرىتقا قارايدىغان يوغان دەرىزىسى ئالدىدا ئويناشقا ئامراق ئېدى.  دائىم دەرىزە ئالدىدىن كەتمەيدىغان تىيىنلارنىڭ شوخلۇقلىرىنى كۆرۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ھوزۇرلۇق بىر ئىش ئېدى. ئۆيىمىزنىڭ ئالدى كەينى چىمىلىق بولۇپ ئىشىك ئالدىمىزدىكى تۆرت-بەش تۈپ ئارچا تىيىنلارنىڭ ماكانى ئېدى. بۇ تىيىنلار ئادەملەردىن قىلچىمۇ ھېيىقمايدىغاندەك دائىم دەرىزىلىرىمىزگە يامىشىپ قوغلىشىپ ئوينىشاتتى. سەھەرلىرى مەسئۇدە ئورنىدىن قوپۇپ بولغىچە تىيىنلار دەرىزىنىڭ تەكچىسىگە چىقىپ ئۆي ئىچىگە قاراپ تۇرغان بولاتتى. ئەگەر مەسئۇدە ئورنىدىن تۇرۇشنى خالىمىسا "مەسئۇدە سىزنى تىيىن دوستلىرىڭىز ساقلاپ كەتتى، ئۇلار سىز بىلەن يەسلىگە بارىمىز دەيدۇ، ئۇلار ئۆيلىرىدە ناشتا قىلىپ، سىزنى ئالغىلى كەپتۇ" دەيتتۇق. قىزىم كۆزىنى ئېچىپلا، ئۆزىگە دەرىزىدىن قاراپ تۇرغان تىينلارغا ئېنگىلىزچە "خەيىرلىك سەھەر" دەپ سالام قىلاتتى، دە يۇيۇنغىلى كىرىپ كېتەتتى.
     قىزىمنىڭ نېمە ئۈچۈن دائىم تىيىنلارغا ئېنگىلىزچە سالام قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي، سەۋەبىگە قىزىقاتتىم. ئايالىم ئىكىمىز مەسئۇدەنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن دائىم ئۇيغۇرچە ھىكايە ئېيتىپ بېرەتتۇق. ئادەتتە ئۇنىڭ ئۆيدە بىزگە ئېنگىلىزچە سۆزلىشىشىنى چەكلەيتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قائىدىنى بۇزۇپ دەرىزە ئالىدىكى تىيىن دوستلىرىغا ئەتىگەندە بىسىمىللارھ دېمەستىن ئېنگىلىزچە سۆزلەپ قوپۇشى مېنى سەل بىئارام قىلاتتى. بىر كۈنى مەسئۇدەنىڭ دەرىزە ئالدىدا ئولتۇرىۋېلىپ تىيىنلارغا ئېنگىلىزچە نېمىلەرنىدۇر دەۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. شۇئان ئۇنىڭدىن "ھەسەل قىزىم، ئۆيدە ھەممىمىز ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان بولغانغۇ؟" دەپ سورۇدۇم ئۇنىڭ سارغۇچى چاچلىرىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ. " ئامېركىلىق تىين ئۇيغۇرچە بىلەمتى ئەمىسە، " دەپ جاۋاپ بەردى قىزىم ئۆزىنى ھەقلىقتەك ھىس قىلىپ ئىشەنچ بىلەن. ئۆزۈمنى كۈلۈپ تاشلاشتىن ئارانلا توختىتىپ، " توغرا، ئامېرىكىلىق تىيىن ئۇيغۇرچە ئۇقمايدۇ، مەن بىلمەي قاپتىمەن" دېدىم. قىزىم ۋەتەندە تىيىن كۆرۈپ باقمىغان ئېدى. ئۇنىڭ تىيىننى ئامېرىكىدا تۇنجى كۆرۈشى بولغاچقا بۇ مەخلۇقنى ئۇيغۇرچە ئۇقمايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ.  
    - قىزىم، قايسى ھايۋانلار ئۇيغۇرچە ئۇقىدۇ؟ دەپ سورىدىم قىزىمنىڭ سۆزلىرىگە تېخىمۇ قىزىقىپ. – مۈشۈك، ئىت، قوي، كالا، ئۆچكە، ئات، ئىشەك، ھە... يەنە چۈمۈلە...ھەممىسى ئۇيغۇرچە بىلىدۇ. دەپ جاۋاپ بەردى قىزىم تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن. دېمەك، قىزىم ئۆزى ۋەتەندە كۆرۈپ چوڭ بولغان ھايۋانلارنى ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، ۋەتەندە كۆرۈپ باقمىغان، ئامېرىكىدا تۇنجى كۆرگەنلىرىنى ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ، دەپ قارايدىكەن.
    مەسئۇدەنىڭ دەرىزە ئالدىدا تىيىنلار بىلەن ئۆتىدىغان ۋاقتى كۆپەيگەنچە، ئۇنىڭ ئۆيدە ئېنگىلىزچە سۆزلەيدىغان ۋاقتىمۇ كۆپىيىپ باراتتى. ئويلاپ باقسام مەن ھەر ئاخشىمى قىزىمغا ھىكايە سۆزلىگەندە كۆپىنچە تىينلارنى ئوبراز قىلىپ سۆزلەپتىمەن. ئۇنىڭ تىيىنلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپەيگەنچە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىغان ۋاقتىمۇ ئۇزۇراشقا باشلاپتۇ. قىزىمنى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان قىلاي دەپ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۆزلەيدىغان ھىكايىلەردىن تىيىننى چىقىرىپ تاشلاپ ئاتنىڭ ئوبرازىنى كۆپرەك گەۋدىلەندۈردۈم. تاللا بازىرىغا ئېلىپ بارغاندا ئويۇنچۇق ئاتقا مىندۈردۈم، ئاتنىڭ قونچاقلىرىنى ئېلىپ بەردىم. تىرىشچانلىقلىرىم ئۈنۈم بېرىپ، قىزىم "ئۇيغۇرچە بىلىدىغان" قونچاق ئاتلىرىغا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ئويناشقا باشلىدى. بىر كۈنى مەسئۇدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كىمنىڭ قويغانلىقىنى سوراپ قالدى. ئاپىسى دەرھال مېنى كۆرسىتىۋېدى، بوينۇمغا گىرە سېلىپ، ئويۇنچۇق ئاتلىرىغىمۇ ئىسىم قويۇپ بېرىشىمنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. سادىر، رىزۋانگۈل، نۇزۇگۇم، ئوغۇزخان...دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ بەردىم قىزىمنىڭ ئاتلىرىغا.
     ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ئانچە ئېسىمدە يوق، بىر كۈنى قارىسام قىزىم دەرىزە ئالدىغا ئولتۇرىۋېلىپ "سادىر دېگەن سۆزدىن باشقىنى ئېنگىلىزچە دەپ، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. دىققەت قىلسام سادىر ئىسىملىك تىيىنغا تاماق تەييارلاپ دەرىزە سىرتىغا قويۇپ قويۇۋاتقان ئىكەن. –قىزىم بۇ تاماقنى كىمگە ئەتتىڭىز، دېدىم ئاستا يېنىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ. –سادىرغا. –سادىر دېگەن تىيىن بەك ئورۇقكەن. دادىسى ئاپىسى يوق ئوخشايدۇ. ئۆيى يوق بولغاچ، ئاچ يۈرۈپ ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. شۇڭا تاماق ئېتىپ ساقلاپ قويدۇم، دېۋىدى ماختاپ سۆيۈپ كەتتىم. ئەسلىدە بۇ مەسجىدىمىزدە ئادەتكە ئايلانغا ئىش ئېدى. مەسجىدتە نامراتلار ئۈچۈن ھەركۈنى كەچلىك تاماق ھازىرلىنىپ چوڭ يولغا قارايدىغان دەرىزىگە قويۇپ قويۇلاتتى. مۇھتاجلار ھەمىشە ۋاقتىدا ئېلىپ كېتەمدۇ، قانداق ئىشىقىلىپ دائىم دەرىزە تەكچىسىنىڭ كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بوشاپ قالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئېدىم. مەن قىزىمغا بۇ ساۋابلىق ئىشنى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ بەرگەن ۋە ئۇنى جۈمەگە ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا، شۇ دەرىزىگە ئايالىم ئەتكەن ئۇيغۇر پولوسىنى ئاپىرىپ قويۇشقا بەرگەنىدىم. قىزىمنىڭ مەسجىدىمىزدىكى بۇ خەيرلىك ئىشقا شۇنچە تېز ۋارىسلىق قىلغىنىدىن سۆيۈندۈم. ئەمما ئۇنىڭ مۆھتىرەم ئۇيغۇر قەھرىماننىڭ ئىسمىنى "ئۇيغۇرچە سۆلەيدىغان ئات" قا قويۇپ بەرسەم، ئامېرىكلىق تىينغىمۇ قويۇۋالغىنىغا ھەيران قالدىم. – قىزىم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ئاتنىڭ ئىسمىنى نېمىشقا ئامېرىكىلىق تىينغا قويۇۋالدىڭىز؟ دەپ سورۇدۇم مەسئۇدەنى قۇچاقلاپ. –سېنىڭ سادىر دەپ ئامېرىكىلىق دوستۇڭمۇ بار ئىكەن، ئۇيغۇر دوستۇڭمۇ بار ئىكەنغۇ؟ دېمەسمۇ كۈلۈشتىن باشقا ئامالىم بولمىدى. مەسجىدتە قىزىم بىلەن تاماقنى ھېلىقى دەرىزىگە قويۇپ قايتقاندا، سابىر ئىسىملىك قارا تەنلىك ئامېرىكان مۇسۇلمان دوستۇم ماشىنىسىدا ئىكىمىزنى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ قويغانىدى. يەنە بىر تۇرك دوستۇم بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمىمۇ سادىر ئېدى. تۈركچە ئۇيغۇرچىغا ئوخشىغاچقا مەسئۇدە سادىرنى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇيغۇر دەپ بىلىپ قاپتۇ.
     مەسئۇدە دەرىزە ئالدىدا سەكرىشىپ يۈرگەن تىينلار بىلەن ئويناشنى بەكمۇ خالايتتىيۇ، دائىم چارىسىز قالاتتى. قورقۇنچاق تىينلار قىزىم ھەرقانچە تاماق ئېتىپ مىھمان قىلسىمۇ، دەرىزىنى ئاچقان ھامان قۇيرۇقلىرىنى خادا قىلىپ قېچىشاتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى مەسئۇدە - دادا، مەن تىينلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، نېمىشقا ئۇلار مېنى ياقتۇرمايدۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. – قىزىم تىينلار سىزگە ئامراق بولمىسا، دەرىزىڭىزنىڭ ئالدىدا ئوينىمايتتى، ھەر سەھەر سىزنى يوقلاپ كەلمەيتتى، ئەتكەن تاماقلىرىڭىزنى يىمەيتتى. تىينلار سىزنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما تىيىن دېگەن مۈشۈكتەك ئادەملەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشىيالمايدۇ. تىينلارنىڭ سىزدىن قاچقىنى سىز بىلەن قوغلاشماق ئوينايلى دەپ تەكلىپ قىلغىنى، شۇنداق ئەمەسمۇ! دېدىم. قىزىم بۇرۇن قەشقەردە مۈشۈك بېقىپ باققان بولغاچقا دېگەنلىرىمنى ئاسانلا چۈشەندى.
      بىر دەم ئېلىش كۈنى قىزىمغا دائىم ھەمراھ بولىدىغان تىيىن دوستلارنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن پىيادە يېرىم سائەت يىراقلىقتىكى تاللا بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتىم. مەسئۇدە ۋېلسىپىتىنى مىنىپ، ۋاگۇننى كەينىگە چېتىپ دائىمقىدەك ئالدىمدا يۈرۈپ كەتتى. ئايالىم ئىكىمىز ئادەتتە مەسئۇدەنىڭ ۋاگۇنىغا بازاردىن سېتىۋالغان يېنىكرەك لازىملىقلارنى سېلىپ بازارغا بېرىپ كېلەتتۇق. مەسئۇدە "پىكاپ" ىنى ھەيدەپ، ۋاگۇندىكى ئۆزى سۆرەۋاتقان لازىملىقلارغا پات- پات قاراپ قويۇپ مەغرۇر يۈرۈپ كېتەتتى. ئۇ كۈنى تاللا بازىرىغا بېرىپ قىلغان ئىشىمىز مەسئۇدەگە قاچالمايدىغان تىيىننىڭ قونچاقلىرىنى تاللاش بولدى. قىزىمنى يالغۇز قويۇپ ئارچىلارغا چىقىۋالالمايدىغان بۇ قونچاق تىيىنلار قىزىمنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرغان بولدى. مەسئۇدە تاللىغان ئۈچ تىيىن قونچاق تولىمۇ سىپتا ياسالغان ئېدى. ئۇنى نېمىشقا ئۈچلا تىيىن تاللايدىكىن دېسەم، بىرى دادا تىيىن، يەنە بىرى ئانا تىيىن، ئەڭ كىچىكى بالا تىيىن ئىكەن. ئويلاپ باقسام قىزىمنىڭ ئات قونچاقلىرىمۇ ئۈچ ئىكەندۇق. قىزىم ئۆيگە قايتىپلا تىينلار بىلەن ئويناشقا بېرىپ كەتتى. مەن توردىن مۆمىنجاننىڭ يېڭى ناخشىلىرىنى تىڭشىغاچ ئىشىمغا كىرىشتىم. بىر چاغدا كۆزۈم ئاغىرىغاندەك بولۇپ ئورۇندۇقۇمنى كەينىگىرەك تارتىپ ئەمدىلا ئولتۇرىشىمغا بىر نەرسە پاسسىدە قىلىپ يېرىلغاندەك بولدى. قارىسام مەسئۇدە ئالغان بالا تىيىن قارنى چۇۋۇق يېتىپتۇ. قىزىم بۇ تۇيۇقسىز "پاجىيە"نى كۆرۈپ چىرايى ئۆمچەيدىيۇ، مېنىڭ خىجىل بولغان، تەڭقىس ھالىتىمگە قاراپ باشقا گەپ قىلماي، ئۈنسىز ياش تۆكۈپ رەھمەتلىك تىيىننى قۇچقىغا ئالدى. خىرتىلداپ يىغلاۋاتقان قىزىم ئوڭايسىزلىنىپ كەچۈرۈم سوراشلىرىمدىن كېيىن ئۆزىنى تۇتىۋالدى. ئىكىمىز ۋاپات بولغان تىيىننى مىھمانخانىمىزنىڭ دەرىزىسى ئالدىدىكى چىملىققا دەپىن قىلدۇق. مەسئۇدە دەپىن جەريانىدا ئۈن سېلىپ يىغلىماستىن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى جىمجىت ئاياقلاشتۇردى. ئۆزۈمچە قىزىمنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ تەمكىنلىكىدىن خاتىرىجەم بولۇپ قالدىم ۋە ئۆيگە كىرىپلا يەنە كومپىيوتىرىمنىڭ ئالدىغا چۆكتۈم. بىر چاغدا قۇلىقىمغا قىزىمنىڭ مىشىلىدىغان ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى. يۈرىكىم ئېغىپ قارىسام مەسئۇدى يىغلاۋېتىپتۇ. قۇچقىمغا ئېلىپ سەۋەبىنى سورۇدۇم. ئەسلىدى قىزىم قونچاق تىيىننىڭ "ۋاپات" بولغىنىغا بەك ئازاپلانغان ئىكەن. پەقەت ئۈن سېلىپ يىغلاپ سالسا مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنى تۇتىۋاپتۇ. قونچاق تىيىننى دەپىن قىلىۋاتقاندا قەشقەردىكى چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەن مۈشىكى ئېسىگە كېلىپ ئىچى ئىچىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرىزە ئالدىدا يالغۇز ئولتۇررۇپ ئاخىرى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىغان ئىكەن.
     مەسئۇدەگە قاراپ مەنمۇ ئېزىلىپ كەتتىم. بىچارە قىزىم تەسەللى بەرسەم پەس بولغاندەك قىلاتتى، باشقا ئويۇنلارغا مەغىل بولۇپ سەل ئۇنۇتقاندەكمۇ بولاتتىيۇ، كۆزى ھېلىقى دەرىزە سىرتىدىكى چىملىققا، ئۆزى ئامراق مەرھۇم دوستىنىڭ "قەبىرىسى"گە چۈشكەن ھامان ئۇلۇق كىچىك تىناتتى. ئاخىرى ئۇنى "قەبرە" كۆرىنىدىغان دەرىزە ئالدىدىن قايتتۇرۇپ ئۆينىڭ كەينى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ياتاق ئۆينىڭ دەرىزىسى ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. بۇ دەرىزدىن ھەرخىل چىمەنلەرگە پۈركەنگەن بىر دۆڭلۈك كۆرۈنەتتى. دۆڭلۈكتە قىزىل، سېرىق، سۆسۈن ۋە بىنەپشە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئېدى. دەرىزىنى ئاچتىم، گۈللەرنى لەرزان ئۇسسۇلغا سېلىۋاتقان سەلكىن شامال خۇشبۇي ھىدى بىلەن دېماقلارنى ھوزۇرلاندۇراتتى. دەرىزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ
ئۆينىڭ ئارقىسى لالە،
لالە ئارا يۈرگىمەچ.
يۆرگىمەچتەك سولاشتىم،
مەن دادامنى كۆرمىگەچ.
      دېگەن قوشاقنى توقۇدۇم ۋە شۇنىڭغا ئۇلاپ بىر قاتار قىزىقارلىق قوشاقلارنى توقۇپ ئۇنى كۈلدۈردۈم. مەسئۇدە بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ۋە مېنىڭ قوشاقلىرىمنىڭ تەسىرىدىن ئازاپلىرىنى ئۇنۇتتى بولغاي ئوقۇتقۇچى كرىستىنىڭ يەسلى ئالدىدىكى مۇشۇنداق ياۋا گۈللەردىن دەستە تىزىپ ئۆزىگە سوۋغا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ خۇشال كەيپىياتىغا، ھاياجانلىق كەچۈرمىشىلىرىنى ھىكايە قىلىۋاتقاندىكى جۇشقۇن ھالىتىگە قاراپ خىيالغا شۇڭغۇدۇم. ئەمەلىيەتتە كۆز ئالدىمدىكىسى ھېلىلا يىغىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان مەسئۇدە شۇ. بۇ يەردە ئۆزگەرگىنى دەرىزە ۋە دەرىزە ئالدىدىكى پەرقلىق مەنزىرە. ئاۋالقى دەرىزىدىن كۆرۈنگەن تىيىننىڭ قەبرىسى قىزىمغا قەشقەردە ئۆلۈپ كەتكەن مۈشكىنى ئەسلەتتى. بۇ ئەسلىمە ئۇنىڭ قەلبىدىكى يات ئەلدە تېخىمۇ ئاسان قوزغىلىدىغان ئايرىلىش، مەھرۇملۇق ۋە سېغىنىشنىڭ ئازابىنى كۈچەيتىۋەتكەن ئېدى. ئۇنىڭ كېيىنكى دەرىزىدىن كۆرگەنلىرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قىزىمغا بۇ يەردە ئېرىشكەن خۇشال كەچۈرمىشلىرىنى قايتتۇرۇپ بەرگەن بولدى. ھايات شۇنداق؛ ئازاپ ۋە شاتلىق، مۈشكۈلات ۋە ئاسانلىق، قىسىنچىلىق ۋە ئازادىلىك، كۈلپەت ۋە ھالاۋەت دېگەندەك مەنزىرىلەر بىلەن بېزەلگەن. بەلكىم بىزنى غەم غۇسسىلەرگە ئەسىر قىلىۋاتقىنى ھاياتتىكى بارلىق مەنزىرىلەر ئەمەس، بىز قادىلىپ ئولتۇرىۋالغان دەرىزە ئالدىدىكى بىر ئىچىنارلىق كۆرىنىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق چاغلادا باشقا بىر دەرىزىدىن ھاياتقا نەزەر سالساقچۇ! كۈتۈلمىگەن گۈزەل بىر مەنزىرە بىزنى ساقلاۋاتقان بولسىچۇ! ماڭا ھاياتنىڭ بىلىنمىگەن ھەقىقەتلىرىدىن دەرس بەرگەن قىزىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم. تەھقىقكى، مەن قىزىم بىلەن ھاياتقا، ئىنسان روھىيىتىگە ۋە دۇنياغا يېڭىدىن يۈزلەنمەكتە ئېدىم. مەن قىزىمنى چوڭ قىلىۋاتىمەن دېگىنىم بىلەن ئۇ مېنى قايتىدىن ئادەم قىلماقتا ئېدى.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2690
توردىكى ۋاقتى: 910
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، گۈلەننىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمۇ ياكى يېڭى يازغىنىمۇ ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

9

دوست

877

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3023
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aslayman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 16:33  
albax يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 11:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، گۈلەننىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمۇ يا ...


0

تېما

1

دوست

2296

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:39:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلەن ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكمۇ سېغىندۇق...

1

تېما

11

دوست

329

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33614
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان، يېڭى ئېلان قىلدىم. ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىزلەر.

0

تېما

0

دوست

248

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33598
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى قايتا كۆرگىنىمدىن بەك خوش بولدۇم،.
بۇ يازمىدىن ئاجايىپ بىر خىل گۈزەل ھىسىياتقا كېلىپ قالدىم.
بىز بالىلارنى نىمىشقا شۇنداق ئەركىن تەربىيلىيەلمەيدىغاندىمىز

21

تېما

0

دوست

2448

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 592
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئۇستازنىڭ يېڭى يازمىللىرى بولسا كۆرسەك بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33606
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشىكەن.بوزقېر مۇنبىرى ئېچىلمايدۇغۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )